ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
رەسۇلۇللاھنىڭ ھىجرىتى ۋە يىڭى يىل توغرىسىدا چۈشەنچە
ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى
ھىجرەت ئىسلام تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇھىم ئىشلاردىن بىرى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام پەيغەمبەر بولۇپ 13 يىلدىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. مەككە ئەھلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە جاھىلىيەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىك-بارلىقى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئەرەبلەرنىڭ ئۇزاق زامان ئەگىشىپ كەلگەن بۇتپەرەسلىك، مۇشرىكلىقتىن ئىبارەت قاراڭغۇ زۇلمەت ۋە باتىل ئەقىدىلەرگە خاتىمە بەرگەن.
رەسۇلۇللاھنىڭ جىھادى ۋە دىن تەشۋىقاتىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، مەككە مۇشرىكلىرى ھەر خىل يامان چارىلەرنى قوللىنىپ، مۇسۇلمانلارغا ۋەھشىي ھالدا ئازار بېرىپ، رەزىللىكى چېكىدىن ئېشىپ بارغانلىقتىن، ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستىگە جۈرئەت قىلىۋاتقان پەيتتە، ئاللاھ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا مەككىنى تاشلاپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ ھىجرىتى باشقىلارغا ئىجتىمائىي بىسىم سەۋەبلىك ھىجرەت قىلغاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىسلام تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىدى. مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىدىغان ئاللاھ چۈشۈرگەن قۇرئان كەرىمنى مۇسۇلمانلار ئەمەلىي ھاياتىدا تەتبىقلايدىغان ئورۇن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «يارىتىش ۋە ئەمىر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر.» [سۈرە ئەئراپ 54- ئايەت].
ھىجرەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قانداق شارائىت ئاستىدا يۇرتىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغانلىقى، ھىجرەتنىڭ ھەقىقىي غايىسى؛ خاتىرجەمسىز جايدىن خاتىرجەم جايغا يۆتكىلىپ خاتىرجەم ياشاش بولماستىن ئاللاھنىڭ دىنىنى ئەمىلى ھاياتقا تەتبىقلايدىغان ئورۇن ھازىرلاش ئىكەنلىكىدۇر.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھىجرىتىدىن ئىبارەت بۇ ئولۇغ ھادىسە ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپلا قالماستىن، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يىڭى تارىخ ياراتقان ۋە شۇ ۋاقىتتىن بىرى ھىجرىيە كالېندارىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا سەۋەبچى بولغان مۇھىم تارىخى ۋەقەلىكتۇر.
مىلادىيە تارىخى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىدىن باشلاپ ئىنسانىيەتكە يىڭى كالېندار ياراتقان بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىتى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن كالېندار تارىخىدۇر.
يىڭى يىل ئىنسانلارنىڭ چەكلىك ئۆمرىنىڭ بىر يىلى ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتسە، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ بىر بېتى يىرتىلغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ.
ئاللاھ ئۆتكەن يىلى قىلغان خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرسۇن، يىڭى يىلنى بەرىكەتلىك قىلىپ بەرسۇن. ئەڭ يېقىن كۈنلەردە خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى ئېغىر مۇسىبەت ۋە زۇلۇملارنى كۆتۈرىۋەتسۇن، زالىملارنى يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن، ئۇلارنى خەلقى ئالەم ئۈچۈن ئىبرەت قىلىپ بەرسۇن. ئامىن!!.
باشقا خىزمەتلەر