ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندە بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئارىسىدىكى رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ئەڭ زىيانلىق تەسىرى شۇكى، ئۇ، بەندە بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئارىسىدىكى رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ناۋادا بەندە بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە ئۈزۈلۈپ كەتسە، بەندە بارلىق ياخشىلىق يوللىرىدىن، ياخشىلىق ۋاستىلىرى ۋە سەۋەبلىرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇنىڭغا يامانلىق، پىشكەللىك دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. بارلىق ياخشىلىق يوللىرىدىن مەھرۇم قالغان، ئۆزى بىلەن ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىغان، يامانلىق دەرۋازىلىرى ئۇنىڭغا ئېچىلغان؛ دۈشمەنلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان؛ دوست-دۈشمەننى ئېلىشتۇرۇپ قويغان؛ مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇشۇپ، مۇناسىۋەت باغلاشقا تېگىشلىك زاتتىن ۋاز كەچكەن ئادەمگە غەلىبە، ئۇتۇق، ئۈمىد دېگەنلەر نەدە تۇرۇپتۇ؟!
بەزى سەلەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ئاللاھ بىلەن شەيتاننىڭ ئارىسىدا قويۇلغان. ناۋادا ئاللاھ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنى شەيتان ئالداپ كېتىدۇ. ناۋادا ئۇنى ئاللاھ ئۆز ھىمايىسىگە ئالسا، شەيتان ئۇنىڭغا يىقىنمۇ كېلەلمەيدۇ.» بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجىدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجىدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. ئۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوسىت قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!).»[1]
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلىدىم. ئۇنىڭ قەدرىنى يۇقىرى قىلدىم. ئۇنى باشقىلاردىن پەزىلەتلىك قىلدىم. بارلىق پەرىشتىلىرىمنى ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سەجدە قىلىشقا بۇيرۇدۇم. ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىپ مەن دېگەندەك قىلدى. مېنىڭ ۋە ئادەمنىڭ دۈشمىنى شەيتان بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنمىدى. ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى. ئەھۋال مانا شۇنداق تۇرسا، ئەمدى سىلەر قانداقسىگە مېنى قويۇپ شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى دوست تۇتۇپ، ئۆزۈڭلەرگە باشپاناھ قىلىۋالىسىلەر؟! قانداقسىگە ماڭا سەركەشلىك قىلىپ تۇرۇپ شەيتانغا ئەگىشىسىلەر؟ مېنىڭ نارازىلىقىمغا پەرۋا قىلماي ئۇنى دوست تۇتۇۋالىسىلەر؟! ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىڭلار ئەمەسمۇ!؟ مەن سىلەرنى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرۇغان شەيتاننى سىلەر دوست تۇتۇپ كېتىۋاتىسىلەرغۇ!؟ كىمكى پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن دوستلىشىۋالسا پادىشاھنىڭ نەزرىدە ھەممىسى باراۋەردۇر. شۈبھىسىزكى، مۇھەببەت ۋە ئىتائەت پەقەت سۆيگىنىنىڭ دوستلىرىنى ياخشى كۆرۈش، دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن تۇتۇش ئارقىلىق ۋايىغا يېتىدۇ. بىراۋنى ياخشى كۆرىمەن دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ دۈشمىنىنى دوست تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭ ياخشى كۆرىمەن دېگىنىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ بۇ قانداق مەنتىقە ئۆزى!؟ ئىنسانلار بىلەن شەيتان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت گوياكى بۆرە بىلەن قوزىچاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. ئەقىللىق ئادەم قانداقسىگە ئۆزىنىڭ ۋە بىردىنبىر خوجىسىنىڭ دۈشمىنىنى دوست تۇتۇۋالىدۇ؟!
ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ دۈشمەنلىكىنى ۋە ئۇنى دوست تۇتۇشنىڭ قەبىھ ئىش ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: « ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر». «ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى.»
مانا بۇ ئايەتلەر شەيتاننىڭ پەرۋەردىگار ۋە ئىنسانلارغا دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. شەيتانلار ئاللاھ ۋە ئىنسانلارنى يامان كۆرگەچكە ئىنسانلارغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانلار نېمىشقا ئۇنى دوست تۇتسۇن؟! نېمىدەپ پەرۋەردىگارىنى قويۇپ شەيتاننى ئۆزىگە باشپاناھ قىلىۋالسۇن؟! بۇ نېمىدىگەن رەزىل ئىش-ھە!
يۇقىرىقى ئايەتلەردە «ئىبلىس مېنىڭ پەرىشتىلىرىمگە قوشۇلۇپ، ئاتاڭلار ئادەمگە سەجدە قىلمىدى، مەن ئۇنى يامان كۆرۈپ قالدىم. ئۇ شۇ تۈپەيلىدىن سىلەرنىمۇ ئۆزىگە دۈشمەن كۆرىدۇ. ئۇ سىلەرنى دۈشمەن كۆرۈپ تۇرسا سىلەر ئاراڭلاردا سۈلھى-سالا قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ ئۆتۈۋاتىسىلەر» دېگەندىن ئىبارەت تەنقىدىي مەزمۇن بار.
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر