ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر يەر يۇتۇپ كېتىش ۋە يەر تەۋرەشلەرگە سەۋەب بولىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر يەر يۇتۇپ كېتىش ۋە يەر تەۋرەشلەرگە سەۋەب بولىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر يەر يۇتۇپ كېتىش ۋە يەر تەۋرەشلەرگە سەۋەب بولىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر سەۋەبىدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەمۇد ئاھالىسى خارابىلىكىدىن ئۆتكەندە، ساھابىلەرنى بۇ يۇرتقا كىرىشتىن توستى. ناۋادا كىرىشكە توغرا كېلىپ قالسا، يىغلاپ تۇرۇپ كىرىشكە رۇخسەت بەردى. گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ شۇملۇقى سۇغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇ يەرنىڭ سۇلىرىدىن ئىچىشنى، بۇلاقلىرىدىن سۇ تارتىشنى ۋە شۇ مەھەللىنىڭ سۈيى بىلەن تۆگىلەرگە ھەلەپ ئېتىپ بېرىشنى چەكلىدى. شۇنىڭدەك، گۇناھ-مەئسىيەتلەر مىۋە-چېۋىلەردىكى مول-ھوسۇلنىڭ كېمىيىپ كېتىشىگە ۋە نۇرغۇن تەبىئىي ئاپەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ.

«مۇسنەدى ئەھمەد»دە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ: «بەنى ئۇمەييەنىڭ ئاشلىق ئىسكىلاتىدا خورمىنىڭ ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بىر تال بۇغداي تېپىلغان. بۇغداي ئايرىم بىر خالتىغا سېلىنغان بولۇپ، خالتىغا ‹بۇ بۇغداي ئادالەت زامانىدا ئۈنگەن› دەپ يېزىلغان. ئاللاھ تائالا چۈشۈرگەن ئاپەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەندىلەر قىلغان گۇناھلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ.»

يېزىدا ياشايدىغان پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار مىۋە-چېۋىلەرنىڭ ھازىرقىدىن چوڭراق بولغانلىقىنى كۆرگەنىكەن. ئۇلار مىۋە-چېۋە ۋە زېرائەتلەردىكى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئاپەتلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 

 

باشقا خىزمەتلەر