ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
رامىزاندىن كېيىن ئىبادەتلەر ئوخشاشلا داۋام قىلىشى، ھېيت بايراملاردىمۇ ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىقنى ئونۇتماسلىق كېرەك
ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور سەئۇد بىن ئىبراھىم شۇرەيم
02/10/1434ھ = 09/08/2013م
2013 – يىلى 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «رامىزاندىن كېيىن ئىبادەتلەر ئوخشاشلا داۋام قىلىشى، ھېيت بايراملاردىمۇ ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىقنى ئونۇتماسلىق كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا ۋە مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقى تەقۋادارلىقتۇر. تەقۋادارلىق ئاللاھ يولىدا ماڭغانلارنىڭ تۈگىمەس ئۇزۇقى ۋە ئاللاھنى ياد ئەتكەنلەرنىڭ قورالىدۇر، تەقۋالىق ئارقىلىق دەرىجىلەر كۆتۈرىلىدۇ ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئۆچۈرۈلىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا يولغا قويغان ئۈزۇلمەس قانۇنىيىتى بار بولۇپ، ئۇ كېچىنى كۈندۈز بىلەن ياپىدۇ، ئىنسان شۇ ئۆزگىرىش ئارقىلىق بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئالمىشىدۇ. بىر تائەت ئىبادەتتىن يەنە بىر خىل ئىبادەتكە ئالمىشىدۇ. ئىنسان بۇ زامان ۋە كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىدىن پايدىلىنىپ، زامان بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ ۋە ۋاقىت تالان - تاراجىغا ئۇچرايدۇ. ياخشىلىقلار ھورۇنلۇق سەۋەبىدىن قولدىن كېتىپ قالىدۇ. ئەنە شۇ ياخشىلىق مۇستەھكەم ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ھەممە ئادەم ھەرىكەت قىلىدۇ، جېنى ۋە نەپسىنى يېڭىپ ئازات قىلىدۇ، ياكى نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇنى ھالاك قىلىدۇ.
ئاللاھ بەرگەن ئۇلۇغ مەۋسۈملەرنى غەنىمەت بىلمەستىن قولدىن بېرىپ قويغانلار، نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاللاھتىن قۇرۇق ئارزۇلارنى كۈتۈپ پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئىبادەت مەۋسۈملىرى خۇددى بىر داستىخانغا ئوخشاش بولۇپ، ئاز ۋاقىتتا تويۇپ قالىدۇ ۋە ئاچلىقى ئۇزۇن بولىدۇ. كىمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا ماڭىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان بولىدۇ.
بىز تېخى تۈنۈگۈنلا مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ ئىللىق ھىدلىرىنى پۇراپ لەززەتلىنىپ كەلگەن ئىدۇق، دىللىرىمىز يايراپ، كۆزلىرىمىز ئويغاق بولغان ۋە بەزىلىرىمىز كۆپ، بەزىلىرىمىز ئاز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن ئىدۇق، مانا بۈگۈن كېتىپ قالدى. بۇنىڭدىن شۇ ھەقىقەت ۋە ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ئوتتۇرغا چىقىدۇكى، ھەر قانداق باشلىنىشنىڭ ئاخىرى بولىدۇ ۋە ھەر قانداق تاكامۇللۇقنىڭ ناقىسلىقى بولىدۇ.
دۇنيادا ھەممە نەرسە يوقىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ گۈزەل جامالىلا قالىدۇ. ئاللاھ ئاخىردۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچنەرسە يوقتۇر ۋە ئاللاھتىن باشقا داۋاملىشىدىغان بىرەر جانلىق يوقتۇر.
