ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Eylül 2021

چىكىنىڭ
مۇستەقىللىق ۋە بىز

مۇستەقىللىق ۋە بىز

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان 70 يىللىق ئاسارەت جەريانىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بىر مۇستەملىكە تۇپراقتۇر.

بۈگۈنكى كۈندە مىڭ يىللىق دىنىي، تارىخىي مىراسلىرىمىز خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەۋملەرنىڭ ئانا تىللىرىدىن بىرى، تۈرك تىلىنىڭ ئاساسى بولغان ئۇيغۇر تىلى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش سۈيقەستىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچراۋاتىدۇ.

ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز، كىيىم-كىچە، يىمەك ئىچمەك مەدەنىيەتلىرىمىز قەستەن، كۆز ئالدىمىزدا يوق قىلىنىۋاتىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى 100% ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ.

نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىلاھىي نېمەت بولغان ۋەتىنىمىز دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئەزەلدىن سۈيقەست پىلانلاپ كەلگەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ يۇتۇپ كىتىشىگە تاشلاپ قويۇلغاننىڭ ئۈستىگە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۆز يۇمۇش، تاماشا كۆرۈش،

بەزىدە خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش، جىنايەتكە شاھىتلىق رولىنى ئوينىماقتا.

تارىخ بېتىنى ۋاراقلىساق، ئاچچىق ھەقىقەتلەر قەلبىمىزنى مۇجۇيدۇ.

ئەجداتلىرىمىز مۇستەقىللىق يولىدا قوراللىق كۆرەش قىلغان، سىياسىي مۇجادىلىمۇ قىلغان، تارىخلارنىمۇ يېزىپ قالدۇرغان.

مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا سىياسىي ھاياتىم ناملىق ئەسلىمىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدە ئىنسان ئوغلى قىلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىق ۋە يوللارنىڭ ھەممىنى تەجرىبە قىلغانلىقى، ماددىي دۇنيا قانۇنىيىتى بويىچە دۈشمەن ئالدىدا يىڭىلىپ قالغانلىقىنى يازىدۇ.

شۇنداقتىمۇ يۈكسەك نىشان بولغان مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچمەيدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم سابىت داموللام بىلەن پىكىرلىشىپ قوراللىق جىھاد قىلغان بولسا، مەرھۇم ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن بىرلىشىپ سىياسىي مۇجادىلىدە ئىنسان قىلالايدىغان ھەرقانداق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ، مۇمكىن بولغان يوللارنىڭ ھەممىنى ماڭىدۇ ۋە بۇ يولدا ئۇ قەھرىمانلار ئۆزلىرىىنىڭ ھاياتي بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئويلۇنۇپ ئولتۇرماستىن، قىلچە ئىككىلىنىپ قالماستىن ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە خىزمەت قىلىدۇ.

گەرچە شۇ ۋاقىتلاردا خەلقىمىز نىڭ مۇستەقىللىق، ۋەتەن، مىللەت ھەققىدىكى چۈشەنچە، ساپاسى يىتەرلىك بولماي، دۈشمەننىڭ ھىلە-مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ كەتكەن بولسىمۇ 70يىللىق قىزىل خىتاي ئاسارىتى جەريانىدا مەزكۇر 3 نەرسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتكەن بىر ۋەزىيەتتە بولىشى ئىنسانلىقنىڭ ئەقەللىي تەقەززاسى.

مۇستەملىكىچى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى بىزگە نەقەدەر ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقى، ئۆز تۇپرىقىمىزدىن چىققان بايلىقىمىزدىن كەلگەن دوللارنى ئىشقا سېلىپ چەتئەللەردىمۇ بىزنى بىر-بىرىمىز بىلەن دۈشمەنلىشىشكە ئىتتىرىپ، مۇناپىقلارنى ئىشقا سېلىپ كىچە-كۈندۈز تىنىمسىز ھەركەت قىلماقتا.

بۈگۈن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزگەردى، ۋەزىيەتمۇ ئۆزگەردى، بولۇپمۇ دۇنيانى قاپلىغان خىتاي ۋېروسىدىن كېيىن بۇرۇنقى دۇنيا سىستېمىسىمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

يىڭى سىستەمدە ئورنىمىزنىڭ قانداق بولىشى بىر ئاللاھقىلا مەلۈم، ئەمما بىز ئارزۇ قىلغان ئورۇنغا ئىگە بولۇش، مۇستەقىل ۋەتەننى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتىن ۋە ئەمىلىيىتىمىز بىلەن تەييارلىق قىلىش كېرەك بولغان ئىنچىكە ۋەزىيەتتە ئىچكى نىزالار بىلەن مەشغۇل بولماقتىمىز.

بەزىلەر ۋەتەننى بىر ئىككى ئاي ئىچىدە ئازات قىلىۋېتىدىغاندەك شۇئارلارنى ياڭرىتىپ مىللەتنى ھاياجانغا سېلىپ ئالەمنى-مالەم قىلىدىغاندەك تۈستە كىتىپ بارىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ئارا جىدەللەر بىلەن روھىي چۈشكۈنلىككە قاراپ كىتىپ بارماقتا.

