ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، قاتارغا قوشۇش، بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىزدۇر

ھۆرمەتلىك ئەللامە دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب

(19/1/1432هـ 25/12/2010م)

ئىمام ئاللاھ تالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئەۋلادلار جىگەر پارىلەردۇر، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، قاتارغا قوشۇش، دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش، بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىزدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئەۋلادلىرىڭلارغا ئەھمىيەت بېرىڭلار، ئۇلارغا ياخشى تەربىيە قىلىڭلار! بالىلارنى قورقۇتۇپ، قوپاللىق قىلىش ئارقىلىق خاتا تەربىيە قىلماڭلار! باشقىلارنىڭ قوپاللىقى ۋە قورقۇتىشىغا ئۇچرىغان بالىلار، شەخسىيىتى ئاجىز، روھى چۈشكۈن چوڭ بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق بالىلاردا جۈرئەت، شىجائەت ۋە ھەققانىيەتچىلىكتەك خىسلەتلەر ئاز تېپىلىدۇ. ئائىلىلىرىمىزدە ئاق قەغەزدەك پاك، مەسۈم ئۆسمۈرلەر باركى، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق، ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈش بىزنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. كىچىك بالىلار دىللارنىڭ راھىتى ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى. بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، قاتارغا قوشقاندا ھازىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى پارلاق ئۇپۇققا يەتكۈزگەن بولىمىز. كىچىك بالىلارنىڭ بوۋاقلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى بىر باغدىن ئىبارەت بولۇپ، چوڭلارنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى يۇيۇپ تاشلايدىغان گۈل-چىچەكتۇر.

ھاياتنىڭ باشلىنىشىدىكى گۈزەللىك بوۋاقلارنىڭ، تەمتۈم مېڭىشلىرى بولۇپ، بوۋاقلار چوڭلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتىدۇ. بوۋاقلار ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتتۇر. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بوۋاقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھوقۇقلىرىنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلىش ۋە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر. بوۋاقلارنىڭ روھىي ۋە ماددىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا ئىسلام دىنى قايسى ئۇسۇلدا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرىتنى (تەرجىمىھالىنى) ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىۋالالايمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بوۋاقلارنى كۈلدۈرۈشكە ۋە ئۇلار بىلەن ئوينىشىشقا تىرىشاتتى، ئۆسمۈرلەر بىلەن چاقچاقلىشاتتى، يېتىملەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىناتتى، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىپ بېشىنى سىيلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇنداق كەلگەن:

 «جەننەتتە يېتىمنى كېپىللىكىگە ئالغان كىشى بىلەن مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئورۇندا تۇرىمىز، دەپ ئىككى بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن ئىدى».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا كىچىك بالىلارنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسا، نامازنى تىزلا ئاخىرلاشتۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بوۋاقلارنى ئانىسىدىن ئايرىۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان، ھەتتاكى ھايۋانلارنىمۇ بالىلىرىدىن ئايرىۋەتمەسلىككە چاقىرغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يەنە پەرىز نامازلاردىمۇ نەۋرىلىرى ھەسەن ۋە ھۈسەينلەر ئۆزىنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋالسا، ئۇلارنى كۆتۈرگەن پېتى نامازنى داۋام قىلاتتى. ئەسلىدە ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە كىچىك بالىلارغا مېھرىبانلىق قىلىش ۋە بوۋاقلارنى ئەركىلىتىش بولغان ئىكەن، بۇنى ئىنسانلارغا ئەسلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، بىراق بۇ مەسىلە مۇھىم مەسىلە بولغاچقا ئەسلىتىشكە ۋە داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇشقا توغرا كەلدى.

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە خاتا ئادەتلەرگە ۋە گۇناھ-مەسىيەتلەرگە كۆندۈرمەسلىك كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز جىگەر پارىلىرى بىلەن كارى بولماي، داۋاملىق سىرتنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ياكى بالىلارنى ئۆيدىكى خىزمەتچى ئاياللارغا تاشلاپ قويۇپ ھېچ ئىشىدىن خەۋەر ئالماي ئۆتۈشى، بوۋاقلاردا ۋە ئۆسمۈرلەردە ئاتا-ئانىغا بولغان مېھرى-مۇھەببەتنى سوۋۇتۇپ قويغاندىن تاشقىرى، غەيرى نورمال ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. بالىلار ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلمەي چوڭ بولغاندا ئازغۇن يوللارنى تاللايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

بەزى ئائىلىلەردە غەيرى نورمال ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، جىگەر پارىلىرىمىزنىڭ ھوقۇقلىرى ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا جىسمانى زەربە بېرىپ، ئۇرۇپ تىللاپ، قىيىن قىستاققا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مەسۈم، غۇبارسىز قەلبىنى داغلايدۇ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئازابلايدۇ. روھىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىغان ئاتا-ئانىلار، تۇرمۇشنىڭ بېسىمدا كەيپىياتى بۇزۇلغان ھالدا ئۆيگە كىرىدۇ- يۇ، ئاچچىقىنى سەبى بالىلىرىدىن ئېلىپ، ئۆيگە كىرە-كىرمەيلا بالىلارغا ۋارقىراپ-جارقىراپ، بەزىدە قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ-سوقىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنداق جاھالەت ۋە مەدەنىيەتسىزلىك، ئىنسانغا كەلگۈسىدە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىتىدۇ، ئائىلە بېسىمىغا ئۇچرىغان بالىلاردا يولدىن چىقىپ كېتىش، ئېزىپ كېتىش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئۆگىنىپ قېلىش ۋە جېدەل-ماجىراغا ئامراقلىقتەك سەلبىي ئامىللار كۆرىلىدۇ، نەتىجىدە ئاتا-ئانىسىغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدۇ.

بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆيدىكى خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلماستىن، قوپال تېگىدۇ، ئارام ئېلىشقا پۇرسەت بەرمەي ئىشقا سالىدۇ، خىزمەتچىلەر خوجايىندىن ئالالمىغان ئىنتىقامىنى خوجايىننىڭ بالىلىرىدىن ئالىدۇ. گەرچە بۇنداق ئەھۋال ئاز بىر قىسىم كىشىلەردە تېپىلسىمۇ، مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغان، ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە قىدەل-ماجراغا يول قويمايدۇ، ئاجراشمايدۇ. چۈنكى، بىر ئۆيدە ياشىمىغان ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرى ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلمەي قالىدۇ.

بالىلارغا ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى كىچىك ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ ئەزىيىتىگە ئۇچرىغان بالا، ئازار بەرگۈچىنىڭ قىلمىشىنى قەتئىي ئۇنۇتمايدۇ.

 ئۆسمۈرلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن قۇرۇلغان مەركەزلەرمۇ ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق، چۈنكى ئۇلار تۈگىمەس-پۈتمەس ساۋاپ ۋە سەدىقە جارىيىگە ئېرىشىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزگە ياخشى، سالىھ پەرزەنت ئاتا قىلسۇن، پەرزەنتلىرىمىزنى ئىسلام ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق، ئىقتىدارلىق پەرزەنتلەردىن قىلسۇن، ئامىن!.

 تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

باشقا خىزمەتلەر