ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
مۇتەخەسىسلەر: خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا ۋاستىلىق ھالدا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ كۆلىمىنى ئاشكارىلىدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 14- سىنتەبىر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تۇتۇپ قېلىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن، 17- سىنتەبىر خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنتى «شىنجاڭدىكى ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئىلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. مۇتەخەسىسلەر بولسا، خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيلەش مەركەزلىرىنى» ئاقلاش ئۈچۈن قوللانغان مەلۇماتلىرى ئارقىلىق ۋاستىلىك ھالدا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىتىراپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى ئىلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا: «شىنجاڭدا يىللىق ئوتتۇرىغا تەربىيلەنگەن ئەمگەك كۈچى 1 مىليون 288 مىڭ ئادەم قېتىم» دېيىلگەن. تەيۋەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەيۋەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شى جيەنيۈنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارە ھالدا «قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرى»(يىغىۋېلىش لاگىرلىرى-ت)نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا تەڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىلگىرى خوڭكوڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان شى جيەنيۈ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ «خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تەيۋەنگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر دۆلەتلىك چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە، شىنجاڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 288 مىڭ شەھەر-يېزا ئىشچىسىنى تەربىيلىگەن.» شى جيەنيۈ مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «بۇ قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تۇنجى قېتىم "ۋاستىلىك ئېتىراپ قىلىش" بىلەن باراۋەر ... يىللىق ئوتتۇرىچە تەربىيىلەنگەن ئادام 1 مىليون 288 مىڭ. بۇ سان ئاساسەن (قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ سانىغا قارىتا) خەلقئارالىق تەخمىنلەر بىلەن ماس كېلىدۇ.» ئۇ مۇنداق ئىزاھلىدى: «بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا ئىككى ياكى ئۈچ يىل تۇتۇپ تۇرىلىدۇ، بەزى كىشىلەر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قايتا كىرىدۇ. بۇ بايانات قايتا تەربىيىلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەر يىلى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى سىغدۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يەنى بۇ لاگىرلاردا ھازىر ئۇزۇندىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلغان بىر مىليون كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ».
شى جيەنيۈنىڭ ئېيتىشىچە، ئاق تاشلىق كىتابنى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئىنكاسى دەپ قاراش كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا بۇ يىل 5- ئايدا «2020-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»نى ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھازىرقى ياكى سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا، شۇنداقلا نۇرغۇن شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈشكە باشلىدى؛ 9-ئايدا، ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا «ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» چىقاردى؛ پارلامېنت يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئوتتۇرىغا قويماقتا. شى جيەنيۈ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت ۋە سېتىلىشىنىڭ چەكلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ماقۇللىنىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ رايوننىڭ دېھقانچىلىق ۋە سانائەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2020- يىلى 19- سىنتەبىر
http://turkistantimes.com/uy/news-13561.html
باشقا خىزمەتلەر