ھىجرىيە: | مىلادىي: 22 Ocak 2022

چىكىنىڭ
كاپىرلارغا تەرەپدار بولماسلىق ۋە ئۇلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەت ھەققىدە كۆرسەتمىلەر

كاپىرلارغا تەرەپدار بولماسلىق ۋە ئۇلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەت ھەققىدە كۆرسەتمىلەر

(نەشر قىلىنش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق تەپسىردىن تاللانما)

 

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُمْ مِنَ الْحَقِّ يُخْرِجُونَ الرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ أَنْ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ رَبِّكُمْ إِنْ كُنْتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَادًا فِي سَبِيلِي وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِي تُسِرُّونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَأَنَا أَعْلَمُ بِمَا أَخْفَيْتُمْ وَمَا أَعْلَنْتُمْ وَمَنْ يَفْعَلْهُ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ (1) إِنْ يَثْقَفُوكُمْ يَكُونُوا لَكُمْ أَعْدَاءً وَيَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ وَأَلْسِنَتَهُمْ بِالسُّوءِ وَوَدُّوا لَوْ تَكْفُرُونَ (2) لَنْ تَنْفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ (3) قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآَءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّى تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ رَبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ (4) رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا وَاغْفِرْ لَنَا رَبَّنَا إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ (5) لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ (6) عَسَى اللَّهُ أَنْ يَجْعَلَ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَ الَّذِينَ عَادَيْتُمْ مِنْهُمْ مَوَدَّةً وَاللَّهُ قَدِيرٌ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ (7) لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ (8) إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَى إِخْرَاجِكُمْ أَنْ تَوَلَّوْهُمْ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ (9)

تەرجىمىسى

ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

1   _ ئى ئىمان ئېيتقانلار! مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان تۇرسا، سىلەر ئۇلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىۋاتىسىلەر، ئۇلار رەببىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.

_ ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ كاپىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.

_ قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئايرىۋېتىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

_ ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئوبدان ئۈلگە بار. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆز قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن يىراقمىز، بىز سىلەرنى (ۋە چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارنى) ئىنكار قىلدۇق. سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ» دېگەن ئىدى. لېكىن، ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان: «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھتىن كېلىدىغان (ئازابتىن) ھېچ نەرسىنى سەندىن توسۇپ قالالمايمەن» دېگەن سۆزى ئۈلگە قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار مۇنداق دۇئا قىلدى) «ئى رەببىمىز! ساڭىلا تاياندۇق، ساڭىلا يۈزلەندۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر.

_ ئى رەببىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن، ئى رەببىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن. شەكسىزكى، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».

 6_  (ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلەردە سىلەرگە — ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار. كىمكى (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىڭلار، كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتۇڭلار دېگەن ئەمرىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) موھتاج ئەمەستۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.

_ ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

8   _ سىلەر بىلەن دىن توغرىسىدا ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ۋە ئادالەتلىك بولۇشتىن توسمايدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.

9 _ ئاللاھ سىلەرنى دىن خۇسۇسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار ھەقىقەتەن (ئۆزىگە ئۆزى) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر.

نازىل بولۇش سەۋەبى

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە كېلىشىچە، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى، زۇبەيرنى ۋە مىقدادنى رەۋزەتۇ خاخ دېگەن (مەككە بىلەن مەدىنە ئوتتۇرىسىدىكى بىر) جايغا بېرىڭلار، ئۇ يەردە كاجۋا ئۈستىدە بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر خەت بار، شۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، دەپ بۇيرىدى. بىز ناھايىتى تېزلىكتە بېرىپ، ئايالنى تاپتۇق ۋە ئۇنىڭدىكى خەتنى سورىدۇق. ئايال دەسلەپتە بەرمەسلىكتە چىڭ تۇردى. ئەمما بىز ئۇنى قورقۇتۇپ تەھدىت سالغاندىن كېيىن، خەتنى چېچىنىڭ ئارىسىدىكى تىقىۋالغان يېرىدىن چىقىرىپ بەردى. خەتنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدۇق. خەت ھاتىب ئىبنى ئەبۇ بەلتەئە دېگەن كىشىنىڭ مەككە مۇشرىكلىرىغا ئەۋەتكەن مەخپىي خېتى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى مەخپىيەتلىكى يېزىلغان ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاتىبنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋالنى سورىغاندا، ھاتىب ئۆزىنىڭ مۇرتەد بولمىغانلىقىنى، مۇناپىقمۇ ئەمەسلىكىنى، پەقەت مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسى بىلەن تۇغقانچىلىقى بولغانلىقتىن، ئۇلارنى قوغداش يۈزىسىدىن ئۆز تەدبىرلىرىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ خەتنى يازغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئېتىراپقا قارىتا: ‹توغرا سۆزلەۋاتىدۇ› دېدى، ئەمما ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۇنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى توسۇۋالدى ۋە ھاتىبنىڭ بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۇجاھىدلاردىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! مېنىڭمۇ دۈشمىنىم ۋە سىلەرنىڭمۇ دۈشمىنىڭلار بولغانلارنى دوست تۇتماڭلار﴾ دېگەن ئايەت نازىل بولدى»[1]. مەلۇمكى، بۇ مەنىدە نازىل بولغان ئايەتلەر كۆپتۇر. مەسىلەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! يەھۇدىيلارنى ۋە خىرىستىيانلارنى دوست تۇتماڭلار﴾([2])، ﴿مۇئمىنلەر مۇئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن﴾([3]) دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر.

تەپسىرى

ئى ئاللاھ تائالاغا، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىگە چىن ئىشەنگەنلىكتىن، دىلى ئىمان بىلەن بېزەلگەن، ئۆزى ئىمان بىلەن شەرەپلەنگەن، ئىسلام شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمىنى، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ دۈشمىنى بولغان كاپىرلارنى ھەرگىز دوست تۇتماڭلار، ئۇلارغا قەلبىڭلارنى ئاچماڭلار، ئۇلارغا سىرلىرىڭلارنى بەرمەڭلار. ئۇلارنى دوست تۇتۇش، ئۇلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سىرلىرىنى بېرىش سىلەرگە ھەرگىز لايىق كەلمەيدۇ. ئۇلارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىڭلار ۋە دىلىڭلاردىن ئورۇن بىرىشىڭلار قەتئىي توغرا ئەمەس.

ئاللاھ تائالا بىزنى كاپىرلارنى دوست تۇتۇشتىن، ئۇلارغا تەرەپدار بولۇشتىن ۋە ئۇلارغا سىرلىرىمىزنى بېرىشتىن قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ۋە بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر. ئۇلار ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ھەق دىننى ۋە «قۇرئان كەرىم»نى ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى مەۋقەدە تۇرۇشتى. ئۇ كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى دوست تۇتمايدىغانلىقى تۇرغان يەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنى دوست تۇتۇشى، ھاتىب ئىبنى ئەبۇ بەلتەئەگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ سىرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشى قەتئىي توغرا ئەمەس. چۈنكى بىز مۇسۇلمان تۇرساق، ئۇلار كاپىر تۇرسا، بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىرەر دىنىي رىشتە بولمىسا، ئەكسىچە، ئوتتۇرىمىزدا دىنىي ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك داۋاملىشىۋاتقان تۇرسا، بىز ئۇلارغا ئىشەنچ قىلساق، قەلبىمىزنى ئۇلارغا ئاچساق، مەخپىيەتلىكلىرىمىزنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەرسەك بولامدۇ؟ بۇ تولىمۇ خەتەرلىك قىلمىش ئەمەسمۇ؟ ئۇلار بىزگە دۈشمەن تۇرسىمۇ، بىز ئۇلارنى ئۆزىمىزگە دوست قىلىۋالساق بولامدۇ؟

ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر قانداقمۇ كاپىرلارنى دوست تۇتىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر رەببىڭلار بولغان ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقانلىقىڭلار ئۈچۈنلا، ئۇلار پەيغەمبىرىڭلارنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان، مال _  مۈلۈكىڭلارنى تارتىۋالغان، سىلەرگە قولىدىن كەلگەن يامانلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان تۇرسا، سىلەر قانداقمۇ ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر؟ قانداقمۇ ئۇلارغا سىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىسىلەر؟

رەببىڭلار بولغان ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ يوشۇرغانلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىڭلارنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچقان بىر ئىش مەخپىي قالمايدۇ. سىلەردىن كىمكى مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق بولغان شۇنداق ئىشنى سادىر قىلىدىكەن، ئۇ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ.

سىلەر كاپىرلارنى دوست تۇتقىنىڭلار بىلەن ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ، قولىدىن كەلسە سىلەرنى ياشاتماسلىققا تىرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ دىلى سىلەرنى يامان كۆرۈش بىلەن، تىلى سىلەرگە ھاقارەت ياغدۇرۇش بىلەن مەشغۇلدۇر. ئۇلار سىلەرنىڭ كاپىر بولۇشۇڭلارنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.

ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئۇرۇق _ تۇغقانچىلىق رىشتىسىنى دەپ، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بولغان كاپىرلارنى دوست تۇتامسىلەر؟ ھالبۇكى، قىيامەت كۈنى سىلەرگە نە تۇغقانلىرىڭلار، نە پەرزەنتلىرىڭلار، نە بايلىقىڭلار ئەسقاتمايدۇ. چۈنكى ئۇ كۈندە سىلەرنىڭ تۇغقانچىلىق رىشتىڭلار ئۈزۈلگەن بولىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن ئايرىلغان بولىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارغا قىيامەت كۈنىدە ئەسقاتىدىغان ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن قانداق ۋە قايسى ئەمەللەرنى قىلدىڭلار، بۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار. شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرگە مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىك رولى

ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مېنىڭ ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بولغان كاپىرلارنى دوست تۇتماي، پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتۇڭلار، ئۇنى ھاياتىڭلاردا ئۈلگە قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەردە سىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى بىر ئۆرنەك، بىر ئۈلگە بار. ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ كاپىر قەۋمىگە: ﴿ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلاردىن يىراقمىز، بىز سىلەرنى (ۋە چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارنى) ئىنكار قىلدۇق. سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ئوتتۇرىغا چىقتى، تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر بۇ ساقلىنىپ قالىدۇ﴾ دېگەن ئىدى. سىلەرمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا راستتىنلا ئەگىشىدىغان بولساڭلار، كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. ھەممە ئىشتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۈلگە قىلىڭلار، پەقەت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمانسىز ئاتىسى ئازەرگە ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگەنلىكىنىلا ئۈلگە قىلماڭلار. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسىنىڭ كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاخىر كاپىر پېتى ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇنى ھىدايەت تېپىپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلىگەن ئىدى. دېمەك، كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر بىزنىڭ ھەرقانچە يېقىن تۇغقىنىمىز بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىشىمىز جائىز ئەمەس. بۇنىڭ دەلىلى: ﴿ئىبراھىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش يۈزىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزدى﴾([4]) دېگەن ئايەتتۇر. شۇڭا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىشتا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغانلىقى مۇستەسنا قىلىنغان. چۈنكى ئىسلامدا كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرگە مەغپىرەت تىلەش يوق.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر ئاللاھ تائالاغا مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: ﴿ئى رەببىمىز! ساڭىلا تاياندۇق، ساڭىلا يۈزلەندۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر. ئى رەببىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن، ئى رەببىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن. شەكسىزكى، سەن (ھەممىدىن) غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن﴾.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەر ھەرقانداق بىر مۇئمىن ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر، ئەڭ ئوبدان ئۆرنەكتۇر. كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىپ، كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرۇغان ئەمرىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلىپ قالسۇنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداقلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە موھتاج ئەمەستۇر. ئەكسىچە، ھەممە مەۋجۇدات ئاللاھ تائالاغا موھتاجدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە يەر يۈزىدىكى بارچە مەدھىيە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئى ئىمان ئېيتقانلار! كاپىرلارنى دوست تۇتماسلىق، ھەر قانچە يېقىن تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش سىلەرگە ھەرگىز ئېغىر كەلمىسۇن. ئاللاھ تائالا سىلەر بىلەن دىنىي ئاداۋىتى بولغان ئۇرۇق _ تۇغقانلىرىڭلارنى ھىدايەت قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇراڭلاردا ھەقىقىي دوستلۇق، دىنىي قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئورنىتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىردۇر، ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتقانلارغا تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر، ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر.

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق بىزنىڭ كاپىرلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ چەك _ چېگراسىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بىزنى كاپىرلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا سىرلىرىمىزنى ئېيتىپ بېرىشتىن مەنئى قىلىدۇ، خۇسۇسەن ئىسلام ئۈممىتىگە زىيانلىق ئىشلاردا ئۇلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈش ئەڭ ئېغىر خىيانەتتۇر. مەلۇمكى، خائىنلار مۇناپىقلارغا ئوخشاش دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ.

ئەمما بىز گەرچە ئۆزلىرى ئىمان ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىزگە زىيانكەشلىك قىلمىغان، بىزنى يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقارمىغان، دىنىمىز ۋە ئىمانىمىز سەۋەبلىك بىز بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن ۋە ئۇلارغا ئادالەتلىك بولۇشتىن مەنئى قىلىنمىدۇق. ئاللاھ تائالا بۇنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿سىلەر بىلەن دىن توغرىسىدا ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن ۋە ئادالەتلىك بولۇشتىن توسمايدۇ، شەكسىزكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولغانلارنى دوست تۇتىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى دىن خۇسۇسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر﴾.

مۇھىم نۇقتىلىرى

1           . مۇسۇلمانلارغا قارشى كاپىرلار بىلەن بىرلىشىش قەتئىي توغرا ئەمەس.

2           . مۇسۇلمانلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى كاپىرلارغا يەتكۈزگەن ئادەم شەكسىز خائىندۇر.

3           . كاپىرلاردىن شەپقەت كۈتۈش ئەخمەقلىقتۇر. چۈنكى كاپىرلار مۇسۇلمانلارغا شەپقەت قىلمايدۇ.

4           . بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارنىڭ دەرىجىسى ھەممىدىن يۇقىرىدۇر.

5          . قىيامەت كۈنى ئىمانى يوق ئادەمگە ھېچكىم تۇغقانلىق شاپائىتىنى يەتكۈزەلمەيدۇ.

6          . مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلارنى ئۈلگە قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ يولىدىن مېڭىشى زۆرۈردۇر.

7           . كاپىرلارغا يان بېسىش ۋە ئۇلارغا تەرەپدار بولۇش قەتئىي جائىز ئەمەس.

8           . ئىمان بارلىق ئاداۋەتلەرنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ھەرقانداق كاپىر ئىمان ئېيتىش بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دوستىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئارىسىدىكى دىنىي ئاداۋەت دوستلۇققا ئايلىنىدۇ.

9           . مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ۋە بىر _ بىرىگە ياردەم قىلىشى پەرزدۇر.

10        . كاپىرلاردىن مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزمىگەن ۋە دۈشمەنلىك قىلمىغان كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

11       . ھەر كىمگە ئادالەتلىك ۋە ئىنساپلىق بولۇش مۇسۇلماننىڭ سۈپىتىدۇر.

[1] «صحيح مسلم» 4-توم، 1941-بەت، 2494-ھەدىس، «أسباب النزول لزغلول» 1-توم، 442-بەت، 812-ھەدىس.
([2])
مائىدە سۈرىسى:51 _ ئايەت.
([3])
ئال ئىمران سۈرىسى:28 _ ئايەت.
([4])
تەۋبە سۈرىسى:114 _ ئايەت
.

 

كاپىرلارغا تەرەپدار بولماسلىق ۋە ئۇلار بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەت ھەققىدە كۆرسەتمىلەر (dinhayat.com)

باشقا خىزمەتلەر