ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
گۇناھلارنىڭ تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدىغانلىقى

گۇناھلارنىڭ تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدىغانلىقى

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

1. ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىگە قارشى گۇناھلار

ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىگە قارشى گۇناھلار دېگىنىمىز «بۈيۈكلۈك، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەتلىك، بوي سۇندۇرۇش، يۈكسەكلىك، مەبۇدلۇق» قاتارلىق پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان سۈپەتلەرنى ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا نىسبەت بېرىشتۇر.

ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشمۇ بۇ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش «ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھ بىلەن قىلىنغان مۇئامىلىلەردە شېرىك كەلتۈرۈش (يەنى رىيا قىلىش)»تىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى شېرىك گەرچە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەمەللەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا دوزاخقا كىرىشنى ۋاجىپ قىلمايدۇ.

ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىگە قارشى قىلىنغان گۇناھلار گۇناھلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە بۇيرۇقلىرى توغرىسىدا قارىسىغا سۆزلەشمۇ بۇ گۇناھلارنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. كىمكى مۇشۇ خىلدىكى گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ۋە سەلتەنىتىنى تالاشقان بولىدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. مانا بۇلار ئاللاھنىڭ نەزرىدە ئەڭ ئېغىر گۇناھلار ھېسابلىنىدۇر. بۇ خىل گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەر مەقبۇل بولمايدۇ.

 

2. شەيتانىي خاراكتېرىدىكى گۇناھلار

شەيتانىي خاراكتېرىدىكى گۇناھلار دېگىنىمىز ھەسەتخورلۇق، زومىگەرلىك، ئالدامچلىق، خىيانەت، ھىلىگەرلىك، باشقىلارنى گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە ئۈندەش ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى مەدھىيىلەش، باشقىلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن توسۇش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى سەت كۆرسىتىش، دىندا بىدئەت پەيدا قىلىش ۋە باشقىلارنى بىدئەت-زالالەتلەرگە ئۈندەش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

گەرچە بۇ خىلدىكى گۇناھلارنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى بىرىنچى خىلدىكى گۇناھلارنىڭ تەسىرىدىن ئاجىزراق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەمما يامان تەسىر پەيدا قىلىشتا بىرىنچى خىلدىكى گۇناھلارغا يىقىن تۇرىدۇ.

 

3. ياۋۇزلۇق خاراكتېرىدىكى گۇناھلار

ياۋۇزلۇق خاراكتېرىدىكى گۇناھلار دېگىنىمىز تاجاۋۇزچىلىق، زالىملىق، باشقىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش، قانخۇرلۇق، ئاجىز-ئورۇقلارنى بوزەك قىلىش قاتارلىقلاردۇر. پۈتۈن ئىنسانيەتكە قىلىنغان زىيانكەشلىكلەر مۇشۇ خىلدىكى گۇناھلاردىن شاخلاپ چىقىدۇ.

 

4. ھايۋانىي خاراكتېرىدىكى گۇناھلار

ھايۋانى خاراكتېرىدىكى گۇناھلار دېگىنىمىز ئاچكۆزلۈك، شەھۋەتخورلۇق، قورساقتىن باشقىنى ئويلىماسلىق قاتارلىقلاردۇر. زىنا، ئوغرىلىق، يېتىملارنىڭ ماللىرىنى يەۋىلىش، بىخىللىق، پېخسىقلىق، قورقۇنچاقلىق ۋە چىدىماسلىق قاتارلىقلار دەل مۇشۇ خىلدىكى گۇناھلاردىن شاخلاپ چىقىدۇ.

بۇ خىلدىكى گۇناھلار ناھايىتى كۆپ كىشىلەردىن سادىر بولىدىغان گۇناھلاردۇر. چۈنكى، بۇلار ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىگە قارشى گۇناھلار، شەيتانىي خاراكتېرىدىكى گۇناھلار، ياۋۇزلۇق خاراكتېرىدىكى گۇناھلارنى سادىر قىلىشقا ئىمكان تاپالمايدۇ. گۇناھكارلار مۇشۇ خىلدىكى گۇناھلار ئارقىلىق گۇناھنىڭ باشقا قىسىملىرىغا تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ قىسىمدىكى گۇناھلار گۇناھكارلارنى ياۋۇزلۇق خاراكتېرىدىكى گۇناھلارغا باشلاپ بارىدۇ. ئاندىن كېيىن ياۋۇزلۇق خاراكتېرىدىكى گۇناھلار گۇناھكارلارنى شەيتانىي خاراكتېردىكى گۇناھلارغا ئېلىپ بارىدۇ. شەيتانىي خاراكتېردىكى گۇناھلار ئاللاھنىڭ سەلتەنىتىگە قارشى گۇناھلارغا باشلاپ بارىدۇ.

بۇ ھەقتە ياخشىراق ئويلىنىپ باققانلار شۇنى ئېنىق بىلەلەيدۇكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر مۇشرىكلىققا، كاپىرلىققا ۋە ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى تالىشىش تەرىپىگە ئېچىلغان بىر يوچۇقتۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

باشقا خىزمەتلەر