ھىجرىيە: | مىلادىي: 24 Temmuz 2021

چىكىنىڭ
ياخشىلارنىڭ ھوزۇر-ھالاۋەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە يامانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا بولۇشى

ياخشىلارنىڭ ھوزۇر-ھالاۋەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە يامانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا بولۇشى

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

ئاللاھ تائالانىڭ «مۇئمىنلار شەك-شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ.  كاپىرلار شەك-شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ.»[1] دېگەن ئايىتىدىكى ياخشىلارنىڭ ھوزۇر-ھالاۋەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە يامانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە مۇپتىلا بولۇشى قىيامەت كۈنىگىلا خاس دەپ ئويلاپ قېلىشقا بولمايدۇ. بەلكى ئۈچ مەنزىلنىڭ ھەممىدىكى ھوزۇر-ھالاۋەت ياكى ئازاب ئوقۇبەتتۇر. دۇنيادا قەلبنىڭ پاكلىقى، قەلبنىڭ ساغلاملىقى، پەرۋەردىگارنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلاشتىنمۇ ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەل قىلىپ ياشىغاندىنمۇ ياخشىراق، ھالاۋەتلىكراق لەززەت بارمۇ!

ھاياتتا ساغلام قەلب بىلەن ياشىغان تۇرمۇشتىن ھوزۇرلۇق تۇرمۇش بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىنىڭ ساغلاملىقىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىبراھىم ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى.»[2]

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ».[3]

بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «پاك قەلب» شېرىكتىن، خىيانەتتىن، ئۆچمەنلىكتىن، ھەسەتخورلۇقتىن، بېخىللىقتىن، تەكەببۇرلۇقتىن، دۇنياپەرەسلىكتىن، مەنسەپپەرەسلىكتىن ساغلام قەلبتۇر. ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ئاپەتلەردىن خالىي بولغان قەلبتۇر. ئاللاھ بەرگەن خەۋەرلەرگە زىت شۈبھىلەردىن خالىي قەلبتۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ شەھۋەتلەردىن خالىي قەلبتۇر. ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە ئۆكتە قوپىدىغان بويۇنتاۋلىقلاردىن خالىي قەلبتۇر. ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئىشلاردىن يىراق قەلبتۇر. مانا بۇنداق ساغلام قەلب دۇنيادا نەخ جەننەتتە، قەبرىدىمۇ ھوزۇر ھالاۋەتتە، ئاخىرەتتىمۇ جەننەتتە بولىدۇ.

 

قەلبنىڭ ساغلاملىقى

قەلب تۆۋەندىكى بەش نەرسىدىن خالىي بولمىغىچە، ئۇنىڭ ھەقىقى ساغلاملىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ:

  1. تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىت شېرىكلەر.
  2. سۈننەتكە خىلاپ بىدئەتلەر.
  3. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپ شەھۋەتلەر.
  4. ئاللاھنى ئەسلەشتىن مەھرۇم قىلىدىغان غاپىللىقلار.
  5. ئىخلاس ۋە ساداقەتكە زىت خاھىشلار.

مانا بۇ بەش نەرسە ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەھتىگە تۈرلۈك-تۈرلۈك ساناقسىز خاتالىقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

 

توغرا يول

ساغلام قەلبكە ئىرىشىش ناھايىتى مۈشكۈل ۋە شەرەپلىك بىر جەريان بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر ئادەم ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنى توغرا يولغا يېتەكلەشنى سورىشى ئىنتايىن زۆرۈر. ئىنسانغا توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنىشتىنمۇ زور ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەتلىك بىر نېئمەت يوق.

شۈبھىسىزكى، توغرا يول دېگىنىمىز ئىلىم، ئىرادە، پائالىيەت ۋە ھەر ۋاقىت ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا نەپسى-خاھىشلىرىغا چەك قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

توغرا يولنىڭ تەپسىلاتىنى بەزى ئادەملەر بىلەلەيدۇ، بەزىلىرى بىلەلمەيدۇ. بەزىدە بىلمىگەنلىرى بىلگەنلىرىدىن كۆپ بولىدۇ. بەزىدە بىلگەن نەرسىلەر نېسىپ بولىدۇ، بەزىدە نېسىپ بولمايدۇ. ئىنسان توغرا يولدا مېڭىشقا قادىر بولالمىغان تەقدىردىمۇ، توغرا يول ئۆزىنىڭ توغرا يوللۇق ماھىيىتىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. بەندە توغرا يولدىن ئۆزىگە تەقدىر قىلىنغانلىرىنى بەزىدە خالايدۇ، بەزىدە خالىمايدۇ. بەندىنىڭ توغرا يولنى خالىماسلىقى ھورۇنلۇق، سۇسلۇق ياكى باشقا توسالغۇلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ. بەندە ئۆزى خالىغانلىرىنىمۇ بەزىدە قىلالايدۇ، بەزىدە قىلالمايدۇ. قىلالىغان ئىشلىرىنى بەزىدە ئىخلاس شەرتىگە ئۇيغۇن ھالدا قىلالايدۇ، بەزىدە قىلالمايدۇ. ئىخلاس بىلەن قىلالىغان تەقدىردىمۇ بەزىدە ئىزچىللاشتۇرالايدۇ، بەزىدە ئىزچىللاشتۇرالمايدۇ. ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىغان ئىشلاردا بەزىدە مۇستەھكەم تۇرالايدۇ، بەزىدە قەلبى ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. مانا بۇ ئىشلار مەخلۇقاتلار ئىچىدە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن يۈز بېرىپ قالىدۇ.

ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە توغرا يولنى تېپىۋېلىش ئېقتىدارى بولمايدۇ. بەلكى ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىتى بويىچە تاشلاپ قويۇلسا، توغرا يولنى تاپالمايدۇ. ئىنساننىڭ ئۆز تەبىئىتى بويىچە تاشلاپ قويۇلۇشى بىر ھالاكەتتۇركى، ئاللاھ مۇناپىقلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئەنە شۇنداق ھالاك قىلغان. دېمەك، ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنى ئۆزىگە تاشلاپ قويدى-دە، ئۇلارنى ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىكى جاھىللىق ۋە زالىملىق ھالىتىگە قايتۇرۇۋەتتى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھۆكۈم ۋە تەقدىرلىرىدە، چەكلىمە ۋە بۇيرۇقلىرىدا توغرا يول ئۈستىگىدۇر. ئاللاھ ئۆزى خالىغان بەندىنى پەزلى مەرھەمىتى بىلەن توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ ھىدايەتكە لايىقلارنى ھىدايەتكە ئىرىشتۈرىدۇ. ھىدايەتكە سالاھىيتى توشمايدىغانلارنى ئۆزىنىڭ ئادالىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن توغرا يولدىن بۇرۇۋېتىدۇ. ئەنە ئاشۇ سالاھىيەت ئاللاھنىڭ يولىغا ھىدايەت قىلىنىشنىڭ شەرتىدۇر. قىيامەت قايىم بولغاندا ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئالدىغا ئۆزىگە يەتكۈزىدىغان توغرا يولنى تىكلەپ بېرىدۇ. دېمەك ئاللاھ توغرا يولنىڭ ئۈستىدىدۇر.

ئاللاھ تائالا توغرا يولنى بەرپا قىلدى ۋە بەندىلىرىنى شۇ يولغا چاقىردى. توغرا يول ئاللاھنىڭ دەلىلى ۋە ئادالىتىدۇر. ئاللاھ ئۆزى خالىغان بەندىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىدى، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتىدۇر. قىيامەت قايىم بولغاندا ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا توغرا يولنى تىكلەپ بېرىدۇ-دە، ئۇ يولغا ماڭغانلار ئاللاھنىڭ جەننىتىگە كىرەلەيدۇ. دۇنيا ھاياتىدا توغرا يولدىن چەتنىگەنلەر بۇ توغرا يولدىنمۇ چەتنەپ كېتىدۇ. ئاللاھ دۇنيادا توغرا يولدا ماڭغانلارغا قىيامەتتىكى توغرا يولدا ئالدى ۋە كەينىلىرىدىن ئەگىشىپ تۇرىدىغان، ھەشىر قاراڭغۇلىقىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان نۇرلارنى پەيدا قىلىپ بېرىدۇ. گوياكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ساقلاپ بەرگەنگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ نۇرىنىمۇ ساقلاپ بېرىدۇ-دە، ئۇلار پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن سالامەت ئۆتۈۋالىدۇ. ئۇ چاغدا مۇناپىقلار نۇرغا ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان پەيتتە ئاللاھ گوياكى مۇشۇ دۇنيادا ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئاسىيلارنىڭ يامان ئەمەللىرىنى پىلسىرات كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى گىرۋىكىدە قارماق ۋە ئىلمەكلەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئۇ قارماق ۋە ئىلمەكلەر ئۇلارنى ئېلىپ توغرا يولدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھالى يامان ئەمەللەر دۇنيادا ئۇلارنى توغرا يولدىن چەتنىتىۋەتكەنگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ پىلسىرات كۆۋرۈكى ئۈستىدىكى مېڭىش ئېقتىدارى ۋە تىزلىكىنى مۇشۇ ھاياتتىكى تىزلىك ۋە ئېقتىدارى بويىچە بېرىدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلارغا ھەۋزى كەۋسەرنى تەييار قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار ھەۋزى كەۋسەردىن مۇشۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ شەرىئەت ۋە دىن بۇلاقلىرىدىن ئىچكەن مىقداردا ئىچەلەيدۇ. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە دىنىدىن قانچىكى چەتنىگەن بولسا ھەۋزى كەۋسەردىن شۇنچە مەھرۇم قالىدۇ.

بىز ئاخىرەتكە كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ھەر ئىككى دۇنيادىكى ھېكمىتىنى ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ باقىدىغان بولساق، شۇنى بىلەلەيمىزكى، دۇنيا ئاخىرەتنىڭ زىرائەتگاھى، ئادرېسى ۋە ئەۋرىشكىسىدۇر. كىشىلەرنىڭ بەخت-سائادەت ياكى شەقىيلىك دەرىجە-مەرتىۋىلىرى ئۇلارنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەردىكى مەرتىۋىسىگە قارىتا بولىدۇ.

دېمەك، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ كېتىش گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر جازالىرىدىندۇر. (ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن!)

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە ئىنفىتار 13-14-ئايەتلەر

[2] سۈرە ساففات 83-84-ئايەتلەر

[3] سۈرە شۇئەرا 88-89-ئايەتلەر

باشقا خىزمەتلەر