ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئايىدىن مەھرۇم قالىدۇ

گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئايىدىن مەھرۇم قالىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ دۇئايىدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى مۇئمىن ئەر-ئاياللارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشقا بۇيرىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان پەرىشتىلەر ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۇئىمىنلەرگە مەغفىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغفىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.  پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن.   پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر.»

مانا بۇ، پەرىشتىلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يوللارنى تەرك ئەتكەن مۇئمىنلەرگە قىلغان دۇئاسى. مۇئمىنلاردىن باشقىلار بۇ دۇئانىڭ ئۆزىگە يېتىشىدىن ئۈمىد كۈتمىسۇن. چۈنكى ئۇلار بۇ دۇئا قارىتىلغان مۇئمىنلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆزىگە ھازىرلىمىغان كىشىلەردۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

باشقا خىزمەتلەر