ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئاسىيلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشىدە كۆرگەن جازالىرى

 

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

 ئاسىيلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشىدە كۆرگەن جازالىرى

سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن سىلەردىن چۈش كۆرگەنلەر بارمۇ؟ دەپ كۆپ سورايتتى. بەزىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشلىرىنى ئۆرۈيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئەتىگەندە مۇنداق دەپ بەردى: كېچىسى ئىككى پەرىشتە كېلىپ، مېنى تۇرغۇزۇپ، ماڭا: يۈر، دېدى. مەن ئۇلار بىلەن يۈردۈم. بىز يېنىچە ياتقان بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر ئادەم تاش تۇتۇپ تۇراتتى ۋە تاش بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ، كاللىسىنى يەنجىيتتى. تاش دومىلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. ئۇرغۇچى تاشنى ئېلىپ، ئۇرۇلغۇچىنىڭ كاللىسى ساقىيىپ ئەسلىگە كەلگىچە كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كاللىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىنىپ كاللىسىنى يەنجىيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: مەن پەرىشتىلەرگە (سۇبھانەللاھ) بۇ ئىككى ئادەم نېمە ئادەم؟ دېسەم، پەرىشتىلەر ماڭا: يۈر، يۈر، دېدى. بىز يۈرۈپ ئوڭدىسىغا ياتقان بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. بىر ئادەم ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇپ كانار بىلەن ئۇنىڭ جاۋغىيىدىن، بۇرنىدىن ۋە كۆزىدىن بوينىغىچە تىلاتتى. ئاندىن يۈزىنىڭ ئىككىنچى تەرىپىنىمۇ شۇنداق قىلاتتى. بۇ تەرىپىنى تىلىپ بولغۇچە ئاۋۋال تىلىنغان تەرىپى ساقىيىپ ئەسلىگە كېلەتتى. ئەسلىگە كەلگەن تەرىپىنى يەنە ئاۋۋالقىدەكلا تىلاتتى. مەن: سۇبھانەللاھ، بۇ ئىككى ئادەم نېمە ئادەملەر؟ دەپ سورىدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: يۈر، يۈر، دېدى. بىز يۈرۈپ تونۇرغا ئوخشايدىغان بىر گوداڭغا كەلدۇق. سەمۇرە ئىبنى جۇندۇبنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: گوداڭدىن قىيا-چىيا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. گوداڭغا قارىساق، قىپيالىڭاچ ئەر-ئاياللار بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاستى تەرىپىدىن ئوتنىڭ يالقۇنى كېلىپ تۇرۇپتۇ. بۇ يالقۇن ئۇلارغا كەلگەندە، ئۇلار ۋارقىرىشىپ كېتەتتى. مەن پەرىشتىلەردىن: بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: يۈر، يۈر، دېدى. بىز يۈرۈپ بىر ئۆستەڭگە يېتىپ كەلدۇق. سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب ئېيتىدۇكى، ئېسىمدە قېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆستەڭ قاندەك قىزىل ئىدى. ئۆستەڭدە بىر ئادەم ئۈزۈپ يۈرەتتى. ئۆستەڭ بويىدا بىر ئادەم يېنىغا نۇرغۇن تاش يىغىۋالغان ئىدى. ھېلىقى ئۆستەڭدە ئۈزۈۋاتقان ئادەم تاش يىغىۋالغان ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاغزىنى ئاچاتتى. ئۇ ئۇنىڭ ئاغزىغا تاش سېلىپ قوياتتى. مەن پەرىشتىلەردىن: بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىدىم. ئۇلار ماڭا: يۈر، يۈر، دېدى. بىز يۈرۈپ ناھايىتى قەبىھ سۈرەتلىك بىر ئادەمنىڭ قېشىغا كەلدۇق. ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئوت بولۇپ، ئۇ ئوتنى قوچۇيتتى ۋە ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى. پەرىشتىلەردىن: بۇ نېمە ئادەم؟ دەپ سورىدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: يۈر، يۈر، دېدى. بىز يۈرۈپ ئۆسۈملۈكلىرى ئىگىز، باھارنىڭ خىلمۇ-خىل گۈل-چېچەكلىرى بىلەن تولغان بىر باغچىغا كەلدۇق. باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بويىنىڭ ئىگىزلىكىدىن بېشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن بالىلار تۇرۇپتۇكى، بۇنداق كۆپ بالىلارنى زادى كۆرمىگەن ئىدىم. پەرىشتىلەردىن: بۇ كىم؟ ئۇلار كىملەر؟ دەپ سورىدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: يۈر، يۈر، دېدى. بىز يۈرۈپ شۇنداق چوڭ باغقا يېتىپ كەلدۈقكى، بۇنداق چوڭ ۋە چىرايلىق باغنى زادى كۆرمىگەن ئىدىم. پەرىشتىلەر مېنى: باغقا چىق، دېدى. بىز باغقا چىقىپ ئالتۇن كىسەك بىلەن كۆمۈش كىسەكتىن سېلىنغان بىر شەھەرگە يېتىپ باردۇق. شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق، بىزگە شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئېچىپ بېرىلدى. شەھەرگە كىردۇق. بۇ يەردە بىزنى بەدەنلىرىنىڭ يېرىمى ئەڭ چىرايلىق، يېرىمى ئەڭ قەبىھ بولغان كىشىلەر كۈتۈۋالدى. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: بېرىڭلار، ئاشۇ ئۆستەڭگە چۈشۈڭلار، دېدى. قارىساق توغرىسىغا ئېقىۋاتقان بىر ئۆستەڭ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ سۈيى ئاقلىقتا گويا سۈتتەك ئىدى. ئۇلار بېرىپ ئۆستەڭگە چۈشتى. ئاندىن بىزنىڭ يېنىمىزغا قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى قەبىھلىك يوقىلىپ، ئۇلار ئەڭ چىرايلىق شەكىلگە كىرگەن ئىدى. پەرىشتىلەر ماڭا: بۇ سېنىڭ مەنزىلگاھىڭ ئەدنى جەننىتى بولىدۇ، دېدى. كۆزۈمنى يۇقىرىغا تىكىپ قارىسام، ئاق بۇلۇتتەك بىر ساراي تۇرۇپتۇ. پەرىشتىلەر ماڭا: مانا بۇ سېنىڭ ئورنۇڭ، دېدى. مەن پەرىشتىلەرگە: سىلەرگە ئاللاھ بەخت ئاتا قىلسۇنكى، مېىنى قويۇۋېتىڭلار، ئۇنىڭغا كىرىمەن، دېدىم. پەرىشتىلەر: ھازىر كىرىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭغا كېلەچەكتە كىرىسەن، دېدى. مەن پەرىشتىلەرگە: كېچىدىن بۇيان ئاجايىپ ئەھۋاللارنى كۆردۈم، ئۇلارنى دەپ بەرسەڭلار، دېدىم. پەرىشتىلەر ماڭا: ئۇلاردىن سېنى خەۋەردار قىلىپ قويايلى. سەن ئالدىدا كۆرگەن، كاللىسى تاش بىلەن يەنجىلىۋاتقان ئادەم قۇرئاننى ئۆگىنىپ تاشلىۋەتكەن ۋە پەرز ناماز ۋاقتىدا ئۇخلايدىغان ئادەم. سەن كۆرگەن جاۋغاي، بۇرۇن ۋە كۆزلىرىدىن تارتىپ بوينىغىچە تىلىنىۋاتقان ئادەم ئەتىگەندە ئۆيىدىن چىقىپ، سىرتتا يالغان-ياۋىداقلارنى تارقىتىدىغان ئادەم. تونۇرغا ئوخشايدىغان گوداڭدا تۇرغان ئەر-ئاياللار بولسا، پاھىشىۋازلار. سەن كۆرگەن ئۆستەڭدە ئۈزۈۋاتقان، ئاغزىغا تاش تىقىلغان ئادەم بولسا جازانىخوردۇر. ئوتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنى قوچۇۋاتقان ۋە ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرغان ئادەم دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتە مالىكتۇر. باغدا تۇرغان ئىگىز بويلۇق ئادەم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدۇر. ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى بالىلار ئىسلام تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلغانلاردۇر، دېدى. سەمۇرە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمانلاردىن بىرى: ئى رەسۇلۇللاھ، مۇشرىكلارنىڭ بالىلىرىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرەمدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇشرىكلارنىڭ بالىلىرىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. بەدەنلىرىنىڭ يېرىمى چىرايلىق، يېرىمى قەبھ كەلگەن كىشىلەر ياخشى ئىشلارغا يامان ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغانلاردۇر، ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرسۇن، دېدى.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 

باشقا خىزمەتلەر