ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ياراتقۇچىنىڭ بارلىقى، بىرلىكى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئەقلىي دەلىللىرى
ئابدۇلئەھەد ھاپىز
كۈنىمىزدە ماددىي مەنپەئەتكە يۈزلىنىش ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش خاھىشىنىڭ ئاشقۇنلۇق دەرىجىسىگە يېتىشى، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، كاپىتالىستلارنىڭ سان - ساناقسىز يېڭى بۇيۇملارنى توختىماي ئېلان قىلىپ ئىنسانلارنى ئىستېمالچىلىققا تەشۋىق قىلىشى ئىنسانلارنى پۇل - مال، ۋە ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈن رىقابەتلىشىشتىن باشقا نەرسىنى ئويلىيالمايدىغان قىلىپ قويدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، جەمئىيەتتىكى كىشىلەردە، بولۇپمۇ ياشلاردا نەپس خاھىشى ۋە شەھۋانىي ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەت، ئەخلاق - پەزىلەت ۋە ھالال - ھارام تونۇمايدىغان ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خۇداسىزلىق ئەۋج ئالدى، ھەمدە مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنىڭ ھېچ تەپ تارتماستىن ئۆزىنىڭ ئاتېئىست ئىكەنلىكىنى ۋە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن مۇرتەت بولغانلىقى سورالغاندا، بەرگەن جاۋابلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئىماننىڭ دەلىللىرىنى بىلمەيدىغانلىقى، بۇ دۇنيانىڭ يەككە - يېگانە ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىغا دەلىل - ئىسپات تاپالمىغانلىقى ۋە دىن دۈشمەنلىرى ئوتتۇرىغا قويغان شۈبھىلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دىندىن يىراقلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ، ياشلارنىڭ ئىمانىنى قوغداش ۋە ئىماندىن يېنىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئەقلىي دەلىل - پاكىتلار بىلەن قايىل قىلىش لازىم.
دىنىمىز دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەق دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ھېچكىمنى مۇسۇلمان بولۇشقا زورلىغىنى يوق. قۇرئان كەرىم تۇنجى نازىل بولغان ئايىتىدىن باشلاپ ئىنسانلارنى ئەقلىي دەلىل - ئىسپات بىلەن قايىل قىلىش يولىنى تۇتقان. بۈگۈنمۇ ئەڭ مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك يول ئەنە شۇ قايىل قىلىش يولىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىك ۋە دەھرىيلەرنىڭ شۈبھىلىرىگە رەددىيە بەرگەن ئەقلىي دەلىللىرى بۈگۈنكى دەھرىيلەرگىمۇ كۈچلۈك ۋە قايىل قىلارلىق دەلىلدۇر. چۈنكى بۇ دەلىللەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى كۈچلۈك دەلىل - پاكىتلار بىلەن مۇستەھكەملەپ، ھەرخىل شۈبھىلەر ئالدىدا يېڭىلمەيدىغان، بەلكى شۈبھىلەرنى دەلىل - پاكىتلار بىلەن بىتچىت قىلالايدىغان كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، ھەمدە دىنسىزلارنى قايىل قىلىپ، توغرا تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ھەقىقەتنى سەپسەتىلەردىن ئايرىپ، خاتا يولدىن قايتىشقا چاقىرىدۇ. بىز تۆۋەندە ئىماننىڭ جەۋھىرى بولغان ئۈچ مەسىلە ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە كەلگەن ئەقلىي دەلىللەردىن بىر نەچچىنى بايان قىلىمىز:
بىرىنچى مەسىلە: يارىتىلىش
ئاتېئىستلار دۇنيانىڭ بىر ياراتقۇچى تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارغا مۇنداق دەلىل كەلتۈرىدۇ: ﴿أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ، أَمْ خَلَقُوا السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ بَلْ لا يُوقِنُونَ﴾ ﴿ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار ئىشەنمەيدۇ﴾[1].
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن دېگۈچىلەرگە ئۈچ ئەقلىي دەلىل سۇندى:
1_ ﴿أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ﴾ ﴿ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟﴾
دۇنيادا ھەر كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئىنساننىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى ھەممە كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بىر ھەقىقەت. شۇنىڭدەك ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جانلىق - جانسىز بارلىق مەۋجۇداتلارمۇ بۇرۇن يوق ئىدى، كېيىن بارلىققا كەلگەن. بۇلار قانداق بارلىققا كەلدى؟ ئۇلار ياراتقۇچىسىز پەيدا بولغانمۇ؟ بۇ سوئالغا ئاتېئىستلار ئۈچ خىل جاۋابنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن: (1) ئۆزلىكىدىن بارلىققا كەلگەن. (2) تاسادىپىي بارلىققا كەلگەن. (3) تەبىئەت ياراتقان.
(1) ئۆزلىكىدىن بارلىققا كەلگەن. مەۋجۇد بىر نەرسىنىڭ ئۆزلىكىدىن باشقا بىر نەرسىگە ئايلىنىشى ئىمكانسىزدۇر. مەسىلەن: دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ قويسا، نەچچە يىل ئۆتسىمۇ ئۇ ياغاچلار بىر ئۈستەلگە ياكى بىر قاچىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. بار بىر نەرسىنىڭ ئۆزلىكىدىن باشقا بىر نەرسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن بولمىغان يەردە، قانداقمۇ ئەسلىدىن يوق نەرسە ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ بارلىققا كېلىدۇ؟! يوقتىن بارلىققا كېلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن ھېچقانداق بىر نەرسە بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئۆزلىكىدىن يۆتكىلىپ قالمايدۇ. بىر يەرگە تۇيۇقسىز بىر نەرسە پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇنى ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ قالدى، دېسە، كىچىك بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ھەرقانداق ئادەم: ئۇنى چوقۇم بىراۋ ئەكىلىپ قويغان، دەيدۇ. شۇنىڭدەك ئۆيدىن بىر نەرسە يوقاپ كەتسە، ھېچكىم ئۇنىڭ ئۆزلىكىدىن يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ؛ ئۇنى چوقۇم ئوغرى ياكى باشقا بىرى ئېلىپ كەتكەن، دەيدۇ. بۇ ئاددىي بىر ھەقىقەت بولغان ئىكەن، ئىنسانغا ئوخشاش مۇكەممەل بىر مەخلۇقنىڭ ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ، كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان، سۆزلەيدىغان، ئويلايدىغان بىر جانلىق ھالىتىگە كېلىشى نەچچە مىڭ ھەسسە ئىمكانسىزدۇر. باشقا بارلىق مەۋجۇداتلارمۇ شۇنداق. دېمەك، ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان دېيىش كىچىك بالىمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بىر خۇراپات ۋە باتىلدۇر.
(2) تاسادىپىي بارلىققا كەلگەن. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلاردىن ھېچبىرىنىڭ تاسادىپىي بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى تاسادىپىيلىقتا قانۇنىيەت، پىلان ۋە ئۆلچەم بولمايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار مەلۇم قانۇنىيەت ۋە ئۆلچەم بىلەن پىلانلىق يارىتىلغان. مەسىلەن: خىلمۇخىل دورىلارنىڭ خام ماددىلىرى سېلىنغان قۇتىلار تىزىپ قويۇلغان بىر دوراخانا بار، قاتتىق يەر تەۋرەپ، دوراخانىدىكى قۇتىلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئىچىدىكى خام ماددىلار تاسادىپىي بىر - بىرى بىلەن ئارىلىشىپ باش ئاغرىقىنى توختىتىدىغان ئاسپىرىن ياسىلىپ قاپتۇ ياكى يۈرەك ئاغرىقى دورىسى ياسىلىپ قاپتۇ دېسە، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى بىر دورىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ خۇرۇچلىرى بولغان خام ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بىلىدىغان بىر دورىگەرنىڭ ھەربىر ماددىنى مەلۇم مىقداردا ئۆلچەپ قوشۇشى ۋە ئۇنى مەخسۇس شەكىلدە ياساپ چىقىشى لازىم. ئۇنداقتا، مۇئەييەن بىر قانۇنىيەت ۋە سىستېما بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان، ھەر جەھەتتىن ئۆلچەملىك ۋە پىلانلىق يارىتىلغان ئىنسان ۋە باشقا مەۋجۇداتلارنىڭ تاسادىپىي بارلىققا كېلىشى ئىمكانسىزدۇر. دېمەك، تاسادىپىي يارىتىلغان دېيىش ئاساسى يوق قۇرۇق سەپسەتىدۇر.
(3) تەبىئەت ياراتقان. بىر نەرسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئۇنى ياراتقۇچىنىڭ ھايات بولۇشى، ئىلىم ئىگىسى بولۇشى، ئىرادە ئىگىسى بولۇشى ۋە كۈچ - قۇدرەت ئىگىسى بولۇشى لازىم بولىدۇ. بىلىمى، ئىرادىسى ۋە كۈچى بولمىغان جانىسز تەبىئەتنىڭ بىر نەرسە يارىتالىشى ئىمكانسىزدۇر. تەبىئەتنىڭ يارىتىشى ئىمكانسىز بولغاندەك تەبىئىي ھالدا بارلىققا كېلىشىمۇ ئىمكانسىز. چۈنكى تەبىئىي ھالدا بارلىققا كەلسە ھەممىسى بىرخىل، ئوخشاش بولاتتى. ھالبۇكى دۇنيادىكى ئىنسان ۋە باشقا بارلىق مەۋجۇداتلار بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: بىر باغدا ئالما، ئارمۇت، شاپتۇل، ئۈرۈك ۋە باشقا مېۋە دەرەخلىرى بار. بۇ نەرسىلەر بىر يەردە ئۆسىدۇ، بىر سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ ۋە بىر ھاۋادا يېتىلىدۇ. دېمەك، تەبىئەت بىر، لېكىن ئۇ دەرەخلەردىن شەكلى، رەڭگى، تەمى، پۇرىقى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر چىقىدۇ. بىر بىلىملىك زات ھەربىر مېۋىنى مەخسۇس شەكىل، مەخسۇس تەم، مەخسۇس پۇراق ۋە مەخسۇس ھەجىمدە پىلانلاپ ياراتمىسا، تەبىئىي ھالدا بىرى چوڭ، بىرى كىچىك، بىرى يۇمىلاق، بىرى سوقا، بىرى قىزىل، بىرى سېرىق بولۇپ قېلىشى ئىمكانسىزدۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدىكى «ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟» دېگەن سوئالىغا، مەيلى ئاتېئىست بولسۇن، ئەقىل - ھوشى جايىدا ھەرقانداق كىشىنىڭ «ياراتقۇچىسىز يارىتىلغان ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرمەي چارىسى يوق. ياراتقۇچىسىز يارىتىلمىغان بولسا، قانداق بارلىققا كەلدى؟
2_ ﴿أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ﴾ ﴿ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟﴾ يەنى ئۆز - ئۆزىنى ياراتقانمۇ؟ بۇنىڭغىمۇ «ياق» دەپ جاۋاب بېرىشتىن باشقا چارە يوق. چۈنكى بىر نەرسىنى يارىتىپ بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشتا مەۋجۇد بولۇشى، ھايات بولۇشى، ئەقىللىق بولۇشى، بىلىملىك بولۇشى، قۇدرەت ۋە ئىرادە ئىگىسى بولۇشى شەرت. بۇ شەرتلەردىن بىرەرسى كەم بولسا، يارىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۆزى ئەسلى يوق ئىكەن قانداق ئۆزىنى يارىتالايدۇ؟!
3_ ﴿أَمْ خَلَقُوا السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ﴾ ﴿ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟﴾. بۇ سوئالغىمۇ «ياق» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى سەلبىي بولغان ئىكەن، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئالەمنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ، جۈملىدىن ئىنساننىڭ چەكسىز قۇدرەتلىك، ئىلىم - ھېكمەتلىك ۋە ئىرادىلىك يەككە - يېگانە ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ھېچقانداق شەك - شۈبھىنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر شەكىلدە ئىسپاتلانغان بولىدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە: ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنىڭ دەلىلى
بۇ ئالەمنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ھەرىكەت سىستېمىسى، شەيئىلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە بىر - بىرىگە ماس ھەرىكەت قىلىشىغا قارايدىغان بولساق، پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتقان زاتنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچقانداق شېرىكى، ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقلۇقىنى بۇلۇتسىز ئاسماندىكى قۇياشتەك ئېنىق كۆرىمىز. چۈنكى ئۈستىمىزدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋە دېڭىز ئوكيانلاردىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھاياتىغا مۇناسىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەگەر ياراتقۇچى بىر بولماستىن كۆپ بولسا: قۇياش، ئاي، زېمىن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، كائىناتتىكى ھەربىر شەيئىنى ئايرىم - ئايرىم ئىلاھلار ياراتقان بولسا، ھەر ياراتقۇچى ئۆز ئالدىغا سىستېما ۋە قانۇنىيەت بېكىتكەن بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا بىر خىل نىزام ۋە سىستېما بولمايتتى-دە، توقۇنۇش يۈز بېرەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ﴿لَوْ كَانَ فِيهِمَا آلِهَةٌ إِلا اللَّهُ لَفَسَدَتَا فَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ﴾ ﴿ئەگەر ئاسمان-زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ھەر ئىككىسى ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى. دېمەككى، ئەرشىنىڭ رەببى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر﴾[2]. يەنى ئەگەر ئاسمان ۋە زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار بولسا ئىدى، ھەممىسى ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى يارىتاتتى ۋە ئۆزى خالىغان ھەرىكەت سىستېمى بېكىتەتتى. شۇنىڭ بىلەن نە ئاسماندىكى مەخلۇقاتلار نە زېمىندىكى مەخلۇقاتلار ھازىرقىدەك بىرخىل سىستېما ۋە قانۇنىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلمايتتى، بىر - بىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ھەممىسى ھالاك بولاتتى. ئۇنداق بولمىغان ئىكەن، بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئەرشىنىڭ ئىگىسى بولغان يالغۇز ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەرنىڭ بوھتانلىرىدىن ۋە سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. ئاللاھ تائالا بۇنى تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ ائْتُونِي بِكِتَابٍ مِنْ قَبْلِ هَذَا أَوْ أَثَارَةٍ مِنْ عِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ﴾ ﴿ئى پەيغەمبىرىم! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، <سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ زېمىندىن نېمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ بۇ قۇرئاندىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتاب، يا ئىلگىرىكىلەردىن قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راسچىل بولساڭلار>﴾[3]. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بۇت ۋە باشقا نەرسىلەرنى خۇدا تۇتۇپ، ئاللاھقا شېرىك قىلىپ چوقۇنغانلارنىڭ خاتالىقىنى ئەقلىي دەلىل بىلەن رەت قىلىپ دەيدۇكى، ئىلاھ بولۇشقا لايىق بولغان زات ياراتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى بولۇشى لازىم. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر ئىلاھ بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىدى؟ ئۇلار زېمىندا بىر نەرسىنى ياراتتىمۇ ياكى ئۇلار ئاسماندىكى مەۋجۇداتلارنى باشقۇرۇشتا ئاللاھقا ئورتاقمۇ؟ ياكى سىلەر بۇنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ئوقۇدۇڭلارمۇ؟ راسچىل بولساڭلار بۇ سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرىڭلار. بۇ سوئاللارنىڭ توغرا جاۋابى «ياق» دېيىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. دېمەك، ياراتقۇچى ئاللاھ بىردۇر، يالغۇزدۇر، ھېچ شېرىكى، تەڭدىشى يوقتۇر، ئۇ بارلىق كامال سۈپەتلەرگە ئىگە، كەمچىلىك، ئاجىزلىق ۋە خاتالىقتىن پاك ۋە مۇنەززەھتۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتنىڭ بىردىنبىر ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچى ئىلاھى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان ئاتېئىستلارنىڭ پاكىتى بولمىغاندەك، ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى شېرىك قىلغۇچى مۇشرىكلارنىڭمۇ ھېچقانداق دەلىل - پاكىتى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ يَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ لا بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِنْدَ رَبِّهِ إِنَّهُ لا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ﴾ ﴿كىم ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ئىلاھقا چوقۇنىدىكەن، ئۇنىڭ (ئىلاھ قىلىۋالغان نەرسىىسى) ھەققىدە ھېچقانداق دەلىلى يوقتۇر. ئۇ چوقۇم رەببىنىڭ ئالدىدا ھېسابقا تارتىلىدۇ، كاپىرلار ھەرگىز نىجات تاپالمايدۇ﴾[4]. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئايەتلەر بار.
ئۈچىنچى مەسىلە: قىيامەت كۈنىدىكىتىرىلىشنىڭ دەلىللىرى
قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىش مەسىلىسى كاپىرلار تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ ئىنكار قىلىنغان ۋە ھەر تۈرلۈك شۈبھىلەر كەلتۈرۈلگەن بىر مەسىلىدۇر. قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىش مەسىلىسى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئىسلام دەۋىتىگە قارشى چىقىشىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئان كەرىم بولۇپمۇ مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر بۇ ھەقتە ئەڭ كۆپ توختالغان، ئۇنى ئەقلىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىغان ۋە كاپىر - مۇشرىكلارنىڭ بۇ ھەقتىكى شۈبھىلىرىگە جاۋاب بەرگەن.
بىز ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمدىكى كاپىرلارنىڭ قىيامەت ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىنى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شۈبھىلىرىنى، ئاندىن قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىشنى ئىسپاتلايدىغان ئەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرىمىز.
كاپىرلارنىڭ قىيامەت ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى:
ئاللاھ تائالا كاپىر - مۇشرىكلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ق وَالْقُرْآنِ الْمَجِيدِ بَلْ عَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ فَقَالَ الْكَافِرُونَ هَذَا شَيْءٌ عَجِيبٌ أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَاباً ذَلِكَ رَجْعٌ بَعِيد﴾ ﴿قاف، ئۇلۇغ قۇرئان بىلەن قەسەمكى، ئىنكارچىلار ئۆزلىرىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىگە ھەيران قالدى. كاپىرلار: <بۇ ئاجايىپ بىر ئىش! بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلانغاندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟ بۇ بەك يىراق بىر ئىشتۇر>﴾[5].
﴿وَكَانُوا يَقُولُونَ أَئِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَئِنَّا لَمَبْعُوثُونَ (47) أَوَآَبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ﴾ ﴿كاپىرلار: <بىز ئۆلگەن، توپا ۋە ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن تۇرساق، يەنە تىرىلەمدۇق؟ ئىلگىرى ئۆتۈپ كەتكەن ئەجداتلىرىمىزچۇ؟> دەيتتى﴾[6]. يەنى ھەرگىز تىرىلمەيمىز، قىيامەت بولىدىغان ۋە تىرىلىدىغان ئىش يوق، دېمەكچى. مانا بۇ كاپىرلارنىڭ پوزىتسىيەسى.
كاپىرلارنىڭ قىيامەتنى ئىنكار قىلىشىدىكى سەۋەبلەر:
1_ دۇنيادىكى نېمەتلەردىن نەپسى خالىغانچە ھېسابسىز پايدىلىنىش ئىستىكى
كاپىرلار قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىشكە ۋە ھېساب - كىتابقا ئىشەنسەك، دۇنيا نېمەتلىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنالمايمىز، ھېساب ئالىدىغان زاتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ ۋە ھېساب بېرىشنى قەتئىي خالىمىغانلىقى ئۈچۈن قىيامەتنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَالُوا إِنْ هِيَ إِلا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ﴾ ﴿كاپىرلار: <بىزنىڭ ھاياتىمىز پەقەت مۇشۇ دۇنيا ھاياتىدۇر، بىز قايتا تىرىلگۈچى ئەمەسمىز> دېدى﴾[7]. ﴿وَقَالُوا مَا هِيَ إِلا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَا إِلا الدَّهْرُ وَمَا لَهُمْ بِذَلِكَ مِنْ عِلْمٍ إِنْ هُمْ إِلا يَظُنُّونَ﴾ ﴿كاپىرلار: <بىزنىڭ ھاياتىمىز پەقەت مۇشۇ دۇنيا ھاياتىدۇر، ياشايمىز ۋە ئۆلىمىز، بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ (ئۇنىڭدىن كېيىن ھايات يوق)> دەيدۇ. بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمى يوق. ئۇلار پەقەت شۇنداق گۇمان قىلىدۇ﴾[8].
ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ بۇ قارىشىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنَ الرِّزْقِ قُلْ هِيَ لِلَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا خَالِصَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ كَذَلِكَ نُفَصِّلُ الآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُون﴾ ﴿(ئى پەيغەمبىرىم!) ئېيتقىنكى، <ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگەن زىننەتلەرنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟>. ئېيتقىنكى، <ئۇلار بۇ دۇنيادا مۇئمىنلەر ئۈچۈندۇر (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە مۇئمىنلەرگىلا خاستۇر>. بۇنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مانا مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز﴾[9]. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا دەيدۇكى، ئىمان ئېيتىش ئۇلارنى دۇنيا نېمەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قىلمايدۇ. پەقەت باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلمىغان ۋە ئۆزىگىمۇ زىيان كەلتۈرمەيدىغان شەكىلدە قانۇن - تۈزۈم ئىچىدە پايدىلىنىش، چىرايلىق كىيىنىش، ياخشى يەپ - ئىچىش ۋە ھەرخىل شەكىلدە كۆڭۈل ئېچىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن شېرىن، پاك يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا نېمەتلەردىن بۇ دۇنيادا كاپىر بولسۇن ياكى مۇسۇلمان بولسۇن بارلىق ئىنسانلار تەڭ بەھرىلەنسىمۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن دۇنيادا ئاللاھ كۆرسەتكەن شەكىلدە پايدىلانغان ۋە ئۇ رىزىقنى يارىتىپ بەرگەن رەببىگە شۈكۈر قىلغان مۇئمىنلەرلا بەھرىلىنىدۇ.
2_ قىيامەتنىڭ بولۇشىغا شەك قىلىش، ئىشەنچ قىلالماسلىق
ئاللاھ تائالا ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشتىن شەكلىنىش كاپىرلارنىڭ قىيامەتنى ئىنكار قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَالسَّاعَةُ لا رَيْبَ فِيهَا قُلْتُمْ مَا نَدْرِي مَا السَّاعَةُ إِنْ نَظُنُّ إِلا ظَنًّا وَمَا نَحْنُ بِمُسْتَيْقِنِينَ﴾ ﴿(سىلەرگە) <ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، قىيامەتنىڭ (بولۇشىدا) ھېچقانداق شەك يوق> دېيىلسە: <قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، بىز (ئۇنى چوقۇم بولىدۇ، دەپ) ئىشەنمەيمىز> دەيسىلەر﴾[10].
ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: ﴿وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ﴾ ﴿ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾[11]. يەنى گۇمان بىلەن بىر نەرسىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىغاندەك، گۇمان بىلەن بىر نەرسىنى ئىنكار قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا ئىشەنچ ۋە ئىنكار قەتئىي دەلىلگە بىنا قىلىنىشى كېرەك.
3_ ئاللاھنىڭ ئىنساننى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىدىن شەكلىنىش كاپىرلانىڭ قىيامەتنى ئىنكار قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَضَرَبَ لَنَا مَثَلا وَنَسِيَ خَلْقَهُ قَالَ مَنْ يُحْيِي الْعِظَامَ وَهِيَ رَمِيمٌ﴾ ﴿ئۇ ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا، بىزگە مىسال كۆرسىتىپ: <بۇ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟!> دېدى﴾[12]. يەنى بۇ كاپىر ئىنسان ئىنسان ئۆلۈپ، سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن تۇرسا، بۇنى قانداق تىرىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟ يەنى ھېچكىم تىرىلدۈرەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قىيامەتنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇخىل تەپەككۇر ئۇسۇلى خاتا. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يوقتىن يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇدى. ئەسلىدە چىرىپ كەتكەن سۆڭەكنى تىرىلدۈرۈشتىن ئۇ سۆڭەكنى يارىتىش قېيىن. چۈنكى ئۇنى يوقتىن يارىتىشقا كۈچى يەتكەن زات ئەلۋەتتە ئۇنى چىرىگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يېتىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ ئىنكار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ يُحْيِيهَا الَّذِي أَنْشَأَهَا أَوَّلَ مَرَّةٍ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ﴾ ﴿ئېتقىكى، <ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەرقانداق (مەخلۇقاتنى) يارىتىشنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر>﴾[13]. ﴿لَخَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ النَّاسِ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لا يَعْلَمُونَ﴾ ﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئەلۋەتتە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىن چوڭ بىر ئىشتۇر. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ﴾[14]. ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇنىڭدىكى سانسىز مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى زاتنىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىگە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئىشنىڭ ئۇنىڭغا قىيىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئىنساندىن ئىبارەت كىچىك بىر مەخلۇقنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تىرىلدۈرۈشىگە ئىشەنمەستىن، ئۆلۈپ بەدەنلىرى ۋە ئۇستىخانلىرى چىرىپ توپىغا ئارىلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى تىرىلدۈرۈش ئىمكانسىز دەپ قاراش ئىنتايىن دۆتلۈك ۋە بىلىمسىزلىكتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئايەتنىڭ ئاخىرىنى «ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ» يەنى توغرا پىكىر قىلمايدۇ، چوڭ نەرسىنى يارىتىشقا قادىر بولغۇچىنىڭ ئەلۋەتتە كىچىك نەرسىنى تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يېتىدۇ، دەپ ئويلىمايدۇ، دەپ تاماملىدى.
4_ ئىلگىرى ئۆتكەن ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش
ئاللاھ تائالا قىيامەتنى چوقۇم قايىم قىلىدىغانلىقىغا ئەقلىي ۋە ئىلمىي دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، كاپىرلار ئۆز ئەقىدىسى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى قوغداشقا ئامالسىز قېلىپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئەگىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ﴿بَلْ قَالُوا إِنَّا وَجَدْنَا آَبَاءَنَا عَلَى أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَى آَثَارِهِمْ مُهْتَدُونَ﴾ ﴿بەلكى ئۇلار: <بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىن ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىلارمىز> دەيدۇ﴾[15].
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ ئېيتىدۇ: ﴿أَوَلَوْ كَانَ آَبَاؤُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ﴾ ﴿ئۇلارنىڭ ئاتا -بوۋىلىرى ھېچنەرسىگە ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ، يەنە شۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟!﴾[16]. يەنى ئەقل - ھوشى جايىدا ئىنسان ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ تۇتقان يولى ۋە قارارلىرىنى ئەقىل كۆزى بىلەن تەكشۈرۈپ توغرا - خاتاسىنى پەرقلەندۈرۈشى، دەلىلگە ئاساسلانغان توغرا ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، خاتا ئىشلىرىنى تەرك ئېتىشى كېرەك. ئەقلىنى ئىشلەتمەستىن ئاتا - بوۋىلىرىمىز قانداق ئېتىقاد قىلغان بولسا، بىزمۇ شۇنداق ئېتىقاد قىلىمىز، دەپ قارىغۇلارچە ئەگىشىش، دەلىل - پاكىتلىق ھەقىقەتنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۆزىنى ئىنسانلىق مەرتىۋىسىدىن ھېچنەرسىنى چۈشەنمەيدىغان، ھەيدىگەن تەرەپكە ماڭىدىغان ھايۋاناتلارنىڭ قاتارىغا چۈشۈرگەنلىكتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا كَمَثَلِ الَّذِي يَنْعِقُ بِمَا لَا يَسْمَعُ إِلَّا دُعَاءً وَنِدَاءً صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَعْقِلُونَ﴾ ﴿كۇپرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارنى ھىدايەتكە چاقىرغۇچى خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشنى ۋە ئاۋازنىلا ئاڭلايدىغان ھايۋاناتلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. (چۈنكى ئۇ كاپىرلار) گاستۇر، گاچىدۇر ۋە كوردۇر، شۇڭا ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ﴾[17].
5_ ئىنسان بەدىنىنىڭ يەرنىڭ ئاستىدا پارچىلىنىپ تاراپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى توپلاش مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلاش
﴿وَإِنْ تَعْجَبْ فَعَجَبٌ قَوْلُهُمْ أَإِذَا كُنَّا تُرَابًا أَإِنَّا لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ﴾ ﴿(ئى پەيغەمبىرىم!) ئەگەر ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، كاپىرلارنىڭ: <بىز توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟> دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىكتۇر﴾[18].
﴿وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا هَلْ نَدُلُّكُمْ عَلَى رَجُلٍ يُنَبِّئُكُمْ إِذَا مُزِّقْتُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ إِنَّكُمْ لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ﴾ ﴿كاپىرلار (بىر - بىرىگە) <سىلەرگە سىلەر (يەرنىڭ ئاستىدا چىرىپ) تىتما - تىتما بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن يارىتىلىدىغانلىقىڭلارنى خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟> دەيدۇ﴾[19].
﴿وَقَالُوا أَإِذَا ضَلَلْنَا فِي الأَرْضِ أَإِنَّا لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ بَلْ هُمْ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ كَافِرُونَ﴾ ﴿ئۇلار: <بىز يەرنىڭ ئاستىدا تۇپراققا ئايلىنىپ يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن راستتىنلا قايتا يارىتىلامدۇق؟> دەيدۇ. بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئىنكار قىلىدۇ﴾[20]. ئىنكارچى كاپىرلارنىڭ مەزكۇر ئۈچ ئايەتتىكى سۆزىنىڭ خۇلاسىسى: ئىنسان ئۆلۈپ ئۇزۇن يىللار يەر ئاستىدا قالغاندىن كېيىن بەدەنلىرى پارچىلىنىپ، ئۇستىخانلىرى چىرىپ، توپىغا ئايلىنىپ يوق بولىدۇ، بەلكى ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ، ئۇنى ھايۋاناتلار يەيدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچبىر ئەسەر قالمايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، ئۇنى توپلاپ تىرىلدۈرۈش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ ھەرگىز مۇمكىن بولمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ بۇ سۆزىگە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: ﴿قَدْ عَلِمْنَا مَا تَنْقُصُ الأَرْضُ مِنْهُمْ وَعِنْدَنَا كِتَابٌ حَفِيظٌ﴾ ﴿بىز زېمىننىڭ ئۇلارنىڭ (جەسەتلىرى)دىن قانچىلىك كېمەيتكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىمىز. بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ھەممە نەرسىنى ساقلىغۇچى) كىتاب (يەنى لەۋھۇلمەھفۇز) بار﴾[21]. دېمەك، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئىنسان ئۆلۈپ قەبرىگە كۆمۈلگەندىن كېيىن، بەدەنلەر پارچىلىنىپ، تىتما - تىتما بولۇپ، سۆڭەكلەر چىرىپ ئۇۋۇلۇپ توپىغا ئارىلىشىپ يوق بولۇپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ئىلمىدە ھەرگىز يوق بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ، ئاللاھ كىمنىڭ ئۇستىخىنى قەيەرگە كەتتى، قايسى توپىغا ئارىلىشىپ كەتتى؟ بىلىپ تۇرىدۇ، ھەممىنى لەۋھۇلمەھفۇزغا يېزىپ ساقلايدۇ. ئاللاھ تائالا چىرىپ پارچىلىنىپ باشقا نەرسىلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن سۆڭەك پارچىلىرىنى توپلاپ بىرلەشتۈرۈپ، قايتىدىن تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. چۈنكى ئاللاھ ئىنساننى نە گۆش نە سۆڭەك ھېچنەرسە يوق ئىكەن، ئۇنى يارىتىپ جان بېرىپ، ھەربىر بەدىنى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدىغان، كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان، سۆزلەيدىغان قىلىپ ياراتتى. ھەربىر ئەزانىڭ يارىتىلىشى ۋە ئىشلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى ئىنسانغا نىسبەتەن ئىمكانسىزدۇر. مانا مۇشۇنداق ئىمكانسىز ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ئىنساننى يارىتىشقا كۈچى يەتكەن زاتنىڭ ئۇ ئىنساننى قايىتىدىن يارىتىشى قىيىن ئىش ئەمەس.
قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، بارلىقىغا ۋە قىيامەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىش قاتارلىق ئىمان ئاساسلىرىغا دەۋەت قىلغاندا، ئەقلىي دەلىل - پاكىتلارنى سۇنىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا تەپەككۇر قىلىش، توغرا ئويلاشقا يېتەكلەيدۇ. چۈنكى توغرا تەپەككۇر قىلمىغان كىشى خاتا يەكۈن چىقىرىدۇ، توغرا، ھەق يولنى تاپالمايدۇ ياكى توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ-دە، تەرسالىق قىلىپ ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئەقىدە كىتابلىرىنى بولۇپمۇ قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇشى، ئۇنى ياخشى چۈشىنىشى، بىلمىگەن يەرلىرىنى ئالىملاردىن سورىشى، شۇ ئارقىلىق ئىمانىنى ئەقلىي دەلىل - پاكىتلار بىلەن مۇستەھكەملىشى، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شۈبھە ۋە سەپسەتىلىرىگە كەسكىن جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم.
بىز يۇقىرىدا قۇرئان كەرىمدە كەلگەن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى، بىرلىكى ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەقلىي دەلىللەردىن بىر نەچچە نەمۇنە سۇندۇق. ئاللاھ خالىسا كېلەركى ساندا، قۇرئان كەرىمدە قىيامەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا كەلتۈرۈلگەن ئەقلىي دەلىللەرنى سۇنىمىز.
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: مۇھەممەد يۈسۈپ
باشقا خىزمەتلەر