رامىزاننىڭ دەپتىرى يېپىلدى، ئاۋات بازار ماللىرى بىلەن قوشۇپ ئاخىرلاشتى. بۇ بازاردا پايدا ئالغانلارمۇ كۆپ بولدى ۋە پايدا ئالالمىغانلارمۇ يوق ئەمەس. كىمكى رامىزانغا ئىبادەت قىلىدىغان بولسا رامىزان ئاخىرلاشتى ۋە كىمكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىكەن ئاللاھ دائىم مەۋجۇتتۇر، ئۇ ئاخىرلاشمايدۇ ۋە ئۆلمەيدۇ. ئاللاھ بارلىق ئايلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئاللاھنى رامىزاندىن باشقا ۋاقىتتا تونۇمايدىغان قەۋم ئەجەب يامان قەۋمدۇر. رامىزاندىن باشقا ئايلاردىمۇ ئىبادەتلەر ئوخشاشلا داۋاملىشىدۇ، رامىزاندا ئۆزگىچە بولسىمۇ، رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردا نورمال ئىبادەتلەر داۋاملىشىدۇ. نورمال كۈنلەردىمۇ سەدىقە بېرىش، كېچىدە قوپۇپ ئىبادەت قىلىش، روزا تۇتۇش، نەپلى ئىبادەتلەرنى قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تەسبىھ-تەھلىل ئېيتىش ۋە ئوخشاش بولمىغان خەيرى-ساخاۋەتلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يىل بويى داۋاملىشىدىغان ئىبادەتلەردۇر.
ئىنساندىكى ئەيىپ ياكى ئاجىزلىق شۇكى، كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىنغاندىن كېيىن ئاجىزلاپ قالىدۇ. ياخشىلىقتىن كېيىن يامانلىق قىلىدۇ. ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدىغان ئىمانى كامىل مۇئمىن ئاللاھقا قىلىدىغان ئىبادەتلىرىنى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئادا قىلىدۇ. زىيادە قىلىشقا تېگىشلىك ۋاقىتلاردا زىيادە قىلىدۇ، نورمال قىلىشقا تېگىشلىك بولسا نورماللاشتۇرىدۇ، ئەمما سوۋۇپ قالمايدۇ ۋە بوشىشىپ قالمايدۇ، ياخشىلىققا يەنە ياخشىلىقنى ئۇلايدۇ. رامىزاندىن كېيىنمۇ ئەخلاقى ۋە ئەمىلىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، شۇنداق قىلغاندا ئىنساننىڭ ئەمەللىرى قوبۇل بولغان بولىدۇ.
تائەت-ئىباەت بىزدىن تىرىشچانلىق ۋە سەۋر-تاقەت تەلەپ قىلىدۇ، تائەت-ئىبادەتتە ئىزچىل داۋاملىشىش، بىزدىن تىرىشچانلىق، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە بۈيۈك سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە بىزگە خۇشاللىق ئۈچۈن ھېيت-بايراملارنى يولغا قويدى. ھېيتتا خۇشاللىق ۋە كەڭچىللىكنى يولغا قويدى، بىر ئاي ئېغىر ئىبادەت قىلغاننىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن روزا ھېيتىنى يولغا قويدى. ھېيت بايراملارنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ بەزى مەنالىرى بولسا، مۇسۇلمان ئۆز نەپسىنى تۇرمۇشنىڭ مۇشەققەتلىرى، لەززەتلىرى ۋە ئىسسىق-سوغۇقلىرىغا كۆندۈرۈشنى ئىرادە قىلغان بولسا كېرەك.
ئاللاھ تائالا روزا ئايەتلىرىنى تەقۋالىق بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، چۈنكى رامىزاندا تائەت-ئىبادەتلەر ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش بار. ھېيتنى تەكبىر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، چۈنكى ھېيتتا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش بار. ھېيتتىكى خۇشاللىقىمىز بولسا روزىلىرىمىزنىڭ قوبۇل بولغانلىقىغا خۇشاللىقىمىزنى بىلدۈرگەنلىكىمىزنىڭ نىشانىدۇر.
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ تۇتقان روزىلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن! ئىبادەتلىرىمىزنى مەقبۇل قىلسۇن! خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرسۇن! رامىزاندىن كېيىنمۇ تائەت-ئىبادەتتە داۋاملىشىشنى نېسىپ قىلسۇن! رامىزان ئايلىرىنى ئۇزۇن يىللار نېسىپ قىلسۇن، ئامىين!
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىز
باشقا خىزمەتلەر