ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
پەيغەمبەردىن باشقا ھېچكىم مەسۈم ئەمەس، توغرا قىلىدۇ ۋە خاتالىشىدۇ
ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سەئۇد بىن ئىبراھىم شۈرەيم
2011 – يىلى 4 – ئاينىڭ 2 - كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «پەيغەمبەردىن باشقا ھېچكىم مەسۈم ئەمەس، توغرا قىلىدۇ ۋە خاتالىشىدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
بەزى جۈملىلەر بار، ئۇنىڭ تەركىۋى ئاددى، لېكىن مەنىسى چوڭقۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەركىمنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ».
بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋىر، ئۇچۇر دەۋرى بولۇپ، ئاخبارات ۋە تەشۋىقات دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. تەشۋىقات ساھەسى يىراقنى يېقىن، يېقىننى يىراق قىلىدىغان تالاش-تارتىش مەنبىئى بولۇپ، ئىدىئولوگىيە، ئىلمىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە ھەركىم ئۆز پىكرىنى بايان قىلىدۇ.
ئوتتۇرىغا تاشلانغان نۇقتىلار ۋە پىكىرلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھېسسىياتقا بېرىلىپ قىلىنغان ياكى بولمىسا تەخمىن- پەرەزلەرگە ئاساسلانغان بولۇپ، شەرئىي دەلىلى يوق، تۇراقسىز پىكىرلەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كۆپلىگەن قەلەم ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ خاتا ئىدىيە ۋە كېسەل پىكىرلىرىنى باشقىلارغا تېڭىش، ھەتتا شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىگە قارشى چىقىشتەك خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. بەزى قەلەم ئىگىلىرى رادىكاللىقتا ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسسىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ قارىشىنى بازارغا سالىدۇ، باشقا ئدىيەدىكىلەرنى چەتكە قېقىپ، تامامەن يوققا چىقىرىدۇ. ئىسلامىي ئېقىمنىڭ قاراشلىرى ۋە شەرئىي ئاساسقا قۇرۇلغان پىكىرلەرنى چەتكە قېقىشقا ئورۇنۇپ قەلەم تەۋرىتىدۇ. ئۇلار بەزى ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىنى سۈزۈپ ئېلىپ قوراشتۇرۇپ بۇرمىلايدۇ، ئوتتۇرىدىن خاتالىق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنداق قەلەم ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ رادىكال چۈشەنچىلىرى بىلەن ئادالەت، ئىنساپ ۋە ئوتتۇراھاللىق دېگەنلەرنى يوقىتىدۇ. كۆپلىگەن قەلەم ئىگىلىرى بەزى پىكىر، ئېقىملارنى يوغىنتىپ، تۈگمىنى تۆگە كۆرسىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىدىيەسىدە داۋالغۇش ۋە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئىچىدە ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆزىنىڭ كېسەل ئىدىيە ۋە پىكرلىرىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن قۇرئان، ھەدىسنىڭ ئوچۇق ھۆكمىگە خىلاپلىق قىلغانلار ھەققىدە مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغاندۇر:
{ثُمَّ أَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ تَقۡتُلُونَ أَنفُسَكُمۡ وَتُخۡرِجُونَ فَرِيقٗا مِّنكُم مِّن دِيَٰرِهِمۡ تَظَٰهَرُونَ عَلَيۡهِم بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَإِن يَأۡتُوكُمۡ أُسَٰرَىٰ تُفَٰدُوهُمۡ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيۡكُمۡ إِخۡرَاجُهُمۡۚ أَفَتُؤۡمِنُونَ بِبَعۡضِ ٱلۡكِتَٰبِ وَتَكۡفُرُونَ بِبَعۡضٖۚ فَمَا جَزَآءُ مَن يَفۡعَلُ ذَٰلِكَ مِنكُمۡ إِلَّا خِزۡيٞ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰٓ أَشَدِّ ٱلۡعَذَابِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ}
{كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر- بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر- بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرىسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خورلۇققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر}[1].
باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ ئايرىم قىسمىنى تاللاپ ئېلىش، بەزى پىكىرلىرىنىڭ بىر تەرىپىنىلا سۈزۈپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا خالىغانچە باھا بېرىش، ئىنساننىڭ سەمىمىيىتى ۋە تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدىغان ئىللەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئىنسان مەيلى سۆز ھەرىكىتى، مەيلى قەلەم تەۋرىتىپ يازغان يازمىلىرىدا ئويلىماستىن يېزىپ، سۆزلەپ قويۇپ، كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان يەرگە يەتمەسلىككە تەۋسىيە قىلىپ، ساھابە كىراملارنىڭ بىرىگە مۇنداق دېگەن:
«ئېغىزىڭدىن چىقىرىپ بولۇپ ئەتىسى پۇشايمان قىلىپ ئۆزرە ئېيتىشقا ئېلىپ بارىدىغان سۆزنى قىلما».
بىز ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئىككى تۈرلۈك مۇھىم مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز. ئۇ بولسا، ساغلام پىكىرلىك بولۇش ۋە پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ھېكمەتلىك بولۇش. بۇ ھەقىقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ زىنا قىلىشقا رۇخسەت سورىغان ياشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن جاۋابىدا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن. بىر ياش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئى رەسۇلەللاھ! ماڭا زىنا قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «زىنانى ئاناڭغا راۋا كۆرەمسەن؟» دېگەندە، ئۇ: ياق، ئى رەسۇلەللاھ! دېگەن، يەنە «ھەدە-سىڭىللىرىڭغا، ھامما-ئاچىلىرىڭغا راۋا كۆرەمسەن؟» دەپ سورىغاندىمۇ، ھېلىقى ياش ئەينى جاۋاپنى بەرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاناڭغا خالىمىغاندەك، باشقىلارمۇ ئۆزىنىڭ قىزلىرىغا خالىمايدۇ» دېگەن. بىز باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشتا، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاش ۋە ئۇنى قۇترىتىش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ھاكىم قىلىش ۋە توغرىنى چۈشەندۈرۈپ ئەمەل قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشىمىز كېرەك.
ئاللاھ بىزلەرنى خاتالىشىپ قېلىشتىن، خاتالاشقاندا خاتالىقىمىزنى تونىيالمايدىغان ئىللەتلەردىن ساقلىسۇن، ئامىن!
تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى
باشقا خىزمەتلەر