ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ئىناقلىقنىڭ دۈشمىنى – سۇخەنچىلىك
سۆزلىشىشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان تىل ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى، كىشىلىك ھاياتتا ئىنسانلارغا بەخت، ئىناقلىق، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدىغان نۇرغۇن ياخشى ئەخلاقلار تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنسە، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان نۇرغۇن يامان، سەلبىي ئىللەتلەرمۇ يەنە شۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. تىل قەلبتىن ئىبارەت بىر دېڭىزنىڭ قىرغىقى بولۇپ، دېڭىزدا نېمە بولسا قىرغاققا شۇ چىقىدۇ. تىل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى، ئەخلاق – پەزىلىتىنى ۋە تەربىيىلىنىشىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان جەمئىيەت ھادىسىلىرى شۇ دەۋرنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈرپ بېرەلەيدۇ.
تىلنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى
ئىنسان قىيامەت كۈنىدە قولاق، كۆز دىل قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرى ئۈستىدە سوئال – سوراق قىلىنغىنىدەك، تىل ئۈستىدىمۇ سوئال – سوراق قىلىنىدۇ. ئۇنى قانداق سۆزلەرگە ئىشلەتتى؟ ئىنسانلارغا ۋە ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق ئېلىپ كېلىدىغان سۆزلەرنى قىلدىمۇ؟ ياكى سۇخەنچىلىكتەك ئىنسانلارغا زىيانلىق سۆزلەرنى قىلدىمۇ؟ ئۇنى كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان ياخشى يولغا ئىشلەتتىمۇ؟ ياكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئىشلەتىىمۇ؟ بۇنىڭ ئۈستىدە چوقۇم سوئال – سوراق قىلىنىدۇ. ئىنسان قىلغان سۆزىدىن تېنىۋالماسلىقى ئۈچۈن پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:« ھالبۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، سۆزلىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ». ئىنسانلار كىشىلىك مۇناسىۋەتتە بەختلىك، ئىناق، تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن ھەممە نەرسىنىڭ بىر كۈشەندىسى بولغىنىدەك، سۇخەنچىلىك بۇنداق ئارزۇلارنىڭ بىردىنبىر كۈشەندىسىدۇر.
سۇخەنچىلىكنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى
سۇخەنچىلىك __ بىراۋ ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىش ۋە مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تارقىتىش دېگەنلىكتۇر.
سۇخەنچىلىكتىن ئىبارەت بۇ رەزىل قىلىمىش سەۋەبىدىن دوستلار بىر– بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ، بىرلىك بۇزۇلىدۇ، ئىناق ئائىلىلەر پارچىلىنىدۇ، تۇغقانلار بىر – بىرىدىن يىراقلىشىدۇ، ھەتتا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىھۇدە قان تۆكۈلۈش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىدۇ. دىنىمىزدا سۇخەنچىلەر، پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلار قاتتىق سۆكۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئەسكىلىرى سۇخەنچىلەر بولۇپ، ئۇلار دوست – بۇرادەرلەرنى بىر – بىرىدىن ئايرىغۇچىلار ۋە گۇناھسىز ئادەملەرنى ئەيىبلىگۈچىلەردۇر»( )
سۇخەنچىلىكنىڭ يەنە بىر چوڭ زىيىنى شۇكى، سۇخەنچىلەر ئاخىرەتتە ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغانلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارغا دۈشمەنلىك قىلىپ تۇرۇپ قانچىلىك كۆپ ئىبادەت قىلسىمۇ، جەننەتكە كىرمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «گەپ توشۇغۇچىلار جەننەتكە كىرمەيدۇ»( ) دېگەن.
سۇخەنچىلىك بەزىدە قىلمىغان ئىشلارنىمۇ قىلدى دەپ كىشىلەرگە قارا چاپلاش ئارقىلىق تۆھمەت تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. ئەمما سۇخەنچى ھېچ ئىش قىلمىغان بولۇۋېلىپ، كىرپىكىدە تۈگۈلىۋالسىمۇ، ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئاشكارىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا رەسۋا بولىدۇ. سۇخەنچىنىڭ باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان ئېغىر – زىيان زەخمەتلىرى ھەققىدە سۆز ئاچقىنىمىزدا، سۇخەنچىلىكتىن ئىبارەت بۇ رەزىل خۇلۇق سەۋەبىدىن دوستلار بىر – بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ، ئائىلىلەر پارچىلىنىدۇ، تۇغقانلار بىر- بىرىدىن يىراقلىشىدۇ. ھەتتا سۇخەنچىلىك سەۋەبلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىھۇدە قان تۆكۈلۈش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىدۇ.
سۇخەنچىنىڭ سۆزىنى ئېنىقلىماستىن ئىشىنىپ كېتىشنىڭ خەتىرى
سۇخەنچىنىڭ گەپلىرىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش بولۇپ، بەزىدە قان تۆكۈشكە قەدەر ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ئىنسانلارغا تەلىم بېرىپ، قۇرئان كەرىمدە: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.
تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن ھەسەن بەسرى دېگەن كىشىنىڭ يېنىغا بىر ئادەم گەپ توشۇپ كېلىپ، پالانىنىڭ ئوغلى ئابدۇراھمان سىزنىڭ ھەققىڭىزدە ئۇنداق – مۇنداق سۆزلەرنى قىلدى، دەپتۇ.
قاچان شۇنداق بولدى؟
- دەپ سوراپتۇ ھەسەن بەسرى.
- بۈگۈن.
- سەن ئابدۇراھماننى قەيەردە كۆردۈڭ؟
- ئۆيىدە كۆردۈم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى ئادەم ئەجەبلىنىپ.
- سەن ئابدۇراھماننىڭ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلاتتىڭ؟
- مېھمان بولۇپ بارغانتىم.
- سەن ئۇنىڭ ئۆيىدە نېمىلەرنى يىدىڭ؟ - دەپ ئىنچىكىلەپ سورىغاندا، ھېلىقى ئادەم ئابدۇراھماننىڭ ئۆيىدە سەككىز خىل تاماق يېگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ، ئاندىن ھەسەن بەسرى:
- سېنىڭ قۇرسىقىڭغا سەككىز خىل تاماق سىغىپتۇ-يۇ، ئەجەبا بىر گەپ سىغمىدىمۇ؟ مەن ئابدۇراھماننى دۈشمەن تۇتمايمەن. چۈنكى ئەسلىدە مېنىڭ ھەققىمدە يامان گەپ قىلغان ئادەم ئابدۇراھمان ئەمەس، بەلكى سەن ئىكەنسەن، كۆزۈمدىن يوقال، ھۇ پاسىق! دەپتۇ.
باشقا خىزمەتلەر