ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
باشقىلارنى ئالداشقا، قويمىچىلىققا قارشى تۇرۇپ خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش كېرەك
شەيخ دوكتور/ سالىھ بىن ھۇمەيد
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «باشقىلارنى ئالداشقا، قويمىچىلىققا قارشى تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش كېرەك» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ئادالەت ۋە ياخشىلىق ئۈستىگە قۇرۇلىشى كېرەك. بارلىق ئىشلاردا ئادىل بولۇش ۋاجىپ. ئادالەت بولسا، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىدۇر. زۇلۇمغا ھېچبىر زامان يول يوق. زۇلۇم بولسا، بۇزۇلۇش ۋە پىتنە-پاساتنىڭ ئۇرۇغىنى چاچىدىغان مىكروپتۇر. بەندىلەرنىڭ تۇرمۇشى، ئالغۇ-بەرگۈ مۇئامىلىلىرى، بەلكى دۇنيا-ئاخىرىتى ئەنە شۇ ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانلارنىڭ دۇنيالىق ھاياتىدا پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
ئادىللىق تەجەللى قىلىدىغان مەيدان بولسا، كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش، سودا-مۇئامىلە، ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىدۇر. زۇلۇم، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتەك يولسىزلىقلار، ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇئامىلىلىرىدە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ، شەرىئەتنىڭ ئاساسىي غايىسى زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زۇلۇمنى چەكلەشتىن ئىبارەت. ئەھلى ئىلىملەر دېگەنكى، سودا-مۇئامىلىلەردە ئىنسانلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئاممىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.
تىجارەتچىلەردىن خالىغان كىشى مال باھاسىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئاشۇرۇش، مال باھاسىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ماللارنى ئامبارلارغا تىقىۋېلىپ، بازارغا سېلىشتىن چېكىنىش ئارقىلىق بازارنى كونتىرول قىلىۋېلىش، بازاردا ماللارنى قىسلاشتۇرۇپ باھانى كۆتۈرۈش، ماللارنىڭ سۈپىتىنى خالىغانچە ناچارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپ پايدىغا ئېرىشىش، مالنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە رىئايە قىلماسلىقتەك خاتالىقلارغا ۋاقتىدا چارە قوللانماستىن قويۇۋېتىش ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەئەررۇز يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ئالدامچىلىق، كۆز بويامچىلىق، جازانىخورلۇق، مال باھاسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، ئاداۋەت، خۇسۇمەت، ئەتكەسچىلىكتەك جىنايەتلەر يۈز بېرىپ جەمئىيەت تەرتىپى بۇزىلىدۇ.
شۇڭا ئاممىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى زۇلۇمدىن، شىركەتلەرنىڭ مونۇپول قىلىشىدىن، كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىقتىن ساقلاش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تىجارەتچىلەر، زاۋۇت-فابرىكىلار ھەتتا نورمال پۇقرالارنىڭمۇ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر. ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، ھەر ساھەدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ياخشى تونۇشتۇر.
ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئەدلى-ئادالەت تۇرغۇزۇش، كۆز بويامچىلىق، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش، بارچە تەرەپنىڭ مەنپەئەت، ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ۋىجدانى، ئىمانى بىلەن ھېسابلاشقاندا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئىسراپتىن يىراق بولۇش، تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە مۆتىدىللىك يولىنى تاللاش تەلەپ قىلىنىدۇ. بازاردىن مال سېتىۋېلىش بىر تۈرلۈك لەززەت بولماستىن، ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا سودا قىلىش كېرەك.
مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مېلى، ۋاقتىنى ھىمايە قىلىشى ۋە ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ پايدىسىز ئىشلارغا سەرپ قىلماسلىقى كېرەك. مال سېتىۋالغۇچىلارمۇ نامى يامان، مۇسۇلمانلارغا ئاداۋەت قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ ھىلە-مىكىرلىرىگە ئالدانماستىن، نېمە سېتىۋالسا ئۇنىڭ سالاھىيەت تارىخى، سۈپىتى، ھەتتا ئىشلەنگەن فابرىكا ۋە دۆلەت تەۋەلىكىگە قاراپ ئاندىن سېتىۋېلىش كېرەك.
مال سېتىۋالغاندا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مۇسۇلمانلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتنى باشقا مەھسۇلاتتىن ئەۋزەل بىلىپ سېتىۋېلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ مەھسۇلاتى تېپىلمىغاندا ئاندىن باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئامالسىزلىقتىن سېتىۋېلىش كېرەك. مال ساتقۇچى تىجارەتچىلەرمۇ ماللىرىنى ساتقاندا ئەيىبىنى يۆگەپ قولدىن چىقىرىۋېلىش ئۈچۈنلا مال ساتماستىن، مالنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەشۋىق قىلغاندەك، يېتەرسىزلىكى ھەتتا زىيانلىق تەرەپلىرىنىمۇ ئېلان قىلىپ سېتىشى كېرەك.
دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بازاردىكى بارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى كونتىرول قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا ئاممىنىڭ مەنپەئەتى قوغدالمايدۇ، ھوقۇقلىرى زايا بولۇپ كېتىدۇ، جەمئىيەتتە ھالال-ھارامنى ئىلغايدىغانلار كېمىيىپ كېتىدۇ. ئاممىنىڭمۇ قايسى ماركا ۋە قايسى دۆلەتنىڭ مېلىنى سېتىۋېلىشتا تاللاش ھوقۇقى بولۇش كېرەك. بەزى تاۋارلارنى خەلققە مەجبۇرى تاڭغان ئاساستا بىر ماركىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەينى تۈردىكى باشقا ماركىلىق ماللارنى بازاردىن قوغلاپ چىقىرىش توغرا ئەمەس. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا: دۆلەت، پۇقرا، شىركەت، فابرىكا بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان مۇناسىپ بىر تۈزۈم يولغا قويۇلمىغاندا، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئېغىر دەرىجىدە ئاياغ-ئاستى بولۇپ كېتىدۇ. زۇلۇم، تەڭسىزلىك، كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، نەتىجىدە جەمئىيەت تەرتىپى بۇزۇلۇپ، پىتنە-پاسات ئومۇملىشىپ قالىدۇ. ئاخىرى ھەممە تەرەپ ئورتاق ۋەيرانچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، ئىنساپسىزلار بىگۇناھ ئاممىنىڭ رىزقى بىلەن ئوينىشىدۇ.
شۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىر دۆلەتتە ياشىغان ھەر بىر شەخسنىڭ ئوزۇقلىنىش، كىيىم-كېىچەككە ئىگە بولۇش، تۇرالغۇ جايغا ئىگە بولۇش، مائارىپ، سەھىيە خىزمەتلىرىدىن ئىبارەت ئاساسىي ھوقۇقلاردىن مۇكەممەل بەھرىمەن بولۇش ھەققى باردۇر.
سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.
باشقا خىزمەتلەر