ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملۇقىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە
ئابدۇلئەھەد ھاپىز
ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمىز. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە سالامىنى تىلەيمىز. ئى رەببىمىز! بىزنى ھەق سۆزگە ھىدايەت قىلىنغان ۋە توغرا يولغا ھىدايەت قىلىنغانلاردىن قىلغىن. ئاللاھىم! بىزگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگەتكىن ۋە بىزگە ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى بىز ئۈچۈن پايدىلىق قىلغىن. بىزنىڭ ئىلمىمىزنى زىيادە قىلغىن، ئامىين.
بىز ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائەت بولغان مۇسۇلمانلار پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنى پەيغەمبەرلىك ماقامىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان، قەۋمى ئارىسىدا ئەيىبلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن مەسۇم (يەنى پاك)، دەپ ئېتىقاد قىلىمىز ۋە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە مۇشۇ ئەقىدە بىلەن قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرى ھەققىدىكى نالايىق گەپلىرىنى رەت قىلىمىز ۋە ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارنىڭ تۆھمەتلىرىگە قارشى قوغدايمىز.
كۈنىمىزدە قۇرئاننى كۆتۈرۈۋېلىپ قۇرئاننى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشقا ئۇل ھازىرلاۋاتقان بەزى ئاتالمىش شەخسلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملىقىنى ئىنكار قىلىپ، بەزى ئايەتلەرنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ قۇرئانغا ئاساسەن پەيغەمبەرلەر مەسۇم ئەمەس، دەپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى بۇزۇۋېتىپ بارىدۇ. مۇسۇلمان ياشلىرىمىزنى بۇنداق ئازغۇن پىكىرلەردىن قوغداش، ئۇلارنى پەيغەمبەرلەر ھەققىدە تەۋرەنمەس، ساغلام ئەقىدىگە باشلاش ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملىقى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىش ۋە ئاتالمىش شەخسلەرنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرىگە رەددىيە بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئىنكارچىلارغا رەت قايتۇرۇشتىن ئاۋۋال پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملىقى دېگەن سۆز نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملۇقىنىڭ دەلىلى نېمە؟ پەيغەمبەرلەر نېمىلەردىن مەسۇم؟ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئاۋۋال مەسۇممۇ ياكى كېينمۇ؟ دېگەنلەرنى ئايدىڭلاشتۇرايلى.
«پەيغەمبەرلەر مەسۇم» دېگەن سۆز نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟
پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالا بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەلچىلەر بولۇپ، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ سەرخىلى، ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ مۇكەممىلىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تاللاپ جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەڭ مۇكەممەل سۈپەتلەرگە ئىگە قىلغان. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى بەندىلەرگە يەتكۈزۈش، ئۇنى ئەمەلى تەدبىقلاش ۋە بەندىلەرنى ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن رەھبەر قىلغان.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش، ئىنسانلارنى سۆزلىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھىدايەتكە باشلاش بولغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ قىلغان ھەربىر سۆزى ۋە ئىشى ئىنسانلار ئۈچۈن ئەگىشىشكە تىگىشلىك ئۈلگە ۋە ئۆرنەكتۇر. شۇڭا پەيغەمبەرلەر جىسمانىي، ئەقلىي، قەلبىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن مەسۇمدۇر.
پەيغەمبەرلەر جىسمانىي جەھەتتىن مەسۇم. يەنى ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن ئەڭ مۇكەممەل يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلاردا كىشىلەر تەرىپىدىن خور كۆرۈلىدىغان، ئاقساق-چولاق، توكۇر، قارغۇ، كۆرۈمسىز دېگەنگە ئوخشاش نۇقسانلار بولمايدۇ. ئۇلار كىشىلەر نەپرەتلىنىدىغان، قاچىدىغان يامان كېسەللىكلەرگە دۇچار بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: {اللَّهُمَّ أَحْسَنْتَ خَلْقِي فَأَحْسِنْ خُلُقِي} «ئى ئاللاھىم! مېنىڭ يارىتىلىشىمنى گۈزەل قىلغاندەك (يەنى جىسمانىي جەھەتتىن ئەڭ مۇكەممەل ياراتقاندەك)، ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىن دېگەن».[1]
پەيغەمبەرلەر ئەقلىي جەھەتتىن مەسۇم. يەنى ئۇلار ئەقىل-پاراسەتتە ناھايىتى ئۆتكۈر، سۆزلىرى ئىنتايىن قايىل قىلارلىق بولۇپ، كاپىرلار بىلەن بولغان مۇنازىرىلەردە قەتئىي مەغلۇپ بولمايدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى قۇرئان كەرىمدە كۆپتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەمرۇت بىلەن مۇنازىرىلەشكەن قىسسىسى بۇ مىساللاردىن بىرى: ﴿أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آَتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ﴾ ﴿پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھ نىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى. ئىبراھىم: «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇ پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾[2]
پەيغەمبەرلەر قەلبىي جەھەتتىن مەسۇمدۇر. يەنى ئۇلار ئاداۋەت، ھەسەت، تەكەببۇرلۇق، رىيا، بېخىللىق، ئالدامچىلىققا ئوخشاش قەلبى ئىللەتلەردىن پاكتۇر.
پەيغەمبەرلەر ئەخلاقىي جەھەتتىن مەسۇمدۇر. يەنى ئۇلار بۇتقا چوقۇنۇش، يالغان سۆزلەش، ھاراق ئىچىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، زۇلۇم قىلىش، زىناغا يېقىنلىشىشتەك يامان ۋە بىشەم ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ وَإِنَّكَ لَعَلى خُلُقٍ عَظِيمٍ ﴾﴿سەن ھەقىقەتەن كاتتا ئەخلاق ئۈستىدىسەن﴾[3]
يىغىپ ئېيتقاندا پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇم بولۇشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي تەرەپتىن ئەيىب ۋە گۇناھلاردىن ساقلىشىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرنى گۇناھلىق قىلمىشلاردىن ساقلىشى، ئۇلارنى گۇناھ ئىشلىيەلمەيدىغان قىلىپ ياراتقانلىقىدىن ياكى ياخشىلىق قىلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭمۇ ئىنسانىي ماھىيىتى باشقا ئىنسانلارغا ئوخشايدۇ؛ يەيدۇ، ئىچىدۇ، ئۇخلايدۇ، سىناق ۋە ئىمتىھانلارغا دۇچار بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ گۇناھلىق قىلمىشلاردىن مەسۇمىيىتى نەپسى ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ۋە شەيتانغا ئەل بولماسلىقتەك ئىرادە ۋە سەۋىر–تاقەتلىك بۇلۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى جانابى ئاللاھ ئۇلارنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە نەپسى- شەيتانغا يېڭىلمەيدىغان قەتئىي ئىرادە ۋە قاتتىق سەۋر قىلىشتىن ئىبارەت مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلغان.
پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملۇقىنىڭ دەلىلى:
پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملىقىغا ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرىمىز:
ئەقلىي دەلىللەر:
1_ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشتىن مەقسەت، ئىنسانلارنى ھىدايەتكە باشلاش، گۇناھ ئىشلاردىن توسۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا چاقىرىش ۋە بۇ ئىشلاردا پەيغەمبەرلەرنى ئىنسانلارغا ئۈلگە قىلىشتۇر. يەنى پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرى بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇلارنى «سىراتى مۇستەقىم» بولغان توغرا يولغا باشلايدۇ. كىشىلەر ئۇلارغا ئەگىشىپ توغرا يولغا كىرىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى قانداق بەجا كەلتۈرۈشنى ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن تەلىماتلارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنسانلارنى چاقىرغان ھىدايەت يولىدا ئۆزلىرى ماڭمىسا، ئىنسانلار ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدۇ. "ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى توغرا بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئەمەل قىلغان بولاتتى" دەپ، ئۇلار چاقىرغان يولغا ئەگەشمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ۋە بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەرقانداق گۇناھتىن مەسۇم (پاك) بولۇشىنى تەقەززا قىلغان.
2_ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەبلىغ قىلىشتىن باشقا كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىپ تەربىيىلەش (يەنى مۇسلىھلىق) ۋەزىپىسى بار. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇنى ئىجرا قىلىش، ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى تۈزىتىش ۋە ئۇلارغا يولباشچى بولۇش ۋەزىپىسى بار. بۇ ۋەزىپىگە ئىنسانىي كامالەتتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە چىققان، سۆزلىرىدە ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە خاتالىقتىن مەسۇم كىشىلەر لايىقتۇر.
3_ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلىپ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ﴾ ﴿ئى ئىمان ئېيتقان زاتلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار﴾[4] دېدى. پەيغەمبەرلەر مەسۇم بولمىسا، ئۇ چاغدا خاتالىشىدىغان، گۇناھ ئىشلەيدىغان كىشىلەرگە ئىتائەت قىلىپ ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىڭلار دېگەن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرلەر قەۋملىرىگە: ﴿وَمَا أُرِيدُ أَنْ أُخَالِفَكُمْ إِلَى مَا أَنْهَاكُمْ عَنْهُ﴾ ﴿سىلەرنى توسقان ئىشتا سىلەرگە خىلاپلىق قىلمايمەن...﴾[5] دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ھەر تۈرلۈك گۇناھ-مەسىيەتلەردىن مەسۇم ۋە پاكتۇر.
پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملىقىغا نەقلىي دەلىللەر:
1_ دەلىل: ئىنساننى گۇناھقا باشلايدىغان ئىككى نەرسە بار: بىرى شەيتان يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇيدىغان نەپس. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شەيتانلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئازدۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿قَالَ رَبِّ بِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمْ فِي الْأَرْضِ وَلَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ قَالَ هَذَا صِرَاطٌ عَلَيَّ مُسْتَقِيمٌ إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ إِلَّا مَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْغَاوِينَ﴾ ﴿ئىبلىس ئېيتتى: <پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن. ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)>. ئاللاھ ئېيتتى: <بۇ مەن ساقلاشقا تېگىشلىك توغرا يولدۇر. مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى مېنىڭ تاللانغان بەندىلىرىمنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ>..﴾[6]
بۇ ئايەتتە شەيتاننىڭ بوۋىسى بولغان ئىبلىسنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئازدۇرىدىغانلىقىنى پەقەت بەزى تاللانغان بەندىلەرنى ئازرۇالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مەخسۇس قوغدىنىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ بەزى مەخسۇس بەندىلىرى بار، ئاللاھ ئۇلارنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن قوغدايدۇ؛ شەيتان ئۇلارنى گۇناھقا باشلىيالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار مەسۇم بولۇپ، گۇناھ ئىشلارنى قىلمايدۇ. بۇ تاللانغان بەندىلەر كىم؟ بۇنىڭغا ئاللاھ تائالا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: ﴿كَذَلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ السُّوءَ وَالْفَحْشَاءَ إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُخْلَصِينَ﴾ «بىز يۇسۇفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۇسۇف بىزنىڭ تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.»[7] بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ شەيتان ئازدۇرالمايدىغان بەندىلەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. مەسۇملۇق پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىپىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پەيغەمبەر ئۈچۈن ئېيتىلغان بۇ سۈپەت پۈتكۈل پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن ئوخشاش ئىشلىتىلىدۇ.
2_ دەلىل: ئىنسانلارغا ئۈلگە بولۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشىگە پەقەت مەسۇم بولغان زاتلار لايىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا﴾ ﴿سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.﴾[8]
بۇ ئايەتتىكى «ياخشى ئۈلگە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى، قىلغان ئىشلىرى ئۈممىتىگە ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىش ۋە قىلغان ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ئەگىشىش لازىم، دېگەن بولىدۇ. ئەگەر پەيغەمبەر مەسۇم بولمىسا، گۇناھ-مەسىيەت قىلىدىغان ئادەم قانداق باشقىلارغا ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ؟! قانداق ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھۆججەت بولىدۇ؟!
3_ دەلىل: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ﴿وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ﴾ ﴿بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق﴾[9] يەنە مۇنداق دېدى: ﴿مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ﴾ ﴿كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.﴾[10] بۇ يەردە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ شەرتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەگەر پەيغەمبەر مەسۇم بولمىسا، گۇناھ ئىشلەيدىغان، خاتالىشىدىغان بولسا، قانداق ئۇنىڭغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش پەرز بولىدۇ؟ ئەگەر گۇناھ ئىشلەيدىغان ئادەمگە شەرتسىز ئىتائەت قىلىڭ دېسە، ئۇنىڭدىن سادىر بولغان گۇناھلارغىمۇ ئەگىشىڭ دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ چاغدا پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلىك قانداق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ؟
4_ دەلىل: ئاللاھ تائالا رەھبەرلىك ۋە ئۈلگىلىك مەنسىبىنى گۇناھكارلارغا بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ﴿وَإِذِ ابْتَلَى إِبْرَاهِيمَ رَبُّهُ بِكَلِمَاتٍ فَأَتَمَّهُنَّ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا قَالَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِي الظَّالِمِينَ﴾ ﴿ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمرلەر (يەنى شەرىئەت تەكلىپلىرى) بىلەن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە رەھبەر قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ رەھبەر قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «مېنىڭ (رەھبەر قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.﴾[11]
بۇ ئايەتتىكى رەھبەرلىك پەيغەمبەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا زالىملارنىڭ ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىپادىلەندى. «زالىم» سۆزى قۇرئان كەرىمدە ھەرخىل گۇناھكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق گۇناھ ئىشلىگۈچى يا ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا زۇلۇم قىلغۇچىدۇر. بۇ ئايەتمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەرخىل گۇناھلاردىن پاك-مەسۇم ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.
قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىپلەردە پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇم ئىكەنلىكىگە كۆپ دەلىللەر بار. بىز بۇنىڭ بىلەن كۇپايە قىلىمىز. خۇلاسە قىلىپ ئېيتساق، پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇم ئىكەنلىكى ھەم ئەقلىي دەلىل بىلەن ھەم قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت بولۇپ، پەيغەمبەرلەرنى مەسۇم دەپ ئېتىقاد قىلىش پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بىز ئەھلى سۈننەت ۋە لجەمائەت بولغان مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق ئېتىقاد قىلىمىز.
پەيغەمبەرلەر پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ مەسۇم بولامدۇ؟ ياكى پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن مەسۇم بولامدۇ؟
بەزى ئىلمى كالام ئالىملىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى بەزى گۇناھلارنى ئىشلىشى ئەقلىي جەھەتتىن جائىزدۇر، دەيدۇ. يەنى پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ھالال-ھارام دەيدىغان ھۆكۈم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن سادىر بولغان ئىشلار گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. ھەنەفى مەزھەبتىن باشقا مەزھەب ئالىملىرى: ھەر ئىشنىڭ ئەسلى مۇباھتۇر، پەقەت شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلا گۇناھ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەنمۇ پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن چەكلىمە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئاۋۋال گۇناھ ئىشلىشى ئەقىلغا ئۇيغۇندۇر.
لېكىن «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن قائىدە بويىچە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ ھەر تۈرلۈك گۇناھلاردىن مەسۇم ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى پەيغەمبەرلەر پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەردەك ياشىغان، قەۋمى ئىچىدە ئېسىل ئەخلاقى، سالىھ ۋە ئۇلۇغ كىشىلىكى بىلەن تونۇلغاندۇر. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەككە خەلقى پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى «راسچىل ۋە ئىشەنچلىك مۇھەممەد» دەپ ئاتايتتى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دەۋەتنى ئوچۇق ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساپا تېغىغا چىقىپ تۇرۇپ، مەككە خەلقىنى چاقىرغان ۋە توپلاشقان خەلققە: «ئەگەر مەن سىلەرگە <بۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا بىر دۈشمەن قوشۇن سىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ> دېسەم، مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشىنەمسىلەر؟» دېگەن. پۈتۈن خەلق «ئەلبەتتە ئىشىنىمىز، سەن قەتئىي يالغان گەپ قىلمايسەن» دېگەن. شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە خەلقى ئىچىدە كەڭ تارقالغان، مەككىدە ھەممە ئادەم كۆنۈپ كەتكەن يامان ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلغان ئەمەس. ھاياتىدا بۇتقا سەجدە قىلمىغان، ھالبۇكى ئۆز ئائىلىسىدىن باشلاپ پۈتكۈل خەلق بۇتپەرەس ئىدى. توي تۆكۈنلەردە ھاراق-شاراپ ئىچىشىپ كەيپى ساپا قىلىدىغان ئىشلارغا قېتىلمىغان. يالغان سۆزلىمىگەن، ھېچكىمنى ئالدىمىغان، خىيانەت قىلمىغان. پۈتكۈل خەلق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرەتتى، ھۆرمەتلەيتتى، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتتى، بەرگەن مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلاتتى.
يەنە بىر مىسال: سالىھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە پەيغەمبەر بولۇپ، قەۋمىنى بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ بىر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرغاندا، قەۋمى ئۇنىڭغان ﴿قَالُوا يَا صَالِحُ قَدْ كُنْتَ فِينَا مَرْجُوًّا قَبْلَ هَذَا أَتَنْهَانَا أَنْ نَعْبُدَ مَا يَعْبُدُ آَبَاؤُنَا﴾ ﴿ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد قىلىنغان كىشى ئىدىڭ (يەنى بۇ دەۋىتىڭدىن بۇرۇن ئارىمىزدا چوڭ ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق)، بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن توسۇمسەن؟..﴾[12] دېگەن. بۇ ئايەتى كەرىمە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى قەۋمى ئىچىدە قانداق ياخشى كۆرىلىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلار ئۆزلىرى ھەرخىل يامان ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ، گۈزەل ئەخلاقلىق، يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر مانا مۇشۇنداق پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ ھەر تۈرلۈك گۇناھلاردىن پاك ۋە مەسۇم ئىدى.
پەيغەمبەرلەر چوڭ گۇناھلاردىنلا مەسۇممۇ ياكى كىچىك گۇناھلاردىنمۇ مەسۇممۇ؟
بىز باشتا دېگەندەك، پەيغەمبەرلەر مەيلى پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى مەيلى كېيىن، ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان، ئۇ ئىشنى قىلغان كىشىنى ئىنسانلار يامان كۆرىدىغان بارلىق چوڭ-كىچىك گۇناھلاردىن مەسۇم ۋە پاكتۇر. ئەمما باشقىلار قىلسا گۇناھ بولمايدىغان، بەزى ئۇششاق ئىشلارنى ئۇنتۇغانلىق ياكى توغرا دەپ ئويلاپ قىلىپ تاشلىشى مۇمكىن. ئەگەر پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن بۇنداق بىر ئىش سادىر بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دەرھال ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلار ئۇ ئىشلارنى تۈزۈتىۋالىدۇ. بۇنى تۆۋەندە رەددىيەگە ئۆتكەندە تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى ئەقىدىمىز ۋە كۆز قارىشىمىز.
پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملىقىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە:
پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملىقىغا ئىنكار قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن ھەدىسنى ئىنكار قىلىدۇ، ئاندىن قۇرئاندا پەيغەمبەر ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەرنى پارچىلاپ ئېلىپ، ئۆز خاھىشى بويىچە تەپسىر قىلىپ، گۇيا قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇم ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دەپ كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىدىن بىر نەچچىسىگە رەددىيە بىرىمىز:
1_ ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاللاھ يېيىشنى مەنئى قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يەپ، ئاسى بولغان. ئۇنى قانداق مەسۇم دېگىلى بولىدۇ؟ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَوَسْوَسَ إِلَيْهِ الشَّيْطَانُ قَالَ يَا آَدَمُ هَلْ أَدُلُّكَ عَلَى شَجَرَةِ الْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَا يَبْلَى فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْآَتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ وَعَصَى آَدَمُ رَبَّهُ فَغَوَى ثُمَّ اجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَتَابَ عَلَيْهِ وَهَدَى﴾ ﴿شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! ساڭا (مەن يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى. ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى.﴾[13]
جاۋاب: ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇنجى ئىنسان بولۇپ، ئۇنىڭ جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشى ۋە جەننەتتە مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋەسىنى يەپ سېلىپ جەننەتتىن چىقىرىلىش قىسسىسىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنساننىڭ يارىتىلىش ھېكمىتىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئاللاھ تائالاغا ئىختىيارسىز ھالدا ئىتائەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاپ تەسبىھ ۋە ھەمدە ئېيتىپ تۇرىدۇ. ﴿تُسَبِّحُ لَهُ السَّمَوَاتُ السَّبْعُ وَالْأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ وَإِنْ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾ ﴿يەتتە ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)..﴾[14] ئاللاھ تائالا ئۆز ئىختىيارى ۋە ئۆز ئىستىكى بىلەن ئاللاھنى تونۇپ ئىتائەت قىلىدىغان بىر مەخلۇق يارىتىشنى ئىرادە قىلدى. بۇ يېڭى مەخلۇقنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زېمىننى تاللاپ، بۇ زېمىندا ئۇنىڭ ھاياتى ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىپ تەييار قىلدى. ئاندىن پەرىشتىلەرگە: ﴿وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الْأَرْضِ خَلِيفَةً﴾ ﴿مەن يەر-يۈزىدە بىر خەلىپە (يەنى ئىنسان) يارىتىمەن﴾[15] دەپ ئېلان قىلدى. ئاندىن بۇ ئىنساننى سىنايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:﴿الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا﴾﴿سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى..»[16] ئاندىن سىناقنىڭ نەتىجىسىدە ياخشى-يامان ئىشلارنىڭ مۇكاپات-جازاسى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى: ﴿فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ﴾ ﴿كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.﴾[17]
مانا مۇشۇنداق مەقسەت ۋە غايە بىلەن يارىتىلغان تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. پەرىشتىلەر سەجدە قىلدى، ئىبلىس بويۇنتاۋلىق قىلىپ ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەڭگۈ قوغلاندى. شەيتان ئۆزىنىڭ جازالانغانلىقىنى ئادەمدىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ۋە ئەۋلادىغا دۈشمەن بولدى. مانا مۇشۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسان بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك دۈشمەنلىك باشلىدى.
ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يەريۈزىدە تۇرغۇزۇشتىن ئاۋۋال ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭدىكى بارلىق نازۇنېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشنى، پەقەت بىرلا دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى بۇيرۇدى. بۇ تۇنجى ئىنساننىڭ تۈنجى سىنىقى ئىدى. ئادەمنىڭ دۈشمىنى بولغان شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئازدۇرۇپ مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگۈزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيىسسالامنى يارىتىلىشىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يەر-زېمىنغا چۈشۈردى. بۇ ۋەقە قۇرئان كەرىمدە ئۈچ يەردە بايان قىلىندى: بەقەرە سۈرىسىدە: ﴿فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ﴾﴿شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى﴾.[18] ئەئراف سۈرىسىدە ﴿فَوَسْوَسَ لَهُمَا الشَّيْطَانُ لِيُبْدِيَ لَهُمَا مَا وُورِيَ عَنْهُمَا مِنْ سَوْآَتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَاكُمَا رَبُّكُمَا عَنْ هَذِهِ الشَّجَرَةِ إِلَّا أَنْ تَكُونَا مَلَكَيْنِ أَوْ تَكُونَا مِنَ الْخَالِدِينَ وَقَاسَمَهُمَا إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ النَّاصِحِينَ فَدَلَّاهُمَا بِغُرُورٍ﴾ ﴿شەيتان ئېيتتى: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر››. شۇنىڭدەك ئۇلارغا: ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى. ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى.﴾[19] تاھا سۈرىسىدىكى بايان يۇقىرىدا ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن شۇنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلمىدى. شەيتاننىڭ ئۇزۇن زامانلار ئۇنى ھەرخىل نەيرەڭلەر بىلەن ئالداپ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسان تەبىئىتىدە ياراتقان مەڭگۈ ياشاش ئارزۇسىنى قوللىنىپ: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر››. يەنە بىر قېتىمدا «ئى ئادەم! ساڭا (يېگەن ئادەم) مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. شەيتان ئادەم بىلەن ئايالىغا سادىق دوست ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا كۆيۈنۈۋاتقانلىنى ئېيتىپ قەسەم ئىچىب بەردى. بۇ يەردە ئادەم ئەلەيھىسسالامغا شەيتاننىڭ ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەرگەنلىكى تەسىر قىلىپ، شەيتان كۆرسىتىۋاتقان بۇ دەرەخنىڭ ئاللاھ مېۋىسىنى يېيىشنى توسقان دەرەخ ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تاھا سۈرىسىدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنتۇغانلىقىنى ئۇنىڭ بىلىپ تۇرۇپ يېمىگەنلېكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىككىنچى جاۋاب: ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەمەس ئىدى، ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يەپ سېلىپ پۇشايمان قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىپ خاتالىقىنى يۇيۇشنى ئۆگەتتى، ھەتتا تەۋبە قىلىدىغان سۆزلەرنى تەلىم بەردى: ﴿فَتَلَقَّى آَدَمُ مِنْ رَبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ﴾﴿ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى تەۋبە قىلىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر.﴾[20] ئادەم ئەلەيھىسسالام دەرھال تەۋبە قىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئەسلى يارىتىلىش مەقسىتى بولغان يەر يۈزىگە چۈشۈردى. شۇڭا تاھا سۈرىسىدە ۋەقەنىڭ ئاخىرىنى: ﴿ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى.﴾ دېگەن ئايەت بىلەن تاماملىدى.
دېمەك، بۇ ۋەقەدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسۇملىقىغا دەخلى يېتىدىغان بىر مەسىلە ئىشلىگىنى يوق.
2- نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ «ئوغلۇم مېنىڭ ئەھلىمدىندۇر» دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: «ئۇ سېنىڭ ئەھلىڭدىن ئەمەس» دېدى. دېمەك، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا يالغان ئېيتقان بولدى. يالغان ئېيتقان كىشى قانداق مەسۇم بولىدۇ؟
جاۋاب: ئالدى بىلەن ئايەتنى تولۇق ئوقۇيايلى: ﴿وَنَادَى نُوحٌ رَبَّهُ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ابْنِي مِنْ أَهْلِي وَإِنَّ وَعْدَكَ الْحَقُّ وَأَنْتَ أَحْكَمُ الْحَاكِمِينَ قَالَ يَا نُوحُ إِنَّهُ لَيْسَ مِنْ أَهْلِكَ إِنَّهُ عَمَلٌ غَيْرُ صَالِحٍ فَلَا تَسْأَلْنِ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنِّي أَعِظُكَ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ﴾ ﴿نۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ(مەن نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»﴾ [21].
ۋەقە مۇنداق: ئاللاھ تائالا تۇپان بولغاندا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمىگە چىققاندا، ئوغۇللىرىدىن بىرى چىققىلى ئۇنىمىدى. چۈنكى ئۇ كاپىر ئىدى، بۇنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۇدا غەرق بولدى. ئوغلىنىڭ كۆزى ئالدىدا غەرق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نۇھ ئەلەيھىسسالام دادىلىق مېھرى-شەپقىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئوغلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئائىلىسىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ دۇئا قىلدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام يالغان ئېيتمىدى. چۈنكى ئوغلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن بىرى ئىدى. لېكىن ئۇ كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا مەزكۇر ئوغلىنىڭ قۇتقۇزۇشنى ۋەدە قىلغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىچىگە كىرمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. دېمەك، ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئائىلەڭنى قۇتۇلدۇرىمەن، دېگەن ۋەدىسىدە ئائىلىسىدىن مۇسۇلمان بولغانلارنى مەقسەت قىلغان، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئوغلىنىڭ كاپىرلاردىن بولۇپ، ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالاغا ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان. بۇ ۋەقەدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسۇملىقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان بىر گۇناھ ئىشلىگىنى يوق.
3- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر ئۇنىڭ ئىمانىدا ئىككىلەنگەنلىكىنى، يۇلتۇزنى رەببىم دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقىنى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ئاينى رەببىم دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ۋاز كېچىپ قۇياشنى رەببىم دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئېتىقادتا بۇنداق تەرەددۇت قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرشنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاقتۇر. دېمەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان تۇرسا، ئۇ قانداق مەسۇم بولىدۇ؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ آَزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آَلِهَةً إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ وَكَذَلِكَ نُرِي إِبْرَاهِيمَ مَلَكُوتَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ الْمُوقِنِينَ فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَى كَوْكَبًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآَفِلِينَ فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَذَا رَبِّي فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِنْ لَمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَذَا رَبِّي هَذَا أَكْبَرُ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ﴾ ﴿ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى. ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى. ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن. مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»﴾[22].
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە، ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن كامال سۈپەتلەرگە ئېگە ئىكەنلىكىگە ۋە بارلىق ئەيىب ۋە نۇقسانلاردىن پاك ۋە مۇنەززەھ ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنەتتى. بۇ ئىمانىدا قىلچە شۈبھە ۋە ئىككىلىنىش يوق ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇتلارغا، يۇلتۇزلارغا چوقىنىدىغان بىر قەۋمنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىراتتى. ئۇلارغا يۇلتۇز، ئاي، قۇياش ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىلاھ بولالمايدىغانلىقىنى ئەقلىي دەلىل بىلەن كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللاندى. ئۇلارنىڭ ئەقلى بويىچە ئۇلارغا ئوخشاش ئىشەنگەندەك كۆرۈنۈپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى بىر-بىرلەپ پاچاقلاپ تاشلىدى ۋە ئىلاھنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇلار چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، ئىلاھنىڭ يوق بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلار چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى دېمەك، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىلاھ بولالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنى مۇشرىكلارنىڭ ئەقلىگە ئۇيغۇن بىر ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ بۇزۇقلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھېكمەتلىك بىر ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ شىرك كەلتۈرگەنلىكى ياكى ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىدا شەك قىلغانلىقى يوق. ئەكسىچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەت ۋە ھېكمەت بىلەن مەخلۇقاتلارنىڭ ئىلاھ بولالمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقاردى.
4- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئىككىنچى ۋەقە: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇتلارنى چاقىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى، ئەمەلىيەتتە بۇتلارنى چېقىپ تاشلاپ، پەقەت ئەڭ چوڭ بۇتنى چاقماي پالتىنى ئۇنىڭ دولىسىغا ئېسىپ قويدى. كېيىن ئىنسانلار كېلىپ خۇدايىمىزنى كىم مۇنداق چېقىپ تاشلىدى؟ دېيىشىپ، ئىبراھىم چاقىمەن دېگەن ئىدى، دەپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ كېلىپ: «بۇ خۇدالىرىمىزنى سەن چاقتىڭمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «ئاۋۇ چوڭ بۇت چاقتى، ئىشەنمىسەڭلار ئاشۇنىڭدىن سوراڭلار» دەپ يالغان ئېيتتى. يالغانچىلىق چوڭ گۇناھ بولۇپ، ئۇنى سادىر قىلغان پەيغەمبەر قانداق مەسۇم بولىدۇ؟
جاۋاب: ۋەقەلىكنىڭ بايانى: ﴿ وَتَاللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصْنَامَكُمْ بَعْدَ أَنْ تُوَلُّوا مُدْبِرِينَ فَجَعَلَهُمْ جُذَاذًا إِلَّا كَبِيرًا لَهُمْ لَعَلَّهُمْ إِلَيْهِ يَرْجِعُونَ قَالُوا مَنْ فَعَلَ هَذَا بِآَلِهَتِنَا إِنَّهُ لَمِنَ الظَّالِمِينَ قَالُوا سَمِعْنَا فَتًى يَذْكُرُهُمْ يُقَالُ لَهُ إِبْرَاهِيمُ قَالُوا فَأْتُوا بِهِ عَلَى أَعْيُنِ النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَشْهَدُونَ قَالُوا أَأَنْتَ فَعَلْتَ هَذَا بِآَلِهَتِنَا يَا إِبْرَاهِيمُ قَالَ بَلْ فَعَلَهُ كَبِيرُهُمْ هَذَا فَاسْأَلُوهُمْ إِنْ كَانُوا يَنْطِقُونَ فَرَجَعُوا إِلَى أَنْفُسِهِمْ فَقَالُوا إِنَّكُمْ أَنْتُمُ الظَّالِمُونَ ثُمَّ نُكِسُوا عَلَى رُءُوسِهِمْ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا هَؤُلَاءِ يَنْطِقُونَ قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكُمْ شَيْئًا وَلَا يَضُرُّكُمْ أُفٍّ لَكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَفَلَا تَعْقِلُونَ﴾ ﴿ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنى (چېقىۋېتىشنىڭ) ئامالىنى قىلىمەن» دېدى. ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ (بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن) پەقەت چوڭ بۇتنى (چاقماي) قالدۇردى. ئۇلار: «بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن» دېدى. (ئۇلارنىڭ بەزىسى) ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق» دېدى. ئۇلار: «ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، (ئىبراھىمنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىگە) ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسۇن» دېدى). ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى. (ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى. ئۇلار بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەپ: «(سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتا) ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى. ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتىن) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى. ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر». سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»﴾[23] .
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يالغان ئېيتمىدى، بەلكى بۇتپەرەس كاپىرلارنىڭ قانچىلىك ئەخمىقلىقىنى، بۇ بۇتلارنىڭ نە پايدا نە زىيان ھېچقانداق بىر ئىش قىلالمايدىغان قۇرۇق ھەيكەللەر ئىكەنلىكىنى، بۇنداق نەرسىلەرنى خۇدا دەپ چوقۇنۇشنىڭ قانچىلىك ھاماقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە كاپىرلارنى بۇ مەسىلىدە ئەقلىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن، مۇشۇ ھېكمەتلىك ئۇسۇلنى قوللاندى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئۇسۇلى باشتا ئىشقا يارىدى، كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىق ھاماقەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇڭا ئاللاھ تائالا ۋەقەنىڭ داۋامىدا مۇنداق دېدى: ﴿ فَرَجَعُوا إِلَى أَنْفُسِهِمْ فَقَالُوا إِنَّكُمْ أَنْتُمُ الظَّالِمُونَ﴾ ﴿ئۇلار بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەپ: «(سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتا) ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى.﴾[24]
لېكىن ئۇ كاپىرلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتنى تونۇپ ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا تەتۈرسىگە يېنىپ، بۇ بۇتلار سۆزلىيەلمەيدۇ، بۇنى سەن بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنىڭدىن سوراڭلار، دەيسەن؟ دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقسىدىمۇ، ئۇلارغا بۇتلارنىڭ سۆزلىيەلمەيدىغان ئاجىز نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىدى. ئۇلار بۇتلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئىبراھىم ئەمەلەيھىسسالام ﴿ قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكُمْ شَيْئًا وَلَا يَضُرُّكُمْ أُفٍّ لَكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَفَلَا تَعْقِلُونَ﴾﴿ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر». سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»﴾[25]ز
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كاپىرلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى خۇدا قىلىۋالغان بۇتلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا، ئەقلىنى ئىشلىتىشكە ۋە قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان قۇرۇق ھەيكەللەرنىڭ خۇدا بولالمايدىغانلىقىنى ئۆزلىرىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغان مۇشۇنداق بىر يولنى تېپىپ چىققان.
ئىنكارچىلارنىڭ دېگىنىدەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى يالغان ئېيتتى دېسەكمۇ، بۇ ئۇلۇغ مەقسەت ئۈچۈن ئېيتىلغان يالغان، يالغان ھېسابلانمايدۇ ۋە گۇناھمۇ بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى: «ئۈچ ئورۇندا يالغان ئېيتىش ھالالدۇر: ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى رازى قىلىش ئۈچۈن يالغان ئېيتىشى، ئۇرۇشتا دۈشمەنگە يالغان ئېيتىش ۋە ئىككى قېرىنداشنىڭ ئوتتۇرىنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن يالغان ئېيتىش»[26]
دېمەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەسۇمدۇر، مەسۇملىقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان بىر گۇناھ ئىشلىمىدى.
5- يەنە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالادىن ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشىنى سورىشى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا شەك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق شەك قىلغان كىشى قانداق مەسۇم بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە كۈچى يېتىدىغانلىقىدا شەك قىلمىدى. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە چىن ئىشىنەتتى. ئۇ پەقەت قەلبىدە چىن ئىشەنگەن بۇ ئىشنى كۆزى بىلەن كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: «ئىشەنمەيۋاتامسەن؟» دەپ سورىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «ئەلبەتتە ئىشىنىمەن، قەلبىمنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن كۆرۈشنى خالايمەن» دېدى. بۇنى ئىلمەليەقىننى (ئەقلى بىلەن بىلگەننى) ئەينەليەقىنغا (كۆز بىلەن كۆرۈشكە) چىقىرىش دەيمىز. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمدى ئايەتنى ئوقۇيايلى: ﴿وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ أَرِنِي كَيْفَ تُحْيِي الْمَوْتَى قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِنْ قَالَ بَلَى وَلَكِنْ لِيَطْمَئِنَّ قَلْبِي قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِنَ الطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ اجْعَلْ عَلَى كُلِّ جَبَلٍ مِنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ادْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا وَاعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ﴾ ﴿ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾[27].
6- يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ھەققىدە كەلگەن ئايەت: ﴿ وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ وَهَمَّ بِهَا لَوْلَا أَنْ رَأَى بُرْهَانَ رَبِّهِ كَذَلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ السُّوءَ وَالْفَحْشَاءَ إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُخْلَصِينَ﴾ ﴿ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۇسۇفكە (يېقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۇسۇفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۇسۇفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۇسۇف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى﴾[28].
بۇ ئايەت مىسىر ئەزىزىنىڭ خوتۇنى زۇلەيخانىڭ يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن زىنا قىلماقچى بولغانلىقىنى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇ ئىشنى قىلىشقا مايىل بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەك، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مەسۇم ئەمەس.
جاۋاب: بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەم جىسمانىي جەھەتتىن، ھەم ئەخلاقىي جەھەتتىن مەسۇملىقىنى ئېنىق بىر شەكىلدە بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ بېشىدا زۇلەيخانىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكىرىدە بىر ھوجرىنى تەييارلاپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى چاقىرغانلىقىنى، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ھوجرىغا كىرىشى بىلەن زۇلەيخا ئىشىكنى تاقاپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامغا: «بېرى كەل» يەنە بىر قىرائەتكە كۆرە «مەن ساڭا كەلدىم (يەنى ئۆزەمنى ساڭا بەردىم)» دېدى، دەيدۇ. ئايەتتە ئۇ ئىشىكى تاقالغان ھوجرىدا زۇلەيخانىڭ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقى تەپسىلىي تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەقلى بار بىر ئادەمنىڭ ئۇ مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشى تەس ئەمەس. ئۇ چاغدا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەڭ چوڭ دېگەن يىگىرمە بەش ياشلاردىكى بىر يېگىت ئىدى. مۇشۇ ياشتىكى بىر يىگىتنى بىر ئايال ئۆيگە سولاپ، ئىشىكلەرنى تاقاپ، ئەر كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان پۈتۈن ئاياللىق قىلىقلىرىنى قىلىپ ئېسىلسا، يىگىرمە بەش ياشلاردىكى يىگىتنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق مايىللىقى بولمىسا، ئۇ ئەر جىسمانىي جەھەتتىن ئەيىبلىك، ئىقتىدارسىز كىشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى مۇشۇنداق ئەيىبلەردىن پاكلىقىنى ۋە ئەينى زاماندا ئاللاھ تائالا مۆجىزە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنى گۇناھتىن ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەنىسى: بىز مۆجىزە كۆرسىتىش ئارقىلىق يۈسۈفنى ساقلاپ قالمىغان بولساق، زۇلەيخانىڭ قاتتىق تەلىۋى ۋە قوللانغا نەيرەڭلىرى ئالدىدا يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ قالاتتى. چۈنكى ئۇ جىنسىي ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە ياشىلىق باھارىدىكى بىر يېگىت ئىدى. بىزنىڭ ساقلاپ قېلىشىمىز بىلەن يۈسۈف ئۇ ئايالغا مايىل بولمىدى، دېگەن بولىدۇ.
دېمەك، بۇ ۋەقەدە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەيىبلىنىدىغان گۇناھقا مايىل بولغىنى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام زىنداندىن چىقىدىغان چېغىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مىسىر پادىشاھىدىن ھېلىقى قوللىرىنى كەسكەن ئاياللارنى سوراققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. پادىشاھ ئۇ ئاياللارنى سوراققا تارتقاندا، زۈلەيخا ئۆزى گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىپ، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مانا مۇشۇمۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسۇملىقىنى، بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ دېگىنىدەك گۇناھقا مايىل بولمىغانلىقىنى بۇلۇتسىز ئاسماندىكى قۇياشتەك ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
7- مۇسا ئەلەيھىسسالام شەھەردە كېتىپ بارغىنىدا، ئىككى ئادەم سوقۇشۇۋاتاتتى، بىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتىدىن، يەنە بىرى مىسىرلىق قىبتى ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتىدىن بولغان ئادەم مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز جەمەتىدىن بولغان ئادەمگە يان بېسىپ، مىسىرلىق قىبتىنى بىر مۇش قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام قاتىل بولدى. قاتىللىق چوڭ گۇناھ بولۇپ، مەسۇم دېگەن سۆزگە زىت كېلىدۇ.
جاۋاب: ۋەقەنى قۇرئان كەرىمدىن ئاڭلايلى: ﴿وَدَخَلَ الْمَدِينَةَ عَلَى حِينِ غَفْلَةٍ مِنْ أَهْلِهَا فَوَجَدَ فِيهَا رَجُلَيْنِ يَقْتَتِلَانِ هَذَا مِنْ شِيعَتِهِ وَهَذَا مِنْ عَدُوِّهِ فَاسْتَغَاثَهُ الَّذِي مِنْ شِيعَتِهِ عَلَى الَّذِي مِنْ عَدُوِّهِ فَوَكَزَهُ مُوسَى فَقَضَى عَلَيْهِ قَالَ هَذَا مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ عَدُوٌّ مُضِلٌّ مُبِينٌ * قَالَ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فَاغْفِرْ لِي فَغَفَرَ لَهُ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾ ﴿مۇسا شەھەر ئاھالىسىدىن ھېچ كىشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ۋاقىتتا (يەنى چۈشلۈك ئۇيقىدىكى چاغدا) شەھەرگە كىردى، ئۇ شەھەردە ئىككى كىشىنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. (ئۇرۇشۇۋاتقانلاردىن) بىرى ئۆز قەۋمىدىن بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ دۈشمىنى ئىدى. ئۆز قەۋمىدىن بولغان ئادەم دۈشمىنىگە قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىدى. مۇسا ئۇنى مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «بۇ شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، شۈبھىسىزكى، شەيتان ئازدۇرغۇچى ئاشكارا دۈشمەندۇر». مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. ماڭا مەغپىرەت قىلغىن». ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾[29].
بىرىنچىدىن بۇ ۋەقە مۇسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن. ئىككىنچىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇ مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرمىدى. ئۇ ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى ئادەمنى بىر-بىرىدىن ئايرىشقا تىرىشقان، مىسىرلىق تىركىشىپ ئايرىلغىلى ئۇنىمىغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى مۇش بىلەن بىرنى قويىۋېدى، ئادەم ئۆلۈپ قالدى. ئادەتتە بىر مۇش ئۇرغاندا بىر ئادەم ئۆلمەيدۇ. دېمەك، ئۇ مىسىرلىقنىڭ ئۆلۈشى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىختىيارىدىن سىرت كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ مەسۇملىقىغا دەخلى يېتىدىغان بىر گۇناھ ئەمەس.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىشنى «ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىق» دەپ، ئاتىشىنىڭ ئۈچ مەنىسى بار:
بىرى ئەۋلا بولغاننى تەرك ئەتكەنلىكى. يەنى ئۇنى ئۇرماستىن ئايرىسام بوپتىكەن، دەپ پۇشايمان قىلىش. ئۇنىڭ بىر مۇش بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلسۇن.
يەنە بىرى، ئۇ مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن ئۆزىنى زالىم پىرئەۋننىڭ جازاسىغا ئۈچراتقان بولدى. شۇڭا مىسىرلىققا زۇلۇم قىلدىم، دېمىدى، ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم، دېدى.
ئۈچىنچىسى، «حسنات الأبرار سيئات المقربين (ياخشىلارنىڭ بەزى ياخشى ئىشلىرى مۇقەررەبلەرنىڭ ھەققىدە يامانلىق ھېسابلىنىدۇ)» دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ مەقسەتسىز يۈز بەرگەن ئىشنى زۇلۇم دەپ ئاتاپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، ئاللاھ تائالا دەرھال ئۇنى مەغپىرەت قىلىپ، پىرئەۋننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قالدى. دېمەك، بۇ ۋەقەدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسۇملىقىغا دەخلى يېتىدىغان بىر گۇناھ يوق. بۇنى گۇناھ دەپ ئاتاش كېرەك، دېسەكمۇ، ئۇ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى سادىر بولغان كىچىك گۇناھ بولۇپ، پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى مەسۇملىقىغا دەخلى يەتمەيدۇ.
8- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: ﴿وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَى﴾ ﴿سېنى قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟﴾ بۇ ئايەتنىڭ زاھىرى مەنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسۇم ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
رەددىيە: «قايمۇققان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «ضالا» سۆزى قۇرئان كەرىمدە بىر نەچچە مەنىدە كېلىدۇ. مەسىلەن:
1_ شىرىك، ئازغۇنلۇق، توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىش ۋە كۇفرى مەنىسىدە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَنِ اهْتَدَى فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا﴾ ﴿كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر﴾[30] .
2_ ئۇنتۇغان دېگەن مەنىدە كېلىدۇ: ﴿أَن تَضِلَّ إْحْدَاهُمَا فَتُذَكّرَ إِحْدَاهُمَا الأخرى﴾ ﴿بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ﴾[31].
3_ نەتىجە قازىنالمىدى، بېكار بولۇپ كەتتى، دېگەن مەنىدە كېلىدۇ: ﴿الَّذِينَ ضَلَّ سَعْيُهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا﴾ ﴿قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر.﴾[32]
4_ يوق بولۇپ كەتتى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ﴿وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ ﴾ ﴿ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغلىرىدا: «بۇتلار بىزگە شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن) يالغان ـ ياۋىداقلىرى يوققا چىقىدۇ﴾[33]
5_ نېمە قىلىشنى بىلمەي قايمۇققان، دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە كەلگەن بۇ ئايەت مۇشۇ 5- مەنىدە كەلگەن. بۇ ئايەتتە دېمەكچى بولغان ئەھۋال مۇنداق: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاك تەبىئەتلىك زات ئىدى. ئۇ بۇتقا چوقىنىدىغان مۇشرىك بىر جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ بۇتلارنى ياخشى كۆرمەيتتى، بوۋىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇتقا چوقۇنسا، ئۇ چوقۇنمايتتى. چوڭ بولغانسىرى بۇتپەرەسلىكنىڭ توغرا يول ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتى. شامغا تىجارەتكە بېرىش-كېلىش سەپەرلىرىدە خرىستىئان ۋە يەھۇدىلارنىڭمۇ دىنىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايقىدى. يېشى قىرققا يېقىنلاشقانسىرى ئىنسانلاردىن يىراقلىشىپ نۇر تېغىدىكى بىر غاردا تەپەككۇر قىلىدىغان بولدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە ۋە ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنىڭ دىنلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كەسكىن بىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنى بۇ باتىل دىنلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قايسى يولنى تاللايدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن ھالەتتە غاردا بىر نەچچە كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى. كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ۋەھيى ئارقىلىق ھەق دىننى، توغرا يولنى كۆرسەتتى. ئىنسانلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقا چاقىرىشنى بۇيرىدى. ئاللاھ تائالانىڭ: «سېنى قايمۇققان تېپىپ ھىدايەت قىلمىدۇقمۇ؟» دېگىنى مانا مۇشۇ رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەر بولۇش ھارپىسىدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ.
ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەتنى شۇرا سۈرىسىدىكى مۇنۇ ئايەت تەپسىر قىلىدۇ:[34] ﴿ وَكَذَلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحًا مِنْ أَمْرِنَا مَا كُنْتَ تَدْرِي مَا الْكِتَابُ وَلَا الْإِيمَانُ وَلَكِنْ جَعَلْنَاهُ نُورًا نَهْدِي بِهِ مَنْ نَشَاءُ مِنْ عِبَادِنَا﴾ ﴿شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن (ۋەھيىدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن﴾[35] دېمەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئازغۇن ئەمەس ئىدى، مەسۇملىقىغا دەخلى يېتىدىغان بىر گۇناھمۇ ئىشلىمىدى.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار! پەيغەمبەرلىك ماقامى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ ماقام ۋە ئەڭ ئالى مەرتىۋە. ئاللاھ تائالا مۇشۇ مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەلچىسى قىلغان ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەققىدە مۇنداق ئەدەپسىز، نالايىق گەپلەرنى قىلىش ئېغىر گۇناھ. ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ ئۇلۇغ زاتلارنى بىزمۇ ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇلار ھەققىدە گەپ-سۆز قىلغاندا ئەدەب بىلەن ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىگە لايىق گەپ قىلىشىمىز لازىم .
ئاللاھ تائالادىن بىزگە توغرىنى توغرا كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى، باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن قېچىشنى نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمەن، ئامىين.
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: ئابدۇراھمان جامال.
[1] ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ۋە ئەلبانى سەھىھ، دېگەن.
[2] بەقەرە سۈرىسى: 258- ئايەت.
[3] نۇن سۈرىسى 3- ئايەت.
[4] نىسا سۈرىسى: 59- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[5] ھۇد سۈرىسى: 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[6] ھىجر سۈرىسى: 39-42- ئايەتلەر.
[7] يۇسۇف سۈرىسى: 24- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[8] ئەھزاب سۈرىسى: 21- ئايەت.
[9] نىسا سۈرىسى: 64- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[10] نىسا سۈرىسى: 80- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[11] بەقەرە سۈرىسى: 124- ئايەت.
[12] ھۇد سۈرىسى: 62- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[13] تاھا سۈرىسى: 120-121-122- ئايەتلەر.
[14] ئىسرا سۈرىسى: 44- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[15] بەقەرە سۈرىسى: 30- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[16] مۇلك سۈرىسى: 2- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[17] زەلزەلە سۈرىسى: 7-8- ئايەتلەر.
[18] بەقەرە سۈرىسى: 36- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[19] ئەئراف سۈرىسى: 20-21- ئايەتلەر.
[20] بەقەرە سۈرىسى: 37- ئايەت.
[21] ھۇد سۈرىسى: 45-46- ئايەتلەر.
[22] ئەنئام سۈرىسى: 76-79- ئايەتلەر.
[23] ئەنبىيا سۈرىسى: 58-63- ئايەتلەر.
[24] ئەنبىيا سۈرىسى: 64- ئايەت.
[25] ئەنبىيا سۈرىسى: 65-66- ئايەتلەر.
[26] بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن.
[27] بەقەرە سۈرىسى: 260- ئايەت.
[28] يۈسۈف سۈرىسى: 24- ئايەت.
[29] سۈرە قەسەس: 15-16- ئايەتلەر.
[30] ئىسرا سۈرىسى: 15- ئايەت.
[31] بەقەرە سۈرىسى: 282- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[32] كەھف سۈرىسى: 104- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[33] نەھل سۈرىسى: 87- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[34] ئىبنى قەييىم جەۋزىيە: «الصواعق المرسلة في الرد على الجهمية والمعطلة» 2/734.
[35] شۇرا سۈرىسى: 52- ئايەت.
باشقا خىزمەتلەر