ئاللاھ دۇنيانىڭ قانونىيىتىنى سەۋەپكە باغلاپ قويغان:

«ليس للإنسان إلا ما سعى وأن سعيه سوف يرى»

{ئىنسان نېمىگە تىرىشسا شۇنىڭغا ئىرىشىدۇ، تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ}

بۇ يەردىكى «ئىنسان» دىن مەخسەت مۇئمىن، مۇسۇلمانلارلا بولماستىن بارلىق ئىنسانىيەت كۆزدە تۇتۇلغان.

دېمەك، ئىشلىگەن چىشلەيدۇ.

ۋەتەندىكىلەردىن سۆز ئېچىش، ئۇلارنىڭ نېمە ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ قىيىن بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز. ۋەتەندىكى خەلقىمىز پەقەتلا ئامالسىز.

چەتئەلدىكىلەر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ ۋەتەن مۇستەقىللىقى يولىدا يىتەرلىك خىزمەت قىلدۇقمۇ؟

بۇ سوئالغا لايىقىدا جاۋاپ تېپىشقا مەجبۇرمىز.

ۋەتەن مۇستەقىل بولسا شۇ ۋەتەننىڭ پۇخراسى بولۇش بەدىلىگە بىركىشىلىك ھەسسە قوشالىدۇقمۇ؟.

تەشكىلاتلار بولسا، مىللەتنىڭ مۈلكى، ئۇنى گۈللەندۈرۈش ياكى يىقىتىش مىللەتنىڭ قولىدا.

تەشكىلات، ۋەخپە، جەمئىيەتلەر بىرلىكنىڭ سىمۋۇلىدۇر، ھەرقانداق بىر تەشكىلات مىللەتنىڭ قوللىشى بىلەن كۈچلىنىدۇ، كۈچلەنگەنسىرى بىرلىك ھاسىل بولىدۇ، بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ.

ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاق-قارىنى، توغرا-خاتانى پەرقىتەلەيدىغان ئەقىل نېمىتىنى بەرگەن بولغاچقا ھەربىر ئىنسان بىركىشىلىك ھەسسە قوشۇش، مەنىلىك ياشاشنى خالايدىكەن ئەتراپىدىكى ھەسسە قوشۇشنى خالىغان تەشكىلاتنىڭ قورۇلۇش تارىخى، قىلغان خىزمەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشى، ئىزدېنىشى، ئۇندىن كېيىن تەشكىلاتقا بىركىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى ۋىژدانى مەجبۇرىيەتتۇر.

ھەر بىر كىشى ئۇخلاپ قوپۇپ، چاپىقىنى ئۇلىۋېتىپلا تەشكىلاتتىن بىرنى قۇرۇپلا پالاق-پولۇق ۋەتەننى ئازات قىلىۋېتىدىغان ئىش نەدە بارئىكەن.

بىلىمى، ۋاقتى، پۇلى ئارقىلىق خىزمەت قىلىش، ۋەتەن ئازاتلىقىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى خالىغان ئادەم ئوتتۇرغا چىقىپلا يىڭى بىر ئىش قىلىمەن دېمەستىن مەۋجۇت تەشكىلاتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ھەسسە قوشالايدۇ.

چەتئەلدە دۈشمەننىڭ ئەڭ قاتتىق ئەنسىرەيدىغىنى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلىنىشى، داۋانىڭ خەلقئارلىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىد شەكىللەندۈرىشىدۇر.

دۈشمەن ئەڭ يامان كۆرىدىغان مەۋجۇت تەشكىلاتلارنى يوققا چىقىرىپ، يىڭىدىن تەشكىللىنىش تەشەببۇسلىرى پايدا ئەمەس زىيان ئېلىپ كىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.

مىللەت تەشكىلاتلارنى قامچىلاشتىن بورۇن ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىش كېرەك.

مۆلچەرلىنىشىچە، چەتئەلدە 2مىليۇنغا يېقىن شەرقىي تۈركىستانلىق ياشايدۇ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەت، شەھەرلەردە ھەقىقىي خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا ئىختىيارى ئەزا بولۇپ، ئاز بولسىمۇ بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ سانى قانچىلىك؟!
ئەزاسى مىڭغا يىتىدىغان تەشكىلات بارمۇ؟ ئەلۋەتتە يوق!.

مىسال قىلىپ كەلتۈرسەك، دۇنيا ئۇيغۇر قورۇلتىيى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلۇق بەدەل يىغىش تەشەببۇسىنى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ، ئىككى مىليۇن ئۇيغۇردىن ئىككى مىڭ ئۇيغۇر 5$ دىن ئايلىق بەدەل تۆلىسە ئىدى ئايدا 10مىڭ$ دوللار يىغىلاتتى، كۆپ ئىشلار ۋۇجۇتقا چىققان بولاتتى..

بۈگۈنكىدەك نازۇك ۋەزىيەتتىمۇ ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا مەيداندا ئەمەلى خىزمەت قىلىدىغان مىڭدا 1% نى تەشكىل قىلالماسلىقى بىر پاجىئە.

