ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
ئۆلىمالارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى
تاھىرجان ئابباس
ئۆلىمالار جەمئىيەتنى نۇرلاندۇرىدىغان پارلاق يۇلتۇزلاردۇر. ئۇلار ئارقىلىق مىللەتلەر قەد كۆتۈرىدۇ، مەدەنىيەتلەر بارلىققا كېلىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىگە ۋە مىللەتكە يۈزلەنگەن خىرىسقا قارىتا يېڭىچە ھەل قىلىش چارىسى تاپىدۇ. شۇنىڭدەك ياخشى شەخس، ياخشى ئائىلە، ياخشى جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئىزدەش ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئەلالاشتۇرۇشنىڭ پىلان ۋە لايىھەلىرىنى تۈزىدۇ، ھەمدە ئۇلار مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە بىرلىكىنى كۈچەيتىدىغان، مىللەتنىڭ زامانغا، جاھانغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان غايەت زور ئىلھام بۇلىقى.
دەرھەقىقەت، جەمئىيەتنىڭ كېلەچىكى ئۆلىمالارنىڭ قولىدىدۇر. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ھەق - ناھەقنى كۆرسىتىش، ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشتىكى تەسىرى ۋە ۋەزنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. مۇنداق بىر مەشھۇر سۆز بار: «ھەرنەرسىنىڭ قىممىتى يوقالغاندىن كېيىن بىلىنىدۇ». توغرا، ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى قولدىن كەتكەندىن كېيىن بىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئالىملارنىڭ قىممىتى ۋە رولىمۇ ئۇلار ئارىمىزدىن كەتكەندىن كېيىن بىلىنىدۇ. بەلكىم بىز بۇ كۈنلەردە جەمئىيتىمىزدە كەملىكىنى ھېس قىلىۋاتقان بىردىنبىر نەرسە «تەقۋادار ئۆلىمالار» بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقىي تەقۋادار ئۆلىمالارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، خۇددى ماددىلارنىڭ ئاسان بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خىمىيەلىك دورىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇ دورا ئۆزىنىڭ قوغداش ئىقتىدارىنى يوقاتسا، شەيئىلەرنىڭ ئاسان بۇزۇلۇشى مۇقەرر بولغىنىدەك، ئالىملارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنىڭ بولماسلىقىمۇ شۇ جەمئىيەتنىڭ تاپتىن چىقىپ، بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلىمالارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «صِنْفَانِ مِنْ النَّاسِ إذَا صَلَحَا صَلَحَ النَّاسُ وَإِذَا فَسَدَا فَسَدَ النَّاسُ، العُلَمَاءُ وَالأُمَرَاء» (ئىنسانلار ئىچىدە ئىككى تۈرلۈك ئادەم بولىدۇ. ئۇلار بۇزۇلسا، ئىنسانلار بۇزۇلىدۇ، ئۇلار تۈزەلسە، ئىنسانلار تۈزىلىدۇ. ئۇلار - ئالىملار ۋە باشقۇرغۇچىلاردۇر)[1].
يەنە بىر ھەدىس شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالىملارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «إِنَّ مَثَلَ الْعُلَمَاءِ فِي الأَرْضِ كَمَثَلِ نُجُومِ السَّمَاءِ يُهْتَدَى بِهَا فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ فَإِذَا انْطَمَسَتِ النُّجُومُ يُوشِكُ أَنْ تَضِلَّ الْهُدَاةُ» «زېمىندىكى ئۆلىمالارنىڭ مىسالى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يول كۆرسىتىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، قاچانكى يۇلتۇزلار ئۆچسە توغرا يۆنىلىشتىكىلەرنىڭمۇ ئېزىپ كېتىشىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ»[2]. ئالىملار ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سوۋغىسى. ئۇلار زۇلمەت كېچىنى يورۇتقۇچى چىراغقا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھىدايەت باشلامچىلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى. ئۇلار ئۈممەت دۇچ كەلگەن ھەر قانداق خاتا ئىدىيە ۋە ئازغۇن يوللارنىڭ زىيانلىق ئوقلىرىغا قارشى قالقان. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرايدىغان دوختۇر. ئۇلار زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك ئالدىدا سۈكۈتنى بۇزىدىغان ھەقىققانىيەتچىلەردۇر.
خەلق ئادەتتە ئالىم – ئۆلىمالارغا ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىغا ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ ئىلغار جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر ۋە رولى چوڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشتە، مىللىي ۋە دىنىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغداشتا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشى ئالدىنقى شەرت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ تەتقىقات ۋە ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى ئالىم – ئۆلىمالار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ چىقرىشى ئىنتايىن زۆرۈر.
ئىلغار جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا دىننىڭ ئورنى ۋە ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى دىن جەمئىيەتنىڭ كىملىكى، ئەھلى ئۆلىمالار بولسا، شۇ كىملىكنى قوغدايدىغان پاسىبان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار ئۆز ئىلمىنى سۆيۈش بىلەن بىرگە ئىلىم - پەننىمۇ سۆيۈشى، گۈزەل سەنئەتنى قەدىرلىشى، تەپەككۇرى ۋە ھەرىكىتىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەملەشكە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى بولغان ئىلىم – مەرىپەت ۋە قىممەت قاراشلارنى جەمئىيەتتە كەڭرى قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە باشقا پۈتۈن قىيىنچىلىقىغا قارىتا پوزىتسىيەسى ئېنىق ۋە كەسكىن بولۇشى كېرەك.
ئۆلىمالار كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى، جەمئىيەتتە تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، توقۇنۇش، پىتنە ئوتى ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۆچۈرۈشكە كۈچەش، شۇنىڭدەك ياخشى ئۈممەتلىك قىممەت قارىشى بويىچە باشقىلارغا نەمۇنىلىك رول ئويناشتۇر.
ئۆلىمالار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلاردىن يەنە بىرى، ئۇلار دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان ئىجابىي نەتىجىلەرنى يارىتىشى، بىخەتەرلىكنى بۇزىدىغان ۋە مالىمانچىلىقنى كېڭەيتىدىغان ئىشلارغا قارشى بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان قەلئە بولۇشى، ئىش بېشىدىكى رەھبەرلەرنى ياخشى ئىشلاردا قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى، يامان ئىشلاردا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشى، ۋەتىنى ۋە خەلقىگە خىيانەت خەنجىرى بولۇپ قېلىشتىن ياكى يامان غەرەزلىك تاشقى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان بولساق، كۈنىمىزدە بىرەر ئىلىم ۋە كەسىپتە تەخەسسۇسلاشمىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەدەبىيات تەلقىنلىرى، دىنىي ۋە ئىلمىي ئۆلچەمگە توشمايدىغان پىلان - لاھىيەلىرى، قارىنى ئاق، ئاقنى قارا قىلىۋىتەلەيدىغان پىكىر بوھرانلىرى تور دۇنياسىدا ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئىلىم - مەرىپەت ۋە ئالىم - ئۆلىمالىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بەلكى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىلمەي تۇرۇپ بىلەرمەنلىك قىلىدىغان، بىلمەي تۇرۇپ بىلىشكە ئىنتىلگۈچىلەرنى ھاقارەتلەيدىغان، ئانچە - مۇنچە بىرنەرسە بىلىۋېلىپ كۆپرەك بىلىشكە قىزىقمايدىغان، نامرات ۋە نادان تۇرمۇش رىجىلىرىگە ئېجىل ناباب شەخسىيەتلەر بولسا، يەنە بىر قىسمى تاجاۋۇزچى ۋە زالىم كۈچلەرنىڭ ياللانما تەتۈر تەشۋىقات زۇۋانىدۇر. تاجاۋۇزچى زالىملار بۇ تىپ شەخسىيەتلەرنى نوپۇزلۇق ئالىم ياكى بىلىملىك زىيالىي كۆرسىتىپ، تور دۇنياسىدا ئوبرازلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ يالتىراق جازىسىنى پارلاق كۆرسىتىشكە، ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، باتىلنى كۈچەپ بازارغا سېلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
بۇنىڭدەك تەتۈر تەشۋىقاتچى ۋە ساختا سۆلەت مىكىربازلارنىڭ لەنەتلىك شۆھرەت نامايەندىلىرىنى بايقاپ ھەزەر ئەيلەشتە، تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىپ، ئاۋام - خەلقنى ئۇلارنىڭ بىر قاتار غەيرى نۇرانە نەيرەڭلىرىدىن ساقلاپ قېلىشتا يەنە پاراسەتلىك ئەھلى ئۆلىمالارنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
قەلب كۆزى ئويغاق ئەھلى ئۆلىمالاردىن بولۇشتا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلمىساق، نەپسىمىزنى پاكلاپ، روھىمىزنى ساغلاملاشتۇرمىساق بولمايدۇ. بولۇپمۇ، دەسلەپكى ئەۋلاد مۇسۇلمانلىرىنىڭ يولىدىن مېڭىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىساق تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ دەۋردە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا مىللەتلىرىگە نەمۇنىلىك ئۈممەت بولۇپ تاللانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ شانۇشەۋكىتى ۋە ھەيۋىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياڭرىغان. ئۇلار شۇنداق ئۇلۇغ شانلىق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدىكى، بىر كۈنى، مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى بۇلۇتلارغا قاراپ: «ئى بۇلۇت! خالىغان يېرىڭدە سۈيۈڭنى تۆككىن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھامان بىر كۈنى سەن سۇغارغان يەر مۇسۇلمانلارنىڭ تۇپرىقىغا ئايلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.
تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا گىرېتسىيە ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى شۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ھارۇن رەشىدگە تەھدىت سېلىپ خەت يوللىغان ئىكەن، خەلىپە ھارۇن رەشىد ئۇنىڭغا ئايرىم قەغەزگە جاۋاب يېزىشنى ئارتۇق كۆرۈپ، يوللانغان خەتنىڭ ئارقىسىغا: «ئاڭلىغانلىرىڭ ئەمەس، ئاخىرقى قېتىم كۆرگەنلىرىڭ مېنىڭ ئەسكەرلىرىم بولۇپ قالىدۇ» دەپ، قوشۇنغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ تەھدىت سالغۇچى كۇپپارلارغا قارشى ئاتلىنىپ، ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان.
ئۇلار ئۇ دەۋرلەردە دۇنيانىڭ خوجايىنى ۋە ياخشىلىقنىڭ نەمۇنىلىرى ئىدى. ئۇلار ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى، تېبابەت ۋە باشقا ئىلىملەردىمۇ باشلامچى ئىدى ...ئەمما يېقىنقى بىرقانچە ئەسىردىن بېرى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەۋلادلىرى قانداق بولۇپ بۇ قەدەر پەرىشان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئېچىنماي تۇرالمايمىز، بىز مۇسۇلمانلار قانداق بولۇپ بۇنداق ئېغىر كۈنگە قالدۇق، قانداق بولۇپ پىكرىي جەھەتتىن پارچىلىنىپ كەتتۇق. قانداق بولۇپ دىنىي ئېتىقادىمىز بېسىمغا ئۇچرىدى، قانداق بولۇپ تۇپراقلىرىمىز پايمال قىلىندى، قانداق بولۇپ مىللىي مەدەنىيىتىمىز قىرغىن قىلىندى، قانداق بولۇپ ئار - نومۇسىمىز خورلاندى؟ قانداق بولۇپ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىمىز مۇستەملىكىچى كاپىرلارنىڭ پايدىلىنىدىغان ماتاسىغا ئايلىنىپ قالدى؟ قانداق بولۇپ خۇددى بىر شائىرنىڭ ئېيتقىنىدەك: «كالعيس في البَيْداء يقتلها الظما ... والماء فوق ظهورها محمول» (گەرچە دۈمبىسىگە سۇ ئارتىلغان بولسىمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولغان تۆگىگە ئوخشايدۇ) دېگەن تۆگىنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالدۇق؟
توغرا، مۇسۇلمان تۇپراقلىرى ئاياغ ئاستى قىلىندى، ئاچكۆز ئىمپېرىيالىستلار كۆز تىكىدىغان، مۇستەملىكىچى تاجاۋۇزچىلار ئىنتىلىدىغان زېمىنغا ئايلاندى. بولۇپمۇ، ئالدىنقى ئەسىردە ئىنسانىيەتنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن ئىلىم - پەن ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن سوغۇق مۇناسىۋەت نەتىجىسىدە، 1 – ۋە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى كېلىپ چىقتى. بۇ ئۇرۇشتا مىليونلىغان ئىنسانلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، مىليونلىغان ئىنسانلار قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشلەرگە دۇچ كەلدى، يەنە نۇرغۇنلىغان ئاجىز مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلپ قالدى. نەتىجىدە كېيىنكى يىللارغا كەلگەندە جەمئىيەتتە ئاشقۇنلۇق، ئۆچمەنلىك، مىللەتلەر ئارا ئىرقچىلىق ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشى كېلىپ چىقتى. پەلەستىن زېمىنى ئىسرائىلىيە مۇستەملىكىسىگە، كەشمىر ھىندىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى، مۇقەددەس ۋەتىنىمىز غالجىر قىزىل كوممۇنىستلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. بۇ مۇقەددەس زېمىن ۋە تۇپراقلاردا نۇرغۇن بىگۇناھ مۇسۇلمان خەلقنىڭ قېنى تۆكۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاراكان، سۈرىيە، شەرقىي تۈركىستان … غا ئوخشاش ئىسلام جۇغراپىيەلىرىدە زۇلۇملار ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
ئەپسۇسكى، ئىسلام تۇپراقلىرىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرۇۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى زېمىندا ئەمەس، خۇددى مارستا ھۆكۈمدارلىق قىلىۋاتقاندەك، مۇسۇلمان زېمىنىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم – سىتەم ۋە قەتلىئاملارغا تولىمۇ بىپەرۋا. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خۇشاللىقى، ئامانلىقى، بولۇپمۇ ماقام - مەنسەپلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىدا سەمىمىي ئەمەسمۇ قانداق! ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈزلەنگەن مۇسىبەت ھەققىدە قۇلاقلىرى گاس، تىللىرى گاچا، شۇڭىمۇ ئۇلار كۈنىمىزدە بىز دۇچ كەلگەن زۇلۇم – سىتەملەرگە سۈكۈتتە تۇرماقتا، ھەتتا زالىمغا يانتاياق بولۇپ، ئۇلارنىڭ زۇلۇم - سىتەملىرىگە ئورتاقلىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن قالماي، نومۇس قىلماستىن يەھۇدىيلار بىلەن «نورماللىشىش» مۇسابىقىسىگە كىرمەكتە...
بىز مۇسۇلمانلار قاچاندىن باشلاپ بۇنچىۋالا دۆتلىشىپ كەتتۇق؟ نېمە سەۋەبتىن تېخى يېقىنقى تارىخىمىزغىچە مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارنىڭ بارماق ئىشارىتىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغان كاپىرلارنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ئۈممەتكە ئايلاندۇق؟
بۇ خىل تىراگېدىيەلىك پاجىئەلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پەقەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى بولغان ئەھلى ئۆلىمالارنىڭ ۋارىسلىق رولىنى ھەقىقىي مەنىدە ئادا قىلىشىغا باغلىقتۇر. چۈنكى ئۆلىمالار خەلقنى ئىككى دۇنيالىق نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. قاچانكى ئۆلىمالار ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم ئامانىتى ۋە ۋارىسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىكەن، جەمئىيەتتە ئېسەنلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، مانا كۈنىمىزدىكىدەك، ھەممىدىن قۇرۇق قېلىپ، خار – زەبۇنلۇققا مەھكۇم بولىدۇ.
ۋەتىنىمىزدە ئىسلام نۇرى چاقنىغاندىن بېرى ئۆلىمالىرىمىز ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قارىشىنى قوغداش يولىدا نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىپ، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمدىلىكتە بېشىمىزغا كەلگەن بۇ ئېغىر كۈلپەتلىك ئاپەتلەرنى ھېچبىر ئۈممەت ياكى مىللەت ھېس قىلالمايدىغان، تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى يۇرتىمىزنى غېرىبلىق بېسىپ، مۇدھىش زىمىستان ھۇۋلاشقا باشلىدى. دىنىي ئەقىدىمىز، مىللىي قىممەت قارىشىمىز دەپسەندە قىلىنىپ، نومۇسىمىز خورلاندى!
بۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈن بىر مىللەتكە نىسبەتەن كىچىك ۋە ئاجىز بولسىمۇ مۇستەقىل بىر دۆلىتى بولۇشىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كېچىكىپ بولسىمۇ تونۇپ يەتتۇق. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان بېرىش ھەربىر شەخسنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭىمۇ خەلقىمىز بۇ يولدا ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدىمەكتە، ئۇ پاجىئەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا، قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى تىكلىيەلەيدۇ ۋە مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالايدۇ؟... بۇ ھەقتە جىددىي ئىزدەنمەكتە. لېكىن، بۇ سوراق بەلگىلىرىگە قارىتا ھەر خىل نەزەرىيە ۋە تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، تېخىچە ئۆز رىتىمىغا چۈشكىنى يوق. بىراق، بۇنىڭدا يەنىلا ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ رولى ۋە دادىللىقى، پاراسىتى ۋە پىداكارلىقى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. چۈنكى تارىختىن بېرى، بولۇپمۇ يېقىنقى تارىخىمىزغىچە مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان ۋە بۇ يولدا مۇجادىلە قىلغانلار ئاساسەن ئەھلى ئۆلىمالار بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭدەك، يەتمىش نەچچە يىلدىن بېرى يەنە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ يەنە ئەھلى ئۆلىما ۋە دىنىي ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كەلدى. ئۇلار بۇ يولدا قىيىن - قىستاقلارغا دۇچ كەلدى، تۈرمىگە سولاندى، ھەتتا نۇرغۇنلىرى شېھىت قىلىندى. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كۈنىمىزدە يەنە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلار دىنىي ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىز بولۇپ كەلدى. شۇڭلاشقا، بىز ئەھلى ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى ئىزچىل ۋە سىجىل داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بۇنىڭدەك مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى سۇباتلىق بىلەن ئادا قىلىشتا رەسۇلۇللاھنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالاردىن ياخشى كىم بار؟ چۈنكى تەقۋادار ۋە سەمىمىي ئالىم – ئۆلىمالىرىمىز ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشقا ئەڭ مۇناسىپ. خەلق ئەھلى ئۆلىمالارنىڭ ياخشى ئىشلاردا باشلامچى بولۇشىنى، ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىمكى، ئالىم بولغۇچىنىڭ زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك ئالدىدا ھەقتە چىڭ تۇرۇشى ئۇنىڭ ئالىملىق قەدرى قىممىتى ۋە شان - شەرىپىنى قوغداشتىكى ئەڭ چوڭ كوزىرى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئۈممەت دەۋرىمىزدىكى ئەھمەد بىن ھەنبەللەرنى كۆرۈشنى خالايدۇ. مەلۇمكى، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئۆز زامانىدا تۈرمىدە تۇرۇپ: «ئى تاغا! ئەگەر ئالىم قورقۇپ ھەقنى يوشۇرسا، نادانلار نادانلىقىنى قىلسا، ھەقىقەت قاچان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟» دېگەن ئىكەن.
ئالىم – ئۆلىمالار ئەگەر ھەقىقەتنى سۆزلىمىسە، ئۇنداقتا ھەقىقەت قاچان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ كىم ھەقىقەتنىڭ ئاۋازى بولىدۇ؟ ئىلىم ئەھلى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالسا، بۇ خەلققە كىم يېتەكچى بولىدۇ؟ ئەگەر ئالىم – ئۆلىمالىرىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ ۋارىسلىرى تۇرۇپ، زۇلۇمغا، ھەقسىزلىككە سۈكۈت قىلسا، جاھالەتكە، نادانلىققا قارشى چىقمىسا، خەلق قانداق قىلىپ «سىراتى مۇستەقىم» گە قاراپ ماڭىدۇ؟ ئالدىنقى ئەۋلاد مۇجاھىد ئۆلىمالىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخىنى ئالىم – ئۆلىمالار سۆزلەپ بەرمىسە، يېڭى نەسىل ئەۋلادلىرىمىز ئۇلارنىڭ تارىخىنى نەدىن بىلىدۇ؟
ئى ئالىم – ئۆلىمالار! سىلەر ھەقىقەتنى ياقلاڭلار، ھەقىقەتنى سۆزلەڭلار، بۇ خەلق سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مۈرىسىدە كۆتۈرسۇن، ئاللاھمۇ ئۆز ھۇزۇرىدا مەرتىۋەڭلارنى ئۈستۈن قىلسۇن، ھەققانىي ئاۋازىڭلار خەلقنى جاسارەتلەندۈرۈپ، كاپىرلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالسۇن! كاپىرلار قانچە زالىم ۋە تەرسا بولسا، ھىممىتىڭلار شۇنچە ئۈستۈن، ئىرادەڭلار شۇنچە كۈچلۈك بولسۇن. بىلىڭلاركى، پايمال قىلىنغان ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقىمىزنى ۋە قەدىر - قىممىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، خەلقنى خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا يېتەكلەيدىغان، بىزنى بارلىقىمىزدىن مەھرۇم قىلىپ، يېتىم قالدۇرغان زالىملارغا قارشى توۋلايدىغان، مىللىي مۇستەقىللىقىمىزنىڭ خام خىيال ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلايدىغان پەيت كەلدى...
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: ئۇبۇلقاسىم ئەھمەدىي
باشقا خىزمەتلەر