ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
سەلەف-سالىھ ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى ۋە ئالىملارنى ھاقارەتلەش دىنغا ھاقارەت قىلغانلىقتۇر
ھۆرمەتلىك ئۇستاز دوكتور/ سالىھ بىن مۇھەممەد ئالى تالىب
2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 28 - كۈنى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مۇسۇلمانلارغا: «سەلەف-سالىھ ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى ۋە ئالىملارنى ھاقارەتلەش دىنغا ھاقارەت قىلغانلىقتۇر» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋالىق قىلىڭلار، تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارغا ئالدىراش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يىڭى كەشپىياتلىرى، بۇرۇنقىغا قارىغاندا ناھايىتى ياخشى ۋە ئالاھىدە بولۇپ، ھازىرقى زامان كەشپىياتى قانچىلىك يېڭى بولغانسىرى ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولۇشىدا شەك يوق. مەدەنىيەتلەر ئەمدى ئۆمىلەۋاتقاندا دىنلار مۇكەممەل ھالغا كەلگەن ئىدى. مەدەنىيەت، مەرىپەتنىڭ تۈگۈنى بولسا، دىن ئاسماندىن نازىل بولغان ۋەھيى ۋە مۇستەھكەم ھىدايەتتۇر. ئەمما دىنغا ئەگەشكۈچىلەر ئىچىدە ئاۋۋالقىلار بىلەن كېيىنكىلەر ئىچىدە پەرق بار، بۇ پەرقنى سۇ مەنبەسىنىڭ باشلىنىشى پاك-سۈزۈك بولسا ئاخىرقىسى دۇغ بولىدىغانلىقىغا ئوخشاتساق خاتالاشقان بولمايمىز. چۈنكى، يەھۇدىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە دەسلەپكى موللىلىرىدۇر، ناسارالارنىڭ ياخشىسى، ئىسا ئىبنى مەريەم بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىدۇر. ئۇنىڭدىن قالسا كېيىنكىلەردۇر.
ھەر بىر ئەسىر ئۆتۈپ زامان قاتلانغانسىرى، ياخشىلىق ۋە پەزىلەت شۇلار بىلەن بىللە قاتلىنىدۇ. دىن ئەھلىنىڭ ئۆز دىنىغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىشنى خالىسىڭىز، ئۇلارنىڭ سەلەف ئالىملىرىغا بولغان يېقىنلىقىغا قاراڭ. چۈنكى، ئۆز ئالىملىرىدىن يىراقلاشقان ئۈممەت ئېزىپ كېتىدۇ. ئۈممەتنىڭ كېيىنكىلىرى ئىلگىرىكىلىرىگە لەنەت ياغدۇرسا، ئۇنداق ئۈممەتتە ياخشىلىق يوقتۇر. ئىمامى ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «بىر ئادەمنىڭ ساھابىلارغا تىل ئۇزارتقانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ئىسلامغا قارشى چىققانلىق بىلەن ئەيىپلىسەڭ بولىدۇ» دېگەن.
مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئالىملىق داۋاسى قىلىدىغان كىشىلەر كۆپتۇر، ھەقىقىي نەسىھەتچى ئالىملار ئازلاپ، شۈبھىلىك كىشىلەر ۋە شۈبھىلىك سۆزلەر كۆپ بولسا، ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەتچىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ھەق يولىدا ئىكەنلىكىدىن گۇماندا قالىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ ۋە ھىدايەت دۈشمەنلىرى جانلىنىپ، ئازغۇنلۇق تەشۋىقاتچىلىرى بازار تاپىدۇ. دىن دۈشمەنلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈممەت ئىچىدە بۆلۈنۈش ۋە پىتنە پەيدا قىلىشقا باشلايدۇ. دۈشمەنلەر بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئىسلام تارىخىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئىسلام ئۈممىتى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆز ئوغلانلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكى ۋە جاھالىتىدىن دۈشمەنلەرگە يەم بولۇپ كېتىدۇ. بىز ياخشى گۇمان قىلغان بەزى جاھىل كىشىلەر دۈشمەننىڭ پىلانلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئۆزىنى سەلەفكە مەنسۇپ قىلىپ قويۇپ، سەلەف نامىدا تۈرلۈك جامائەت ۋە تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، بۇ شەرەپلىك ئىسىمنى بۇلغىغانلار ۋە شۇ سەلەف ئالىملىرى نامىدا ئىنسانىيەتكە قارشى خاتالىقلارنى سادىر قىلغانلارمۇ كۆپ كۆرۈلگەن. دۈشمەنلەر بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ جاسۇسلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئىسلام ئۈممىتىگە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بەزى تەرەپلەر ئىسلامغا قىلىدىغان دۈشمەنلىكىنى، ئاتالمىش «رادىكال سەلەفىيلەر» گە قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن سادىر قىلماقتا. تەتۈر تەشۋىقات قىلىۋاتقان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تىرورچىلار ۋە رادىكال كۈچلەرنى «سەلەفىيلەر» دەپ ئاتايدىغان يەرگە يەتتى ۋە ئۈممەتنى ئۆز دىنىغا چاقىرىش رادىكال سەلەفىيلىك دەپ سۈپەتلەندى، شۇڭا سەلەفىي دېگەن ئىسىم ھاقارەت، جىنايەت ۋە ناچار ئىللەت سىموۋۇلىغا ئايلىنىپ قالدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ سەلەفلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ساھابىلار، تائىبىنلار ۋە ئۇلاردىن كيىنكى ئىسلام ئالىملىرى ئىدى، قايسى كىتابتا سەلەفلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىنى، قەبرىلەر ۋە مازارلاردىن مەدەت تىلىگەنلىكىنى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە پەيدا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىڭلار؟ ئىلگىركى سەلەف ئالىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ۋە دىننىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، دىندا ئاشۇرۋېتىشتەك ئىشلارغا يول قويمىغان. سەلەف-سالىھلارنىڭ تۇتقان يولى، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ يولىدۇر. خالىد ئىبنى ۋەلىد، سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس، ھەمزە ۋە مۇسئەبلەر ئۇرۇش قىلىپ شېھىد بولغان يولدۇر. ئەنە شۇ يول، ھەسەن بەسرى، نەخەئىي، شەئبىي، ئەبۇ ھەنىيفە، مالىك، شافىئىي، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىمامى بۇخارى، ئىمامى مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئۇلاردىن باشقا سەلەفلەر ماڭغان يولدۇر.
سەلەفلەرنىڭ تۇتقان يولى ئىسلامنىڭ ئاساسىي يولىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىدا يىڭىلىق پەيدا قىلىشى، ئىختىلاپلىشىشى ۋە خاتا يوللاردا مېڭىشىغا ھېچقانداق سەۋەب يوق، چۈنكى دىننىڭ ئاساسى قۇرئان ۋە ھەدىستۇر. قۇرئان، ھەدىستە مۇجىمەللىك يوق، شۇڭا ئۇنىڭدا چۈشىنىكسىز مەسىلىمۇ يوق. ئۇنداقتا ئازغۇنلۇققا نېمە ھاجەت؟ ئىسلامنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز دىنىنى توغرا مەنبەدىن ئېلىشى لازىمدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى ئۆمرىدە: «مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى، مىنىڭ سۈننىتىم ۋە خۇلەفائى راشىدىنلارنىڭ سۈننىتىنى قويۇپ كېتىۋاتىمەن، سىلەر شۇلارغا مۇستەھكەم ئېسىلساڭلار ئازمايسىلەر» دېگەن.
ئاللاھ بىزلەرنى قۇرئان، ھەدىسنىڭ روھىدىن ئازدۇرمىسۇن، ئىسلام مەشئىلىنى كۆتۈرگەن سەلەف-سالىھىينلار قاتارىدا قىلسۇن، ئامىن!.
سىراجىددىن ئەزىزى تەرجىمىسى.
باشقا خىزمەتلەر