ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبتە ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
ئاللاھ تائالا گۇناھكارلارنىڭ گۇناھ-مەئسىيەتلىرى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ تاشلايدۇ. قاچانلا قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ ئاللىقانداقتۇر نەرسىلەردىن خەۋپلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز.
شۈبھىسىزكى، تائەت-ئىبادەت ئاللاھنىڭ مۇستەھكەم قورغانىدۇر. قورغان ئىچىگە كىرگەنلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئازاب-ئۇقۇبەتلەردىن ئەمىن بولىدۇ. كىمكى بۇ قورغاندىن چىقىپ كېتىدىكەن، ئۇنى تەرەپ-تەرەپتىن قورقۇنچلار ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ قورقۇنچلىرى ئامانلىققا ئايلىنىدۇ. ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ خاتىرجەملىكى خەۋپ ۋە ئېسەنكىرەشلەرگە ئايلىنىدۇ. ئاسىيلارنىڭ قەلبى گويا شامال ئېغىزىدىكى توخۇ پېيىدەك تۇراقسىز بولىدۇ. شامال پەردىسىنى قايرىسا كىم مېنى ئىزدەپ كەلگەندۇ دەپ تەشۋىشلىنىدۇ. ئاياغ تېۋىشى ئاڭلانسىلا مېنى بىراۋ تەنقىدلىگىلى كەلگەنمىكىن، دەپ خەۋپسىرەيدۇ. گويا ھەر نەرسە ئۇنىڭغا قارشى چۇقان كۆتۈرۈۋاتقاندەك، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر شۇنىلا مارىلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقسا ئاللاھ ئۇنى ھەرقانداق نەرسىلەردىن خاتىرجەم قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقمىسا ئاللاھ ئۇنى ھەممە نەرسىدىن قورقىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ياراتتى رەببىمىز ئىنساننى شۇنداق،
جىنايەت، خەۋپنى قىلدىغۇ قوشماق
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر