ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
ئاسىيلارغىمۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنىڭ كەڭتاشا بېرىلىشى، ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، ئازابقا دۇچار قىلىش ئۈچۈندۇر

ئاسىيلارغىمۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنىڭ كەڭتاشا بېرىلىشى، ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرۇپ، ئازابقا دۇچار قىلىش ئۈچۈندۇر

 

شەيخ دوكتور: ئۇسامە ئابدۇللا خەييات

 

(/3/1431ھـ - 13/3/2010م)

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «ئاسىيلارغىمۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنىڭ كەڭتاشا بېرىلىشى، ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ئازابقا دۇچار قىلىش ئۈچۈندۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى خۇتبىنى ئوقۇغان:

 ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

 ئاللاھنىڭ، ئۆزىنىڭ نېمەتلىرىنى دۇنيادىكى زالىم، پاسىق ۋە ئاسىيلارغىمۇ كەڭتاشا ئاتا قىلىشى بولسا، ئۇلار ئۈچۈن يامان ئاقىۋەتنىڭ كېلىشىدىن سىگنالدۇر. بىز كۆرۈۋاتقاندەك دۇنيادا ھەددىدىن ئاشقان زالىملار ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا قارشى چىققان كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ كۆپلەپ رىزىق ئاتا قىلىشى، ئۇلار ئۈچۈن سىناق ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇسنەدىدە كەلگەن، ئۇقبە ئىبنى ئامىر رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئاسىي بەندىسىگىمۇ نېمەتلىرىنى كەڭتاشا بەرگەنلىكىنى كۆرسىڭىز، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى بىخۇدلاشتۇرۇپ جەھەننەمگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلىڭ، دەپ مونۇ ئايەتنى ئوقۇغان: {فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِۦ فَتَحۡنَا عَلَيۡهِمۡ أَبۡوَٰبَ كُلِّ شَيۡءٍ حَتَّىٰٓ إِذَا فَرِحُواْ بِمَآ أُوتُوٓاْ أَخَذۡنَٰهُم بَغۡتَةٗ فَإِذَا هُم مُّبۡلِسُونَ فَقُطِعَ دَابِرُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْۚ وَٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ} {بىز ئۇلارغا ئەسلەتكەن ئايەتلەرنى ئۇنتۇغاندا، ئۇلار ئۈچۈن ھەممە نەرسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن خۇشاللىنىپ كۆرەڭلىگەنلەرنى تۇيۇقسىزلا تۇتىمىز، ئۇلار ھېچيەرگە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. زالىملارنىڭ قۇيرۇقى كېسىلدى، پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن}[1]. مەزكۇر ئايەتنىڭ روھى بويىچە، ئاللاھ تائالا بىزلەرگە ئاسىيلارنى قانداق بىخۇتلاشتۇرغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتكەنلىكى، ئۇلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپمۇ، تەن سالامەتلىكى ياخشى ۋە بايلىقى مول بولىشى، پەقەتلا ئۇلارنىڭ نېمەتكە تۇز كورلۇق قىلىشلىرىنى دەلىل ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدۇر.

كۆپلىگەن ئاسىيلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بايلىقلاردىن كۆرەڭلەپ، مەندەك ئەقىللىق، زېرەك ئادەم يوق، ماڭا كەلگەن بۇ بايلىق ئۆزەمنىڭ ئەقىللىق ۋە ھۇشيارلىقىمدىن كەلگەن، ماڭا كەلگەن بۇ ئامەت ھېچقاچان يوقالمايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەنلىكىنى تۇيماي قالىدۇ. ئىنسانغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نەرسە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، تۇيۇقسىز كەلگەن بايلىقمۇ خەتەرلىكتۇر. تۇيۇقسىز كەلگەن مۇسىبەت بولسا، ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياماندۇر، شۇ سەۋەبتىن ئەقىل ئىگىسى تۇيۇقسىز ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كېلىپ ئەجەلنىڭ ئاخىرلىشىشىدەك ئاقىۋەتلەر ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك.

يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىشقا ئەڭ لايىق كىشى مۇئمىنلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان مونۇ ھەدىسى ئاجايىپ ھېكمەت بىلەن تولغاندۇر: «مۇئمىننىڭ ئىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىقتۇر؛ خۇشاللىق كەلسە، شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر. مۇسىبەت كەلسە، سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر».[2]

مۇئمىنلەر بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان زالىملار، كاپىرلار ۋە ئاسىيلارغا كەلگەن ئامەتلەردىن ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى بىلىشى لازىم، چۈنكى بۇنداق نېمەتلەر ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق بولماستىن، بەلكى قىيامەتتىكى دەرتلىك ئازاب ئۈچۈن يېقىلغۇدۇر. ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن، زالىملارنى ھېچقاچان جازاسىز قويۇۋەتمەيدۇ. زالىملار بۇ دۇنيادا جازاسىنى تارتىدۇ، ئەگەر تارتماي قالغان بولسا، ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك جەھەننەمگە بارىدۇ. جەھەننەمدىن يامان ئازاب بارمۇ؟! شۇ سەۋەبتىن مۇئمىنلەر زالىملارنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىگە ئالدانماسلىقى لازىم.

ئىنسانغا كەلگەن چوڭ-كىچىك بارچە مۇسىبەتلەرنىڭ بەدىلى باردۇر. ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا ئوخشاش بولمىغان سىناق- ئىمتىھانلار بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھنىڭ سىناقلىرىدىن غەلىبىلىك چىقالىغان كىشىگە، ئاللاھنىڭ مەڭگۈلۈك ئىنئامى بولغان جەننىتى لايىق بولىدۇ. بۇ دۇنيادا پۇل، مەنسەپ، ئابروي ۋە ھاكىمىيەت بېرىلگەنلەر، دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخىتلىك كىشىلەر ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيادىكى ئامەت، زالىملار ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ بېشارىتىدۇر. بىلىدىغان بولساق، پۇل-مال ۋە مەنسەپ بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ مىزانى ئەمەس. ھەقىقىي بەخت بولسا ئىنساننىڭ روھىي ئوزۇقى بولغان ئىمان لەززىتىدە تېپىلىدۇ.

ئاللاھ بىزنى دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىگە ئالدانغۇچىلاردىن قىلمىسۇن، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئاتا قىلسۇن، ئامىن!!.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى.

 



[1]   سۈرە ئەنئام: 44- ۋە 45- ئايەت.

[2]   مۇسلىم رىۋايىتى.

باشقا خىزمەتلەر