ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەت ھاياسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەت ھاياسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى 

گۇناھ-مەئسىيەت قەلبىي ھاياتنىڭ جەۋھىرى بولغان ھايانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ھايا-نومۇس ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ نېگىزىدۇر. ھايا-نومۇسنىڭ يوقىلىشى بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ يوقالغانلىقىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ھايا-نومۇس ــ ھەممە ياخشىلىق دېمەكتۇر.»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ تىلىدا داستان بولغان ‹ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل› دېگەن سۆز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىدىندۇر.»[2]

مەزكۇر ھەدىسكە ئالىملار تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئېنىقلىما بەرگەن.

بىرىنچى، تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش مەزمۇنىدا دەپ قارىغۇچىلار.

كىمكى ھايا قىلمىسا، خالىغانلىكى رەزىل، قەبىھ ئىشلارنى قىلىدۇ. چۈنكى، رەزىللىك ۋە قەبىھلىكلەردىن قول ئۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغىنى ھايا ۋە نومۇستۇر. بىراۋنىڭ ھايا-نومۇس تۇيغۇسى ئۆلسە رەزىللىك، قەبىھلىكلەردىن توسىدىغان نەرسە قالمايدۇ. بۇ، ئەبى ئۇبەيدەنىڭ چۈشەنچىسىدۇر.

ئىككىنچى، رۇخسەت ۋە يول قويۇش مەزمۇنىدا دەپ قارىغۇچىلار.

بۇ قاراشتىكىلەر يۇقىرىقى ھەدىسنى «ئاللاھتىن ھايا قىلىنمايدىغانلا ئىش بولسا، ئۇنى قىلىۋەر!» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ چۈشەنگەن. شۈبھىسىزكى، تەرك ئېتىشكە، قول ئۈزۈشكە تېگىشلىك ئىشلار ئاللاھتىن ھايا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر. بۇ، ئىمام ئەھمەدنىڭ چۈشەنچىسىدۇر. [3]

بەزىلەر «بۇ ھەدىستىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى خىل قاراشنى تەڭلا يەكۈنلەشكە بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ. بۇلارغا جاۋابەن شۇنداق دەيمىزكى: «ئىككى خىل ئۇقۇمنى تەڭلا يەكۈنلەشكە بولمايدۇ. گەرچە ئورتاق ئۇقۇملۇق سۆزلەرنى شۇ سۆز دائىرىسىدىكى بارلىق مەنىلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ پىكرى بويىچە بولغاندىمۇ ئىككى خىل ئۇقۇمنى تەڭلا يەكۈنلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر يەكۈنلىگەن تەھدىت ئۇقۇمى بىلەن ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر يەكۈنلىگەن رۇخسەت ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بار. لېكىن بۇ، ھەرگىزمۇ «يۇقىرىقى ئىككى خىل قاراش بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس.

شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ھايا-نومۇس تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تېخى بىراۋ گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چۆمگەنسېرى ھايا-نومۇس تۇيغۇسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ھاياسىزلىقى، نومۇسسىزلىقى شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، باشقىلار ئۇنىڭ ئەيپ-نۇقسانلىرى ۋە گۇناھلىرىنى بىلىپ قالسا، گۇناھ-مەئسىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ قالسا پەرۋايىغا كەلمەيدۇ. بەلكى، تېخى نۇرغۇن ئاسىيلار، شەرمەندىلەر ئۆزى قىلغان شەرمەندىلىكلەرنى باشقىلارغا ئۆزى سۆزلەپ بەرگىلى تۇرىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇلارنىڭ ھايا-نومۇس تۇيغۇسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ دەرىجىگە يەتكەن، بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىنساننىڭ تۈزىلىپ كېتىشى، ئادەم بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

 

ھايالىق كىشىنى كۆرسە گەر شەيتان،

ئېيتاركەن: بۇنىڭغا يوق مەندە ئىمكان.

ئەرەب تىلىدا «ھايا» كەلىمىسى «ھايات» كەلىمىسى بىلەن تومۇرداشتۇر. تىلىمىزدىكى يامغۇر سۆزى ئەرەب تىلىدا «ھايا» دېگەن ئىبارە بىلەنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. سۆزلەردىكى بۇ تومۇرداشلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئايرىلماس مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك، ھايا-نومۇس بولمىغان ئادەمدە ھاياتلىق يوقتۇر. ئۇ، دۇنيادا ئۆلۈك، ئاخىرەتتە بەختسىز، شەقىي ئادەمدۇر. گۇناھ-مەئسىيەت ھاياسىزلىقنى، غورۇرسىزلىقنى چىللايدۇ. گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن ھاياسىزلىق ۋە غورۇرسىزلىق بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. كىمكى ئاللاھتىن ھايا قىلىپ گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۈزسە، ئاللاھ قىيامەتتە ئۇنى جازالاشتىن ھايا قىلىدۇ. ھايا-نومۇسنى قايرىپ قويۇپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چۆمگەن ئادەملەرنى ئاللاھ پەرۋاسىز ھالدا جازالاۋېرىدۇ.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] مۇسلىم رىۋايىتى

[2] بۇخارى، ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

[3] نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلى شەرىئەتتە يوللۇق، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ئىشلاردىمۇ زورۇقۇپ، باشقىلاردىن ئەنسېرەپ يۈرىشىدۇ. بۇ ئۆزىگە قىلىنغان زۇلۇم ھېسابلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەد يۇقىرىقى ھەدىسنى «ئەسلى شەرىئەتتە چەكلەنمىگەن ئىشلار بولسا، باشقىلار بىلەن ھېسابلىشىپ يۈرمەي قىلىۋەر» دېگەن مەزمۇندا دەپ چۈشەنگەن. (ت)

باشقا خىزمەتلەر