ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش، مۇشكۈلىنى ئاسان قىلىش دۇنيا ئاخىرەتتە نىجاتلىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر

قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش، مۇشكۈلىنى ئاسان قىلىش دۇنيا ئاخىرەتتە نىجاتلىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر

ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات

2010 – يىلى 4 – ئاينىڭ 15 - كۈنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىش ۋە مۇشكۈلىنى ئاسان قىلىش، دۇنيا ئاخىرەتتە نىجاتلىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى ئۆزگىرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلار كېلىدۇ، غەم-ئەندىشىگە يولۇقىدۇ. بەزى ئىنسانلارغا شۇنداق مۇسىبەتلەر كېلىدۇكى، جېنىدىن ئايرىلىدۇ، مېلىدىن ئايرىلىدۇ ۋە ئابرۇيىغا داغ تېگىدۇ. ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىگە چۈشۈپ قېلىپ، شۇ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرىدىغان شەپقەتچىگە موھتاج بولۇپ قالىدۇ. شۇ چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەسلەشكە مەجبۇر بولىدۇ:

{وَإِن يَمۡسَسۡكَ ٱللَّهُ بِضُرّٖ فَلَا كَاشِفَ لَهُۥٓ إِلَّا هُوَۖ وَإِن يَمۡسَسۡكَ بِخَيۡرٖ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ}

 {ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى اﷲدىن باشقا ھىچكىم كۆتۈرىۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇچاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارلىشالمايدۇ) چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر}[1].

ئىنسان شۇ چاغدا بىلىدۇكى، ئاللاھتىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوق. ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق بالا-مۇسىبەتنى كۆتۈرگۈچى پەقەت ئاللاھ. مۇسىبەتكە چۈشكەن ئىنسان، ئاللاھقا دۇئا قىلىشى ۋە ئاللاھتىن تىلىشى كېرەك. ئىنسان داۋاملىق دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنى ئىزلەپ، دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئاللاھقا يېلىنىشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھتىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بىر مۇسىبەت كەلسە: «ئى مەڭگۈ ھايات ئاللاھ! سېنىڭ رەھمىتىڭدىن ياردەم سورايمەن» دەيتتى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالاممۇ بېلىقنىڭ قارىندىكى ۋاقتىدا ئاللاھقا يېلىنىپ مۇنداق دېگەن: «(پەرۋەردىگارىم!) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم».

مۇسۇلمان ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلىدىكەن، ئاللاھ چوقۇم ئىجابەت قىلىدۇ. بېشىغا كەلگەن دۇنيادىكى بالا-مۇسىبەتنى يەڭگىللىتىشنىڭ، قىيامەتتە بولسا ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى، ئاللاھنىڭ ھەققىنى مۇكەممەل ئادا قىلىش، ئاللاھنى رازى قىلىشقا ئالدىراش، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇكەممەل ئەمەل قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ھاكىم قىلىشتۇر. يەنە باشقا كۆپلىگەن ھەقلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش، ئۇلارغا قولدىن كېلىشچە ياخشىلىق قىلىش، شۇ ئارقىلىق مۇھەممەد مۇستافا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر.

بىلىش كېرەككى، مۇشۇ دۇنيادا ياخشىلىق ئىگىسى بولغانلار قىيامەتتىمۇ ياخشىلىق ئىگىسى بولىدۇ. ئېھسان بولسا، دىنى قېرىنداشلىقنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئارا دوستلۇقىنى مۇنۇ ئايەتتە بەلگىلىگەن:

{إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِخۡوَةٞ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَ أَخَوَيۡكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ} {مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اﷲدىن قورقۇڭلار}[2].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەر بىر-بىرىگە ھىسداشلىق، مېھرى-مۇھەببەت ۋە ھەمكارلىقتا خۇددى بىر پۈتۈن جىسىمغا ئوخشاشتۇر، بەدەننىڭ قايسى بىر يېرىدە ئاغرىق بولسا، باشقا ئەزالارمۇ قىزىتىپ بىئارام بولىدۇ». بۇ ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن مۆمىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىمان قېرىنداشلىقى مۆمىننىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتنى يەڭگىللىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە ئورتاقلىشىش ۋە ھەمدەم بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئىمام ئۆز خۇتبىسىدە يەنە: قانداق بىر مۇسۇلمان ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسان قىلىدۇ؛ دېدى. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ بۇ دۇنيادا ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىيامەتتىكى ئەيىبىنى ياپىدۇ. قىيامەتنىڭ دىشۋارچىلىقى تولىمۇ ئېغىر ۋە يامان بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ مۇسىبىتى ۋە قىيىنچىلىقىنى ئاخىرەتنىڭ مۇسىبىتى ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. قىيامەتتە بەندە ئاللاھنىڭ پەزلى-كەرىمىگە موھتاج. مۇئمىن مۇسۇلمان ئۆز شەخسىيىتىدە باشقىلارغا نەمۇنە، ئۆرنەك بولىدىغان شەكىلدە ئۆزىنى ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىشى كېرەك. ھەر بىر مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگەشكەن ھالدا باشقىلارغا ئۆرنەك بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

بارلىق ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولۇپ، ئاللاھقا موھتاجدۇر. شۇ بەندىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، ئېھساننىڭ جۈملىسىدىندۇر. خوجايىن قول ئاستىدىكىلەرگە سىلە رەھىم قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرگەندەك، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە ياخشىلىقنى خالايدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ. ھەقىقىي مۇئمىن ئۆزىنى باشقىلار ئۈچۈن ۋەقفى قىلىۋەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، دەردىگە دەرمان بولىدۇ، مۇسىبەت ئىگىسىگە سەبرنى تەۋسىيە قىلىپ، تەسەللى بېرىدۇ، قورقۇنچ ئىچىدىكىلەرگە ئامانلىق بېرىشكە تىرىشىدۇ، ئاجىز بولسا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلمايدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا زىيان سالمايدۇ ۋە يامانلىق قىلمايدۇ.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چىدىماسلىق قىلىشماڭلار، ئاداۋەتلەشمەڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئارقاڭلارنى قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزماڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇپ ياشاڭلار، چۈنكى مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ، خارلىمايدۇ، ھاقارەتلىمەيدۇ، تەقۋالىق بۇ يەردە، دەپ ئۈچ قېتىم كۆكرىكىگە ئىشارەت قىلغان، مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ھاقارەت قىلىشتىنمۇ يامانراق گۇناھ بولمىسا كېرەك، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قېنى ھارام، مېلى ھارام ۋە ئابرۇيى ھارامدۇر».

 بىلىش كېرەككى، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا دۇنيانىڭ قايسى بۇرجىكىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر قېرىنداشلىق ھەققى باردۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سىراجىددىن ئەزىزى

 



[1]  سۈرە ئەنئام: 17- ئايەت.

 

[2]  سۈرە ھۇجرات: 10- ئايەت

باشقا خىزمەتلەر