ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ھەر قانداق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
كىمكى مۇئمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلپەتچىلىكىدىن ۋە ئۇلارغا بولغان ئىلاھىي مۇداپىئە[1] دىن ئايرىلىپ قالسا، «قۇرئان كەرىم»دە مۇئمىنلەرگە ۋەدە قىلىنغان بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە يۈزلەرچە ياخشىلىقلارنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر بىرى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن قىممەتلىكتۇر.
دېمەك، ئىمان ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق ياخشىلىقلارغا ئىمان ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق يامانلىقلار ئىمانسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىماندىن ئايرىپ تاشلايدىغان، ئىمان بىلەن ئۆزى ئارىسىغا ھاڭ شەكىللەندۈرىدىغان گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىپ تۇرۇپ، ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟!
گۇناھ-مەئسىيەتلەردە ئىزچىل داۋاملاشقان ئادەملەرنىڭ قەلبىنى دات بېسىپ كېتىش، ئاخىرىدا ئىسلامدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىش خەۋپى بار. شۇڭلاشقا بۇرۇنلاردا دىننى چۈشەنگەن مۇسۇلمانلار قەلبىنىڭ داتلىشىپ كېتىشىدىن ۋە ئاقىۋەتتە ئىسلامدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشتىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇنداق دېگەن: «سىلەر گۇناھتىن قورقساڭلار، مەن كاپىرلىقتىن قورقىمەن.»
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر