ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ياخشىلىققا ئىنتىلىش، يامانلىقتىن يىراق بولۇش ۋە باشقىلارغا بېرىلگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلماسلىق كېرەك

ياخشىلىققا ئىنتىلىش، يامانلىقتىن يىراق بولۇش ۋە باشقىلارغا بېرىلگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلماسلىق كېرەك

شەيخ دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات

( 23-07-2010)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ياخشىلىققا ئىنتىلىش، يامانلىقتىن يىراق بولۇش ۋە باشقىلارغا بېرىلگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلماسلىق كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

يۇقىرى مەنسەپلەرگە يېتىشنى ئارزۇ قىلىش، ياخشىلىقلارغا ۋە كۈندىن-كۈنگە ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىش، ئىنساننىڭ قەلبىدىكى پاكلىق ۋە تىرىشچان ئىنسان ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى بولۇپ، ياخشى ئىنسان ئۆزىنىڭلا ئەمەس، بەلكى بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلىقتا تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەكسىچە، ھىممەتسىزلىك، گۇناھ-مەسىيەتلەرگە بېرىلىش، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى كۆزىگە ئىلماستىن، ھاراملارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن يانماسلىقتەك خاتالىقلارنى سادىر قىلىدىغانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوق، بەلكى ئۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ دەرتلىك ئازابى بار.

ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان يامان قىلمىشلارنىڭ يەنە بىرى باشقىلارغا بېرىلگەن نېمەتلەرنىڭ يوقىلىشىنى ئارزۇ قىلىشتىن ئىبارەت ھەسەتخورلۇق بولۇپ، بۇنداق ئېغىر جىنايەتنى ئاللاھ ئېغىر گۇناھ دەپ بەلگىلەپ، ئۇنداق ئىنسانغا دەرتلىك ئازاب كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان. باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى نېمەتكە چىدىماي ئۇنىڭغا كۆز تىكىش ۋە ئۇ نېمەتنىڭ يوقىلىشىنى ئارزۇ قىلىشنىڭ يامانلىقىنى ئاللاھ مۇنۇ ئايەتتە ئوچۇق بايان قىلغان:

{وَلَا تَمُدَّنَّ عَيۡنَيۡكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعۡنَا بِهِۦٓ أَزۡوَٰجٗا مِّنۡهُمۡ زَهۡرَةَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا لِنَفۡتِنَهُمۡ فِيهِۚ وَرِزۡقُ رَبِّكَ خَيۡرٞ وَأَبۡقَىٰ}

 {بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىدۇر}[1]

مەزكۇر ئايەتى كەرىمىنىڭ مەزمۇنى بويىچە مۇسۇلمانغا بېرىلگەن نېمەت ئۇياقتا تۇرسۇن، كاپىرلارغا بېرىلگەن نېمەتلەرگىمۇ كۆز تىكىش ياكى چىدىماسلىق توغرا ئەمەسلىكى مۇئەييەنلەشتى. ئاللاھ بەندىلەرنىڭ توغرا يولدا مېڭىشى ئۈچۈن رەھمەت قىلىپ، ئىنسانلار ماڭىدىغان داغدام يولىنى كۆرسىتىپ قويدى. قايسى يولنىڭ توغرا ۋە قايسى يولنىڭ خاتالىقىنى بەلگىلىدى. شۇڭا تەرەققىيات ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەشتەك ئالىجاناپلىق، ئىنساننى خاتا يوللارنى تاللاشقا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ۋە باشقىلارنى كەمسىتىشتەك خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

مەزكۇر قىلىقلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىنى ئوچۇقلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى پەس كۆرۈشتىنمۇ ئېغىر جىنايەت بولمىسا كېرەك»[2]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ۋەھيى ئەۋەتىپ كەمتەر بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ھېچكىم-ھېچكىمنى مەسخىرە قىلماسلىقى ۋە ھېچكىم-ھېچكىمگە زۇلۇم قىلماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

يۇقىرىغا ئۆرلەش ۋە تەرەققىي قىلىشنى ئارزۇ قىلىش، ئۆز-ئارا چىدىماسلىق، ئاداۋەتلىشىش، تەتۈر قارىشىپ يۈرۈش، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى كېرەك. مۇسۇلمانلار ئۆز جەمئىيىتى ئارىسىدا بوشلۇق قويماستىن، بىر گەۋدە بولۇپ ياشىشى كېرەك، شۇ ئاساستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مەشھۇر ھەدىسىدە: «ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا تىل ئۇزارتىشماڭلار، ئاداۋاتلىشىپ تەتۈر قارىشىپ يۈرمەڭلار، بىرىڭلار قىلغان سودىنى يەنە بىرىڭلار بۇزۇپ مال سېتىشقا ئۇرۇنماڭلار! ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇپ ئۆتۈڭلار»[3]. دەپ تەۋسىيە قىلغان.

ياخشىلىققا ئىنتىلىش، رىقابەت ئېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ياخشىلىققا ئالدىراش ۋە يامانلىقتىن يىراق بولۇشتەك ئالىجاناپلىقنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك. شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئۈممەتنىڭ يۈكسىلىشى، ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە بولۇش ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ ئىمان روھى ئاستىدا ھايات كەچۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: «ئىككى تۈرلۈك ئىشتىن باشقا ئىشتا ھەسەت قىلىشقا بولمايدۇ، بىرى ئاللاھ قۇرئان ئۆگىنىشكە نېسىپ قىلغان، ئەتتىگەن-ئاخشاملاردا قۇرئان تىلاۋەت قىلىدىغان ئادەمگە ھەسەت قىلىش، يەنە بىرى ئاللاھ مال-دۇنيا ئاتا قىلغان، ئۇنى توغرا يولغا سەرپ قىلغان ئادەمگە ھەسەت قىلىش جايىز.»[4].

مەزكۇر ھەدىستىكى ھەسەت ئەرەبچىدە «غىبتە» دەپ ئاتىلىدۇ. ياخشى ئىشلاردا غىبتە قىلىش جايىز. ئەمما چەكلەنگەن ھەسەت ياكى چىدىماسلىق بولسا، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى نېمەتنىڭ يوقىلىشنى ئارزۇ قىلىشتۇر. ئاللاھ ئەنە شۇ ھەسەت ۋە چىدىماسلىقتىن قاتتىق چەكلىگەندۇر.

سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.



[1]  سۈرە تاھا: 131- ئايەت

[2]   تىرمىزى رىۋايىتى.

[3]   مۇسلىم رىۋايىتى.

[4]   بۇخارى رىۋايىتى.

باشقا خىزمەتلەر