ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ لەنىتىگە دۇچار قىلىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ لەنىتىگە دۇچار قىلىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

 

شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ لەنىتىگە دۇچار قىلىدۇ.

 

 

 

ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغۇچىلار:

 

زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار.

 

 سىلە-رەھىمنى ئۈزگەنلەر.

 

 ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئازار بەرگەنلەر.

 

ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئوچۇق پاكىت ۋە ھىدايەتلەرنى يوشۇرغانلار.

 

پاك گۇناھسىز مۇئمىنەلەرگە بوھتان چاپلىغۇچىلار.

 

كاپىرلارنىڭ يولىنى مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن توغرا دەپ قارىغۇچىلار.

 

ئەرچە ياسىنىۋالغان ئاياللار، ئايالچە ياسىنىۋالغان ئەرلەر.

 

پارىخورلار، پارا بەرگۈچىلەر، ئارىدا دەللاللىق قىلغۇچىلار...

 

 

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغۇچىلار:

 

مەڭ چەككۈچى، چەكتۈرگۈچى ئاياللار.

 

چاچ ئۇلىغۇچى، ئۇلاتقۇچى (يالغان چاچ سالغان، سالدۇرغانلار).

 

مەڭزلىرىنىڭ تۈكىنى قىرغان، قىردۇرغان ئاياللار.

 

چىش ئىنچىكىلەتكۈچى ئاياللار ۋە ئىنچىكىلەتتۈرگەن ئاياللار.

 

جازانە يىگۈچى، بەرگۈچى، جازانە ئىشلىرىغا كاتىبلىق قىلغان، گۇۋاھ بولغانلار.

 

تەلىن (توي قىلىپ ئاجراشمىغىچە يارىشىشقا بولمايدىغان ئاياللارنى رەسمىيەت يۈزىسىدىن باشقىلارغا مۇددەتلىك خوتۇن قىلىپ بېرىش) قىلدۇرغان ئەر ۋە ئايال.

 

ئوغرىلار.

 

ھاراقكەش، ساقىي، ھاراق ئىشلەپچىقارغۇچى، ھاراق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلار، ھاراق ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلار، ھاراقنىڭ پۇلىنى خەجلىگەنلەر، ھاراق توشۇغۇچىلار ۋە ھاراق ھاۋالىچىلىرى.

 

چىگرا بەلگىلىرى، يول بەلگىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچىلەر.

 

ئاتا-ئانىسىغا لەنەت قىلغۇچىلار.

 

جانلىق نەرسىلەرنى بازا قىلىپ ئوق ئېتىش مەشىقى قىلغۇچىلار.

 

ئايالغا ئۆزگەرگۈچى ئەرلەر (ئايالچە ياسىنىۋالغانلار ياكى ئوپراتسىيە ئارقىلىق ئايالغا ئۆزگەرنلەر)

 

ئەرگە ئۆزگەرگۈچى ئاياللار (ئەرچە ياسىنىۋالغان، ئەرگە ئۆزگىرىۋالغان ئاياللار).

 

ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان، قان قىلغانلار.

 

بىدئەت پەيدا قىلغان ياكى بىدئەتخورنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرگۈچىلەر.

 

جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزغۇچىلار.

 

بەچچىۋازلار.

 

ئاتا-ئانىسىغا ھاقارەت قىلغۇچىلار.

 

ئەمانى يولدىن ئاداشتۇرۋەتكۈچىلەر.

 

چارۋىلارغا باسقۇنچىلىق قىلغۇچىلار.

 

مال-چارۋىلارنىڭ يۈزىگە ئەن سالغۇچىلار (كۆيدۈرۈپ، داغلاپ، كېسىپ ئەن سالغۇچىلار).

 

مۇسۇلمانغا زىيان سالغان ياكى ئۇنى ئالدىغانلار.

 

قەبرە زىيارەت قىلغۇچى ئاياللار ۋە قەبرىلەرنى مەسجىد قىلىۋالغۇچىلار، قەبرىلەرگە چىراغ ياققۇچىلار.

 

ئېرى بار ئايالنى بۇزغانلار (باشقىلارنىڭ ئائىلىسگە بۇزغۇنچىلىق سالغانلار).

 

خوجايىنىنىڭ قولىدىكى قۇلنى بۇزغانلار.

 

ئايال كىشىنىڭ مەقىتىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغانلار.

 

ئېرىنى رەت قىلىپ، يالغۇز ئۇخلىغان ئاياللار، تاڭ ئاتقۇچە پەرىشتىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.

 

ئۆزىنى دادىسىدىن باشقىلارغا نىسبەت بەرگەنلەر.

 

قېرىندىشىغا تىغ تەڭلىگەنلەر، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا لەنەت قىلىدۇ.

 

ساھابىلەرنى تىللىغانلار.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 

باشقا خىزمەتلەر