ھىجرىيە: | مىلادىي: 7 Aralık 2022

چىكىنىڭ
ھاياتىمىزدا ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتى

ھاياتىمىزدا ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەخلاق __ ئىنساننىڭ روھىدا يەرلىشىپ، ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن قىلىقلار بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىش – ھەرىكىتى، گەپ – سۆزى، ئىدىيەسى ، مىجەز – ئەخلاقى، مۇئامىلىسى، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۆرپ – ئادىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قېلىپقا سالىدىغان مىزان.

ئەخلاق __ كۈندىلىك تۇرمۇشتا چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، ئومۇمىيلىقى، رولى، تەسىرى ۋە تەربىيە جەھەتتىن مەنىۋى كۈچلەرنىڭ سەرخىلى ھېسابلىنىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئىككى تەرىپى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماددىي تەرىپى تەن، مەنىۋى تەرىپى روھ دەپ ئاتىلىدۇ. روھنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئىنسان روھىنىڭ تەسىرى بولغان ئەخلاقنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەخلاق ـ گۈزەل ئەخلاق ۋە ناچار ئەخلاق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

گۈزەل ئەخلاق

گۈزەل ئەخلاق __ ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن ۋە دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىشلاردۇر. بۇ ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقمۇ دېيىلىدۇ.

گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىگە كىرىدىغان ياخشى ئىشلار ۋە ئادەتلەر ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن: ھەر ئىشتا توغرا، ئادالەتلىك، راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۈ – ۋاپالىق، ئىمان ـ ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا – ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا كۆيۈمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەپلىك، جاسارەتلىك، سېخىي، مەرد، پاكىز، مەدەنىيەتلىك، كۆكسى–قارنى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلار.

ناچار ئەخلاق

ناچار ئەخلاق __ ئۆزىمىزگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە، جەمئىيىتىمىزگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ۋە دىنىمىزدا توسۇلغان قىلىقلاردۇر.

ناچار ئەخلاقلارنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن: يالغان ئېيتىش، ئالدامچىلىق قىلىش، ھارام يېيىش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، ئائىلىسىدىكىلەرنى رەنجىتىش، قوشنىلارغا ئازار بېرىش، خىزمەتداشلىرىغا چوڭچىلىق قىلىش، باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىش، تۆھمەت قىلىش، كۆرەلمەسلىك، قورقۇنچاقلىق، سۆزىدە تۇرماسلىق، ھايۋانلارنى قىيناش، ھۇرۇنلۇق، تەمەخورلۇق، پۇرسەتپەرەسلىك، پىتنىخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق ۋە باشقىلاردۇر.

ئىسلام دىنىدا ئەخلاق چۈشەنچىسى

دىنىمىزنىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىشنى ۋە ئىنسانلارنى ئەڭ ئېسىل ئەخلاقلارغا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت ۋە غايە قىلغان. ئىنسانلار دىنىمىزدا بۇيرۇلغانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىدىغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ ئېسىل ئەخلاقلارغا ئىگە بولغان بولىدۇ. چۈنكى دىنىمىزنىڭ بۇيرۇغانلىرى ۋە توسقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە، ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئەتراپىدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە، مۇھىتقا ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان بارلىق ناچار ئەخلاق ۋە يامان خۇيلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ، پايدىلىق ئىشلارغا يۈزلەندۈرىدۇ.

ئادەم ئەخلاقىي تەربىيە ئارقىلىقلا ھەقىقىي ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. ئەۋلادلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاق تەربىيەسى قەيەردە ياخشى ئېلىپ بېرىلسا، شۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىدىيەۋى ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئەخلاق ساپاسى، تەن ساپاسى ياخشى بولىدۇ. ئەخلاقىي تەربىيە ئارقىلىق ئەۋلادلارغا قانداق ئادەم بولۇش، قانداق غايە تۇرغۇزۇش، دەۋرگە ماس قەدەمدە قانداق ئىلگىرىلەش، قانداق قىممەت يارىتىش، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، نېمىنى سۆيۈش، نېمىلەردىن نەپرەتلىنىش توغرىسىدا تەلىم بېرىلىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  ۋە گۈزەل ئەخلاق

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە : «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»() دېگەن.

ئەخلاق پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىنىڭ غايىسى بولغان، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلگەن.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەقەت ئەخلاق ئۆگىتىش ئۈچۈنلا پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنمۇ؟ دەپ ھەيران بولغۇچىلارغا ئېيتىمىزكى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ﴿وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَالَمِينَ﴾ يەنى ﴿بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾ دەيدۇ.

ئۇنداقتا، رەھمەتنىڭ مەنىسى نېمە؟

رەھمەت سۆزى لۇغەتتە كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق، شەپقەت، رەھىمدىللىك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. رەھمەت سۆزىنى مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم ئابدۇلقاھىر جۇرجانىي: «باشقىلارغا ياخشىلىق يەتكۈزۈش» دەپ تەرىپلىگەن.) ئىسلاھاتچى ئالىم ئىبىن قەييىم جەۋزىي: «جاپا تارتسىمۇ، كۆڭلى خالىمىسىمۇ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەقەززا قىلىدىغان سۈپەت» دەپ تەرىپلىگەن.

ئەخلاقنىڭ بۇ ئايەت بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ... ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، خىيانەتچىلىك، بىر _ بىرىگە ئىشەنچسىزلىك، شەپقەتسىزلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر دەۋر سۈرگەن بىر جەمئىيەتتە رەھمەتنى تاپقىلى بولامدۇ؟

بىر _ بىرىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان، بىر _ بىرىگە خىيانەت قىلىدىغان، بىر _ بىرىنى ئالدايدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان بىر ئائىلىدە رەھمەتنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟

شۇڭا كەسكىن ئېيتالايمىزكى، «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دېگەن ھەدىس بىلەن ﴿بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾ دېگەن ئايەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنى روياپقا چىقىرىدىغان ھالقىلىق مۇناسىۋەتتۇر. چۈنكى ئەخلاق بولماستىن رەھمەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئۇنداقتا، ئەخلاق ئىبادەتتىن مۇھىممۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

شەكسىزكى، ئەخلاق ئىبادەتتىن مۇھىم. چۈنكى ئىبادەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشان ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە  ياشايدىغان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. ناۋادا ئىبادەت بۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا، ئۇنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىدىن پەرقى بولماي قالىدۇ.

گۈزەل ئەخلاق ئەڭ ساۋابلىق ئىبادەت قاتارىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «قىيامەت كۈنىدە مۇسۇلمان كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىن سالماقراق كېلىدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

دىنىمىزنىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى ئالدى بىلەن گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىشنى مەقسەت ۋە غايە قىلغان. شۇڭا ئىنسانلار دىنىمىزدا بۇيرۇلغانلارغا ئەمەل قىلىش، مەنئى قىلىنغانلارنى تەرك ئېتىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىدە گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. چۈنكى دىنىمىزنىڭ بۇيرۇغانلىرى ۋە توسقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە، ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئەتراپىدىكىلەرگە، جەمئىيەتكە، مۇھىتقا ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە زىيانلىق بولغان بارلىق ناچار قىلىق ۋە يامان خۇيلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ، پايدىلىق ۋە ياخشى ئىشلارغا يۈزلەندۈرىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىدۇر.

ئىبادەتلەرنىڭ ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى

دىنىمىزدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىدىكى قىڭغىرلىقلارنى تۈزىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

مەسىلەن: ئىبادەتلەرنىڭ بېشى بولغان ناماز ھەققىدە ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿إِنَّ الصَّلاَةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ﴾ يەنى «ھەقىقەتەن ناماز قەبىھ ئىشلاردىن، گۇناھلاردىن توسىدۇ»([1]) دەيدۇ.

مەلۇمكى، قەبىھ ئىشلار بىلەن گۇناھلار ناچار ئەخلاقنىڭ نەتىجىسىدۇر. تەلەپكە لايىق ھالدا، سەمىمىي نىيەت بىلەن ئادا قىلىنغان ناماز ناچار ئەخلاقلاردىن چوقۇم توسىدۇ ۋە ياخشى ئەخلاقلارغا يېتەكلەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن: «مەن نامازنى پەقەت مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان، بەندىلىرىمگە يامانلىق قىلمىغان، گۇناھ _ مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرمىغان، كۈندۈزلىرى مېنى ياد ئەتكەن، پېقىرلارغا، مۇساپىرلارغا، تۇللارغا ۋە قىيىنچىلىق تارتىپ قالغانلارغا رەھىم _ شەپقەت قىلغان كىشىدىنلا قوبۇل قىلىمەن.»([2])

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىزنىڭ نامىزىڭىز سىزنى ئىنسانلارغا نىسبەتەن رەھىم _ شەپقەتلىك قىلالمىسا، سىز ناماز ئوقۇپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلمىگەن بولىسىز.

زاكات بېرىشتىن بولغان مەقسەتمۇ گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشتۇر. چۈنكى ئۆزىنى زاكات ۋە سەدىقىلەرنى بېرىشكە ئادەتلەندۈرگەن ئادەم يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىش ۋە مېھىر _ شەپقەت قىلىشنى، شۇنداقلا سېخىيلىقنى ئۆگىنىدۇ. مەلۇمكى، «مېھىر _ شەپقەت» بىلەن «سېخىيلىق» گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

زاكاتنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە «قۇرئان كەرىم» مۇنداق دەيدۇ: ﴿خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا﴾ يەنى « سەن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى زاكات ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن ۋە بېخىللىق ئىللەتلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن».

ئايەتتىكى ﴿ياخشىلىقلىرىنى﴾ دېگەن ئىبارە، زاكاتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بارلىق ياخشىلىقلارنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. سېخىيلىق ۋە مەردلىكتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقمۇ، زاكات ئارقىلىق كۆپەيتىپ بېرىلگەن مەنىۋى ياخشىلىقلاردىن بىرىدۇر.

گۈزەل ئەخلاقتا چوقۇم ئىبادەتنىڭ ساۋابى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىراۋغا ئوچۇق چىراي ئېچىشىڭدا سەدىقىنىڭ ساۋابى بار» دېگەنلىكى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ.

روزىنىڭ بۇيرۇلىشىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە «قۇرئان كەرىم» مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾ يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى».

ئايەتتىكى ﴿گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن﴾ دېگەن ئىبارە، روزىنىڭ ئىنساننى گۇناھتىن يىراق تۇرىدىغان ۋە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان گۈزەل ئەخلاققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ھەجنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە «قۇرئان كەرىم» يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَّعْلُومَاتٌ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلاَ رَفَثَ وَلاَ فُسُوقَ وَلاَ جِدَالَ فِي الْحَجِّ وَمَا تَفْعَلُواْ مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللّهُ وَتَزَوَّدُواْ فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَى﴾ يەنى ﴿ھەج ۋاقتى مەلۇم بىر قانچە ئايدۇر. بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جېدەل-ماجىرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن) ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋادارلىقتۇر﴾ دېگەن ئايەتتىكى: ﴿گۇناھ قىلىش ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ﴾ دېگەن ئىبارە بىلەن ﴿ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر﴾ دېگەن ئىبارە ھەج ئىبادىتىنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھلاردىن، كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن يىراق بولغان تەقۋالىق دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىدىغان گۈزەل ئەخلاققا يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىسلامنىڭ مۇھىم ئەركانلىرى بولغان يۇقىرىقى ئىبادەتلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىبادەتلەر مۇسۇلمانلار يەتمەكچى بولغان مۇكەممەللىكنىڭ شوتىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئادەتلىنىشنىڭ يولىدۇر. ئورۇندىغۇچىسىغا بۇ دۇنيادا پايدىسى بولمىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا پايدا يەتكۈزەلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

تەبىئي ئەخلاق ۋە يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق

ئەخلاق تەبىئىي ئەخلاق ۋە يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:

تەبىئىي ئەخلاق __ يارىتىلىشتىن بىرى ئىنساندا بولۇپ كەلگەن تەبىئىي (تۇغما) ئەخلاق.

يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق __ يارىتىلىش تەبىئىتىدە بولمىسىمۇ، كېيىنچە ئۆگىنىپ تەربىيە يولى بىلەن يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاقتۇر.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تەبىئىي ئەخلاق بولۇپ، بۇ ئەخلاق ئۇلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىلا ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ، ئۇلار ئەخلاق قائىدىلىرىگە ئۆزلۈكىدىن تەبىئىي ھالدا رىئايە قىلىدىغان كېلىدۇ. بۇ تەبىئىي ئەخلاقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

بەزى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى تەلىم _ تەربىيەنىڭ  ياكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ، ياكى ھاياتلىقتىن ئالغان تەجرىبىلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق بولۇپ، بۇ ئۆگىنىلگەن ياكى يېتىلدۈرۈلگەن ئەخلاق دەپ ئاتىلىدۇ.

لېكىن بىراۋنىڭ ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئەخلاقنى قوبۇل قىلىدىغان تەبىئىي قابىلىيەت بولۇشى شەرتتۇر. بۇ خۇددى قانداقلا بىر ماھارەتنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇناسىپ قابىلىيەت تەلەپ قىلىنغىنىغا ئوخشاشتۇر. ئىنساندا بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن شۇ ماھارەتكە نىسبەتەن تەبىئىي قابىلىيەت بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. ئەكسىچە، ئادەمدە شۇ ماھارەتكە نىسبەتەن تەبىئىي قابىلىيەت بولمىسا، ئۇنى ئۆگىنەلمەيدۇ.

شۇنداقلا، ئىنساننىڭ ئەزالىرىمۇ شۇنداق بولۇپ، بىرەر ماھارەتنى ئۆگىنىش قابىلىيىتى بولغان ئەزا مەشىق قىلىش يولى بىلەن شۇ ماھارەتنى ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. مەسىلەن: قول خەت يېزىشنى، رەسىم سىزىشنى ۋە باشقىمۇ ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشكە نىسبەتەن تەبىئىي قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قولنى كۆندۈرۈش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق كېرەكلىك ماھارەتلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولغان بىلەن، قۇلاقتا مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئاڭلاش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش قابىلىيىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان ئادەمنىڭ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى مەشىق بىلەن ھاسىل قىلالمىغىنىغا ئوخشاش گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىدە تەبىئىي تەييارلىق ياكى قابىلىيەت بولمىغان ئادەم  ئۆگىنىش، تەلىم ئېلىش ۋە باشقا چارىلەر بىلەنمۇ ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرەلمەيدۇ.

ئىنساندىكى ئەخلاق ئۆگىنىش قابىلىيىتى

ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەبىئىي قابىلىيەت بولغان ھەر قانداق ئەقىللىك ئىنسان ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا تىرىشچانلىقلا كۆرسىتىدىكەن، ئۇ چوقۇم گۈزەل ئەخلاقلارنى ھاسىل قىلالايدۇ. مەسىلەن: تېز ئاچچىقلىنىدىغان ئادەم ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان ئېغىر  ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ، بەل باغلاپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، تەربىيە يولى بىلەن ئۇ چوقۇم ئېغىر بېسىقلىقنى ھاسىل قىلالايدۇ.

ئەڭ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ئادەممۇ ئەگەر ئۇنىڭدا سېخىيلىققا ئادەتلىنىش ئۈچۈن تەبىئىي قابىلىيەت ۋە تەبىئىي تەييارلىق بولۇپ، سېخىيلىققا ئادەتلىنىشكە چىن ئىرادە تىكلىسە، تەربىيە يولى بىلەن ئۇ چوقۇم سېخىيلىققا ئادەتلىنىدۇ ۋە سېخىيلىقتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلەيدۇ. مۇنداق بىر شەخسىيەتچى ئادەم بىردىنلا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىش دەرىجىسىگە يېتەلمىسىمۇ، ئۇ باشقىلارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق _ ھوقۇقلارنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردا سېخىيلىقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. باشقا ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىدە تەبىئىي قابىلىيەت بولۇش شەرتى بىلەن ھاسىل قىلىش يولىدا تىرىشقان ھەر قانداق ئادەم چوقۇم ئۇنى ھاسىل قىلالايدۇ.

بۇ ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تەربىيە بىلەن ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش ئىشىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىنسان قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ھاسىل قىلىش قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن جاۋابكاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان تۇرۇپ ھاسىل قىلمىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جازاغا لايىق بولۇپ قالىدۇ

ئەگەر ئىنسان ئەخلاقىدىكى قىڭغىرلىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشماستىن، ئۆزىنى ۋە ئەخلاقىنى ئۆز يولىغا قويۇۋەتسە، قىيامەت كۈنى بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

 

ئەخلاقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى _ تەربىيە

ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى ياخشىلىق تەرەپكە ئۆزگەرتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى تەلىم _ تەربىيە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى تەربىيە بىلەن مەشىق ئادەملەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ۋەھشىي، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىمۇ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئوخشاش كۆندۈرۈش كۈچىگە ئىگە . مەسىلەن: سېرك ئويۇنى كۆرسىتىدىغانلار تەبىئىتى ۋەھشىيلىك بىلەن تولغان شىرنى كۆندۈرۈلگەن ھايۋانغا ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە ئىنسانلارغا چېقىلمايدىغان ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئىنسانلار دېلفىن (يۇنۇس بېلىقى)نى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىچىك بالىلارمۇ ئۇنىڭدىن قورقماستىن بىرگە تاماشا قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىكى مۇستەھكەم ئەخلاق ئۆزگەرمەيدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئەتنى چۈشۈرگەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى، ۋەز _ نەسىھەت قىلغاننىڭ پايدىسىمۇ  بولمىغان بولاتتى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَذَكِّرْ فَإِنَّ الذِّكْرَى تَنفَعُ الْمُؤْمِنِينَ﴾ يەنى ﴿ۋەز _ نەسىھەت قىلغىن. چۈنكى ۋەز _ نەسىھەت مۇئمىنلەرگە پايدىلىقتۇر﴾([3])  دېگەن ئايىتىنىڭ مەنىسىمۇ بولمىغان بولاتتى.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە ئادالىتى سەۋەبىدىن ئىنساننى پەقەت ئۇ ئىنسان ئۆزى قىلغان ئىشلار ئۈچۈنلا جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلاردىن ئىنساننى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا پاكار ئادەمنى ئۇنىڭ پاكارلىقى، ئېگىز بويلۇق ئادەمنى ئۇنىڭ ئېگىز بويلۇقى سەۋەبلىك جاۋابكارلىققا تارتمىغىنىغا ئوخشاش. شۇڭا ئىنساننىڭ جاۋابكارلىقى ئۆزىنى ۋە ئەخلاقىنى ياخشىلىق ياكى يامانلىق تەرەپكە ئۆزگەرتىش قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار دائىرىسىدىلا بولىدۇ.

ئەھۋال مۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە ئەخلاقىنى ياخشىلىق تەرەپكە ئۆزگەرتىش يولىدا تارتقان مۇشەققەتلىرىگە ساۋاب بەرگەندەك، ئۆزىنى ۋە ئەخلاقىنى يامانلىق پاتقاقلىرىغا ئىتتەرگەن كىشىنى جازالايدۇ.

بۇ ھەقتىكى ئىسلام پىرىنسىپى مۇنداق: ﴿قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا﴾ يەنى ﴿نەپسىنى پاكلىغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ، ئۇنى گۇناھقا كۆمگەن ئادەم زىيان تارتىدۇ﴾

﴿إِنَّ اللّهَ لاَ يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنْفُسِهِمْ﴾ يەنى ﴿ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.[4]

 



([1]) 29-
سۈرە ئەنكەبۇت 45- ئايەت
([2])
زۇبەيدى رىۋايىتى
([3]) 51-
سۈرە زارىيات 55- ئايەت
[4] 
مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.

باشقا خىزمەتلەر