ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
ساھابىلەرنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
ساھابىلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ باقىدىغان بولساق، ئاللاھتىن قاتتىق قورققان ھالدا ئەمەل-ئىبادەتكە شۇنچىلىك زوق بىلەن بېرىلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بىزدە كەمچىللىك، بىخەستەلىك ۋە بىغەملىك تولۇپ يېتىپتۇ. ۋاھالەنكى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەنىكەن: «مەن مۇئمىننىڭ بېقىنىدىكى بىر تال موي بولۇپ قالسام بوپتىكەن!»[1]
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىگەن: «بارچە كەلگۈلۈك مۇشۇنىڭدىن كېلىدۇ.»ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەك تولا يىغلايتتى. ئۇ: يىغلاڭلار، ئەگەر يىغلىيالمىساڭلار يىغلىغاننى دوراڭلار، دېگەنىدى.»[2]
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازغا تۇرغاندا ئاللاھتىن قورققانلىقتىن گوياكى ياغاچتەكلا بولۇپ كېتەتتى.
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا بىر (ئوۋلانغان) قۇش ئېلىپ كېلىندى. ئۇ قۇشنى ئۆرىدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: «بىرەر ئوۋ ئوۋلانسا ياكى دەرەخ كېسىلسە، ئۇ پەقەت مېنىڭ تەسبىھنى زايا قىلغىنىمدىن بولدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەكراتقا چۈشكەن چاغدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «مەن مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىدىن ماۋۇ توننى، سۈت چېلىكىنى ۋە ماۋۇ قۇلنى ئىشلەتكەن ئىدىم، بۇلارنى دەرھاللا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ بەرگىن.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن يېيىلىدىغان، كېسىلىدىغان دەرەخ بولۇپ قالغان بولسام، دەپ ئارزۇ قىلىپ قالدىم.»
قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: كاشكى مەن چارۋىلار يەيدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ قالغان بولسامچۇ!» دېگەنلىك خەۋىرى كەلدى.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچە ئىبادەتلىرىدە مەلۇم ئايەتلەرنى ئوقۇۋېتىپ، شۇ ئايەتلەرنىڭ تەسىرىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆيىدە يېتىپ قالاتتى. باشقىلار ئۇنى كېسەل دەپ ئويلاپ، يوقلاپ كېلىشەتتى. ئۇ دائىم يىغلىغانلىقتىن ئىككى مەڭزىدە ياش ئېرىقچىلىرى پەيدا بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ سەن ئارقىلىق نۇرغۇن شەھەرلەرنى بەرپا قىلدى، نۇرغۇن جايلارنى فەتىھ قىلدى ھەم نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كاشكى جازا-مۇكاپاتسىز قۇتۇلسامچۇ! دېدى.
ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىستانلىققا كەلگەندە يىغلاپ ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ئۇ: جەننەت بىلەن دوزاخ ئارىسىدا قالسامكەن! ئىككىسىنىڭ قايسىغا بۇيرۇلدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئۇ ئىككىسنىڭ قايسىغا كىرىدىغانلىقىمنى بىلىشتىن ئىلگىرى كۈل بولۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلمەن، دېگەن.
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارزۇنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى ۋە ھاۋايى ھەۋەسكە ئەگىشىپ كېتىشتىن بەك قورقاتتى. ئۇ: ئارزۇنىڭ كۆپ بولۇشى ئاخىرەتنى ئۇنتۇلدۇرۋېتىدۇ. ھەۋەسكە ئەگىشىش ھەقتىن توسىدۇ. بىلىڭلاركى، دۇنيا ئارقىسىنى قىلىپ كېتىۋاتىدۇ، قىيامەت يېقىنلىشىۋاتىدۇ. ئىنسانلار ئىچىدە دۇنيانى كۆزلەپ ياشايدىغانلارمۇ، ئاخىرەتنى كۆزلەپ ياشايدىغانلارمۇ بار. سىلەر ھەرگىزمۇ دۇنيا ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ قالماڭلار. ئاخىرەت ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇڭلار! بۇ دۇنيا پەقەت ئەمەل دۇنياسى، ئەتە(قىيامەت) ھېساب دۇنياسىدۇر، دەيتتى.
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قىيامەت كۈنى مەندىن بىلگەنلىرىڭگە قانداق ئەمەل قىلدىڭ، دەپ سورىلىشتىن بەك قورقىمەن، دەيتتى. ئۇ يەنە «مۇبادا ئۆلگەندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئىشلارنى بىلسەڭلار، ئىشتىھا بىلەن يىيەلمەيتىڭلار، ئىشتىھا بىلەن ئىچەلمەيتىڭلار، سالقىن ئۆيلەردە ئولتۇرمايتىڭلار، كوچا-كويلاردا ئەھۋالىڭلارغا ئېچىنىپ ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كاچاتلايتتىڭلار» دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن «مەن مال-چارۋا يەيدىغان ئوت-چۆپ بولۇپ كەتسەمچۇ!»
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆپ يىغلىغانلىقتىن مەڭزىلىرى چىرىپ كەتكەن شوينىدەك بولۇپ كەتكەنىدى.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كېسىلدىغان دەرەخ بولۇپ كەتسەمچۇ، يارىتىلمىغان بولسامچۇ، دەپ كېتەتتى. ئۇنىڭغا خىراجەت تەڭلەنگەندە: مېنىڭ سېغىن ئۆچكەم، مېنىدىغان ئۇلىغىم، خىزمەتچىم بار، ئېشىنچە تونۇم بار، بۇلاردىن ھىساپ بېرەلمەسلىكتىن قورقىمەن، دەپ رەت قىلغان.
تەمىيمۇددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەلۇم بىر كېچىسى جاسىيە سۈرىسىنى ئوقۇۋېتىپ «يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇپپارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمە دېگەن يامان!»[3] دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپ شۇ ئايەتنى تەكرارلىغان.
ئەبۇ ئۇبەيدە ئامىر ئىبنى جەرراھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بوغۇزلاپ يىيىلدىغان، شورپىسى ئىچىلدىغان قوچقار بولۇپ قالغان بولسامچۇ! دەيتتى. بۇنىڭغا دائىر مىساللار ناھايتى كۆپ.
سەھىھۇل بۇخارىدا «مۇئىمىنلەرنىڭ سەزمەستىن ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىشتىن قورقىشى» دەپ ئالاھىدە بىر باپ كەلتۈرۈلگەن.
ئىبراھىم تەيمىي «سۆزۈمنى ئەمىلىمگە سېلىشتۇرۇپ باقساملا، يالغانچى بولۇپ قېلىشىمدىن قورقىمەن» دېگەن.
ئىبنى ئەبى مۇلەيكە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئوتتۇز ساھابە بىلەن ئۇچىراشتىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇناپىق بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى مېنىڭ ئىمانىم جىبرىئىلنىڭ ئىمانىدەك، مىكائىلنىڭ ئىمانىدەك دېمەيتتى.
ھەسەندىن مۇنداق نەقىل قىلىندى: مۇناپىق بولۇپ كېتىشتىن پەقەت مۇئمىنلا ئەنسىرەيدۇ، مۇناپىقلا خاتىرجەم يۈرۈيدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: خۇدا ھەققى، جاۋاب بەرگىنا! مېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنىڭ قاتارىدا ئاتىدىمۇ؟ دېگەندە، ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ياق ئاتىمىدى، ئەمدى سەندىن كېيىن ھىچكىمنى ئاقلىمايمەن، دېدى.
مەن ئۇستاز ئىبنى تەيمىيەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇقىرىقى ئەسەردە «مەن ئەمدى باشقا ئادەملەرنىڭ مۇناپىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمەيمەن» دېمەكچى.
ئىبنى قەييىم مۇنداق دەيدۇ: بۇ، سوئال-سوراقسىز جەننەتكە كىرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ قاتارىدىن بولۇشقا دۇئا قىلىپ قويۇشنى سورىغان ساھابىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇكاشە سەندىن بۇرۇن سوراپ بولدى» دەپ جاۋاب بەرگىنىگە ئوخشاش بىر گەپ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۇكاشىلا يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ قاتارىغا كىرەلەيدۇ، باشقىلار بۇ قاتارغا كىرەلمەيدۇ، دېمەكچى ئەمەس ئىدى. ناۋادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئادەمگە دۇئا قىلىپ قويسا، باشقا ساھابىلەر ئارقىمۇ-ئارقا دۇئا سورىغىلى تۇراتتى، ئاخىرىنى توختىتىپ بولغىلى بولمايتتى. بەزىدە تېخى ھېلىقى يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ قاتارىغا كىرىش سالاھىيىتى بولمىغان كىشىلەرمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇشنى تەلەپ قىلىپ دۇئا سوراپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۇكاشە سەندىن بۇرۇن سوراپ بولدى» دېيىش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالغىنى تۈزۈك ئىدى. (توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. )
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر