ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
نىجاتلىقنىڭ تۆت رېتسېپى
ئابدۇلئەھەد ھاپىز
ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئىرادە ۋە ھىممەت ئىگىسى قىلىپ ياراتقان. ئۇنىڭغا ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ھىممىتى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، تەرەققى قىلىش، يۇقىرى پەللىگە چىقىش ئۈچۈن قۇدرەت بەرگەن. ئۇنىڭ قەلبىدە دائىم تېخىمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەشكە، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئېرىشىشكە ئىنتىلىش ئارزۇسى ياراتقان. ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىسلام دىنىدا ئىنساننىڭ بۇ خۇسۇسىيىتىگە ئالاھىدە رىئايە قىلغان ۋە بۇ خۇسۇسىيىتىنى قانداق ئىشقا سالىدىغانلىقىنىڭ رېتسېپىنى نازىل قىلغان. بىز ئىرادىسى مۇستەھكەم، ھىممىتى ئالى، كەلگۈسىدىن ئۈمىدۋار، ئىشلەش روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ئوقۇرمەنلىرىمىزگەنىجاتلىققا ئېرىشىش، ئۈستۈنلۈك قازىنىش ۋە ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ يوللىرى ئۆزىدە جۇغلانغان ئۈچ ئايەتلىك قىسقا بىر سۈرىدە بايان قىلىنغان 4 رېتسېپىنى سۇنىمىز. ئاللاھ بىزنى بۇ رېتسېپلارغا ئەمەل قىلىپ نىجاتلىققا ئېرىشتۈرسۇن.
بسم الله الرحمن الرحيم
﴿وَالْعَصْرِ إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ﴾«زامان بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن پۈتكۈل ئىنسانلار ئەلبەتتە چوڭ بىر زىيانكارلىق ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقانلار زىياندا ئەمەس.»[1]
بۇ مۇبارەك سۈرە مەككە مۇكەررەمەدە، «ئىنشىراھ» سۈرىسىدىن كېيىن، «ئادىيات» سۈرىسىدىن ئىلگىرى چۈشكەن، ئۈچ ئايەتتۇر.
ئىمام ئالۇسى: بۇ سۈرە ئۆزى قىسقا بولۇشىغاقارىماي، قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىنى ئۆزىگە ئىخچاملىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىمام شافىئىنىڭ:- قۇرئان كەرىمدە مۇشۇ سۈرىدىن باشقا بىر سۈرەچۈشۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئىنسانلارغا مۇشۇ سۈرە يېتەتتى. چۈنكى بۇ سۈرە قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، - دېگەن سۆزىنى قەيت قىلغان.
ئىمام تەبەرانى ۋە بەيھەقى ئۆز ئەسەرلىرىدە، ئەبۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۆزئارا ئۇچراشقاندا،ئايرىلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ سۈرىنى بىر-بىرىگە ئوقۇپ ئاندىن سالاملىشىپ ئايرىلىدىغانلىقىنىقەيت قىلىشقان.[2]
تەپسىر ئالىملىرى بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى بولغان «ئەسر» سۆزىگە ئۈچ خىل مەنە ئېيتقان. بىرىنچىسى:«ئەسر» سۆزى مۇتلەق زامان ئۇقۇمىدا بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتكۈل زاماننى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچىسى:ئەسىر نامىزى دېگەن بولىدۇ.چۈنكىبەش ۋاقىت نامازنىڭ ئىچىدە ئەسىر نامىزىنىڭ پەزىلىتى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئەسىر نامىزى بىلەن قەسەم قىلغان. ئۈچۈنچىسى: «ئەسرى سائادەت» يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان زاماننى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ ياشىغان ئەسىر بارلىق ئەسىرلەردىن ئۇلۇغ بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلغان. ئىمام تەبەرانى بۇ مەنەلەرنىڭ ھەممىنى بايان قىلغاندىن كېيىن: بۇلارنىڭ ئەڭ توغرىسى ئەسر - مۇتلەق زامان، دېگەن قاراشتۇر، دېگەن.[3]
بۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ زىيانكارلىقتا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق نىجات تاپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ يەردىكى «ئەسر» سۆزىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن ئۆمۈر مەقسەت قىلىنغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ ئەسرىدۇر. يۈز يىللىق بىر مۇددەتنى «بىر ئەسىر» دەيمىز. قۇرئان كەرىم نازىل بولغاندىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى يۈز يىل ئەتراپىدا بولىدۇ. يۈز يىلدىن زىيادە ئۆمۈر كۆرىدىغانلار ئىنتايىن ئاز. ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى يۈز يىلغا بارماي دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئىنسانلارغا ئاتا قىلىنغان بىر ئۆمۈرنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا«ئەسىر» بىلەن قەسەم قىلغان.
