ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئىلمى ئۆزلىرى بىلەن كەتمىسۇن!
مۇھەممەد يۈسۈپ
بالىلىق چاغلىرىمىزدا بىزگە مەدرىسىدىكى ئۇستازىمىز «من كتب قر، ومن حفظ فر» يەنى «كىمكى بىلگەنلىرىنى يېزىپ قالدۇرسا، ئۇ ساقلىنىپ قالىدۇ، كىمكى يادلىۋالسا، ئۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ» دەپ ئۆگەتكەن. بۇ مەدرىسە ھاياتىمدا مېنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان بىر ھېكمەتلىك سۆز ئىدى. ئۇستازىمىز بۇنى دەپلا قويماي، بىزگە ئۆگەتكەن نەرسىلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلاتتى. بۇ نېمىدېگەن ئىلغار ئۇستاز _ ھە! جانابى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى فىردەۋس جەننەتلىرىدن قىلسۇن ... ئامىن.
كاشكى بىزنىڭ مەدرىسىلىرىمىزدىكى ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىلغار پىكىرلىك، يىراقنى كۆرەر بولغان بولسا ئىدى، كاشكى ھازىر تۈركىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر مەدرىسىلىرىنىڭ ئۇستازلىرىمۇ شۇنداق بولسا ئىدى. كاشكى...
مەيلى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن ياكى بارلىق ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن، مەدرىسىلەردىكى ئەڭ چوڭ قاتماللىق ۋە ئەڭ كەچۈرۈلمەس خاتالىق تالىپلارنى يېزىشقا ئۈندىمەسلىك ۋە كاللا ئىشلىتىشكە ئەمەس، پەقەتلا قارغۇلارچە يادلاشقا زورلاش بولغان ئىدى. بۇ خاتالىقنىڭ دەردىنى بارچە ئىسلام دۇنياسى، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارتماقتا. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بارچە ئىسلام ئەللىرىدىكى مەدرىسە ئۇسۇلى تەرەققىي قىلىپ، مەكتەپ ئۇسۇلىغا ئۆزگەرگەن ۋە تالىپلارغا بىلگەنلىرىنى يېزىش، ئۇستاز ئۆگەتمىگەن كىتابلارنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ كۆپ ئوقۇش ۋە ھەر خىل تېمىلاردا ئىزدىنىش قاتارلىق ئىلغارلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەدرىسىلىرى بۈگۈنكى كۈنىدىمۇ قەدىمقى كىلاسسىك ئۇسۇل بىلەنلا قالغان، ھېچ تەرەققىي قىلمىغان. ۋەتەندىكى يوشۇرۇن مەدرىسىلەر خىتايلار پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەنگە قەدەر ئاشۇ كىلاسسىك ئۇسۇلدا ماڭغان. تامام ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ئۆزرىسى بار دەپ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ۋەتەندىكى مەدرىسىلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي تارىخىنى، تارىختىكى جەڭگىۋار ئەجدادلارنىڭ ئىش –ئىزلىرىنى، مۇستەملىكىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىنقىلابلىرىنى ئۆگىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. ئەمما ھازىر چەتئەللەردە ئەركىن دۇنيادىكى مەدرىسىلەردە بالىلارغا نېمە ئۆگىتەي دېسە ئۆگىتەلەيدىغان شارائىت بار، ئىمكانىيەت بار. ئەلۋەتتە تەرەققىي قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە باشقا ئىلغار مەدرىسىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش كېرەك. ئەمما ئۇنداق قىلماي يەنە شۇ كونا كاللا بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېلىچەكنىڭ ئۈمىدلىرى بولغان پەرزەنتلىرىمزنىڭ ئۆمرىنى زايە قىلغانلىق ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مەدرىسىلىرىدە بىلگەنلىرىنى يېزىش تاپشۇرۇقى، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى، ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئۈلگىلىك شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى، ۋەتەننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى ۋە ھەر كۈنلۈك دەرسلىك ئىچىدىن بۇ ماۋزۇلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلىشى بۇ مەدرىسىلەردىن تەلەپ قىلىنغان ئەقەللىي تەلەپتۇر. ئەگەر شۇنداق بولمىغاندا، بىزنىڭ مەدرىسىلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر ئاچقان مەدرىسىلەردىن ھېچبىر ئالاھىدىكى ۋە پەرقى بولمىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا پەرزنەتلىرىمىزنىڭ باشقىلار ئاچقان مەدرىسىلەرگە بېرىشى ئەۋزەل بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى باشقىلارنىڭ مەدرىسىلىرى بىزنىڭكىگە قارىغاندا ھەر تەرەپتىن ئىلغاردۇر. ئەڭ مۇھىمى ۋاقىتقا رىئايە قىلىش جەھەتتىن ئەۋزەل.
چەتئەللەردىكى مەدرىسىلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قۇرئان يادلاش كۇرسلىرىدىن باشقا ئاساسەن مەكتەپ ئۇسۇلىغا ئۆزگىرىپ بولغان. قۇرئان يادلاش كۇرسلىرى بۇرۇنقى مەدرىسە ئۇسۇلى بويىچە ماڭغان بىلەن بىزنىڭ قۇرئان كۇرسلىرىمىزدىن نەچچە ھەسسە ئىلغاردۇر. چۈنكى مەيلى تۈركىيە ياكى باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن، قۇرئان كۇرسلىرىدا بالىلار قۇرئانلا يادلىمايدۇ، بەلكى ئۇلارغا ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئۆگىتىلىدۇ، يېزىش، ئىزدىنىش، قوشۇمچە كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلار ئەلۋەتتە بار.
بىزنىڭ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىمىز بىر ئۆمۈر تىرىشىپ تەھسىل قىلغان قىممەتلىك بىلىملىرىنى ئۆزى بىلەن گۆرگە ئېلىپ كەتمەسلىكى ۋە ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كېتىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا دەرىجە قازىنىشى ۋە خەلقىنىڭ قەلبىدە دۇئا بىلەن يادلىنىشى ئۈچۈن، بىلگەنلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا سەدىقە جارىيە بولۇپ، ساۋابى ئۇلار ھاياتلىقتىن كۆز يۇمغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارغا يېتىپ تۇرىدۇ، تاقىيامەتكىچە ساۋابىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئۇتۇق بارمۇ؟!
ئۆلىمالىرىمىز بىلگەنلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەدرىسە ۋە قۇرئان كۇرسى ئاچقان ئۇستازلىرىمىز ئىشنى بالىلاردىن باشلىشى زۆرۈر. بالىلارنىڭمۇ كېلىچەكتە بىزدەك گەپ قىلىپ سورۇن قىزىتالايدىغان، ئەمما كېيىنكىلەرگە ھېچنېمە قالدۇرالمايدىغان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ جىددىي ھەرىكەت قىلىشنى ئۈتۈنىمەن.
جانابى ئاللاھ تائالا بارلىق ئۆلىمالىرىمىزنى ۋە ئۇستازلىرىمىزنى ياخسى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئامىن.