ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
گۇناھ-مەئسىيەت ھېسابلىنىدىغان مېڭىش
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
پۇتنى ساۋاب ئۈمىد قىلىنمايدىغان يوللارغا مېڭىشتىن ساقلاش لازىم. ساۋاب بولمايدىغان يولغا ماڭغاندىن ئولتۇرغان ياخشىدۇر. مۇئمىن ئادەم دۇرۇس يوللارغىمۇ ئاللاھقا يىقىنلىشىش نېيىتىدە ماڭىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئېلىنغان قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىنسان ئىككى نەرسىدە قاتتىق تېيىپ كېتىدۇ. بىرى تىل يەنە بىرى پۇت. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بۇ ئىككى ئەزانى بىر ئورۇندا تەڭلا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ).»[1]
ئاللاھ تائالا مەزكۇر ئايەتتە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەرنىڭ تىلىنى ۋە پۇتىنى ياخشى باشقۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ.»[2]
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر