ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئىككى ئاتالغۇ
ئاتائۇللاھ سەئىد
بېشى ئالدىنقى ساندا
بىز ئالدىنقى ساندا «مەزھەپچىلىك» ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. بۇ ساندا ماقالىمىزنىڭ داۋامى «مۇتەئەسسىپلىك» ئاتالغۇسى ھەققىدە بولىدۇ.
مۇتەئەسسىپلىك
مۇتەئەسسىپلىك چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە كۆرۈلىدىغان بىر خىل روھىي ھالەتتۇر. ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل بولسىمۇ، ئەمما تەبىر ۋە ئىپادە جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. بىز بۇ ماقالىمىزدە فىقھى ئىلمىدا قوللىنىلىدىغان مۇتەئەسسىپلىك، يەنى«مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىكى» ھەققىدىلا توختىلىمىز. بىز فىقھىي تېمىدىكى بەس – مۇنازىرىلەردە مۇتەئەسسىپ سۆزىنىڭ كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرىمىز. كىشىلەر پىكرىدە چىڭ تۇرغان، ئۆزىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىنى كۆرسىلا مۇتەئەسسىپ قالپىقىنى كىرگۈزۈشكە ئالدىرايدۇ، بولۇپمۇ مەزھىپىدە چىڭ تۇرغان كىشىنى كۆرسە.
مۇتەسسىپلىكنىڭ تەبىرى ۋە ماھىيىتى نېمە؟
مۇتەئەسسىپلىك قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ مەزھىپىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشمۇ؟
ئەگەر مۇشۇ تەبىر بويىچە بولىدىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مۇتەئەسسىپ بولمامدۇ؟ چۈنكى ھەر دىن، ھەر مەزھەپ ۋە ئېقىم ساھىبى ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ.
مەزھىپىدە چىڭ تۇرۇش فەقىھلەر تەرىپىدىن «التَصَلٌّب»، «الصلابة» ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، مەدھىيلەنگەن. بۇ ھەقتە ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئالىم، فەقىھ، ئۇسۇلۇل فىقھى ئالىمى پەخرۇلئىسلام بەزدەۋى مۇنداق دەيدۇ: «مەزھەپتە چىڭ تۇرۇش ۋاجىپ، مۇتەئەسسىپلىك قىلىش جايىز ئەمەس. مەزھەپتە چىڭ تۇرۇش مەزھىپىگە ۋە ئۆزى ھەق، توغرا دەپ قارىغان قاراشقا ئەمەل قىلىشتۇر. مۇتەئەسسىپلىك ھاماقەتلىك ۋە باشقا مەزھەپ ساھىپلىرىغا ناچار مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى كەمسىتىشتۇر. بۇنداق قىلىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىنىڭ مەقسىتى ھەقىقەتنى ئىزدەشتۇر. ئۇلار توغرا يولدىدۇر»[1].
ئەللامە ئىبنى فەررۇخ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلىمالىرىمىز ۋە باشقا مەزھەپ ئالىملىرى مۇتەئەسسىپىكلنىڭ ھاراملىقىغا، مەزھەپتە چىڭ تۇرۇشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. مەزھەپتە چىڭ تۇرۇش مۇجتەھىدكە دەلىللەردىن ئايان بولغان ھۆكۈمدە چىڭ تۇرۇشتۇر. بۇ (دەلىللەردىن ھۆكۈمنىڭ ئايان بولۇشى) مۇجتەھىدلەرگىلا ياكى مۇجتەھىدلەرگە ئەگەشكەن نەزەر ئەھلى (يەنى دەلىللەرگە قاراپ چىقىش سالاھىيىتى ھازىرلىغان كىشى)گىلا خاستۇر. مۇتەئەسسىپلىك بولسا، مەزھىپىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھاۋايى-ھەۋەسكە مايىل بولۇش، باشقا ئىمام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى كەمسىتىشتۇر...»[2].
ئىسلام تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ قىيىن - قىستاقلارغا دۇچ كەلسىمۇ ئۆزى توغرا دەپ قارىغان پىكىردىن يانمىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ مىساللىرى تارىخ كىتابلىرىدا ساناقسىز تۇرۇپتۇ. بۈگۈنكىدەك مەۋقەسىزلىك، مەزھەپسىزلىك ئەۋج ئالغان، ھەقىقەتلەر ئەۋرىشىملىشىپ كەتكەن، سۇيۇقلاشقان دەۋىردە «التصلب» ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئېسىل سۈپەتتۇر. سەلەپ سالىھلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە «التقوى فوق الفتوى» (تەقۋادارلىق پەتىۋانىڭ ئۈستىدە) ئىدى. ئۇلار ئۆزى توغرىلىقىغا قانائەت ھاسىل قىلغان قاراش بويىچە پەتىۋا بېرەتتى، لېكىن باشقا ئالىملار توغرا دەپ قارىمايدىغان ئىختىلاپلىق ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. كۈنىمىزدە شۇنداق بىر مەۋقەسىزلىك تارقىلىپ يۈرمەكتىكى، بىراۋغا بۇ ئىشنى قىلماڭ، توغرا ئەمەس دېسىڭىز. سىزدىن سورايدۇ:
مەكرۇھمۇ ياكى ھاراممۇ؟
-مەكرۇھ.
ھارام بولمىغاندىكىن قىلساق بولىدىكەنغۇ!
-ھارام.
-ھاراملىقىدا ئىختىلاپ بارمۇ يوقمۇ؟
...
ئەگەر مەزھىپىدە چىڭ تۇرۇش مۇتەئەسسىپلىك بولىدىغان بولسا، پۈتۈن مۇسۇلمانلار مۇتەئەسسىپ بولامدۇ؟ چۈنكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى مۇسۇلمانلار ئاساسەن تۆت مەزھەپ بويىچە ئەمەل - ئىبادەت قىلىپ كەلگەن. ئىمام تاھاۋى، بەيھەقىي، سەرەخسىي، نەۋەۋى، ئىبنى قۇدامە، ئىبنى ھەجەر، بەدرۇددىن ئەينىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى مەزھەپكە ئەگەشكەن ۋە مەزھىپىدە چىڭ تۇرغان، مەزھىپىدىن چىققان مەسىلىلىرى ناھايىتى ئاز بولغان. ئۇلارمۇ مۇتەئەسسىپمۇ؟
مۇتەئەسسىپلىك دەلىلنى رەت قىلىشمۇ؟ ئۇنداقتا دەلىلنىڭ تەبىرىچۇ؟ سىز دەلىل دەپ قارىغان نەرسە باشقىلارنىڭ قارىشىدا دەلىل بولماسلىقى، سىز قەتئىي دەلىل دەپ قارىغان نەرسە باشقىلارنىڭ قارىشىدا گۇمانىي دەلىل بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ مىساللىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ھەدىسلەرنى مىسالغا ئالساق، بىر ھەدىسشۇناس سەھىھ دېگەن ھەدىسنى يەنە بىرى زەئىپ دېيىشى مۇمكىن. ھەتتا بىرى «ھەسەن» دېگەن ھەدىسنى يەنە بىرى توقۇلما دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىشلارمۇ بار. مەزھەپلەر ئارىسىدا دەلىل ھەققىدىمۇ ئىختىلاپ تۇرسا، قانداقمۇ قارشى تەرەپنى مۇتەئەسسىپ دەپ ئەيىبلىگىلى بولسۇن؟! تارىختىن بېرى مەزھەپلەر ئارىسىدا ساناقسىز مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەن. مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى ھېچبىر شافىئىي ياكى ھەنبەلىي ئالىم ھەنەفىيلەرنى ياكى ھەنەفىي مەزھىپىدىكى بىرەرسىنى مۇتەئەسسىپ دەپ ئەيىبلەپ باقمىغان. فىقھى كىتابلىرىنى كېچە - كۈندۈز ئاختۇرۇپمۇ بۇ مەسىلە تۈپەيلى باشقىلارنى مۇتەئەسسىپلىك بىلەن ئەيىبلىگەن بىرەر ئالىمنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. قەدىمدىن بېرى مۇتەئەسسىپلىك سانالمىغان ئىش قانداقسىگە بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە مۇتەئەسسىپلىك بولۇپ قالدى؟ يۇقىرىقى تەبىر تەتبىقلىغىلى بولىدىغان «جامع» (تەبىرگە ئۇيغۇن شەيئىلەردىن بىرىنىمۇ سىرتتا قالدۇرمايدىغان)، «مانع» (تەبىرگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرقانداق شەيئىنىڭ كىرىپ قېلىشىنى توسىيالايدىغان) تەبىرمۇ؟ بۇ تەبىر بويىچە بولغاندا مۇتەئەسسىپلەر كىملەر؟
مۇتەئەسسىپلىك بىر قىسىم سەنەدى سەھىھ ھەدىسلەرنى دەلىللەرگە تايىنىپ رەت قىلىشمۇ؟
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھېچبىر ئالىم سەھىھ ھەدىسنى سەۋەبسىزلا رەت قىلمايدۇ. ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ سەھىھ بولۇشى ئەمەل قىلىشنىڭمۇ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. مۇجتەھىدلەر ھەدىسكە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن سەنەدىنىڭ سەھىھ بولۇشىغا يەنە باشقا شەرتلەرنىمۇ قوشىدۇ. بولۇپمۇ ئىمام مالىك ۋە مالىكيلەر. يەنە كېلىپ، ھەدىسلەرگە باھا بېرىشمۇ ئىجتىھادىي مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىماملارنىڭ سەھىھ ھەدىسكە قويغان شەرتلىرىمۇ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بىر ئىمامنىڭ نەزىرىدە سەھىھ بولغان ھەدىس يەنە بىرىنىڭ نەزىرىدە سەھىھ بولماسلىقى مۇمكىن. ھەدىسنىڭ سەھىھ دەپ باھالىنىشىدا ھەدىس رىۋايەتچىلىرى ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەدىس رىۋايەتچىلىرى ئارىسىدا بىردەك ئىشەنچلىك دەپ باھالانغان رىۋايەتچىلەر ئىختىلاپلىق رىۋايەتچىلەرگە قارىغاندا ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ[3].
مۇھەددىسلەرنىڭ قارىشىدا سەھىھ دېيىلگەن ھەدىسلەرنى پەقەت رەت قىلىپ باقمىغان بىرمۇ ئىمام ياكى مەزھەپ يوق. يەنى فىقھىشۇناسلار ھەدىسشۇناسلار سەھىھ دەپ باھا بەرگەن بىر قىسىم ھەدىسلەرنى رەت قىلغان ئىشلار مەۋجۇت. بۇنىڭدا ھەربىر ئىمامنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق دەلىلى بار. ئىمام مالىكنى مىسال قىلساق، ئىمام مالىك مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەمىلىگە خىلاپ، قىياسقا خىلاپ، قۇرئاننىڭ زاھىرىسىغا خىلاپ دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن قوبۇل قىلمىغان ھەدىسلەر مۇستەقىل بىر كىتاب بولغان. بۇ ھەقتە دوكتۇر ئەدنان ئابدۇللا زۇھار «أحكام فقهية خالف فيها المالكية الأحاديث الصحيحة والجواب عنها» (مالىكىي مەزھىپىدىكىلەر خىلاپلىق قىلغان سەھىھ ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب) دېگەن نام بىلەن مۇستەقىل بىر كىتاب يازغان. فەقىھلەرنىڭ قارىشىدا ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ سەھىھ بولۇشى ئەمەل قىلىشنىڭمۇ سەھىھلىكنى كۆرسەتمەيدۇ. ھەدىس رىۋايەت قىلىش ئايرىم مەسىلە، ئەمەل ۋە ئۇنىڭدىن ھۆكۈم ئېلىش ئايرىم مەسىلە. فەقىھلەرنىڭ بىر ھەدىسنى كىتابىدا رىۋايەت قىلغانلىقى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ياكى سەھىھ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىمام مالىك ۋە ئەبۇ ھەنىيفە. بۇ ئىككى ئىمامىمىز ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن سەنەدىنىڭ سەھىھ بولۇشىغا سەلەپلەر ئەمەل قىلغان بولۇش، مەنىسى قۇرئان ۋە باشقا ھەدىسلەرگە، شەرىئەتنىڭ ئومۇم روھىغا ئۇيغۇن بولۇش، رىۋايەت قىلغۇچىسى رىۋايەت قىلغان ھەدىسىنىڭ ئەكسىچە پەتىۋا بەرمىگەن بولۇش، رىۋايەت قىلغان ھەدىسىگە ئەمەل قىلغان بولۇش قاتارلىق شەرتلەرنىمۇ قوشقان. ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتى ئىشەنچلىك ھەدىسشۇناس، فەقىھ مۇھەممەد ئىبنى ئىيسا ئەتتەببائ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنىپ ساڭا يېتىپ كەلگەن، ئەمما ساھابىلاردىن بىرەرسىنىڭ بولسىمۇ ئەمەل قىلغانلىقى ساڭا يەتمىگەن ھەر قانداق ھەدىسنى تەرك ئەت!»[4]. ئىبنى ئەبۇ ھازىم مۇنداق دەيدۇ: «ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سوئال سورالسا، جاۋاب بېرەتتى. بەزىدە ئۇنىڭغا: بىزگە سېنىڭ جاۋابىڭنىڭ ئەكسىچە ھەدىسلەر كەلدى دېيىلسە، ئەبۇددەردائ: ئۇنى مەنمۇ ئاڭلىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەمەل قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم، دەپ جاۋاب بېرەتتى»[5]. بۇ ھەقتە نۇرغۇن دەلىللەر كەلگەن. ھەتتا ئىمام مالىك ئۆزى «الموطأ» دا رىۋايەت قىلىپ، ئەمەل قىلمىغان ھەدىسلەردىنمۇ يەتمىشتەك ھەدىس بار. بۇنىڭ سەۋەبى مەزكۇر ھەدىسلەر رىۋايەت جەھەتتىن سەھىھ بولسىمۇ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم سەھىھلىك شەرتلىرى تولۇقلانمىغان ياكى ئىمام مالىكنىڭ قارىشىدىكى مەلۇم قائىدىلەرگە زىت كەلگەن[6].
بىر قىسىم سەنەدى سەھىھ ھەدىسلەرنى رەت قىلىش مۇتەئەسسىپلىك بولسا، ئىمام مالىك ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مالىكىيلەر مۇتەئەسسىپمۇ؟ ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، شافىئىيلارمۇ بىر قىسىم ھەدىسلەرنى مەلۇم قائىدە دەلىللەر سەۋەبىدىن رەت قىلغان. ئۇلارمۇ مۇتەئەسسىپمۇ؟ تارىختىن بېرى ئۇلارنى مۇتەئەسسىپلىك بىلەن ئەيبلەپ باققان بىرەر ئالىم بارمۇ؟
ئۇنداقتا، مۇتەئەسسىپ سۆزىنىڭ لۇغەت ۋە ئىستىلاھ مەنىسى نېمە؟
مۇتەئەسسىپ سۆزى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىمىزغىمۇ سىڭىپ كېرىپ، تىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان.
«مۇئەتەسسىپ» سۆزى «تَعَصٌّب» سۆزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، يىغىلماق، توپلانماق دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. «عِصابة، عُصبة» سۆزلىرى گۇرۇھ، جامائەت، توپ مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. سۇنۇق ئەزالار تېڭىلىدىغان بىنتمۇ «عِصابة» دېيىلىدۇ. چۈنكى بىنىت سۇنغان ئەزا ئۈستىگە قاتمۇقات تېڭىلىدۇ. دېمەك، «مۇئەتەسسىپلىك» سۆزى ئەرەب تىلىدا توپلانماق، غۇژمەكلەشمەك، گۇرۇھلاشماق مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
مەشھۇر تىلشۇناس ئىبنى مەنزۇر مۇتەئەسسىپ سۆزىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: مۇتەئەسسىپىلىك − ھەق بولسۇن، ناھەق بولسۇن جامائىتى تەرەپتە تۇرۇش، جامائىتىنى قوللاشقا چاقىرىش؛ توپلانماق، يىغىلماق مەنىسىدە كېلىدۇ[7].
ئىبنى مەنزۇرنىڭ سۆزىدىن ئايان بولىدۇكى، «مۇئەتەسسىپلىك» نوقۇل سەلبىي مەنىدىكىلا سۆز ئەمەس. چۈنكى بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى توپلىشىش، ئۇيۇشۇش مەنىسىدە بولۇپ، ھەقىقەت ئۈستىگە ئۇيۇشۇشقا ئىشلىتىسە، ئىجابىي مەنە، باتىل ئۈستىگە ئۇيۇشۇشقا ئىشلىتىلسە، سەلبىي مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىس شاھىتتۇر.
فەسىيلە ئىسىملىك ئايال مۇنداق دەيدۇ: «مەن دادامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كىشىنىڭ ئۆز قەۋمىنى ياخشى كۆرۈشى مۇتەئەسسىپلىككە كىرەمدۇ؟ - دەپ سورىغان ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
-ياق، لېكىن قەۋمىنى ناھەق ئىشلاردا قوللىشى مۇتەئەسسىپلىكتۇر» دەپ جاۋاب بەردى[8].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ياخشىڭلار گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا قەۋمىنى مۇداپىئە قىلغان كىشىدۇر»[9].
مۇتەئەسسىپ سۆزىنى ئالىملار ئىجابىي مەنىدىمۇ قوللانغان. ئىمام زەھەبىي قازى ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد ئەررازى ئەششافىئىينى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «... ئۇ سۈننەت مۇتەئەسسىپى، ئەھلى سۈننەت ياردەمچىسى ئىدى»[10]. دارۇقۇتنىي ئەبۇ ئەلىي ئەسسەففارنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئىشەنچلىك، سۈننەت مۇتەئەسسىپى ئىدى»[11]. ئۇنداق بولغانىكەن، ئەھلى سۈننەت مەزھەپلىرى دەپ ئاتالغان تۆت فىقھىي مەزھەپ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇش سەلبىي مەنىدىكى «مۇتەئەسسىپلىك» دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بەلكى ھەقىقەت ئەتراپىغا ئۇيۇشۇش بولۇپ، ياخشى ئىش ھېساپلىنىدۇ.
ئاتالغۇلارنىڭ ئىستىلاھ مەنىسى بىلەن لۇغەت مەنىسى ئارىسىدا مەلۇم جەھەتتىن باغلىنىش بولىدۇ. «مۇتەئەسسىپلىك» سۆزى لۇغەت جەھەتتىن مۇتلەق سەلبىي ياكى ئىجابىي سۆز بولمىغانىكەن، ئىستىلاھ جەھەتتىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. لېكىن فىقھىي ئىستىلاھتا بۇ ئاتالغۇ سەلبىي مەنىدە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا بىز تۆۋەندە سەلبىي مەنىدىكى «مۇتەئەسسىپلىك» سۆزىنىڭ تەبىرى ۋە مەنىسىنى يورۇتۇشقا تېرىشىمىز.
ئالىملارنىڭ «مۇتەئەسسىپلىك»كە بەرگەن تەبىرلىرى:
پەخرۇلئىسلام بەزدەۋى مۇنداق دەيدۇ: «مۇتەئەسسىپلىك نادانلىق ۋە باشقا مەزھەپ ساھىپلىرىغا ناچار مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى كەمسىتىشتۇر»[12].
ئەللامە تەفتازانىي مۇنداق دەيدۇ: «مۇتەئەسسىپلىك ئوچۇق-ئاشكارا دەلىل تۇرۇپ، باشقا تەرەپكە ئېغىپ كېتىش ۋە ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتۇر»[13].
ئەللامە ئىبنى فەررۇخ مۇنداق دەيدۇ: «مۇتەئەسسىپلىك مەزھىپىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھاۋايى -ھەۋەسكە مايىل بولۇش، باشقا ئىمام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى كەمسىتىشتۇر... »[14].
يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىنكى، مۇتەئەسسىپلىك ئوچۇق - ئاشكارا دەلىلنى قوبۇل قىلماسلىق، مەزھىپى ۋە قارىشىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىيلىكتىن چەتنەش، قارشى مەزھەپ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى كەمسىتىش، ئۇلارغا تىل تەگكۈزۈش ۋە ھاقارەت قىلىشتۇر.
يۇقىرىقى تەبىرىمىزدىن مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ئالامەتلىرى:
1. ئوچۇق - ئاشكارا دەلىلنى قوبۇل قىلماسلىق.
بىز باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ نۇقتىدا «ئوچۇق دەلىل»نىڭ نېمىلىكىنى بىلىشىمىز لازىم. بىر قىسىم دەلىللەر ئىختىلاپلىق دەلىللەرگە تەۋە بولۇپ، سىز ئوچۇق دەلىل دېگەن نەرسە باشقىلارغا نىسبەتەن ئوچۇق دەلىل بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىراۋغا «ئوچۇق دەلىل»نى ئىنكار قىلدى دەپ مۇتەئەسسىپلىك قالپىقىنى كىيگۈزۈشتىن بۇرۇن، دەلىلىم بىرلىككە كەلگەن دەلىلمۇ ياكى ئىختىلاپلىق دەلىلمۇ دېگەننى تەكشۈرۈش لازىم. كۆپلىگەن فىقھىي ئىختىلاپلار ئۇسۇل - قائىدە ئىختىلاپى بولغانلىقى ئۈچۈن سىزنىڭ «ئوچۇق دەلىل» دېگىنىڭىز باشقىلارنىڭ نەزىرىدە «ئوچۇق دەلىل» بولماسلىقى، شۇ سەۋەپتىن باشقىلارغا مۇتەئەسسىپلىك قالپىقىنى خاتا كىيدۈرۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ مىساللىرى فىقھى، ئۇسۇلۇل فىقھى ئىلىملرىدىن خەۋىرى بار ھەربىر ئەھلى ئىلمىگە ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىراۋغا فىقھىي ئىختىلاپ سەۋەبىدىن مۇتەئەسسىپلىك قالپىقى كىيدۈرمەكچى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ مەنتىقىسى، مەزھىپى بويىچە ئەمەس، قارشى تەرەپنىڭ مەنتىقىسى، مەزھىپى بويىچە، ئۆز قائىدىسى بىلەن ئۆزىنى مات قىلىپ، قوبۇل قىلمىغاندا ئاندىن كىيدۈرۈش لازىم.
2. مەزھىپىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىلمىيلىكتىن چەتنەش.
بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ئىمامىنىڭ ۋە مەزھىپىنىڭ پەزىلىتىنى ئىزھار قىلىش، مەزھىپىنىڭ قاراشلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ياكى قارشى مەزھەپ ۋە مەزھەپ ئىمامىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن يالغان ھەدىس، رىۋايەتلەرنى ئويدۇرۇش. بۇ مەزھەپ مەنسۇپلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر چۈشۈپ قالغان خاتالىقتۇر. لېكىن بۇ كۆپكۆك ئاسماندىكى قارا بۇلۇت كەبى ئوچۇق خاتالىق بولۇپ، ئاڭلىغان ھەر كىشى بىلەلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇنداق كىشى پەقەت ئۆزىنى رەسۋا قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مەزھىپى، ئۇسۇل - قائىدىلىرىگە سالسا، سەھىھلىك شەرتلىرىگە چۈشمەيدىغان زەئىپ ھەدىسلەرنى سەھىھ قىلىشقا ئورۇنۇش، ئۆز مەزھىپىدە دەلىل دەپ قارالمايدىغان نەرسىلەرنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشمۇ ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەنلىك بولۇپ، مۇتەئەسسىپلىك دائىرىسىگە كىرىدۇ.
2) ھەر خىل قاراش ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىشنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلغان كىشىنىڭ كىتاب ياكى نۇتۇقلىرىدا قارشى تەرەپ ياكى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان تەرەپنىڭ دەلىللىرىنى تولۇق بايان قىلماسلىق ياكى كۈچلۈك دەلىللىرىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇش. چۈنكى، بۇمۇ ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەنلىك، قارشى تەرەپكە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر. ئەمما ئۆز مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرىنىلا بايان قىلىشنى ئۆلچەم قىلىپ يېزىلغان كىتابلار، سۆزلەنگەن تەبلىغلەر، بېرىلگەن پەتىۋالار مۇتەئەسسىپلىك دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.
3. ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي مەسىلىلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋېلىش.
بۇ ئاساسەن دەۋرىمىزدىكى «شەيخ ۋەكالەتچىلىرى»دە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە بۇلار «فقه الراجح» (كۈچلۈك قاراش فىقھىسى) دېگەن نەرسىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ. كۈچلۈك قاراش دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ شەيخلىرى پەرقلىق قاراشلار ئارىسىنى تەرجىھ (كۈچلەندۈرۈش) قىلىشتا ھېچقانداق فىقھىي، ئۇسۇلىي قائىدىلەرگە ئاساسلانمايدۇ، مۇقىم، مۇنتىزىم قائىدە - پىرىنسىپى بولمايدۇ. كاتتا مۇجتەھىد ئىماملار ئارىسىدا قەدىمدىن بېرى ئىختىلاپ بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ئۇلارنىڭ كۈچلەندۈرۈشى بىلەن ئىختىلاپلىق مەسىلە دائىرىسىدىن چىقىپ، ئىختىلاپسىز، قەتئىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچلەندۈرۈشىنى قوبۇل قىلمىغانلار مۇتەئەسسىپ، مەزھەپچى، سۈننەتكە قارشى چىققۇچى بولىدۇ. بۇلار «مەزھەپچى» سۆزى بىلەن «مۇتەئەسسىپ» سۆزىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ. بۇلارنىڭ مۇقىم، مۇنتىزىم، مۇستەقىل ئۇسۇلۇل فىقھىسى، قائىدە - پىرىنسىپى بولمىغانلىقى ئۈچۈن يولى، بايرىقى، شوئارى (كۈچلۈك قاراش فىقھىسى، دەلىل نەدە بولسا، بىز شۇ يەردە شوئارى) بىر تۇرۇپ ئارىسىدا ئىختىلاپ تۈگىمەيدۇ. ئىختىلاپ سەۋەبلىرىنى ياخشى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن قارشى پىكىردىكىلەرگە ئاسانلا بىدئەتچى، ئازغۇن، دىننى بۇرمىلىغان دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما مەزھەپ ساھىپلىرى بولسا، بۇلاردىن پەرقلىق بولۇپ، مۇستەقىل ئۇسۇلۇل فىقھىسى، فىقھىي قائىدىلىرى، نۇرغۇن مۇجتەھىد ئالىملىرىنىڭ ئىجتىھادى، ئەقىل سەمەرىسى بىلەن شەكىللەنگەن فىقھىي مەزھىپى بولىدۇ. خىلمۇخىل قاراشلارنى بىر - بىرىدىن كۈچلەندۈرۈشتە ئىمامى ۋە مۇجتەھىدلىرى تەرىپىدىن شەكىللەنگەن مۇنتىزىم مېتودى بولىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ مېتودقا ئۇيغۇن كەلگەن قاراشنى تەرجىھ قىلىدۇ. ئۆزى توغرا دەپ قارىغان قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ، تۇراقسىزلىق، سۇيۇقلۇق، مەۋقەسىزلىك قىلمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى خاتا دەيدۇ-يۇ، ئازغۇن، مۇتەئەسسىپ، بىدئەتچى ناملىرى بىلەن ئاتىمايدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ مەزھىپى ۋە مېتودىغا ئاساسەن بولىدۇ. بىر مەزھەپ ئارىسىدا ئىختىلاپ ئاساسەن ئاز بولىدۇ. بۇلاردا ئىجمائ دەيدىغان، بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان مۇستەھكەم قورغان بولىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار ئىجمائىغا قارشى گەپ قىلمايدۇ. ئەمما «فقه الراجح»، «دەلىل نەدە بولسا، بىز شۇ يەردە»چىلەرنىڭ بولسا، ئىجمائ بىلەن كارى بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى دەلىل نەگە ئاپارسا، شۇ يەرگە بارىدۇ. ئىسلام تارىخىدا ھېچكىم دەپ باقمىغان قاراشلارنىمۇ دەۋىرىدۇ. خۇددى بىرىنىڭ ئىككى رەكئەت نامازدا 26 پەرز بار دېگىنىدەك. زاۋۇت ۋە شىركەت ۋەكالەتچىلىرى ئۆزى ۋەكىل بولغان زاۋۇت، شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنى ۋەكالەتچىلىكىنى ئالغان رايونلارغا تارقىتىشنى كۆتۈرە ئالغانغا ئوخشاش «شەيخ ۋەكالەتچىلىرى»مۇ ئۆزى «بىردىنبىر ساغلام، نىجاتلىق يولى» دەۋالغان شەيخىنىڭ پىشمىغان، خام قاراشلىرىنى ئۆز خەلقى ئارىسىغا تارقاتماقچى بولىدۇ. بۇلارنىڭ مىجەزى چۇس، كەسكىن، باشقىلارنى ئازغۇن يولدا دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىسىمۇ ناھايىتى كەسكىن بولىدۇ، ھەرخىل بەتنام، بەتسۈپەتلەر بىلەن ئەيبلىگىلى ئاران تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ مۇتەئەسسىپلىكى شۇ يەردىكى، ئۆزى ۋەكىل بولغان «مەھسۇلات»نى ئالمىغانلارغا ھاقارەت قىلىدۇ، ئەھلى سۈننەتتىن چىقىرىدۇ، ئازغۇن، بىدئەتچى دېگەندەك ھەر خىل بەتناملار بىلەن سېسىتىشقا ئورۇنىدۇ.
4. مەزھىپى، ئىمامى ۋە شەيخلىرىنى ياخشى كۆرۈشنى، كىتابلىرىنى ئوقۇش ۋە ئۆگىتىشنى ئەھلى سۈننەتنىڭ، توغرا يولدا ئىكەنلىكنىڭ شەرتى قىلىۋېلىش. مۇھەببەت، نەپرىتىنى مەزھىپىگە قاراپ بەلگىلەش.
سالىھلار، ئالىملارنى ياخشى كۆرۈش ئىسلامنىڭ تەلىپى. لېكىن مۇئەييەن شەيخنى ياخشى كۆرۈشنى ساغلام ئەقىدىنىڭ بەلگىسى ۋە شەرتى قىلىۋېلىش مۇتەئەسسىپلىكتۇر. بۇ ئىللەت ئەسلىدە ئىماملىرىنى مەسۇم (خاتالاشمايدۇ) دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان شىئە قاتارلىق ئازغۇن پىرقىلەردە كۆرۈلەتتى. لېكىن بۇ ئىللەتنىڭ ئۆزىنى ئەھلى سۈننەت دەپ داۋا قىلىدىغان ئېقىملارغىمۇ سىڭىپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ ئىسلام دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان، مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت ئىللەتتۇر. مەن بىر قىسىم چوڭ ئەرەب شەيخلەر ۋە ئۇستازلارنىڭ ئاغزىدىن تالاي قېتىم : «شەيخ xx نىڭ يامان گىپىنى قىلغان ئادەم ياكى مۇناپىق ياكى نادان ياكى ئازغۇن» دېگەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىدىم. بۇ سۆزنى بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمدىنمۇ ئاڭلىدىم. ھەتتاكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بىراۋنىڭ ساغلام ئەقىدىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساق، xx شەيخنىڭ كىتابىنى دەرس قىلامدۇ، ياقمۇ؟ شۇنىڭغا قارىساقلا بولىدۇ، دائىشنىڭ ئەقىدىسى ساغلام، توغرا يولدا ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى ئۇلار xx شەيخنىڭ كىتابلىرىنى دەرس قىلىدىكەن دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئالىملارنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، ئىززىتىنى قىلىش لازىم، ئەمما ئۆز شەيخلىرىنى ۋە ئۇستازلىرىنى ياخشى كۆرۈشنى ساغلام ئەقىدە، توغرا يولدا ئىكەنلىكنىڭ بەلگىسى قىلىۋېلىش ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەنلىك ۋە مۇتەئەسسىپلىكتۇر.
ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا بىرەر شەخسنى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى ئەھلى سۈننەتنىڭ، قارشى چىقىشنى ئەھلى بىدئەتنىڭ ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ بەلگىسى قىلىۋالغان كىشى بىدئەتچى، ئازغۇن، بۆلگۈنچىدۇر»[15].
5. باشقا مەزھەپ ئىمامى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى چۈشۈرۈش ۋە ھاقارەتلەش.
باشقىلارنى چۈشۈرۈش، ھاقارەتلەش ئەخلاقسىقزلىقتۇر. باشقىلارنى چۈشۈرۈش، ھاقارەتلەش ئۆچ - ئاداۋەتكە، ئارىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام تارىخىدىكى بۈيۈك شەخسلەر، مەزھەپ ئىماملىرىنى ھاقارەتلەش، چۈشۈرۈش، ئۇلارغا تىل تەگكۈزۈش قىلمىشلىرى ئۆچ - ئاداۋەتكە سەۋەب بولۇپلا قالماي، ئېغىر پاجىئەلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرىمۇ تارىخ كىتابلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. قەدىمدىن بېرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان تۆت مەزھەپ ئەھلى سۈننەت مەزھەپلىرى بولغانىكەن، ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ ئىمامى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە ھاقارەت قىلىش، ئۇلارنى كەمسىتىش، تىل تەگكۈزۈش، ئۇلارغا قارىتا قوپال سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىق، نادانلىق، ھاۋايى - ھەۋەسكە بېرىلگەنلىك ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلىكتۇر، ئىلمىيلىك ۋە ئىلمىي ئەخلاقتىن چەتنىگەنلىكتۇر. بۇ ئىللەت بىر قىسىم كاتتا ئالىملاردىنمۇ سادىر بولۇپ قالغان. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلسۇن!
مۇتەئەسسىپلىك ئاللاھ ساقلاپ قالغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم خالىي بولالمايدىغان، ئىنسان يارىتىلغاندىن بېرى مەۋجۇت ئىللەتتۇر. كىشىنى بىر، ئىككى قېتىم مۇتەئەسسىپلىك ئالامەتلىرى تېپىلغانلىقى ئۈچۈن مۇتەئەسسىپ دەپ ئاتاش، مۇتەئەسسىپلىك قالپىقىنى كىيدۈرۈش توغرا ئەمەس. مۇتەئەسسىپ مۇتەئەسسىپلىك ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن، مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆپ تېپىلىدىغان ئادەمدۇر. ئەللامە شاھ ۋەلىييۇللاھ دېھلىۋى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سۆز (مۇتەسسىپ سۆزى) مۇتەئەسسىپلىك ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن، ھەقىقەت ئوچۇق-ئاشكارا تۇرسىمۇ يوشۇرۇپلا تۇرىدىغان كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى ئاندا-ساندا مۇتەئەسسىپلىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ھېچكىم خالىي بولالمايدۇ. ئاندا -ساندا مۇتەئەسسىپلىك كوچىسىغا كىرىپ قالىدىغان كىشىنىمۇ مۇتەئەسسىپ، يولسىز دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. بۇ خۇددى ھەدىسشۇناسلارنىڭ قارىشىدا «مۇنكەر ھەدىس» قوبۇل قىلىنمايدىغان ھەدىسلەرنىڭ بىر تۈرى بولسىمۇ، بىر، ئىككى تال «مۇنكەر ھەدىس» (رەت قىلىنغان ھەدىس)نى رىۋايەت قىلغان كىشىنىڭ «منكر الحديث» (ھەدىسى رەت قىلىنىدىغان) كىشى دەپ ئاتالمىغىنىدەك بىر ئىش. ھەدىسشۇناسلار رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىنىڭ كۆپ قىسمى «مۇنكەر ھەدىس» (رەت قىلىنغان) بولغان كىشىلەرنىلا «منكر الحديث» (ھەدىسى رەت قىلىنىدىغان كىشى) دەپ ئاتايدۇ...»[16].
خۇلاسە كالام، مەزھەپچىلىك مۇتەئەسسىپلىك ئەمەس، ھەم خاتا ئىشمۇ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزھەپ تۇتقانلارنى مۇتەئەسسىپ نامى بىلەن ئاتاش توغرا ئەمەس.
بۇ ماقالىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: ئابدۇلئەھەد ھافىز
[1] ئىبنى ئابىدىن: «العقود الدرية في تنقيح الفتاوى الحامدية»، «دار المعرفة» نەشرىياتى، 2-توم، 333-بەت.
[3] مۇھەممەد ئەۋۋامەنىڭ أثر الحديث الشرف في اختلاف الأئمة الفقهاء رضي الله عنهم (ھەدىس شەرىپنىڭ فىقھىشۇناس ئىماملارنىڭ ئىختىلاپىغا كۆرسەتكەن تەسىرى) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىمام زەھەبىي، ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەدىس رىۋايەتچىلىرى ھەققىدىكى كىتابلىرىغا قاراڭ.
[4] خەتىب باغدادىي: «الفقيه والمتفقه»، «دار ابن الجوزي» نەشرىياتى-سەئۇدى ئەرەبىستان، ھ1421-يىل، 2-نەشىرى،1-توم، 354-بەت.
[6]بۇ ھەقتە نۇرغۇن كىتاب ۋە ئىلمىي رىسالىلەر يېزىلغان. ئۆرنەك ئۈچۈن تاھا يەھيا جۇبۇرىي يازغان «الأحاديث التي رواها الإمام مالك في موطئه ولم يعمل بها» (ئىمام مالىك ›الموطأ‹ دا رىۋايەت قىلىپ ئەمەل قىلمىغان ھەدسىلەر) ناملىق كىتابقا مۇراجىئەت قىلىڭ.
[8] «مۇسنەد ئەھمەد»، 16989-نۇمۇرلۇق ھەدىس. شۇئەيب ئەرنائۇت قاتارلىقلار تەھقىقلىگەن ۋە «ھەسەن»،- دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەبىي شەيبە، ئىبنى ماجە، تەيالىسىي قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلغان.
[12] ئىبنى ئابىدىن: «العقود الدرية في تنقيح الفتاوى الحامدية»، «دار المعرفة» نەشرىياتى، 2-توم، 333-بەت.
باشقا خىزمەتلەر