ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
ئاشقۇنلۇقنىڭ سەۋەبلىرى ۋە كۆرۈنۈشلىرى
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
1. ئاشقۇنلۇقنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى
ئاشقۇنلۇق ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش دېگەن ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يولدىن پىكرى ۋە ئىستىلىي جەھەتتىن بۇرۇلۇپ كېتىش دېمەكتۇر. ئاشقۇنلۇق ئىللىتى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە ساۋاب تېپىشنىيىتىدە شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ.ئاشقۇنلۇق ئىللىتى ئەقىد، پىكىر،ئىبادەت، ياخشى كۆرۈش، ھالالنى ھارام قىلىش، كاپىرغا چىقىرىش ۋەئىش-ھەرىكەتقاتارلىقلارنىڭ ھەر قانداق بىرىدەتېپىلىدۇ.
ئاشقۇنلۇق ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تەتبىقلاشتا ئۆزىگە ياكى باشقىلارغاكەڭ يوللارنى تارايتىۋېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. ھالبۇكى، شەرىئەت كەڭرى قويۇپ بەرگەن يوللارنى تارايتىۋېتىشياكى ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن تەرەپلەرنى تەسلەشتۈرۈۋېتىش نەپلە ئىشنىدەپ بەزى پەرزلەرنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىگە ياكى شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشتىن ئىچى سىقىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە ئاشقۇنلۇق قىلىشتىن پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشقاياكى ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كېتىشكەسەۋەب بولىدۇ.
ئاشقۇنلۇق يەنە شەرىئەتنىڭ كەڭچىلىك روھىنى سىقىپ قويۇشقا، توغرا دىندارلىق روھىدىن چەتنەپ كېتىشكە ۋە خاتا قىلمىشلارغا ئېلىپ بارىدۇ. ئىختىيارىي ئىمان ئېيتىش ئۈستىگە قۇرۇلغان دىندارلىقنىڭ ماھىيىتىنى بۇزۇۋېتىدۇ. شەرىئەتنىڭ بارلىق ئەھكاملىرىدا چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسى بىلەن زىتلىشىدۇ. شۇنىڭدەك ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى سەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ.
ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئورۇندا ئەقىدىدە، پىكىردە، دۇنيا قاراشتا ۋە ئەمەلىي يۈرۈش - تۇرۇشتا ئوتتۇراھال يول تۇتۇش توغرا يولنىڭ ئۆلچىمىدۇر، توغرا دىندارلىق روھىدۇر. چۈنكى ئوتتۇراھال يول تۇتۇش ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلىشتىن ۋە پاسسىپ مەيداندا تۇرۇشتىن ساقلايدىغان توغرا يولدۇر. ئاشقۇنلۇق ئەقىدە ئاشقۇنلۇقى ۋە ئەمەلىي ئاشقۇنلۇق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1) ئەقىدە ئاشقۇنلۇقى:ئەقىدە ئاشقۇنلۇقى ئىنساننىڭ ئەقىدىسى، پىكرىي ۋە دۇنيا قارىشىدا پەيدا بولىدۇ. ئەقىدە ئاشقۇنلۇقىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ، ھەتتا پەيغەمبەرنى ئادىل ئىش قىلمىدى دەپ قارايدۇ، ئىسلامنىڭ مەرھەمەتلىك ئىنسانپەرۋەر بىر دىن بولغانلىقىدىن ئىچى سىقىلىدۇ. شۇڭا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر مۇسۇلمانلارنى يوقىلاڭ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كاپىرغا چىقىرىۋېتىدۇ ۋە بەزىلەرگە مۇرتەدلىك ھۆكمىنى چاپلايدۇ. قان ۋە مال - مۈلىك مەسىلىگە سەل قارايدۇ،ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكىگە قارىماي كېچىككىنە شۇبھە سەۋەبىدىن كىشىلەرنى ئۆلتۈرسە بولىدۇ دەپ پەتىۋا بىرىدۇ، تەكەببۇرلۇقىدىنئۆزلىرىنى ئەۋلىيادەپ قاراپ قالىدۇ[1].
ئەقىدە ئاشقۇنلۇقى توغرا يولدىن ياكى ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئىللەتتۇر. چۈنكى بۇ ئىللەت ئاشقۇنلارنى ئالىملارنىڭ سۆزىنىمۇ تىڭشىمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكنى بۆلۈۋېتىدۇ، دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدۇ ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
2) ئەمەلدىكى ئاشقۇنلۇق: ئەمەلىي ئاشقۇنلۇق يۈرۈش - تۇرۇشتا شەرىئەت كۆرسەتمىسىدىن ھالقىپ كېتىش ۋە شەرىئەت تەكلىپ قىلمىغان ئىشلارنىتەتبىقلاش نىيىتىدە شەرىئەتنىڭ كەڭچىلىكىنى تارايتىۋېتىشۋە تەسلەشتۈرۈۋېتىشتۇر.
ئەمەلىي ئاشقۇنلۇق ھەر كۈنى دېگۈدەك روزا تۇتۇش ياكىزاھىدلىق باھانىسى بىلەن دۇنيا ھاياتىدىننورمال سەۋىيەدە بەھرىمەن بولۇشتىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلىش ياكىئۆرپ - ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن رەڭدىكى كىيىمنى كىيىشنى ساۋاب بولىدۇ دەپ قاراشتىن ئىبارەت. بۇنى قىلغانلار كۆپ ساۋابقا ئېرىشىمىز دەپ قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئەمەلىي ئاشقۇنلۇق ئىجتىمائىي ھاياتقا خەتەر ئېلىپ كەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا پەيغەمبەرىمىزنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدىكى كۆرسەتمىلىرىدىن يۈز ئۆرۈش ۋە ئۆزىگە جاپا يولىنى تاللىۋېلىش ئەھۋالى مەۋجۇد. بۇ ئەھۋال بەزىدە ئىبادەتتىن زىرىكىشكە ئېلىپ بارىدۇ، بەزىدە ئادەت خاراكتېرىدىكى ئىشنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
ئەمەلدىكى ئاشقۇنلۇقنىڭ مىساللىرى:
- دىنغا ئەمەل قىلىشتا ئۆزىگە قاتتىق يول تۇتۇش ۋە باشقىلارنىڭ يولنى تەسلەشتۈرۈۋېتىش.
- تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە مەغرۇرلىنىش.
- پىكرىي مۇستەبىتلىك قىلىش، باشقىلارنى نادانغا چىقىرىش.
- ھەق يولدىكى ئالىملارغا تەنە قىلىش.
- يامان گۇمان قىلىش.
- باشقىلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىش.
- كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش.
- مەكرۇھ ئىشنى ھارام دەرىجىسىگە كۆتۈرۋېتىش، سۈننەت ئىشنى پەرز دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋېتىش قاتارلىقلار.
3. ئاشقۇنلۇقنىڭ كېلىپ چىقىشيېلتىزى
ئىسلام جەمئىيىتى ساھابىلەر دەۋردىن باشلاپلا ئاشقۇنلۇق ۋە ئاشقۇنلاردىن خالىي بولالمىغان. ئاشقۇنلۇقنىڭ بىر قىسمى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش تەرىپىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر قىسمى پاسسىپلىق قىلىش تەرىپىنى ئىپادىلىگەن.
ئىسلام تارىخىدا ئاشقۇنلۇقنىڭ يېلتىزىخاۋارىچلار ۋە شىئەلەر بىلەن باشلانغان، ھەر ئىككى ئېقىم ئاشقۇنلۇقتا بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان يول تۇتۇپ ماڭغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى نۇقتىلاردا ئوخشاشلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت:
1) ھەر ئىككى ئېقىم ئاشقۇنلۇقيېلتىزىدا ئورتاقلىشىدۇ. خاۋارىچلارنىڭ ئاشقۇنلۇقى ئەقىدىدە، سىياسەتتە، تەبەررادا (بىزارلىق) ۋە باشقا پىكىردىكىلەرگە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇش، كاپىرغا چىقىرىش، ئىسيان چىقىرىش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەمما شىئەلەرنىڭ ئاشقۇنلۇقى ئىماملىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش ۋە مەسۇملاشتۇرۇشتا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
2) ساھابىلەر توغرىسىدىكى ئېتىقاد بۇزۇقلۇقى. مەسىلەن خاۋارىچلار ھەزرىتى ئەلى، ھەزرىتى ئوسمان، مۇئاۋىيە، ئەبۇ مۇسا، ئەمرۇ ئىبنى ئاس ۋە سىففىين جېڭىگە قاتناشقان كۆپلىگەن ساھابىلەرنى كاپىرغا چىقىرىۋېتىدۇ. ئەمما شىئەلەر ئازغىنا ساھابىلەردىن باشقىلارنى كاپىرغا چىقىرىۋېتىدۇ.
3) خاۋارىچلار بىلەن شىئەلەرنىڭ كاپىرغا چىقىرىش ئاساسلىرى ۋە سەۋەبلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە ئوخشاش يول تۇتمىغانلارنى كاپىرغا چىقىرىشتا ئورتاق. مەسىلەن، خاۋارىچلار تەھكىم مەسىلىسىنى قوبۇل قىلغان بەزى ساھابىلەرنى كاپىرغا چىقارغان، چوڭ گۇناھ قىلىپ سالغانلارنى كاپىرغا چىقارغان، ئۆزلىرىنىڭ سېپىغا قوشالمىغان باشقا پىكىردىكى مۇسۇلمانلارنى سىياسىي پوزىتسىيە سەۋەبىدىن كاپىرغا چىقىرىۋەتكەن.
ئەمما شىئەلەر كۆپلىگەن ساھابىلەرنى كاپىرغا چىقىرىۋەتكەن، ئازغىنىسىدىن باشقا ساھابىلەرنى مۇرتەد دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىن سىرت مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرى ۋە ئاۋاملىرىنىمۇ كاپىر دەپ قارىغان.
4) ئاشقۇنلۇق ئىللىتى يۇقىرىقى ئىككى ئېقىمدىن باشقا يەنەبىر قىسىم تەسەۋۋۇپ تەرىقەتلىرىدىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، بىر قىسىم سوپىلار ئاخىرەت ئۈچۈن دۇنيانى تەرك ئەتكەن، روھنى تازىلاش باھانىسىدە ماددىي تەرەپكە سەل قارىغان. نەتىجىدە ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق يولىدىن چەتنەپ دۇنيادىن، سىياسەتتىن ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىن ئايرىلغان، ئايەت- ھەدىسلەرنى ئىزاھلاش قائىدىلىرىدىن چەتنەپ ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلغان.
بۇنىڭ قارىشىسدا ئىسلامنى پەقەتلا قىلىچ، دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە ھاكىمىيەتكە يىغىنچاقلاپ، ئىسلامنىڭ ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش مېتودىدىن چەتنەپ كەتكەن خاۋارىچلار مەۋجۇت.
ھالبۇكى، ئىسلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشتىكى توغرا مېتودى ئەقىدىگە، قەلبكە، ئەخلاققا، پىكىرگە ۋە سىياسەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ساغلام ئىدىيەلىك ئىنسانيېتىشتۈرۈش ئىدى. يەنى ئىمان تەربىيەسى، قەلبنى پاكلاش تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسى، پىكرى تەربىيە ۋە سىياسىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىسلاھات ئېڭىغا ئىگە ئاڭلىق ساغلام ئىنسان يېتىشتۈرۈش ئىدى. لېكىن بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئېقىم ئىسلامنىڭ ئىسلاھات مېتودىغا زىت كېلىدىغان يول تۇتقانلىق سەۋەبىدىن ئاشقۇنلۇق يولىغا كىرىپ قالغان.
4. ئىسلامدا ئاشقۇنلۇقنى چەكلەيدىغان دەلىل بارمۇ؟
قۇرئان كەرىم ئاشقۇنلۇق سۆزىنى ئىشلەتكەن: «لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِإِلَّا الْحَقَّ» «دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھ توغرۇلۇق پەقەت ھەق گەپنىلا قىلىڭلار»[2]. بۇ ئايەتتە كەلگەن «غۇلۇۋ» دېگەن سۆز ئاشقۇنلۇق قىلماڭلار، چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەڭلار،ئورۇنسىز چىڭ تۇرۇۋالماڭلار، دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
قۇرئان كەرىم دىندارلىق مەسىلىسىدە بەلگىلەنگەن شەرئىي ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان:«قُلْ يَاأَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ غَيْرَ الْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوا أَهْوَاءَ قَوْمٍ قَدْضَلُّوا مِنْ قَبْلُ وَأَضَلُّوا كَثِيرًا وَضَلُّوا عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ» ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار»[3].
مەسىلەن، يەھۇدىلار ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە پاسسىپ مەيداندا تۇرۇپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلمىغان، بەلكى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان، ھەزرىتى مەريەم ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت چاپلىغان. مانا بۇمۇ ئاشقۇنلۇقنىڭ بىر تۈرى. ئەمما خىرىستىيانلار ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە چېكىدىن ئېشىپ، بەزىلىرى ھەزرىتى ئىيسانى ئاللاھنىڭ بالىسى دەپ ئېتىقاد قىلغان، بەزىسى ئاللاھنىڭ سىموۋلى دەپ ئېتىقاد قىلغان، بەزىلىرى ئىلاھنىڭ بىر كۆرۈنۈشى دەپ ئېتىقاد قىلغان. مانا بۇلار ئايەت تەنقىد قىلغان ئاشقۇنلۇقتۇر.
شۇڭا، ئايەت مۇسۇلمانلارنى ئاشقۇنلۇق قىلىش ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئوتتۇرھال توغرا يولدا مېڭىشقا بۇيرۇغان: «فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَمَنْ تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ»، «ئى پەيغەمبەر، سەن ۋە سەن بىلەن بىرگە بولغانلار بۇيرۇلغاندەك توغرا يولدا مېڭىڭلار، چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»[4].
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئايەتلەردىكى مەقسىتى كىشىلەرگە توغرا ئەقىدىنى بايان قىلىپ بېرىش، ئېتىقادتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشۋە ئاشقۇنلۇق قاپقىنىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
رەسۇلۇللاھ ئاشقۇنلۇق ھەققىدە:«إِيَّاكُمْ وَالْغُلُوَّ فَإِنَّمَا هَلَكَ مَنْ كَانَ قَبْلَكُمْ بِالْغُلُوِّ فِى الدِّينِ» سىلەر دىندا ئاشقۇنلۇق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىڭلار،چۈنكى سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر دىندا ئاشقۇنلۇق قىلىپ،دىندارلىقتاچەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش سەۋەبىدىن ھالاك بولغان» دېگەن[5].بۇ ھەدىستىكى ئىلگىرى ئاشقۇنلۇق قىلغانلار دېگەندىن مەقسەت ئەھلى كىتاب، بولۇپمۇ خىرستىيانلاردۇر.
رەسۇلۇللاھ يەنە :«لَا تُشَدِّدُوا عَلَى أَنْفُسِكُمْ «شەرىئەت تەكلىپ قىلمىغان ئىشلاردا چىڭ تۇرۇۋالماڭلار» دېگەن[6].
ئىنساننىڭ پەقەتلا ئۆزىنى توغرا يولدا، باشقىلارنى خاتا يولدا دەپ خىيال قىلىپ قېلىشى ئاشقۇنلۇقنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. شۇڭا مۇنداق قارايدىغان ئىنسانلار مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا ياكى پاسىققا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار باشقىلارنىڭ دىيانىتىگە تەنە قىلىشقا، باشقىلارنى ئازغۇنلۇققا چىقىرىشقا ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىيانىتى بىلەن پەخىرلىنىپ، باشقىلارغا يامان گۇماندا بولۇشقا مايىل بولىدۇ.
بۇ ئاشقۇنلۇقنىڭ سەۋەبىگە قارايدىغان بولساق بىلىمسىزلىك، ئاڭ سەۋىيەنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ئىسلامنى ئەسلىي ماھىيىتى بويىچە بىر پۈتۈن چۈشەنمەسلىكتۇر. رەسۇلۇللاھ ئىسلامنىڭ خاراكتېرىنى بايان قىلىپ: «إِنَّهَذَا الدِّينَ يُسْرٌ، وَلَنْ يُشَادَّ الدِّين َأَحَدٌ إِلاَّ غَلَبَهُ، فَسَدِّدُوا وَقَارِبُوا وَأَبْشِرُوا وَيَسِّرُوا» تەرجىمىسى: «بۇ دىن ئاسان، دىننىڭ كۆرسەتمىسىدىن ھالقىپ چېكىدىن ئاشىدىغان ھەرقانداق كىشى مەغلۇب بولىدۇ. شۇڭا، سىلەر دىننىڭ كۆرسەتمىسىگە توپتوغرا ئىش قىلىڭلار، يېقىن ئىش قىلىڭلار، بىشارەت بىرىڭلار، ئاسانلاشتۇرۇڭلار» دېگەن[7].
5. ئاشقۇنلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەر
يېقىنقى زاماندىكى ئاشقۇنلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىغا، بەزى جامائەتلەردە مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلام جەمئىيەتلىرىنى كاپىرغا چىقىرىۋېتىشكە بىۋاسىتە ھەسسە قوشقان پىكرىي ۋە ئىستىلىي بۇرۇلۇش ئامىللىرى تۆت تۈرلۈك:
1)ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي مۇستەبىتلىكى:
مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىسلام ھەرىكەتلىرىگە زۇلۇم قىلىشى، رەھىمسىزلىك قىلىشى ۋە ئۇلارغا تىنچ سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇپۇقلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى ئاشقۇنلۇق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ[8].
2) خەلق ئىرادىسىنى مۇسادىرە قىلىش:
خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىي ھۆرمىتىنى قوغداش ئىستەكلىرىگە يول قويماسلىق ۋە دېموكراتىك تاللاش يوللىرىنى ئىنكار قىلىش.مەسىلەن، 1991–يىلى ئالجىرىيەدىكى ئىسلام قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئەركىن سايلامدا غەلىبە قىلغاندا، سايلام نەتىجىسى مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن بىكار قىلىپ تاشلانغان. بۇ سەۋەبتىن، ئىچكى ئۇرۇش ھالىتى يۈز بەرگەن، نۇرغۇن قان تۆكۈلگەن ۋە سايلامدا ئۇتقان تەرەپنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان.
3) گۇناھسىز كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە قاماش:
مىسىر رەئىسى ئابدۇنناسىرنىڭ زامانلىرىدا كوممۇنىست ھاكىمىيەت تەرىپىدىن نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەر تۈرمىلەرگە قامالغان ۋە بۇ كىشىلەر ۋەھشىيلەرچە قىيىن –قىستاقلارغا دۇچ كەلگەن. مۇسۇلمان دەپ ئاتالغان ساقچىلار،قازىلار ۋە ھاكىملار تەرىپىدىن بىگۇناھ كىشىلەرگە قورقۇنچلۇق ۋە ھاقارەتلىك قىيىن –قىستاقلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ئۇلارغا قارىتا كاپىر دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىشقا سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ ئىسمى مۇسۇلمان بولغان بىلەن، ئەمما ئۇلار گىتلېر ۋە ئىتالىيەلىك موۋسۇلىندىن ئېشىپ چۈشكۈدەك دەرىجىدە ۋەھشىي قىلمىشلارنى سادىر قىلغان. تۈرلۈك قىيىن- قىستاق نەتىجىسىدە ھەرخىل ئازابقا يولۇققان بىر بۆلەك كىشىلەر ئازابلىغۇچى ۋە قىينىغۇچى جاللاتلار ھەققىدە «ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
4) گۇرۇھۋازلىق ھاكىمىيەتلىرىنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشى:
2003–يىل ساددام ھۈسەيىننىڭ ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ئىراقتا شىئەلەر تەرىپىدىن ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش خىتابلىرى ۋە سۈيىقەستلىرى ئەۋج ئالغان. ئىراقتىكى ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلغان.
شىئەدىن ئىبارەت گۇرۇھۋازلىق خاراكتېرىگە ئىگە سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرقانچە ئىسلام ئەللىرىنى بېسىۋېلىشى ۋە ئىراقتا ھولاكوغا ئوخشاش ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشى ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا زۇلۇمغا قارشى ئىنكاس پەيدا قىلغان.
ئەلۋەتتە ئىران ۋە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئىراقتىكى ئىچكى پارچىلىنىشنى تېخىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ئانا ۋەتىنى ئىراقتىن مەجبۇرىي ئايرىلىشقا ۋە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇرلىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەن نەچچە مىليون خەلق ئاشقۇن تەشكىلات دائىشقا قوشۇلۇپ كەتكەن، يەنە بىر بۆلۈكى دائىشتىن قۇتۇلۇش باھانىسىدا ئاشقۇن شىئە تەشكىلاتلىرىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقۇنلۇق پىكرى ئۇچۇر دەۋرىدە تېز سۈرئەتتە بىر قانچە دۆلەتلەردە تارقىلىپ كەتكەن، مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىش ۋە جەمئىيەتلەرنى جاھىلىيەتكە چىقىرىش پىكرى ھەر ساھەدە ئېقىپ يۈرگەن، تۈرمىلەردە قىينىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىرقىراشلىرى زىندانلارنى تېشىپ ئۆتۈپ، باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا قەدەر كەتكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە «بىزنى مۇشۇنداق قىينىغانلار مۇسۇلمان ئەمەس» دېگەن يەكۈن خۇلاسىلەنگەن.
دېمەك، سىياسىي مۇستەبىتلىك، سىياسىي زۇلۇم، خەلق ئىرادىسىنى مۇسادىرە قىلىش، گۇناھسىز كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلاش ۋە تائىفى خاراكتېردىكى ھاكىمىيەت تۈزۈملىرى ئاشقۇنلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.
6. ئاشقۇنلۇقنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى
1924–يىلى ئوسمانىيلار ئىسلام دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بەرگەن كرىزىسنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە يەكۈنلەشكە بولىدۇ.
بىرىنچى، سىياسىي كرىزىسھەققىدە
ئىسلامنىڭ سىياسىي تۈزۈمى بېكىنمىچىلىككە قەدەم قويغان، مۇسۇلمانلار بىرقانچە ئاجىز دۆلەتلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەملىكە دۆلەتلىرىگە ۋاسىتىلىق ياكى بىۋاسىتە ھالدا بويسۇنغان.
مۇسۇلمانلار سىياسىي كرىزىسكە مۇئامىلە قىلىشتا ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئوسمانىيلار دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىداھەر تۈرلۈك مىللەتلەرنى ۋە دىنلارنى سىغدۇرالايدىغانئىسلام دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىدىغان بىر ئېقىم شەكىللەنگەن. بۇ ئېقىمنى ھەسەن بەننا يېتەكچىلىكىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتى يېتەكلەپ ماڭغان. ھەسەن بەننانىڭ قارىشىچە، خەلىپىلىك تۈزۈمى دېموكراتىك ھەرىكەتكە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى خەلق دىننى ھىمايە قىلىدىغان، دۇنيالىقىنى ئىسلاھ قىلىدىغانخەلىپىنى ۋە مىللەت ۋەكىللىرىنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.
يەنە بىر ئېقىمتامامەن بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇپ ماڭغان. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، خەلىپىلىك تۈزۈمىنىڭ زامانى ئۆتۈپ كەتتى، شۇڭا ھازىر ياۋروپانىڭ ئويغىنىشىدىن ئىلھام ئالىدىغان رايون خاراكتېرلىك مىللىي دۆلەت قۇرۇپ چىقىش لازىم، دەپ قارايدىغان ئىدى. بۇ ئېقىمنى لىبېرالىزم يولىنى تۇتقانلار ئاساس قىلىپ ماڭغان.
ئىككىنچى، كىملىك كرىزىسى ھەققىدە
20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىسلام دۇنياسىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتە كىملىك كرىزىسى جىددىي شەكىلدە باشلانغان بولۇپ، بۈ كرىزىس بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلماقتا.يەنى بىز ئەرەبمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ؟ بىز شەرقلىقمۇ ياكى غەربلىكمۇ؟ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كىملىكى مۇسۇلمانلارنىڭھەممىسىنى بىرلەشتۈرىدىغان كىملىكمۇ؟ ياكى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە غەربلىشىش ئاساسلىق نۇقتىمۇ؟ ياكى مىللەتچىلىك ئاساسلىق نۇقتىمۇ؟ دېگەندەك كرىزىس پەيدا بولغان.
ئەرەب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا غەربلىشىش ئېقىمىنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ ئېقىم غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ياخشى - يامان بارلىق تەرەپلىرىنى ئايرىماستىن قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئەمما ئىسلام ئىدىيەسىدىكى ھەرىكەتلەر غەربلىشىشكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن. چۈنكى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ نەزىرىدە غەرب دۇنياسى ئىسلام ئەللىرىنى بېسىۋالغان، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغان، بىرلىكىنى پارچىلاپ تاشلىغان، بايلىقلىرىنى بۇلاڭ –تالاڭ قىلغان ۋە ئىسلام ئەللىرىنى مۇستەبىت دىكتاتور ھاكىملارغا تۇتقۇزۇپ قويغان مۇستەملىكىچىلەر ئىدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ غەربلىشىش دولقۇنىغا قارشى تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر غەرب دۇنياسى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دىنىي پەرق تۇيغۇسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى مۇستەملىكە قىلىنغان دەپ ھېس قىلىشى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق تۇيغۇسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
مىسىرغا سوتسىيالىزم كىرگەندە لىبېرالىزمچى ياكى كوممۇنىستپەرەس زىيالىلار مۇستەبىت ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان، بۇلار ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغانلىقىغا ۋە جسىمانىي جەھەتتىن ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا كۆز يۇمغان. بۇ سەۋەب ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن لىبېرالىزمچىلار ئارىسىدىكى كىملىك كرزىسىنى چوڭايتىۋەتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئېنىق مەيدان ئايرىش ۋە بىر– بىرىگە قارشى تۇرۇش پىكرى شەكىللەنگەن.
ئۈچىنچى، ئاڭ -سەۋىيە كرىزىسى ھەققىدە
ئاڭ–سەۋىيە كرىزىسىگە قارىتا مۇئامىلە قىلىش شەكلى تۆۋەندىكىدەك:
1) ئۆتمۈشپەرەسلىك:
ئىسلام پىكرىنىڭ كرىزىسى ئۆتمۈشنى ئەسلىگەنلىكتە كۆرۈنمەيدۇ، بەلكى ئۆتمۈشكىلا تايىنىۋالغانلىقتا نامايان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ دەۋرنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى ۋە قەھرىمانلىرى بۈگۈن ھاياتتا بولغان بولسا ئىدى، بەزى ئىشلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولاتتى ۋە قىلغان كۆپلىگەن ئىشلىرىنى تەكرار قىلمىغان بولاتتى. بىراق بەزىلەر بۇ دەۋردىمۇ ئۇلارنىڭ ئىجتىھاد خاراكتېرلىك ئىش–ھەرىكەتلىرىنى ئەينەن تەقلىد قىلىپ ماڭماقچى بولۇۋاتىدۇ[9].
مەسىلەن، ساھابىلەرنىڭ خەلىپە سايلاش ئۇسۇلى شۇ زاماننىڭ شارائىتىغا قارىتا بىرقانچە تۈرلۈك بولغان، ئۇلار تايانغان ئۇسۇل - چارىلەرنىڭ ھەممىسى ئىجتىھادىي ئۇسۇل - چارىلەردىن ئىبارەت ئىدى. ھەربىر خەلىپىنىڭ سايلىنىش ئۇسۇلى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىدى. بىراق بەزى كىشىلەر بۇ زاماندىمۇ بۇرۇنقى ئۇسۇل –چارىنىڭ دەل ئۆزىنى تۇتۇپ مېڭىشنى قائىدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرماقتا. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىرقانچە كىشى توپلىنىپ، ئۆزلىرىنى كېڭەش مەجلىسى دەپ ئاتىۋېلىپ، بىرەرسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت بەرمەكتە. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ خەلىپە سايلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا شەرئىي ھۆججەت ئىسپاتلانمىغان ئىدى. بۇنىڭغا كۆرە تارىخىي ۋەقەلەرنى شەرئىي دەلىلنىڭ ئورنىغا قويۇش توغرا بولمايدۇ.سىياسىي ھەرىكەتتىكى تارىخىي ۋەقەلىكلەر ئىجتىھاد خاراكتېرلىك مەسىلە بولغان ئىكەن، بۇ تېمىلاردا يېڭىدىن ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشقا ۋە ئىجتىھاد قىلىشقا ئەلۋەتتە بولىدۇ.
2) مەرىپەت بىلەرمەنلىكىنى دەۋا قىلىش
دىنىي مەرىپەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈپ ئېلىپ، ئۇنى دىننىڭ باشقا تەرەپلىرىدىن چوڭايتىۋېتىش ئىلمىي ئۆلچەمگە ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەسىلەن،
كۆپلىگەن تەسەۋۋۇپ ئېقىمىدىكىلەر ئەۋلىيالارنىڭ كارامەت مەسىلىسىنى چوڭايتىۋېتىدۇ ۋە ئۇنى دىننىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ھەققىدە دېڭىزدىن ھېچنېمىگە تايانماي ئۆتۈپ كېتىش، ئاسماندا ئۇچۇش دېگەندەك ئەپسانە دەرىجىسىدىكى ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقىدۇ.
تەبلىغ جامائىتى بولسا، ئاللاھ ئۈچۈن دەۋەتكە چىقىش ياكى بىرقانچە كۈنلۈك سەپەرگە چىقىش مەسىلىسىنى دىننىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئۇسۇلغا تايانمىغان كىشى گەرچە تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا ياكى ئىنتېرنېت بەتلىرىدە ياكى كىتاب- ژۇرناللاردادەۋەت قىلسىمۇ، توغرا دەۋەت قىلىش ئۇسۇلىغا تايانمىغان كىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھىزبۇتتەھرىر بولسا، خەلىپىلىك مەسىلىسىنى دىننىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىۋالىدۇ ۋە بارلىق تەسەۋۋۇرلىرىنى مۇشۇ نۇقتا ئەتراپىدا ئايلاندۇرىدۇ، خۇددى خەلىپىلىك قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولغان بىر كىشىنىڭ قولىدا بولمىسا، دىن ۋە دۇنيا پۈتۈن يوقاپ كېتىدىغاندەك تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.
3)مېتود بۇرۇلۇشى:دەلىللەرنى ئىزاھلاش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق[10].
- بۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشىغا توغرا كەلگەن شەرئىي ھۆججەتلەرنى تاللاپ ئىزاھلايدۇ، ئالىملار ئارىسىدىكى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئىختىلاپلارنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ. مەسىلەن، ھاكىمىيەت توغرىسىدا كەلگەن ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ھەققىدە ئالىملارنىڭ ئېتىبارلىق تەپسىرلىرىنى ئېتىبارغا ئالماستىن، باشقىلارنى دىندىن چىقىپ كېتىدىغان دەرىجىدىكى كاپىرغا چىقىرىۋېتىدۇ. مەسىلەن، ئىبنى ئابباسنىڭ «كىچىك كاپىر بولۇش» دېگەن تەپسىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بىلمەسلىك، مەجبۇرلىنىش ۋە ئاجىزلىق دېگەندەك ئۆزرىسى بولسا، ئۇ ئۆزرىنى ئېتىبارغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ.
- بۇلار شەرئىي ھۆججەتلەرنى زاھىرىي بويىچە ئىزاھلايدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر ئايەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن سۈرىتىگە قارىماستىن، كاپىرلار بىلەن دوستلىشىش توغرىسىدا كەلگەن ئايەتلەرنى زاھىرىي ئۇقۇمى بويىچە ئىزاھلاپ، كاپىرلارغا ماددىي ياردەمدە بولغان ۋە ئۇلار بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقانلارنى كاپىرغا چىقىرىۋېتىدۇ. ھالبۇكى، ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا كاپىرلارغا مۇتلەق يان بېسىپ كەتسە، ئاندىن مۇرتەدلىك ھۆكمى بېرىلىدۇ. ئەمما بۇلار خەلقئارا جەمئىيەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئادالەت مەھكىمىسى ۋە بىخەتەرلىك مەجلىسى دېگەندەك ئورگانلار بىلەن ئالاقە قىلغانلارنى مۇتلەق كاپىرغا چىقىرىۋېتىدۇ.
- بۇلار قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ كېلىش سەۋەبلىرىنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇلار دۈشمەن كاپىرلار ھەققىدە چۈشكەن ئايەتلەرنى تىنچلىق يولىنى تاللىغان كاپىرلارغا قوللىنىدۇ، كاپىرلار ھەققىدە چۈشكەن ئايەتلەرنى مۇسۇلمانلارغا تەتبىقلايدۇ، جەڭ مەيدانىدا چۈشكەن ئايەتلەرنى تىنچلىق مەزگىلىگە دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
شۇنداقلا يەنە بۇلار شەرئىي ھۆججەتلەردىكى ئومۇملۇق، خاسلىق، ئىخچاملىق ۋە چەكلىمىلىك دېگەندەك قائىدىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ.
4) ئاشقۇنلاردىكى پسىخىكا بۇزۇلۇش ئىللىتى
كرىزىس ئىچىدىكى شەخسلەرنىڭ مېڭىسى دائىم شۇملۇق ھېس قىلىدىغان قارا پىكىرلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا ئىنتىقام پىكىرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا سەۋەب بولىدۇ. ئاشقۇنلاردىكى پىكىر بۇرۇلۇشى ئۇلاردا سىقىلىش، غەزەپ قىلىش، مۇتەئەسسىپلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ[11].
ئەمما دىكتاتورلۇق، بوزەك قىلىش، سىياسىي بوشلۇق، قالايمىقانچىلىق ۋە ناچار شارائىتلار بولسا ئويغىنىش، تەرەققىيات ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن گۈللىنىشكەتوسالغۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
ئەينى زاماندا خاۋارىچلار ئىسلامنى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن يىراق ھالدا زاھىرىي چۈشەنگەندىن كېيىن «ھاكىمىيەت پەقەتلا ئاللاھقا مەنسۇپتۇر» دېگەن شوئارنى توۋلىغان ھالدا ھاكىمىيەت قىلىچلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقان ئىدى، بىراق ئۇلار بۇ شوئارنىڭ ئىزاھاتىنى ياكى تەتبىقلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمىغان. بولمىسا، شۇ كۈنلەردە ھاكىمىيەت بېشىدا ئۈممەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار ساھابىلەر بار ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، خاۋارىچلار ئۆزلىرى بىلگەن ئايەتلەرنى قانلىق يول بىلەن ئىزاھلاپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنى ئۆلتۈرۈشتى، ئىسلام پەتھىلىرىنى توختىتىپ قويۇشتى ۋە دۆلەتنىڭ ھەيۋىتىنى يوقىتىشتى.
بۇ خاۋارىچلارنىڭ پىكىرلىرىنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلاردا چەتئەل ئىستىخباراتىغا ئىشلەيدىغان ياكى دۈشمەن دۆلەتكە خىزمەت قىلىدىغان پىلان يوق ئىدى. ئۇلار دەلىللەرنىڭ مەقسەتلىرىگە قارىماستىن، زاھىرىي چۈشەنچە بىلەن كۇپايىلىنىدىغان قوپال مىجەز بىر توپ كىشىلەر ئىدى. ئۇلاردا قۇربان بېرىش ۋە پىداكارلىق روھى تېپىلسىمۇ، بىراق خاتا يولدا ئىدى. رىۋايەتلەرگە كۆرە ئىبنى مۇلجەم دېگەن خاۋارىچ قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنىڭ بېشى بولغان ھەزرىتى ئەلىنى ئۆلتۈرگەندە، ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدە ئۆلتۈرگەنمىش.
دېمەك، غايىلەر ھەرقانچە ئېسىل ۋە نىشانلار ھەرقانچە ئۇلۇغ بولسىمۇ، شەخسلەر ھەرقانچە باتۇر ۋە قەيسەر بولۇپ كەتسىمۇ، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە رىئايە قىلمىسا ۋە ھېكمەت يولىنى تۇتۇپ ماڭمىسا، بۇ ئۇلۇغ نىشانلار ئىگىسىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، بەلكى ئۆزى، ئائىلىسى ۋە جەمئىيىتىنى ئايرىماستىن كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بوينىدا بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى زۇلۇمنى رەت قىلىدىغان ئېسىل غايىلىرى ۋە تۇيغۇلىرى ھەر ئورۇندا زۇلۇم قىلىشقا ئاشىقتەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھالەت بۇرۇنقى خاۋارىچلارنىڭ پېشۋاسى ئىبنى مۇلجەمدە كۆرۈنگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ھازىرقى زامان ئاشقۇنلىرىدا كۆرۈنمەكتە. بۈگۈنكى بىرقىسىم جىھادىي سەلەپىلىك ھەرىكەتلىرى ھەقىقىي سەلەپىلىككە ۋەھەقىقىي جىھاد روھىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزمەكتە.
دېمەك، بۇلاردىكى پسىخىكا كرىزىسىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاشقا بولىدۇ:
-ئۇلار مەزلۇملۇقنى دەۋا قىلىدۇ، دائىم قۇربان بولغۇچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاتلانغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن نىشانلىنىۋاتقاندەك ۋە ھەر كىم ئۇلارنىڭ دۈشمىنىدەك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى سۈيىقەست ۋە دۈشمەنلىك نەزەرىيىسى بۇلارنىڭ كۆڭلىدە ۋە تۇيغۇسىدا ئورناپ كەتكەن.
- ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۈممەتنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە رەھبەرلىرى، ئۈممەتنىڭ مەسىلىسىگە ئاساسلىق شەكىلدە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان كىشىلەر دەپ داۋا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار كېڭەش ئۆلچىمى ۋە ئۈممەتنىڭ پىكرىگە قىلچە پىسەنت قىلماستىن، شەرىئەت دۆلىتىنى تۇرغۇزۇش دېگەندەك ئېلانلارنى توختىماي ئېلان قىلىدۇ.
-ئۇلار ھەقىقەت مونوپولچىلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان تۈرلۈك كۆزقاراشلارنى رەت قىلىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ كۆزقارىشىنىلا توغرا دەپ قارايدۇ، باشقا پىكىردىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سەلەپىيلىك ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇنلۇقنى پەقەت ئۆزلىرىدىلا دەۋا قىلىدۇ، باشقىلارنى بىدئەتچى، مۇرجىئى ۋە دىندىن چىقىپ كەتكەن دەپ قارايدۇ.
- ئۇلار غەلىبە قىلىۋاتقاندەك خىيال بىلەن ياشايدۇ، سەۋەب–نەتىجە قانۇنىيىتىگە ئىگە ئەمەس تۇرۇقلۇق، دائىم پۈتۈن دۇنيانى پەتھى قىلىشقا ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاكىم بولۇشقا قادىر دېگەن تۇيغۇ بىلەن ياشايدۇ.
- ئۇلارنىڭ قەلبىدە كىبىرلىك ۋە پوچىلىق ئورناپ كەتكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېس قىلىدۇ.
- دىنىي مەسىلىلەردە بىلىمسىز تۇرۇپ ئورۇنسىز جېدەل قىلىدۇ، ئەقىدىنىڭ تارماق مەسىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئەقىدە پىتنىسىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇ تارماق مەسىلىلەرنى مۇھەببەت ۋە نەپرەت مەسىلىسىگە باغلىۋالىدۇ.
7. ئاشقۇنلۇقنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى
1) ئاشقۇنلۇق ئەھلى سۈننەتنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان مۈشكۈلىدۇر. شۇڭا، ئاشقۇنلۇق ۋە خاۋارىچلىق پىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئاسىيلارغا تاقابىل تۇرۇشتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى بەزى گۇناھلارنىڭ زىيىنى بەزى ئاشقۇنلارنىڭ زىيىنىدىن چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئاسىيلىق توغرا يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ دەپتىرىدىكى قارا چېكىت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئاشقۇنلۇق توغرا يولدىن چەتنەش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، گۇناھ يولىغا كىرىپ قالغان كىشى تەۋبە قىلىپ تېز شەكىلدە خاتالىقىدىن يانالايدۇ. ئەمما ئەقىدە ۋە پىكىر ئاشقۇنلۇقىدىن يېنىش ئاسانغا توختىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار پىكىر ئازغۇنلۇقىغا چاقىرىدۇ، گۇناھكارلار بولسا مەخپى قىلىشقا تېرىشىدۇ[12].
ئاشقۇنلۇق پىكرى ئاپەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى، ئاسانلىقىنى، كەڭ قورساقلىقىنى، ئىنسانپەرۋەرلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە شارائىتلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى سەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ ھەم ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە قارىتا ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. چۈنكى ئاشقۇنلار ئاللاھ تەكلىپ قىلمىغان ئىشلارنى تەكلىپ دەپ قارايدۇ، ياكى ئاللاھ رۇخسەت قىلغان دائىرىدىن ھېساب ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
2) شۇنىڭدەك ئاشقۇنلۇق مۇرجىئەلىكتىن ئىبارەت پاسسىپ ئاشقۇنلۇققا مەخپى يول ئېچىپ بىرىدۇ. ئاشقۇنلۇق شەرىئەت بۇيرۇمىغان ئىشلارغا ئېسىلىش نۇقتىسىدىن كېلىپ چىقسا، مۇرجىئەلىك[13] شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يىراقلىشىش ۋە چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بىرىدۇ. شۇڭا، خاۋارىچلارنىڭ ئاشقۇن مەزھىپىنى مۇرجىئەلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا ھەسسە قوشقان دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ئەمەلىيەتتە، ئاشقۇنلۇق بىلەن مۇرجىئەلىك بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىدۇر، ئاشقۇنلۇق ئوڭچى ئاشقۇنلۇق ھېسابلانسا، مۇرجىئەلىك سولچى ئاشقۇنلۇقتۇر، ھەر ئىككىلىسى ئازغۇنلۇقتۇر، بۇرۇلۇشتۇر ۋە بىدئەتتۇر.
3) خاۋارىچلار ئىدىيەسىدىكى ئاشقۇنلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىر بىرلىكىنى پارچىلىۋېىتىدۇ، كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ. ئەمما قۇرئان- سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسىنى تۇتۇپ مېڭىش ئاشقۇنلۇقتىن ساقلايدۇ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرۈشكە شارائىت ھازىرلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۆلىمالار خاۋارىچلارنىڭ مەزھىپىنى ئەھل سۈننىڭ مەزھىبىگە ئوخشىمايدۇ دەپ بايان قىلغان. چۈنكى خاۋارىچلارنىڭ مەزھىپى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرەلمەيدۇ، بەلكى بۆلۈۋېتىدۇ. تارىخ ۋە رېئاللىق بۇنىڭغا شاھىت.
4) مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقىرىش ھەم ئۇنىڭ قېنىنى، ئىززەت ئابرۇيىنى ۋە مال مۈلكىنى ھالال دەپ قاراش خاۋارىچلىقنىڭ بۇ ئۈممەت ھەققىدە ئىشلىگەن ئېغىر جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلام دىنىغا كىرمەك ئاسان، ئىسلامغا كىرمەكچى بولغان ئىنسان شاھادەت سۆزىنى قەلبىدىن ئىشىنىپ تىلى بىلەن ئىپادىلىسە ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلسا، مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ. شاھادەت سۆزىنى ئېيتقان مۇسۇلمان گەرچە بەزى ۋاجىپ ئىشلارنى ئادا قىلىشتا سەل قارىغان ۋە بەزى گۇناھلارنى قىلىپ سالغان بولسىمۇ، دىندىن چىقىپ كېتىدىغان بىرەر ئىشنى سادىر قىلمىغان بولسىلا، قېنى، ئابرۇيى ۋە مال- مۈلكى مەسۇم ھېسابلىنىدۇ.
8. ئاشقۇنلۇقتىن ئاگاھلاندۇرۇش جىھادتىن توسقانلىق بولامدۇ؟
ئاشقۇنلۇق ئەسلىدە پىكىر بۇرۇلۇشىدىن، چۈشەنچە ۋە مېتود خاتالىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئاشقۇنلۇقنى داۋالاشنىڭ چارىسى پىكىر ۋە چۈشەنچە بۇرۇلۇشىنى ۋە مېتود خاتالىقىنى ئىسلاھ قىلىشقا مەركەزلىشىشى لازىم.
ئەلۋەتتە پىكىر ۋە چۈشەنچە ئاشقۇنلۇقىدىكى خاتالىقلارنى بايان قىلىشنىڭ جىھادنىڭ پەرزلىكى ۋە جىھادنىڭ قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان مۇقەددەس بىر پىرىنسىپ ئىكەنلىكى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. چۈنكى جىھاد ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەمدە زالىمغا ۋە تاجاۋۇزچىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلمان ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك كەڭ دائىرلىك پەرز ئىبادەتتۇر. ئاشقۇنلۇق بولسا قۇرئان -سۈننەت روھىدىن، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن چەتنەشتۇر ۋە پىكرىي بۇرۇلۇشتۇر. شۇڭا، شەرىئەت روھىغا ئۇيغۇن جىھاد قىلىش ئۈچۈن پىكىر ۋە چۈشەنچىدىكى ئاشقۇن پىكىرلەردىن قۇتۇلۇش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، جىھاد نامىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىغا، ئىززىتىگە ۋە مېلىغا تاجاۋۇز قىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.
ئاشقۇنلۇق ۋە جىھاد توغرىسىدا بەزى ئىشارەتلەر:
1. شەرئىي بىر مەقسەت ياكى سىياسىي مەنپەئەت ئۈچۈن بەزى يۇرتقا جىھادقا بارماسلىققا تەشەببۇس قىلغانلىق ھەرگىزمۇ جىھادنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلغانلىق بولمايدۇ. چۈنكى جىھادنىڭ پەرزلىكى بىلەن -مۇئەييەن بىر ئورۇن ۋە ۋاقىتتا- جىھادقا قاتناشماسلىققا چاقىرىش ئارىسىدا پەرق بار.
2. بىرەر ئالىم بىرەر يۇرتتىكى جىھاد مەيدانىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرغان بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ جىھادتىن توسقانلىق بولمايدۇ، بەلكى بۇنىڭ شەرئىي ۋە سىياسىي سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
3. بىرەر ئالىمنىڭ كىشىلەرنى بىرەر تەشكىلاتنىڭ بايرىقى ئاستىدا بىرەر يۇرتقا جىھادقا بېرىشىتىن ئاگاھلاندۇرۇشى، شۇ يۇرتتا باشقا تەشكىلاتلار ئاستىدا جىھاد قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكىم مەزكۇر تەشكىلات ئاشقۇن پىكىرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
4. توغرا جىھادنىڭ ئاشقۇنلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق. شەرىئەت روھىدىن چەتنىمەيمۇ جىھاد قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: ئابدۇلئەھەد ھافىز
[1]دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار، «ئاشقۇنلۇق ئېڭىنىڭ پارچىلىنىشى» 10- بەت.
[2]نىسا سۈرىسى، 171–ئايەت.
[3]مائىدە سۈرىسى، 77–ئايەت.
[4]ھۇد سۈرىسى، 112 – ئايەت.
[5]ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 1/215. ئىبنى ماجە رىۋايىتى، 3028–ھەدىس.
[6]ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى، 4906- ھەدىس.
[7]نەسەئى رىۋايىتى، 5051- ھەدىس.
[8]ئابدۇلفەتتاھ مازى، «ئاشقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىدىكى پىكرىي نۇقتىلار»، 38 – بەتكە قاراڭ.
[9]ھەسەن دۇغەيم، «سىياسىي ئاشقۇنلۇق»، 27 – بەت.
[10]ھەسەن دۇغەيم، «سىياسىي ئاشقۇنلۇق»، 29 – بەت.
[11]دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار، «ئاشقۇنلۇق ئېڭىنىڭ پارچىلىنىشى»، 36 – بەت.
[12]دوكتور ئابدۇلكەرىم بەككار، «ئاشقۇنلۇق ئېڭىنىڭ پارچىلىنىشى»، 85 – بەتكە قاراڭ.
[13]مۇرجىئە دېگەن شاھادەت كەلمىسىنى ئېيتقان كىشى چوڭ گۇناھ قىلسىمۇ مۇكەممەل مۇسۇلمان بولىۋېرىدۇ دەپ قارايدۇ، گۇناھ قىلسا ئىمانغا تەسىر يەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ، ئىمان قەلبتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىدىن كۇپرى سۆزى چىقسىمۇ زىينى يوق دەپ قارايدۇ. بۇ ئېقىم ئىش ھەرىكەت ئىماننى ياكى پاسىقلىقنى ياكى كۇپۇرلۇقنى ئىپادىلىمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇرجىئەلىككە ئەلمانىزمنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
باشقا خىزمەتلەر