ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئىبادەتتىكى شېرىك

 ئىبادەتتىكى شېرىك

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

ئىبادەتتىكى شېرىك ناھايىتى ئاسانلا يۈز بېرىپ قالىدۇ، ئادەم تۇيۇپ-تۇيماي بۇ خىلدىكى شېرىككە چۈشۈپ قالىدۇ. ئىبادەتتىكى شېرىك ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىگە، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىنىڭ پايدا-زىيان كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىغا، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىنىڭ بېرەلمەيدىغان ۋە چەكلىيەلمەيدىغانلىقىغا، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەبۇدى بەرھەق يوقلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەردىن سادىر بولىدۇ. گەرچە ئۇلار ئىمان كەلتۈرۈپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، مۇئامىلە ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقىلا خاس قىلماستىن، بەلكى بەزىدە ئۆزى ئۈچۈن، بەزىدە دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن، بەزىدە مەرتىۋە ۋە يۈز-ئابرويىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىپ قويىدۇ. قىلغان ئىبادەت ۋە مۇئامىلىلىرىدە ئاللاھقا بىر ئۈلۈش، ئۆزىگە بىر ئۈلۈش، ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە بىر ئۈلۈش، شەيتانغا بىر ئۈلۈش، باشقا كىشىلەرگە بىر ئۈلۈش تەقسىملەيدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر دەل بۇ خىلدىكى شېرىككە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇممىتىم ئىچىدە شېرىك گويا چۈمۈلىنىڭ ھەرىكىتىدىنمۇ ئوڭاي يۈز بېرىپ قالىدۇ. ساھابىلەر: بىز ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلىمىز، يا رەسۇلۇللاھ! دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ، ئۆزلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزلىرىگە بىلىپ تۇرۇپ شېرىك كەلتۈرۈپ قويۇشىمدىن پاناھ تەلەپ قىلىمەن، بىلمەي تۇرۇپ كەلتۈرۈپ قويغان شېرىكلىرىمدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن، دەڭلار.»[1]

دېمەك، رىيا تۈرىگە تەۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسى شېرىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھى قىلىندۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (يەنى ساۋابنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابتىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن، پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن.»[2] ئىلاھىڭلار بىر بولغاندەك، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ بولمىغىنىدەك، پۈتۈن ئىبادەتلەرمۇ پەقەتكىنە شۇ بىر ئىلاھقا خاس بولۇشى كېرەك. ئۇ پەرۋەردىگار ئىلاھلىقتا يالغۇز بولغىنىدەك، مەبۇدلۇقتىمۇ يالغۇز بولۇشى كېرەك. خۇلاسىكالام، ياخشى ئەمەل رىيادىن خالىي، سۈننەتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ بارلىق ئەمەللىرىمنى ياخشى قىلىپ بەرسىلە ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە خاس قىلىپ بەرسىلە، مېنىڭ ئەمەللىرىمدە باشقا بىراۋلارنى شېرىك قىلىپ قويمىسىلا.»

ئىبادەتتىكى شېرىك ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ناۋادا ئەمەللەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغان ئەمەللەر بولسا، شېرىك كەلتۈرگەنلىك تۈپەيلى ئەمەل قىلغۇچى گويا ئەمەل قىلمىغان ئادەمگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئاندىن ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلغانلىققا ئاساسەن جازالىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى بارلىق ئىبادەتلەرنى پەقەت ئۆز رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھغىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى.»[3]

كىمكى ئىبادەتلىرىنى پەقەت ئاللاھقىلا خالىس قىلمىسا، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان، بەلكى بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى قىلغان بولىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ بۇ ئىشلىرى دۇرۇس بولمايدۇ ھەمد قوبۇلمۇ قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدۇسىيدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن شېرىكلەردىن بىھاجەتتۇرمەن، كىمكى بىر ئەمەلنى قىلىپ، ئۇنىڭغا مەندىن باشقىلارنى شېرىك قىلىۋالسا، ئۇنىڭ قىلغىنى شۇ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىسىگە ھېساب. مەن ئۇ ئەمەلدىن ئادا-جۇدادۇرمەن.»[4]

