ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھلارنىڭ شەرئىي ۋە تەقدىرىي جازالىرى

گۇناھلارنىڭ شەرئىي ۋە تەقدىرىي جازالىرى

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

 گۇناھلارنىڭ جازاسى شەرئىي جازالار ۋە تەقدىرىي جازالار دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ناۋادا شەرئىي جازالار ئىجرا قىلىنسا، تەقدىرىي جازالاردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ ياكى تەقدىرىي جازالار يەڭگىللىتىلىدۇ. ناۋادا بىر بەندە شەرئىي جازا ياكى تەقدىرىي جازانىڭ بىرى بىلەنلا پاكلىنالمىغۇدەك ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويمىسا، ئاللاھ ئۇنى ھەرگىزمۇ تەڭلا ئىككى جازا بىلەن جازالىمايدۇ. ناۋادا شەرئىي جازالار ئىجرا قىلىنمىسا، گۇناھكار تەقدىرنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. تەقدىرنىڭ جازاسى بەزىدە شەرئىي جازادىن ئېغىر ياكى يېنىك بولىدۇ. لېكىن شەرئىي جازالار گۇناھكارغا خاس بېرىلگىنى بىلەن، تەقدىرىي جازالار گۇناھكار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارچە ئادەملەرگە ئومۇمىيۈزلۈك ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا شەرئىي جازانى پەقەت گۇناھنى بىۋاستە قىلغان ياكى شۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئادەمگىلا ئىجرا قىلىدۇ. ئەمما تەقدىرىي جازالار گۇناھكار شەخس ۋە ئەتراپتىكى كوللكتېپقا ئورتاق بولىدۇ. ناۋادا گۇناھ-مەئسىيەتلەر خۇپيانە ئېلىپ بېرىلسا، ئۇنىڭ جازاسى گۇناھكارغىلا بولىدۇ. ئەمما گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئومۇملىشىپ، سەھنىلەشسە، بازارلاشسا، ئۇنىڭ جازاسىنى گۇناھكارلار ۋە باشقا ئادەملەرمۇ ئورتاق تارتىدۇ. كوللېكتىپ بىر خاتالىقنى كۆرۈپ، ئۇنى تۈزىتىشكە كۈچ چىقارمىسا ۋە ئۇنى ئېنكار قىلمىسا ئاللاھ ھەممەيلەننى جازالايدۇ.

بىز يۇقىرىقى مەزمۇنلاردا ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن شەرئىي جازالارنىڭ شۇ جىنايەت كەلتۈرگەن ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئىستەكنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا قارىتا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈق. ئاللاھ تائالا گۇناھلارغا ئۆلتۈرۈش، كېسىش ۋە قامچىلاشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل جازانى يولغا قويدى. كاپىرلىق ۋە ئۇنىڭغا يىقىن كېلىدىغان بەچچىۋازلىق، زىناخورلۇق قاتارلىق ئېغىر جىنايەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. چۈنكى بۇ گۇناھلار دىننى، نەسەبنى ۋە ئىنساننىڭ نەسلىنى بۇزىدۇ.

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: «مەن قاتىللىقتىن قالسا زىنادىنمۇ ئېغىر جىنايەت بارلىقىنى بىلمەيمەن». ئۇ بۇ سۆزىگە مۇنۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ: «ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قايسى گۇناھ ئەڭ ئېغىر، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سېنى ياراتقان ئاللاھقا بىر تەڭتۈشنى شېرىك قىلىۋېلىشىڭ ئەڭ ئېغىر گۇناھ، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟-دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭدىن قالسا «ئۆزۈڭ بىلەن بىللە تاماق يېيىشتىن قورقۇپ بالاڭنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭ» دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭدىن قالسا قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ» دەپ جاۋاب بەردى.»[1] ئاللاھ تائالا بۇ ھەدىسنى تەستىق قىلىپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: «ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ. زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار)نى قىلىدىكەن، جازاغا ئۇچرايدۇ.»[2]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەزكۇر ھەدىسە سورىغۇچىنىڭ سوئالىغا ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن ھەر قايسى گۇناھلارنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى سۆزلەپ بەردى. سورىغۇچى «قايسى گۇناھ ئەڭ ئېغىر» دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى تىلغا ئالغان ھەر گۇناھنىڭ ئەڭ ئېغىر تۈرىنى بايان قىلىپ بەردى.

دېمەك، شېرىك تۈرلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىرى -ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلىش.