«ئەسر» سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى سۆزلۈك مەنىسى سىقىش دېگەن بولىدۇ. يەنى بىر نەرسىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىشنى ئەسر دەيدۇ. مەسىلەن: «عَصَرْتُ الثَّوْبَ (كىيىمنى سىقتىم)» دېگەندەك. مېۋىدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۇنى «ئەسىير» دەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە يامغۇر بۇلۇتلىرىنى «مۇئسىرات (سىقىلغۇچى بۇلۇتلار)» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَنْزَلْنَا مِنَ الْمُعْصِرَاتِ مَاءً ثَجَّاجًا﴾«بىز سىقىلغۇچى بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق.»[4]
يەنى بۇ يەردە ئىنسان ئۆمرىنى زايى قىلىۋەتمەي ئۇنىڭدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىش ۋە ئۆزىگە، دىنىغا، ۋەتىنىگە، خەلقىگە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىنى سىقىپ ئۇنىڭ ھەربىر مىنۇتىنى چىڭ تۇتسۇن، ئۇنى قانچىلىك سىقسا شۈنچىلىك كۆپ پايدىلىنالايدۇ، نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، ۋاقتىنى سىقمىغان، ئۇنى چىڭ تۇتمىغان ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانمىغانلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر،دېمەكچىبولىدۇ.
دېمەك، ئالدىمىزدا ناھايىتى قىيىن ھېساب-كىتاب بار. ئەگەر مۇشۇ تۆت سوئالغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك ياخشى ئىشىمىز بولسا، ئەڭ بەختلىك كىشى بولىمىز، بولمىسا ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا. شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنى ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن ئىبارەت بولغان زامان بىلەن قەسەم قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ۋە قانچىلىك چوڭ نېمەت ئىكەنلىكىنى، بۇ نېمەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىپ، ۋاقتىمىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇتقۇزىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىشىمىز، ۋاقتىمىزنى بىكارغا زايى قىلىۋەتمەسلىكىمىزنى ئەسلىتىدۇ.
قەسەم قىلىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى مۇھىم بىر نەرسىنى تەكىتلەش ۋە ئۇنى كۈچلۈك بىر شەكىلدە بايان قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك سەرمايىسى بولغان ئۆمرى بىلەن قەسەم قىلىش ئارقىلىق شۇنى تەكىتلەيدۇكى،﴿إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ﴾«ھەقىقەتەن پۈتكۈل ئىنسانلار ئەلۋەتتە چوڭ بىر زىيانكارلىق ئىچىدىدۇر»، يەنى يەرشارىدىكى بارلىق ئىنسانلار قەيەردە بولىشى ۋە قايسى ئېقىمدا، يەنىيەھۇدى، خىرىستىيان، بۇددىست، كوممۇنىست، كاپىتالىست كىم بولۇشىدىن ۋە نېمىچى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممىسى زىيانكارلىق ئىچىدە، بۇ زىيانكارلىق ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق چىقىش يولى يوق، ھالاك بولىشى مۇقەررەر.
ئاللاھ تائالانىڭبۇ يەردە بىزگە دېمەكچى بولغان مەقسىتىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن دۇنيانى بىر دېڭىزغا ئوخشاتساق، پۈتكۈل ئىنسانلار بۇ دېڭىزدا ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نە قىممەتقاراشلىرى،نەدىنىي ئېتىقادلىرى، نەئىديىۋىي كۆز قاراشلىرى، نەمال-مۈلكى ۋە پەن–تېخنىكىلىرىئۇلارنى بۇ ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ، نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ يولى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ،مۇنۇ رېتسېپلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:
1_ رېتسېپ ئىمان﴿إِلَّا الَّذِينَ آَمَنُوا﴾«(ئۇ زىيانكارلىقتىن قۇتۇلىدىغانلار) پەقەت ئىمان ئېيتقانلار»:
ئىماننىڭ مەنىسىئۆزلىرىنىڭ كونا خاتا ئىدىيە ۋە كۆزقاراشلىرىنى تاشلاپ،ياراتقۇچى ۋە قۇتقۇزغۇچى بولغان مېھرىبان ئاللاھنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىش، ھېچقانداق نەرسىنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلماسلىق، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى رەھبىرىم دەپ قوبۇل قىلىپ بويسۇنۇشتۇر. مانا مۇشۇنداق ئىمان كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولغانلار زىيانكارلىقتىن-ھالاكەتتىن قۇتۇلىدۇ. جان ھەلقۇمغا كەلگۈچىلىك ئۆمرىنىڭ قايسى باسقۇچىدا ئىمان كەلتۈرسە، ئۇنىڭ ئىمانى قوبۇل قىلىنىدۇ، ئۆتمۈش بارلىق يامان قىلمىشلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.
ئىمان ئۆمرىدە قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنىڭ ئاساسى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھەيدىگۈچى موتۇردۇر. ئىمان ئۆمرىنى سىقىپ، بېسىپ ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىشقا ۋە پىلانلىق ئىش قىلىشقا تۈرتكىدۇر. ئىمان مۇئمىننىڭ ئۆمۈر يولىدىكى مەنىۋى ئوزۇقىدۇر. ئىمان ئاللاھنىڭ دەرھگاھىدا ئەمەللەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ شەرتىدۇر. ئىماندىن كەلمىگەن ئەمەل قۇرۇق شامالغا ئوخشاش ئۇچۇپ كېتىدۇ.
2_ رېتسېپ ئىشلەش﴿وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ﴾«سالىھ ئەمەل قىلغانلار»:
ئىمان كەلتۈرۈپ ئاللاھىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگەن كىشىئاللاھنىڭ دىنى ئىسلامغا كىرىپ، مۇئمىن-مۇسۇلمان بولىدۇ.بۇ دىندا قانداق ھايات كەچۈرۈشنى كۆرستىدىغان تەلىماتلار بار. بۇ تەلىماتلار ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىس شېرىپلىرى بولۇپ،ئۇنى ئۆگىنىپ، قىلىشقا تىگىشلىك ۋە ساقلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىلىپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىش لازىم. مۇئمىننىڭياخشى ئىشلىرى ئىمانىنىڭ مېۋىسى بولۇپ، ئۆمرىدە قىلىدىغان پۈتكۈل ياخشى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلى سالىھ - مۇئمىننىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرىدىن، ئايلىرىدىن، كۈنلىرىدىن ۋە سائەتلىرىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلانغانلىقىنىڭ، ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مۇئمىننىڭ نامىزى، روزىسى، زاكىتى، ھەجى، كىشىلەرگە ياردەم قىلىشى، ئېتىز-ئېرىقتا ئىشلىشى، تىجارەت قىلىشى، مەكتەپلەردە دەرس بېرىشى، ئوقۇغۇچى بولۇپ دەرس مۇزاكىرە قىلىشى، ئىشچى-خىزمەتچى بولۇپ ئىدارە-كارخانىلاردا، زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلىشى ھەممىسى ئەمەلى سالىھ، يەنى ياخشى ئىشلاردۇر. يىغىپ ئېيتقاندا، مۇئمىن-مۇسۇلماننىڭ ھالال دائىرىدە قىلغان بارلىق ئىشلىرى سالىھ ئەمەلدۇر، ئۇ سالىھ ئەمىلىنىڭ پايدىسىنى ئالدى بىلەن ئۆزى، ئائىلىسى ۋە جەمئىيىتىدىكى كىشىلەر كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا سالىھ ئەمەل قىلغان بەندىسىنىڭ ئۆمرىگە ۋە تاپقان پۇلىغا بەرىكەت بېرىدۇ، ئاز ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، ھەر دائىم ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. مۇنداق ئىشلەمچان شەخسلەردىن مەيدانغا كەلگەن جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ، كۈچلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېزىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن يەردە ئىماندىن كېيىنلا ئەمەلى سالىھ-ياخشى ئىش تىلغا ئېلىنىدۇ.
«سالىھ» دېگەن سۆزنىڭ سۆزلۈك مەنىسى ياراملىق، كارغا كېلىدىغان، پايدىلىق دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۆزنى كۆپ ئىشلىتىش بىلەن مۇئمىنلەرنى ئۆمرىنى سىقىپ، بېسىپ ئىشلەشكە، ياراملىق، پايدىلىق، ياخشى ئىش قىلىشقا، ئالدامچىلىق، كۆزبويامچىلىق، ساختىپەرزلىك قىلماسلىققا، ھورۇنلۇق قىلىپ ۋاقىتنى بىكار ئۆتكەزمەسلىككە ئۈندەيدۇ. بىزدىمۇ "ئىشلىگەن چىشلەيدۇ"، "بىكار تۇرغۇچە بىكارغا ئىشلە" دېگەن گەپ بار. دىنىمىزدا ئىشلەپ چىقىرىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئىشلىگۈچىنى قەدىرلەيدۇ. بۇ توغرىدا نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەر بار. تۆۋەندە ئىككى ھەدىسنى مىسالقىلىپ كەلتۈىمىز:
1_ بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىر ئادەم نامراتلىقتىن دەرتلىنىپ، ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۆيۈڭدە ساتقۇدەك بىر نەرسەڭ بارمۇ؟» دېدى. ئۇ: بىر كونا پالاس بار، –دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. ئۇ كىشى ئۇنى ئېلىپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ پالاسنى كۆتۈرۈپ جامائەتكە: «بۇنى كىم ئالىدۇ؟» دېدى. بىر كىشى: مەن بىر تەڭگىگە ئالاي، –دېدى. رەسۇلۇللاھ: «بۇنى كىم ئىككى تەڭگىگە ئالىدۇ؟» دېدى. جامائەتنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن: مەن ئالاي، –دېدى. پالاسنى ئىككى تەڭگىگە سېتىپ، پالاسنىڭ ئىگىسىگە: «بىر تەڭگىگە ئائىلەڭگە تائام ئېلىپ بەرگىن، بىر تەڭگىگە بىر پالتا ئېلىپ كەلگىن» دېدى. ئۇ كىشى بېرىپ بىر پالتا ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ پالتىنى ئۆز قولى بىلەن دەستىلەپ بېرىپ، «جاڭگالغا بېرىپ بۇ پالتا بىلەن ئوتۇن كېسىپ كېلىپ ساتقىن، ئون بەش كۈن مەسجىدكە كەلمىگىن» دېدى. ئۇ كىشى جاڭگالدىن ئوتۇن ئەكىلىپ سېتىپ تۇرمۇشى خېلى ياخشىلىنىپ قالدى. ئون بەش كۈندىن كېيىن، ئۈست-بېشىغا ياخشى كىيىنگەن ھالەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ھالىدىن سۆيۈنۈپ مۇنداق دېدى: {والذي نَفْسِي بيَدِهِ، لَأَنْ يَأْخُذَ أحَدُكُمْ حَبْلَه، فيَحْتَطِبَ علَى ظَهْرِه؛ خَيْرٌ له مِن أنْ يَأْتيَ رَجُلًا، فيَسْأَلَه، أعْطاهُ أوْ مَنَعَه.} «جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ، ئۇچىسىدا ئوتۇن توشۇغىنى؛ ئۇنىڭ سورىغىنىنى بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغان كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن كۆپ ياخشى».[6]
2_ «سەھىھەين» دە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: {مَا مِن مُسْلمٍ يغرسُ غَرْساً أو يَزْرَعُ زَرْعاً فَيَأْكُلُ مِنْهُ طَيرٌ أَو إِنْسَانٌ أَو بَهِيمَةٌ إلاَّ كَانَ لَهُ بِهِ صَدَقَة} «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان بىر دەرەخ تىكسە ياكى بىر نەرسە تېرىسا، ئۇنىڭدىن بىر قۇش يا بىر ئىنسان ياكى بىر ھايۋان يېسە، ئۇ كىشىگە ئۇنى سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ.»[7]بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ھەدىسلەر ئىشلەشنىڭ قىممىتىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئىشلىگەن كىشى خارلىققا قالمايدۇ؛ ئىشلىگەن كىشى باشقىلارغا مۇھتاج بولمايدۇ؛ ئىشلىگەن كىشى جەمئىيەتتە ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىك بولۇپ، ئەتىۋارلىنىدۇ.
3_ رېتسېپ ھەقنى تەۋسىيە قىلىشىش ﴿وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ﴾«ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقانلار»:
ھەق - ئىسلام ۋە ئۇنىڭدىكى قۇرئان-ھەدىستىن ئېلىنغان ھەقىقەتلەردۇر. بۇ ھەقىقەتلەرنىبىلگەنلەر بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتىش، ئېزىپ كەتكەنلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىش، غەپلەتتە قالغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇنتۇپ قالغاننى ئەسلىتىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرى ئۈستىدىكىۋەزىپىسىدۇر. شۇنداق قىلغاندا، ھەممە بىردەك تىنچ-ئامان، بەخت-سائادەتلىك بولغىلى بولىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ، كۈچلىنىدۇ. بۇ ئۈممەتنىڭ ياخشىلىقى مانا مۇشۇنىڭدا. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئىككى نەرسىگە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ:
1_ ئۆگىنىش، ئوقۇش، بىلىشكە تەرغىب قىلىش: ھەقنى تەۋسىيەقىلىش ئۈچۈن ھەقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئالدىنقى شەرت. چۈنكى بىلمىگەن نەرسىنى تەۋسىيە قىلغىلى بولمايدۇ. بىلىش ئۈچۈن ئوقۇش، ئۆگىنىش لازىم. شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: {طَلَبُ العِلْمِ فَرِيضَةٌ على كُلِّ مسلم}«ئىلىم ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» دېگەن. [8]يەنى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ئەر-ئايال، ياش-قېرى بارلىق مۇسۇلمانلار ئىلىم ئۆگىنىشكە تىرىشىشى، ھەر كۈنى بىر سۆز بولسىمۇ ئۆگىنىشى زۆرۈر. كۈنىمىزدە ئۆز تىلىمىزدا يېزىلغان كىتابلار، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ دەرسلىرى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھېچكىمنىڭ بىلمەسلىككە ئۆزرىسى يوق.
2_ جەمئىيەتتە ھەرقانداق كىشى مەرتىۋىسى ۋە ئىلمىي سەۋىيەسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەۋسىيەگە، نەسىھەتكە، ئاگاھلاندۇرۇشقا، ئەسلىتىشكە مۇھتاج. شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەڭ ئاز ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان پىئىل ئىشلىتىپ «تەۋاسەۋ (تەۋسىيە قىلىشقان، يەنى بىر-بىرىگە تەۋسىيە قىلغان)» دېدى. بۇنىڭدىن ئالىم-ئۆلىمالارمۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ ھېچكىم مۇستەسنا ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن سالىھ كىشىلەرنىڭ،ئۆلىمالارنىڭ سۆھبەتلىرىگە ۋە ئىلىم سورۇنلىرىغا قېتىلىش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئېگە. بۇنداق سورۇنلاردا كىشى بىلمىگەننى بىلىدۇ، ئۇنتۇغاننى ئەسلەيدۇ، ياخشى ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلىۋېلىشىغا تۈرتكۈ بولىدۇ.
4_ رېتسېپ سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشىش﴿وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ﴾«سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقانلار»:
بۇ ھايات مۇساپىسىدە ئىنسان ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا، كېلىشمەسلىكلەرگە، مەغلۇبىيەتلەرگە، ماددىي ۋە مەنىۋى چۈشكۈنلۈكلەرگە، بالا-مۇسىبەتلەرگە ۋە باشقا ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا كىشى چىداملىق بولۇپ يولىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن سەۋر قىلىشقا، سەۋرنى تەۋسىيە قىلىدىغان سەمىمىي دوستقا مۇھتاج.ئۇنىڭدىن باشقا دىن دۈشمەنلىرى، ئىمپېرىئالىست كۈچلەر مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ، يۇرتلىرىنى مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇناپىقلارنى قوللىنىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىشىقا ئۇرۇنىدۇ. ئىچىدىكىساتقىن - مۇناپىقلارغا ۋە سىرتتىكى دۈشمەنلەرگە قارشى تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتەننىقوغداش ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ ۋەزىپىسى. بۇ ۋەزىپىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنداپ، ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن سۇباتلىق ۋە چىدامچانلىقبىلەن ئىش قىلىش لازىم. ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىش يولىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش، باشقا كېلىدىغان بالا-مۇسىبەت ۋە دەرت-ئەلەملەرگە سەۋر قىلىپ، بوشاشماستىن ئىشلەش، چىداملىق بولۇش، بەل قويۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن بىر-بىرىگە سەۋر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز، ئۆزى يالغۇز سەۋر قىلىپ كېتەلمەيدۇ، قېرىنداشلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە موھتاج. بىر-بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىش – ئاغزاكى سەۋر قىلىڭ دەپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، تەۋرەنمەسلىككە، توختاپ قالماسلىققا، ۋاز كەچمەسلىككە ۋەدە قىلىشىش، قولىدىن كېلىشىچە بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇش، ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش، بىرلىكتە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇغدۇرۇش، بېشىغا مۇسىبەت كەلگەن قېرىندىشىنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقتۇر.
بۇ مۇبارەك سۈرە بىزگە بۇ پايانسىز دۇنيا ھاياتىدا بىزگە بېرىلگەن ئۆمرىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلىپ، ۋاقتىمىزدىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە پايدىلىنىشقا، ياراتقۇچىمىز ۋە مېھرىبان ئىگىمىز بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، رەسۇلۇللاھ كۆرسەتكەن يولدىن مېڭىپ،ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشقا، بۇ يولدا بىر-بىرىمىزنىڭ قولىدىن تۇتۇپ، بىلگەنلەر بىلمىگەنلەرگە يول باشلاپ، بىر-بىرىمىزگە ھەقنى ۋەسەۋرنى تەۋسىيە قىلىپ يولىمىزدا مۇستەھكەم تۇرۇشقا، دىنىمىزغا قارشى چىققان، مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلغان ئىچكى ۋە سىرتقى دۈشمەنلەرگە قارشى بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا،سۇباتلىق ۋە چىداملىق بولۇشقاچاقىرىدۇ. شۇنداق قىلساق، بۇ دۇنيادا ئەزىزۋەكۈچلۈك بولىمىز، ئۈستۈنلۈك بىزنىڭ بولىدۇ، ھەممە يەردە گېپىمىز ئۆتىدۇ، ھېچكىم بىزنى بوزەك قىلالمايدۇ، بىزگە زۇلۇم قىلىپ خورلىيالمايدۇ، بىزنى ئېزەلمەيدۇ. ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىمىز، مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەت ۋە نازۇ-نېمەت يۇرتى بولغان جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىمىز.
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: تاھىرجان ئابباس
باشقا خىزمەتلەر