ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھ ئۆتكۆزگۈچىلەرنى دۈشمەنلىرىگە كىچىك كۆرسىتىپ قويىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىلگىرى جۈرئەت قىلالمىغانلارغا يول ئېچىپ، گۇناھكارنى ئۇلارغا كىچىك كۆرسىتىپ قويىدۇ. شەيتان ئۇلارغا جۈرئەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزگىلى، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغىلى، ۋەسۋەسە قىلغىلى، قورقۇتقىلى، غەم-قايغۇ تاشلىغىلى تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا پايدا-زىيانلىق ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويىدۇ. شەيتان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇۋېلىپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ.
ئادىمىي شەيتانلارمۇ بار-يوق يەرلىرىدە قولىدىن كېلىشىچە ئۇنىڭغا زىيان سالغىلى تۇرىدۇ. ئائىلىسىدىكلەر، خىزمەتكارلىرى، بالىلىرى، قولۇم-خوشنىلىرى، ھەتتاكى چارۋا-ماللىرىغىچە ئۇنى كۆزىگە ئىلماس بولۇۋالىدۇ.
بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دېگەنىكەن: «مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپلا قالسام، ئۇنى ئايالىمنىڭ، چارۋا-ماللىرىمنىڭ خۇي-پەيلىدىن ھېس قىلىمەن.»
شۇنىڭدەك ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچىلار ھۆكۈمران كۈچلەرگىمۇ كىچىك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاسىيلارنى پەرۋاسىز جازالاۋېرىدۇ. ئاسىي، گۇناھكارلارنىڭ نەپسىمۇ ئۆزىگە بوي سۇنماس بولۇۋالىدۇ. ناۋادا ئۇ ياخشىلىق ئىشلارنى نىيەت قىلغان تەقدىردىمۇ نەپسى ئىرادىسىگە بوي سۇنماي، مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارى ھالدا ئۇنى ھالاكەتكە سۆرەيدۇ.
شۈبھىسىزكى، تائەت-ئىبادەت ئاللاھنىڭ قورغىنىدۇر. كىمكى قورغان ئىچىگە كىرسە ئەمىنلىككە ئىرىشىدۇ.
ناۋادا ئىنسان قورغاندىن يىراقلاشسا قاراقچىلار ۋە باشقىلار ناھايىتى ئوڭايلا ئۇنى نىشانغا ئالىدۇ. بەندە ئاللاھقا قانچىكى ئاسىيلىق قىلغانسېرى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ئۆزىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنى بۇنداق ئاپەتلەردىن ھېچ نەرسە ساقلاپ قالالمايدۇ. ئاللاھنى ئەسلەش، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىش، سەدىقە، باشقىلارغا ئىلىم ۋە ھۆنەر-كەسىپ ئۆگىتىپ قويۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش بەندىنىڭ قالقىنىدۇر ۋە ئۇنىڭ كېسەللەرگە قارشى تۇرىدىغان ئېممۇنت كۈچىدۇر. ناۋادا ئېممۇنت كۈچ يوقالسا خىلمۇ-خىل كېسەللەر تەرەپ-تەرەپلەردىن ئۇنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالىدۇ-دە، ئۇنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننى چوقۇم ساقلايدىغان، قوغدايدىغان بىر توسما بولۇشى لازىم. شۈبھىسىزكى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئىزچىل تىركىشىش ھالىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، قايسى غالىپ ئورۇننى ئىگەللىسە شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ياخشىلىق تەرەپ كۈچەيسە يامانلىققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرەلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىرىكى پاراگرافلاردا توختالغان ئىدۇق. جەزمەنكى ئاللاھ تائالا ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى ئۆزى قوغدايدۇ. ئىمان تەستىق، سۆز ۋە ئەمەلدۇر. ئىماننىڭ كۈچى قانچىلىك بولسا، ئىنسان ئاللاھ تەرىپىدىن شۇنچىلىك ئەمىنلىككە، قوغداشقا ئىرىشەلەيدۇ. (ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزى قوغدىغاي)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر