ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
تۇققاندارچىلىق رىشتىسى ئادىمىلىك ئۆلچىمىدۇر

تۇققاندارچىلىق رىشتىسى ئادىمىلىك ئۆلچىمىدۇر

سىراجىدىن ئەزىزى

 ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئىسلام دىنى تۇققاندارچىلىق رىشتىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. تۇققانلار بىر-بىرگە مىھرىبانلىق قىلىش، ھۆرمەتلىشىش، يوقلاش، بايلىرى كەمبەغەل تۇققانلىرىدىن خەۋەر ئېلىشدەك ئىشلارغا چاقىرغان.

« إن الله يأمر بالعدل والإحسان وإيتاء ذي القربى» {ئاللاھ ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا ۋە تۇققانغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ}(سۈرەنەھل90)

ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھا: مەن رەسۇللاھنىڭ تاغىسى ئابباسنى ھۆرمەتلىگەندەك يەنەبىر كىشىنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى كۆرمىدىم؛ دېگەن.

ھەدىسلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى مۇنداق:

«ئۆمرى ئۇزۇن بولۇشنى، رىزقى كەڭرى بولۇشنى، يامان ئۆلۈمدە ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشماسلىقىنى ئارزۇ قىلغان ئادەم تۇققاندارچىلىق رىشتىسىنى ئۈزۈپ قويمىسۇن».

«مۇكاپاتى ئەڭ تىز بولىدىغان ئىش باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، تۇققانلىق رىشتىسىنى چىڭىتىشتۇر، جازاسىمۇ ئەڭ تىز بولىدىغان يامانلىق زۇلۇم قىلىش ۋە تۇققانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈپ قويۇشتۇر»

«جەننەتنىڭ خۇشپۇراق ھىدى500يىللىق مۇساپىدىكى ئۇزۇنلۇقتىن كىلىدۇ، جەننەتنىڭ بۇ ھىدىنى ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان، تۇققانلىق رىشتىنى ئۈزگەنلەر پۇرىيالمايدۇ»

 ھىكمەتلىك سۆزدە كىلىشىچە، مۇئاۋىيە خەلىپە ئۇمەر رادىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئادىمىگەرچىلىك ھەققىدە سورىغان سوئالغا: ئاللاھتىن قورقۇش، تۇققاننى يوقلاش دەپ جاۋاپ بەرگەن.

مۇھاجىرەتتىكىلەر ۋەتەن بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇغ-تۇققانلاربىلەن ئالاقىنىڭ كىسىلىپ قېلىشىنىڭ ئىنسانغا نەقەدەر ئېغىرلىقىنى بىلىپ يەتمىگەن ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك.

ئەھۋال ئۇنداق ئىكەن، مۇھاجىرەتتىمۇ تۇققانلىرى دۆلەتلەر، شەھەرلەرگە چېچىلىپ كەتكەن، بىر مەھەللىدە بولسىمۇ بۈگۈنكىدە خىتاي ۋېروسى سەۋەپلىك ھەممە ئادەم ئۆيىگە قاملىپ قالغان، تۇققانلار ئارا بادى-كەلدى يوقالغان كۈنلەردە پۈتۈنلەي تاشلىشىپ كەتمەي ۋاقتى-ۋاقتىدا تىلپون ئارقىلىق بولسىمۇ ھال-ئەھۋال سورۇشۇپ، سالاملىشىپ تۇرۇش، ماددى، مەنىۋى ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالسا دەرھال ياردەم قولىنى سۇنۇش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇشقا لايىق ھەقىقىي ئادىمىلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

سىراجىدىن ئەزىزى

باشقا خىزمەتلەر