مۇستەقىللىق يولىدا مىللەت ئورتاق كۈچ چىقارمايۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە «مۇستەقىللىق» شۇئاردىن ئىبارەت بولۇپ قالمامدۇ؟!

مۇستەقىللىق ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سەمىمىي بولساق ئىنىرگىيىمىزنى ئۆز ئارا جىدەل-ماجرا بىلەن ئۇپراتماستىن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك.

ھەممە ئادەم ئالىم، سىياسىيۇن، مۇتەخەسسىس بولمايدۇ، ئاللاھ ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىگە لايىق ئىمتىيازنى بەرگەن. بىرسىدە ئىلىم، بىرسىدە ئەقىل، بىرسىدە پۇل، بىرسىدە كۈچ... دېگەندەك.

شۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىش ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ۋىژدانىي بۇرچىدۇر.

بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتاي مۇستەملىكىسىگە تاقابىل تۇرغىدەك كۈچىمىز يوق، دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى سەۋەبكە باغلانغان.

بىز ئۇنى قىلىۋېتىمىز، بۇنى قىلىمىز، ۋەتىنىمىزدىن خىتاينى قوغلاپ چىقىرىمىز، ئاز قالدى دەپ چوڭ گەپلەرنى قىپ قويۇپ، ئەتتىگەندىن كەچكىچە ۋاتساپ، فېسبۇكلاردا پىتنە ترىش، مىللەتنىڭ روھىي كەيپىياتىنى چۈشكۈنلىككە ئېلىپ بېرىشتەك بولمىغۇر قىلمىشلار بىلەن مەشغۇل بولساق ۋەتەن قانداقمۇ ئازات بولسۇن؟!

چەتئەللەردە ياشىغان ئىكەنمىز قىلالايدىغان ئىشلىرىمىز كۆپ.

پەن-تېخنىكا ئۆگىنەيلى، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى بىلىم ئىگەللىشىگە شارايىت يارىتىپ بىرەيلى.

بايلار سادىقە زاكاتلىرىنىغۇ بىرىدۇ، (ئاللاھ ئىمان ئاتا قىلغانلار) تاپاۋىتىنىڭ بىرقانچە پىرسەنتىنى ۋەتەن ئۈچۈن ئاتىيالىشى كېرەك.

بىزدىن مىڭلارچە سىياسىيون، مىڭلارچە ئىقتىساتشۇناس، مىڭلارچە ئادۇكات، مىڭلارچە مېدىياچى، قىسقىسى يىتەرلىك ئىختىساس ئىگىلىرى يىتىشىپ چىقمىغۇچە قورۇق شۇئارغا ۋەتەن ئازات بولمايدۇ.

بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق پەيتتە يوقىلاڭ ئىشلار، بىرلىرىنىڭ بىرجۈملە سۆزدە خاتالىشىپ قېلىشىدەك ئىنسانىي سەھۋەنلىكلەرنى تۇتىۋېلىپ ئالەمنى-مالەم قىلىشلار، ۋەتەننىڭ ئىسمى، مىللەتنىڭ تەركىۋىنى تالىشىپ ئولتۇرۇشلار ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ ئاخىرى مىللەتنى ئىنتىھار (ئۆلىۋېلىش) دىن باشقىغا ئېلىپ بارمايدۇ.

تارىخىمىز، مىللى كىملىكىمىزنى بەلگۈلەيدىغانلار تارىخ مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ، ھەر ساھەدە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە كىتابلارنى يېزىپ چىقىشى كېرەك.

دۇنيانى بىز مىللەتنىڭ مۇستەقىللىققا لاياقىتىمىز ۋە سالاھىيىتىمىز بارلىقى ھەققىدە قانائەتلەندۈرەلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكىدە ئۇيغۇرغا كەلگەن پۇرسەت يەنە قايتا كەلمەسلىكى مۇمكىن.

ئۈمىتسىزلىك ئىنساننىڭ دۈشمىنى، مىللەتنى پىتنە-پاساتلار بىلەن روھىي چۈشكۈنلۈككە سۆرەپ كىرىش مىللەتكە دۈشمەنلىك قىلغانلىق.

خۇلاسە:

مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئالى نىشانغا يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلاردا بىر قەدەر تاكامۇللۇققا مۇچتاجمىز:

مىللەتنىڭ ساپاسىنىڭ يۈكسىلىشى. بىلىم ئەھلىنىڭ كۆپىيىشى.

ئۇمۇيۈزلۈك سەپەرۋەرلىك.

دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىش. خەلقئارانىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش.

مۇستەقىللىق يولىدا شارايىت يار بەرگەن ھەرقانداق يوللۇق ۋاسىتىلەر بىلەن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش.

ئاخىرىدا، ئالى نىشانغا يىتىشتە دۇنيانىڭ ماددىي سەۋەپلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش بىلەن بىرگە ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ مۆجىزىسىگە، مىھرى-شەپقىتىگە، ئال قۇلۇم دەپ ئىنئام قىلىشىغا مۇھتاجمىز...

بىلال ئەزىزى

http://turkistantimes.com/uy/news-13530.html

باشقا خىزمەتلەر