 

شېرىكنىڭ قىسىملىرى

شېرىك كەچۈرۈلىدىغان شېرىك، كەچۈرۈلمەيدىغان شېرىك، چوڭ شېرىك ۋە كىچىك شېرىك دەپ بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

چوڭ شېرىك دېگىنىمىزمۇ چوڭ شېرىك ۋە ئەڭ چوڭ شېرىك دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇ ئىككىسى كەچۈرۈلمەيدىغان شېرىكلەردۇر. مۇھەببەت باغلاش ۋە كاتتىلاشتا ئاللاھ تائالاغا باشقا مەخلۇقلارنى شېرىك قىلىۋېلىپ، ئۇلارنى گويا ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈش، ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش قاتارلىقلار كەچۈرۈلمەيدىغان شېرىكلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۇئمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (دۇنيادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى).»[5]

مۇشۇ خىلدىكى شېرىك كەلتۈرگەن كىشىلەر ئاللاھ ئۇلارنى دوزاختا شېرىكلىرى بىلەن جۇغلىغان چاغدا ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا مۇنداق دەيد: «ئۇلار دوزاختا جىدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق.  ئۇ ۋاقتىدا سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق.»[6]

شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ خىلدىكى مۇشرىكلار ئۆزلىرى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلەرنى يارىتىش، رىزىق بېرىش، ئۆلتۈرۈش، تىرگۈزۈش، پادىشاھلىق، قۇدرەت قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر دەپ قارىمايتتى. بەلكى ياخشى كۆرۈش، ئىلاھلاشتۇرۇش، بويسۇنۇش، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى. مانا بۇ، ئۇچىغا چىققان جاھالەت ۋە زۇلۇم ئىدى. قانداقسىگە توپىدىن پەيدا بولغان نەرسىلەر مۇتلەق پەرۋەردىگارغا تەڭ بولالىسۇن؟! قانداقسىگە ئاجىز بىر قۇل شاھىنشاھقا باراۋەر تۇرالىسۇن؟! قانداقسىگە نامرات، ئاجىز، كۈچسىز، مۇھتاج، يوقلۇقتىن باشقا ھېچ نەرسىسى بولمىغان بىر مەخلۇق مۇتلەق باي، مۇتلەق قادىر، مۇتلەق بىھاجەت، قۇدرەتلىك، ھەممىنىڭ ئىگىسى، سېخىي، ھەممىگە ئېھسان قىلىدىغان، ھەممىنى بىلىدىغان، ھەممىنى رەھمىتى دائىرىسىگە سىغدۇرالايدىغان، مۇتلەق كامالەتكە ئىگە زاتقا تەڭتۈش بولالىسۇن؟!

شېرىكى بولمىغان، تەڭتۈشى بولمىغان زاتقا شېرىك كەلتۈرۈشتىنمۇ قەبىھراق زۇلۇم، بۇنىڭدىمۇ قاتتىقراق يامانلىق بارمۇ جاھاندا؟!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «جىمى ھەمدۇ سانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھ غا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىلىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ.»[7]

ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەت ۋە نۇرنى ياراتقان ئاللاھقا ھېچنەرسىنى پەيدا قىلالمايدىغان، ئاسمان ۋە زېمىندىكى كىچىككىنە بىر ھۆجەيرىگىمۇ قۇربى يەتمەيدىغان مەخلۇقلارنى شېرىك قىلىۋېلىش نېمىدىگەن قەبىھ، نېمىدىگەن ئېغىر زۇلۇم ھە؟!

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

[1] ئىبنى ھەببان رىۋايىتى

[2] سۈرە كەھف 110-ئايەت

[3] سۈرە بەييىنە 5-ئايەت

[4] مۇسلىم ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى

[5] سۈرە بەقەرە 165-ئايەت

[6] سۈرە شۇئەرا 97-98-ئايەتلەر

[7] سۈرە ئەنئام 1-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر