ھىجرىيە: | مىلادىي: 5 Şubat 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەزىدە دەل ۋاقتىدا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەت توغرىسىدا دىققەتنى چېكىدىغان بىر نۇقتا بار. بۇ نۇقتىدا نۇرغۇن ئادەملەر خاتالىشىدۇ. بەزىدە گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ جازاسى شۇ ۋاقتىدا يۈز بەرمەيدۇ ياكى كېچىكىپ يۈز بەرگەچكە، گۇناھ قىلغان ئادەم ئۇنتۇپ قالىدۇ-دە: گۇناھ قىلىۋەرسەممۇ ھېچ ئىش بولمىدىغۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:
چىقمىسا چاڭ-توزان يىقىلغان ھامان،
يىقىلىپ بولغاندا چىقماس ھېچقاچان.
سۇبھاناللاھ! بۇ خاتا قاراش قانچىلىغان ئادەملەرنى ھالاكەتكە باشلىغان، قانچىلىغان نېئمەتلەرنىڭ قولدىن كېتىشكە سەۋەب بولغان، قانچىلىغان ئادەملەرگە ئازاپ-ئۇقۇبەتلەرنى كەلتۈرگەن-ھە!
ئادەتتىكى نادان ئادەملەر ئۇياقتا تۇرسۇن، نۇرغۇنلىغان ئالىم، پازىل كىشىلەرمۇ بۇ خاتا قاراشلارغا ئالدىنىپ كەتكەن. بۇ تەنتەكلەر گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ خۇددى ئاستا خاراكتېرلىق زەھەر ياكى ساختا خاراكتېرلىق جاراھەتكە ئوخشاش بىر مەزگىلدىن كېيىن بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن.
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈك دەپ قاراڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، كاللاڭلارنى چىرمىۋالىدىغان كۆپتىن، ھاجەتكە يەتكۈدەك ئاز ياخشى. ياخشىلىق كونىرىمايدۇ، گۇناھ ئۇنتۇلمايدۇ.»[1]
بەزى گۇناھلارنىڭ جازاسى نەق بولىدۇ. سۇلايمان تەيمى مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم ھېچكىشى كۆرمىگەندە خۇپيانە گۇناھلارنى قىلىدۇ، ئۇ ئادەم شۇ ھامانلا شۇ ئىشى تۈپەيلىدىن مالامەتكە قالىدۇ.»
يەھيا ئىبنى مۇئاز رازى مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم، ماڭا مۇسىبەت بېرىپ دۈشمەنلىرىمنى خۇش قىلمىغىن، دەپ دۇئا قىلىۋاتقان ئاقىللاردىن ھەيرانمەن. ۋاھالەنكى، ئۇ ئۆزى دۈشمەنلىرىنى خۇش قىلىدۇ. باشقىلار: بۇ قانداق ئىش؟ دەپ سورىۋىدى: ئۇ: ھېلىقى ئادەم ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىيامەت كۈنى ھەممە دۈشمەن ئۇنىڭ ھالىغا خۇش بولىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.»
زۇننۇن مۇنداق دەيدۇ: «بىر ئادەم خۇپيانە ھالدا ئاللاھقا خىيانەت قىلغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىۋېتىدۇ.»
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر