ئۇيغۇرلاردىكى بىپەرۋالىق ۋە قارا چاپلاشنىڭ ئاددىيلىشىپ كېتىشى
مۇھەممەد يۈسۈپ
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا دېتىغا ياقمىغانلارنى ئوڭايلا خائىنغا، شپيونغا ۋە مۇناپىققا چىقىرىۋېتىش خاھىشى ھەقىقەتەن ئېغىرلىشىپ كەتمەكتە. بۇ خاھىش بىپەرۋالىقتىن، ئاللاھ تائالاغا ھېساب بېرىشتىن قورقماسلىقتىن ۋە دىن – دىيانەتنى تونۇماسلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئادەتتە بىر ئادەم ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئىش ئەمەس. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغان ئىش. بىر ئادەمنىڭ يۈز – ئابرۇيى ئۇنىڭ ھاياتى، قەدىر- قىممىتى ۋە ھاياتتىكى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىسىدۇر. ئىسلام دىنى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەمنى شېھىت قاتارىدىن سانىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىمكى ئۆزىنىڭ مال – مۇلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شېھىتتۇر، كىمكى ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شېھىتتۇر، كىمكى ئۆزىنىڭ دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شېتىھتتۇر، كىمكى ئۆزىنىڭ جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شېھىتتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئۆلىمالار بۇ ھەدىستىن ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئار -نومۇسىنى ۋە يۈز – ئابرۇيىنى قوغداش پەرزدۇر، دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد بۇ ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى يۈز- ئابرۇينى قوغداشنى پەرز قىلدى، ھەتتا بۇ ئىش ئۆزىنىڭ ياكى قارشى تەرىپىدىكى كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋپ بولسىمۇ بۇ پەرزنى ئورۇنداش لازىم. شۇڭا مۇسۇلمان ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ئار -نومۇسىنى ۋە يۈز –ئابرۇيىنى قوغداش جېڭىدىن قايتماسلىقى لازىم»
ئىسلام دىنىمىز جان تىكىپ قوغداشنى پەرز قىلغان بەش چوڭ ھوقۇق بولۇپ، ئۇلار: دىن، جان، پۇل – مال، يۈز – ئابرۇي ۋە ئەقىلدۇر. بۇ بەش چوڭ ھوقۇقنى قوغداش ئۇرۇش قىلىشنى تەقەززاا قىلىسا، ئۇرۇش قىلىپ قان تۆكۈش پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. بۇ بەش چوڭ ھوقۇقتىن قايسىبىرىنى قاوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم شېھىتلىق ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋە قازىنىدۇ. دېمەك، ئىسلام دىنىمىز كىشىلەرنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى قوغداشقا شۇنچىلىك بەك ئەھمىيەت بەرگەن. دېمىسىمۇ، گۇناھسىز كىشىلەرنى قارىلاش ئۇلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قارىلانغۇچىلارغا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز روھىي ئازابنى، چىدىغۇسىز ھەسرەت – نادامەتنى ئېلىپ كېلىدۇ. قارام بىر ساختىپەز ئېيتقان بىر قېتىملىق يالغاندىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى ئۇ ساختىپەزنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدىكى جىنايىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: «وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا» يەنى ﴿ئەر– ئايال مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (ئۆزلىرى چاپلىغان شۇ) تۆھمەتنى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ﴾( ). يەنى بىراۋنى خائىن ياكى شىپيون ۋە ياكى مۇناپىق دەپ تۆھمەت قىلغان ئادەم بۇ تۆھمەتنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنى دۇنيادا چاپلىغان تۆھمەتلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە قىستايدۇ، ئۇ بولسا بۇ قۇرۇق تۆھمەتلەرنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ئۇ ئۆزى قىلغان تۆھمەتلەرنى دەلىل – پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلىيالمىغان ئىكەن، ئۆزىنىڭ ۋە تۆھمەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاش ئۈچۈن، بىر كۈنى ساھابىلەردىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»( ) دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشىراق بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر» دەيدۇ. ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، «بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن»( ) دەيدۇ.
بىراۋنىڭ راستتىنلا خائىن ياكى مۇناپىق ۋە ياكى خىيانەتچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ۋە ئوچۇق بىلمەي تۇرۇپ، بىر دەملىك ئاچچىقنىڭ ياكى ھەسەتنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇنى دەلىل – پاكىتسىز ھالدا «پالانى مۇناپىق»، «پالانى خائىن»، «پالانى خىيانەتچى» دەپ ھۆكۈم بېرىۋاتقان كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىغا نېمە دەپ بارار؟ ياكى ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانمىدۇ؟ بۇ نېمىدېگەن قاپ يۈرەكلىك؟ بۇ نېمىدېگەن قاراملىق؟
مەلۇمكى، ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىغان گۇناھلار قانچىلىپ كۆپ ۋە ئېغىر بولسىمۇ، سەمىمىي تەۋبە بىلەن يۇيۇلۇپ كېتىدۇ ، ئەمما مەخلۇقاتقا قارشى قىلىغان يامانلىق، تۆھمەت ۋە ئەزىيەت قانچىلىك كىچىك ۋە ئاددىي بولسىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھى تەۋبە بىلەن يۇيۇلمايدۇ ، كۆپ ئىبادەت قىلىش ، ھەتتا مىڭ قېتىم ھاجى بولۇش بىلەنمۇ يۇيۇلمايدۇ، پەقەت بۇ گۇناھنى ئۆزى يامانلىق قىلغان ياكى تۆھمەت قىلغان ياكى ئەزىيەت قىلغان كىشىدىن ئەپۇ سوراپ ئۇنى رازى قىلىش بىلەنلا يۇيۇش مۇمكىن. بۇنىڭ باشقا يولى يوق. ھازىر بەزى ئۇيغۇرلاردا دېتىغا ياقمىغالارنى «خىتاينىڭ جاسۇسى» دەپ قارىلاش مودىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ گەپنى ئۇلار ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن خۇددى راستتەكلا ئېيتىۋېرىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئىسپاتلاپ بېرىڭ دېسە، ھەرگىز ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان يالغانلارنى توقۇپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بىز ئاللاھ تائالادىن قورقىمىز، دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئوبدان بىلىمىز دەپ داۋراڭ سالىدۇ-يۇ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ، گەپ- سۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانى قەتئىي تونۇمايدىغان، ئىسلام دىنىغا قەتئىي ئىشەنمەيدىغان دىنسىزلاردىن قىلچە پەرقى يوقتۇر.
تەقۋالىق دېگەن كىيىم – كېچەكتە ياكى شەكىلدە ئەمەس، بەلكى قەلبتە بولىدۇ. قەلبىدە تەقۋالىق بار ئادەم ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشتىن قورقىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «تەقۋالىق بۇ يەردە» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە ئىشارەت قىلغان.
قەدىرلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم! ئاللاھ تائالادىن قورقايلى، قېرىنداشلىرىمىزنى ئاساسسىز قارىلىمايلى، ئىنساپلىق بولايلى!