ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
ئېتىقادنىڭ كۈچى
مۇھەممەد يۈسۈپ
مەن بۇرۇن مىسىرلىق يازغۇچى تەۋفىق ھەكىمنىڭ «ئېتىقاد ۋە شەخسىي مەنپەئەت» دېگەن يازمىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، مەزكۇر يازمىدا مۇنداق دېيىلگەن:
بىر توپ مۇرىتلار بىر تۈپ دەرەخنى مۇقەددەس روھ دەپ بىلىپ، دەرەخكە چوقۇنۇۋاتقان ئىكەن. بىر ئابىد بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ-دە، پالتىسىنى ئېلىپ بېرىپ دەرەخنى كېسىۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇ دەرەخنىڭ يېنىغا كېلىپتۇ. تۇيۇقسىز بىر شەيتان پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپتۇ:
_ ھەي، توختا! سەن نېمە سەۋەبتىن بۇ دەرەخنى كېسىۋەتمەكچىسەن؟
_ چۈنكى بۇ دەرەخ كىشىلەرنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ.
_ كىشىلەرنى ئازدۇرسا ئازدۇرۇۋەرمەمدۇ، ئۇلار ئالدىنىۋەرسۇن!
_ ئۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭ ئۇلارنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىم بار.
_ سەن كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى توسۇۋالما، ئۇلار نېمە قىلغۇسى كەلسە، شۇنى قىلسۇن.
_ ئۇلار ھازىر ئەركىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار جىن-شەيتانلارنىڭ ئەپسۇنلىرىنى ئاڭلاۋاتىدۇ.
_ ئۇنداقتا سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتماقچى ئوخشىمامسەن؟
_ مەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاتماقچىمەن.
_ مەن ساڭا بۇ دەرەخنى ھەرگىز كەستۈرمەيمەن!
_ مەنمۇ بۇ دەرەخنى كەسمىگۈچە بولدى قىلمايمەن.
شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئابىدنىڭ كېكىرتىكىدىن ئاپتۇ، ئابىد شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ. ئۇلار قاتتىق ئېلىشىپ، ئاخىر ئابىد شەيتاننى يېڭىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىپ ئولتۇرۇپ:
_ مەن ساڭا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام،-دەپتۇ.
شەيتان ھاسىراپ تۇرۇپ:
_ مەن سېنىڭ بۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭنى ھەرگىز ئويلىماپتىمەن. مېنى قويۇۋەت. نېمە قىلىمەن دېسەڭ قىلىۋەر،-دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئابىد شەيتاننى قويۇۋېتىپتۇ. بىراق قاتتىق ئېلىشىپ ھېرىپ كەتكەن ئابىدنىڭ دەرەخنى كەسكۈدەك ماجالى قالماپتۇ، شۇڭا قايتىپ كېتىپ، ئارام ئېلىپ ئەتىسى كەسمەكچى بولۇپتۇ.
ئەتىسى ئۇ يەنە پالتىسىنى ئېلىپ دەرەخ كېسىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ. شەيتان بىردىنلا ئۇنىڭ ئارقىسىدا پەيدا بولۇپ ۋارقىراپتۇ:
_ بۈگۈنمۇ دەرەخ كەسكىلى ماڭدىڭمۇ؟
_ مەن ساڭا بۇ دەرەخنى كەسمەي قويمايمەن دېمىگەنمىدىم؟
_ سەن بۈگۈنمۇ مېنى يېڭەلەيمەن دەپ ئويلامسەن؟
_ مەن ساڭا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمىغۇچە بولدى قىلمايمەن.
_ خوش ئەمىسە كارامىتىڭنى كۆرسەت.
شەيتان ئابىدنىڭ كېكىرتىكىدىن ئاپتۇ، ئابىد يەنە شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ . يەنە بىر پەس قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن ئابىد شەيتاننى يېڭىۋاپتۇ. شەيتاننى ئاستىغا بېسىپ تۇرۇپ:
_ ھە، ئەمدى سېنىڭ يەنە دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ؟-دەپتۇ.
_ مەن تەن بەردىم. سېنىڭ ھەيران قالغۇدەك كۈچۈڭ بار ئىكەن. مېنى قويۇپ بەر. سەن مېنى نېمە قىل دېسەڭ شۇنى قىلىمەن،-دەپتۇ شەيتان ھارغىن قىياپەتتە.
ئابىد ئۇنى قويۇپ بېرىپ، كەپىسىگە قايتىپ كېلىپتۇ. چۈنكى ئۇ قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە بىر كېچە قىمىرلىماي يېتىپتۇ. ئەتىسى ئابىد يەنە پالتىسى ئېلىپ دەرەخنى كەسكىلى مېڭىپتۇ. بۇ قېتىممۇ شەيتان ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ تۇرۇپ:
_ ھەي، سەن تېخىچە نىيىتىڭدىن يانمىدىڭمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
_ شۇنداق مەن بۇ بالايىئاپەتنى يىلتىزىدىن كېسىپ تاشلىمىغۇچە بولدى قىلمايمەن.
شەيتان بۇ ئادەمنى ئېلىشىش بىلەن يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، ئېتىقادلىق ئادەملەرنى يېڭىشنىڭ چارىسى ھىيلە-مىكىرنى ئويلاپ يېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ شەيتان تولىمۇ ساختا، چىرايلىق تەبەسسۇم بىلەن ئابىدقا يېقىنلىشىپ كېلىپ ئۇنىڭغا دەپتۇ:
_ مېنىڭ بۇ دەرەخنى نېمە ئۈچۈن كەسكىلى قويمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سېنى ئاسراش ئۈچۈن ئىدى. سەن بۇنى چۈشەنمىدىڭ. چۈنكى سەن بۇ دەرەخنى كېسىۋەتسەڭ، بۇ دەرەخكە چوقۇنىدىغانلار سېنى يامان كۆرۈپ قالىدۇ، ساڭا دۈشمەن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ نېمىدەپ ئۆزۈڭگە ئاۋارىچىلىك تاپىسەن؟ بولدى قوي، بۇ دەرەخنى كېسىش نىيىتىڭدىن يانغىن. مەن ساڭا ھەر كۈنى ئىككى دىنار پۇل بېرەي، شۇنى خەجلەپ راھەتتە ياشىغىن،-دەپتۇ.
ئابىد بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن شاققىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، شەيتانغا قاراپ: دېگەنلىرىڭگە كىم گۇۋاھ بولىدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
_ مەن قەسەم قىلىپ بېرەي، ۋەدەمدىن يانمايمەن.
_ بولىدۇ ئەمىسە، مەن سېنى سىناپ كۆرەي.
دېگەندەك شۇنىڭدىن كېيىن ئابىد ھەر كۈنى ياستۇقىنىڭ تېگىدىن ئىككى دىنار ئالىدىكەن. بىر ئايغىچە شۇنداق بولۇپتۇ. ئەمما، بىر كۈنى ئەتىگىنى ئابىد قولىنى ياستۇق تېگىگە تىقىپتىكەن، دىنار چىقماپتۇ. چۈنكى شەيتان ئۇنىڭ ياستۇقى ئاستىغا دىنار قويمىغان ئىكەن. ئابىدنىڭ ئەرۋاھى قىرىق كەز ئۆرلەپتۇ-دە، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھېلىقى دەرەخنى كېسىش ئۈچۈن يەنە يولغا چىقىپتۇ. يولدا شەيتان ئۇچراپ قېلىپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
_ توختا، قاياققا ماڭدىڭ يەنە؟
_ دەرەخ كەسكىلى،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئابىد.
_ شەيتان ئۇنى مەسخىرە قىلىپ قاتتىق كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە ساڭا بېرىدىغان دىنارنى توختىتىپ قويغىنىم ئۈچۈن دەرەخنى كېسىمەن دەمسەن؟
_ ياق، مەن بۇ گۇناھ مەنبەسىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتىمەن.
_ سەن تېخى كىشىلەرنىڭ دىلىنى يورۇتامسەن؟ سېنىڭ بۇ تۇرقۇڭ بەكمۇ كۈلكىلىك بىلىندى، دەپ مەسخىرە قىلىپتۇ شەيتان.
ئابىدنىڭ قاتتىق غەزىپى ئۆرلەپ شەيتانغا ئېتىلىپ بېرىپ شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋاپتۇ. يەنە قاتتىق ئېلىشىپتۇ. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇزاق ئېلىشمايلا شەيتان ئابىدنى يېڭىۋاپتۇ. ئابىدنىڭ ئۈستىگە مىنىپ ئولتۇرۇپ:
_ ھەي، سېنىڭ ھېلىقى قۇدرىتىڭ قېنى-دەپ سوراپتۇ.
مەغلۇپ بولغان ئابىد قاتتىق غەزەپ بىلەن:
ئېيتە شەيتان، سەن مېنى قانداق يەڭدىڭ-دەپتۇ.
_ سەن ئېتىقاد ئۈچۈن ئېلىشقىنىڭدا مېنى يەڭگەنتىڭ، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئېلىشقىنىڭدا مەن سېنى يەڭدىم، دەپتۇ شەيتان.
بىر پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى لېكسىيەسىدە مۇنداق بىر ھېكايىنى بايان قىلىدۇ:
بىر ئادەم ھەر كۈنى چۈش ۋاقتىدا ئازراق ئارام ئېلىۋالاي دەپ ئۇخلىسا، مەھەللىنىڭ بالىلىرى بىر كونا چېلەكنى تېپىپ ئويناپ ئۇ ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدىكەن، ئادەم زادى ئۇخلىيالمايدىكەن. ئادەم بالىلارنى كونا چېلەكنى تېپىپ ئويناپ ئۆزىنى راھەتسىز قىلىشتىن توسۇشنى ئويلاپتۇ. ئەمما بالىلارغا « ھەي بالىلار چېلەكنى تەپمەڭلار، مەن ئۇخلىيالمىدىم» دېسە، بالىلارنىڭ تېخىمۇ بەك تېپىپ، ئادەمنى تېخىمۇ قاتتىق بىئارام قىلىدىغان پەيلى بار ئىدى. شۇڭا بۇ ئادەم كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلماقچى بوپتۇ ۋە بالىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا:
_ بالىلىرىم! چېلەكنى ناھايىتى ياخشى تېپىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرگە ھەر كۈنى بەش سوم پۇل بېرەي، ھەر كۈنى كېلىپ مۇشۇنداق چېلەك تېپىپ بېرىڭلار، دەپتۇ. بالىلار خوش بولۇپ،
_ بولدى، كېلىشتۇق، بىز ھەر كۈنى كېلىپ سىزگە كونا چېلەكنى تېپىپ ئويناپ بېرەيلى، دەپتۇ. ئادەم شۇنى كۈنى بالىلارغا بەش سوم پۇل بېرىپتۇ. بالىلار ئەتىسى ئاشۇ ۋاقىتتا يەنە كېلىپتۇ. ئادەم بالىلارغا:
_ بالىلىرىم! بۈگۈن پۇلۇم سەل ئاز قاپتۇ، شۇڭا سىلەرگە ئىككى سوم بېرەي، چېلەكنى تېپىپ ئويناڭلار، دەپتۇ. بالىلار ئانچە خوش ياقمىغاندەك قىياپەتتە ماقۇل دەپتۇ ۋە ئالدىنقى كۈنلىرىدىكىدەك قاتتىق تەپمەپتۇ. ئازراق ئويناپ، ئويۇننى خالاس قىپتۇ. ئەتىسى يەنە كەپتۇ، ئادەم بالىلارغا:
_ بالىلىرىم! بۈگۈن پۇلۇم پەقەت قالماپتۇ، شۇڭا سىلەر خاپا بولماي شۇ كونا چېلەكنى بىكارغا تېپىپ ئويناپ بەرگەن بولساڭلاركەن، دەپ ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىلار غەزەپلىنىپ:
_ بىز نېمىشقا بىكارغا چېلەك تېپىدىكەنمىز؟ بولدى، تەپمەيمىز، دەپ كېتىپ قاپتۇ. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئۇ بالىلار ھېلىقى ئادەمنىڭ مەھەللىسىدە چېلەك تېپىپ ئوينىماپتۇ.
دېمەك، بالىلار ئۆز كۆڭۈل خوشلىقى بىلەن كونا چېلەكنى تېپىپ ئوينىغاندا، ئۇلار بۇ ئىشىدىن ھۇزۇر ئالغاندا، ئەمما كېيىن ئىش شەخسى مەنپەئەتكە باغلانغاندىن كېيىن ئۇلار بۇ ئىشتىن ھۇزۇر ئالالمايدىغان بولۇپ قالغان.
باشقا خىزمەتلەر