قاتىللىق جىنايىتىنىڭ ئەڭ ئېغىرى -ئۆز پەرزەنتىنى ئۆزى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىشتىن قورقۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش.[3]

زىنا تۈرلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىرى -قوشنىسنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىش. چۈنكى بۇنىڭدا زىنا قىلىش ۋە قوشنىدارلىق ھەققىنى دەپسەندە قىلىشتىن ئىبارەت قاتمۇ-قات جىنايەت شەكىللىنىدۇ.

ئېرى بار ئايال بىلەن زىنا قىلىش ئېرى يوق ئايال بىلەن زىنا قىلغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى ئېرى بار ئايال بىلەن زىنا قىلغاندا ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنىدۇ، ئائىلە بۇزۇلىدۇ. ئۇ زىناخوردىن بالا تۆرىلىپ قالسا ئۇ ھېلىقى ئايالنىڭ ئۆز ئېرىگە نىسبەت بېرىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن سەلبىي تەرەپلىرى بار. شۇڭلاشقا ئېرى بار ئايال بىلەن زىنا قىلىش ئېرى يوق ئايال بىلەن زىنا قىلغاندىن ئېغىر گۇناھ ۋە جىنايەت بولىدۇ.

ئېرى بار بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىش ئېرى يوق يۈز ئايال بىلەن زىنا قىلغاندىن ئېغىرراق جىنايەتتۇر. ناۋادا ئايالنىڭ ئېرى زىناخورنىڭ قوشنىسى بولسا، زىنانىڭ گۇناھىغا قوشنىغا ئازار يەتكۈزگەننىڭ جىنايىتى قوشۇلۇپ تېخىمۇ ھەسسىلىنىدۇ. بۇ قوشنىغا ئىنتايىن ئېغىز ئازار يەتكۈزۈشتۇر. بۇ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قوشنىسى ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىدىن خاتىرجەم بولالمايدىغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ.»[4] قوشنىغا ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىنمۇ ئارتۇق زىيانكەشلىك قىلىش بولامدۇ؟!

ناۋادا زىناخور ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ياكى يىقىنلىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، بۇنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر. چۈنكى، بۇ سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشكە سەۋەب بولىدۇ. ناۋادا زىناخور قوشنىسى ناماز، ئىلىم ئۆگىنىش ياكى جىھاد قاتارلىق ئىتائەت يوللىرىغا كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، بۇنىڭ گۇناھى ۋە جىنايىتى تېخىمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. ھەتتاكى ئاللاھ يولىدا جىھادقا كەتكەن كىشىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان ئادەم قىيامەت كۈنى تۇرغۇزۇپ قويۇلىدۇ ۋە ھېلىقى مۇجاھىدقا «سەن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن خالىغانچە ئېلىۋال» دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭچە بۇ مۇجاھىد قانداق قىلار؟» يەنى بۇ مۇجاھىد ئاللاھ ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ئېلىۋېلىشقا بۇيرۇغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ياخشىلىقلىرىنى قالدۇرۇپ قويارمۇ؟ بۇ كۈندە ھەممە ئادەم بىر تال بولسىمۇ ياخشىلىققا شۇنچە ئېھتىياجلىق تۇرسا؟! دادا بالىغا، بالا دادىغا، دوست-دوستقا يۈز خاتىرە قىلمايدىغان تۇرسا؟! ناۋادا زىناخور ئۆزىگە تۇققان كېلىدىغان ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولسا، بۇنىڭ زىناخورلۇق گۇناھىغا سىلە-رەھىمنى ئۈزۈش جىنايىتى قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.

زىناخور بۇرۇن توي قىلغان بولسا، بۇنىڭ گۇناھى توي قىلمىغان زىناخورنىڭ گۇناھىدىن ئېغىر بولىدۇ. ناۋادا زىناخور قېرى بولسا، بۇنىڭ جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. قېرى پاھىشىۋاز قىيامەت كۈنى ئاللاھ بىلەن سۆزلىشەلمەيدىغان، پاكلىمايدىغان، دەرتلىك ئازابقا مۇبتىلا بولىدىغان ئۈچ ئادەمنىڭ بىرىدۇر.

ناۋادا زىنانى ھۆرمەتلىك ئايلاردا، ھۆرمەتلىك جايلاردا ياكى نامازنىڭ ۋاقتى، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت قاتارلىق ھۆرمەتلىك ۋاقىتلاردا قىلىنغان بولسا، بۇنىڭ جازاسى ھەسسىلىنىپ كېتىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ جازاسى مانا مۇشۇنداق قاتارغا ئېلىنىدۇ ۋە قاتلاممۇ-قاتلام ھەسسلىنىپ كېتىدۇ. (ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن)

ئوغرى ئېقتىسادقا بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقى ئۈچۈن قولى كېسىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشنى يولغا قويدى. چۈنكى، ئۇ باشقىلارنىڭ ماللىرىنى مەخپىي ئېلىۋالىدۇ. يوچۇق، تۆشۈكلەردىن مارىلايدۇ ۋە تامدىن ئارتىلىپ ياكى شورىلاردىن ئوغرى مۈشۈكلەردەك ئۆي ئىگىلىرىگە بىلىندۈرمەي ئۆيگە ئوغرىلىققا كىرىدۇ. ئۇنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنى ئۆلتۈرۈش دەرىجىسىگە توشمايدۇ. قامچىلاش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئوغرىلىقنىڭ ۋاستىسى بولغان قولىنى كېسىش ناھايىتى ياخشى چارە. ھاراق ئىچىشتەك ئەقىلگە زىيان سالىدىغان گۇناھلارغا ۋە بۆھتان چاپلاشتەك باشقىلارنىڭ ئىززىتىگە چىقىلىدىغان گۇناھلارغا قامچىلاش جازاسى بېرىلىدۇ.

گويا كاپارەتلەر قۇل ئازات قىلىش (بۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكى)، باشقىلارغا تائام بېرىش ۋە روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولغاندەك، ئاللاھنىڭ شەرئىي جازالىرىمۇ ئۆلتۈرۈش، كېسىش، قامچىلاشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

 

گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ تۈرلىرى:

ئاللاھ تائالا گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە ئايرىدى:

  1. جىسمانىي جازا ئىجرا قىلىنىدىغان گۇناھلار. بۇ گۇناھلاردا كاپارەت تۆلىتىلمەستىن جىنايەتچىنىڭ ئۆزى جىسمانىي جازاغا تارتىلىدۇ.
  2. جىسمانىي جازا ئىجرا قىلىنمايدىغان گۇناھلار. بۇ گۇناھلاردا كاپارەت تۆلەش ئارقىلىق گۇناھىنى يۇيىدۇ، جىسمانىي جازاغا تارتىلمايدۇ. مەسىلەن: رامىزاندا روزىدار ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، ئىھراملىق ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، زىھار قىلىش، سەۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەسەمنى بۇزۇش قاتارلىقلار.
  3. جىسمانىي جازا ئىجرا قىلىنمايدىغان ۋە كاپارەت تۆلىتىلمەيدىغان گۇناھلار.

بۇ خىل گۇناھلار ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

(1)  ئىنسان تەبىئىتى يىرگىنىدىغان گۇناھلارنى قىلىپ قويۇش. مەسىلەن: گەندە يېيىش، سۈيدۈك ئىچىش، قان ئېچىش قاتارلىقلار.

(2)    جىنايەت تۈرىگە تەۋە بولىدىغان، ئەمما جازاغا توشمايدىغان گۇناھلار. مەسىلەن: يات ئاياللارغا قاراش، سۆيۈۋېلىش، تۇتۇش، پاراڭلىشىش ۋە جىسمانىي جازاغا توشمايدىغان ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىقلار.

 

ئۈچ تۈرلۈك جىنايەتكە قارىتا ئىقتىسادىي جازا ئىجرا قىلىنىدۇ

  1. ئەسلى رۇخسەت، ئەمما مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چەكلەنگەن ئىشلار. مەسىلەن: ئىھراملىق ھالەتتە ۋە روزىدار ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە ھەيىزدار، نىفاسدار ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار. بۇلار كاپارەت ئارقىلىق ئۆز گۇناھىنى يۇيىدۇ. ئەمما ئايالىنىڭ كەينىگە جىما قىلىش بۇ ئىشلارغا ئوخشىمايدۇ. بەزى فەقىھلەر بۇنى ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئايال بىلەن بىرگە بولغانغا ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قارىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى، ھەيزدار، نىفاسدار ئاياللارغا يىقىنچىلىق قىلىش ۋاقىتلىق ۋە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چەكلەنگەن، ئەمما ئايال كېشىنىڭ كەينىدىن جىما قىلىش ھەر قانداق ئەھۋالدا چەكلىنىدۇ. ئايال كىشنىڭ كەينىدىن جىما قىلىش بەچچىۋازلىق ۋە مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەنگە ئوخشاش جىسمانىي جازا ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
  2. ئاللاھ ئۈچۈن نەزىر ۋەدە قىلىپ ئۇنى قىلالمىغان بولسا ياكى ئاللاھقا قەسەم قىلىپ قەسىمىنى بۇزغان بولسا ياكى ئاللاھ ھارام قىلىپ، ئۇنىڭ ھالاللىقىنى كاپارەتكە قاراشلىق قىلىپ قويغان بىر ئىشلارنى قىلغان بولسا، بۇ ئىشلارغا قارىتا كاپارەت بېرىلىدۇ. بۇ قەسەمدىن چىقىش دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى فەقىھلەر ئېيتقاندەك قەسەمنى بۇزغان ئادەمنىڭ بەرگەن كاپارىتى قەسىمىدىن چىقىرالىغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن قىلىنغان قەسەمنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق گۇناھىنى يۇيالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، قەسەمنى بۇزۇش بەزىدە ۋاجىپ بولسا، بەزىدە مۇباھ بولىدۇ. جەزمەنكى كاپارەت ئاللاھقا قىلىنغان ئەھدىدىن چىقىۋېلىش ئۈچۈنلا بېرىلىدۇ.
  3. كاپارەت خاتالىقنىڭ ئورنىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. مەسىلەن: سەۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانغا ئوخشاش. بۇ يەردىكى قاتىللىق سەۋەنلىكتىن بولغاچقا، شەرئىي بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەيدۇ. باشقا جازاغا بۇيرۇلمايدۇ. ئىھراملىق ھالەتتە سەۋەنلىكتىن ئوۋ ئوۋلاپ قويغان ئادەممۇ كاپارەت بېرىدۇ.

بىرىنچى خىلدىكى كاپارەت گۇناھلارنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى كاپارەت ھالاللاش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى خىلدىكى كاپارەت ئورنىنى توشقۇزۇش ۋە تۆلەم شەكلىدە ئىجرا قىلىنىدۇ.

ھەد جازاسى (ئاللاھ ئېنىق بەلگىلىگەن جازالار ‹يەنى جىنايى جازالار›) بىلەن قامچىلاش جازاسى (مەمۇرىي جازالار) تەڭلا ئىجرا قىلىنمايدۇ.

بىر گۇناھقا ھەد جازاسى بىلەن قامچىلاش جازاسى تەڭلا ئىجرا قىلىنمايدۇ. بەلكى بىر گۇناھقا ھەد يۈرگۈزۈلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن قامچىلاش جازاسى ساقىت قىلىنىدۇ. ناۋادا قامچىلاش جازاسى ئىجرا قىلىنغان بولسا، ھەد يۈرگۈزۈلمەيدۇ. بىر گۇناھقا قارىتا ھەم كاپارەت ھەم ھەد تەڭلا ئىجرا قىلىنمايدۇ. بەلكى ھەر قانداق گۇناھقا قارىتا ھەد يۈرگۈزۈلگەن بولسا، ئۇنىڭغا كاپارەت ئىجرا قىلىنمايدۇ. كاپارەت ئىجرا قىلىنغان بولسا ھەد يۈرگۈزۈلمەيدۇ. ئىھراملىق ھالەتتە ياكى روزىدار ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋە ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش ھەد يۈرگۈزۈش (يەنى جىنايى جازا) غا توشمايدىغان گۇناھلارغا قارىتا كاپارەت جازاسى ۋە قامچىلاش جازاسى تەڭلا ئىجرا قىلىنامدۇ-يوق؟ بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بار. بەزى ئۆلىمالار «ئۇلار كاپارەتنى ئادا قىلغان تەقدرىدىمۇ، بۇ جىنايەتلىرى ئارقىلىق ئاللاھ ھارام دەپ بېكىتكەن بەلگىلىمىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا قامچىلاش جازاسىغا ئۇچرايدۇ» دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر «كاپارەتنى ئادا قىلغاندىن كېيىن قامچىلاش جازاسى بېرىلمەيدۇ. چۈنكى، كاپارەت ئۇلارنىڭ خاتالىقىنىڭ ئورنىنى توشقۇزىدۇ ۋە گۇناھىنى ئۆچۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ.

 تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[2] سۈرە فۇرقان 68-ئايەت

[3] كاپىر ھاكىمىيەتلەر يۈرگۈزۈۋاتقان «پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرى»گىمۇ چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغان ئادەملەر مۇشۇ تۈرگە تەۋە بولىدۇ

[4] مۇسلىم ۋە ھاكىم رىۋايىتى

باشقا خىزمەتلەر