ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئۆزىنى ئۆزىنىڭ خائىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
شۈبھىسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئادەم ئۆزىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتلەردە ئۇنى ئۆزىنىڭ خائىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ئاخىرىتى ئۈچۈن مەنپەتلىك ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشقا تولىمۇ ئېھتىياجلىق. شۇ ئېھتىياجلارنى قانچىكى كۆپ بىلگەن ئادەم شۇنچە ئالىم ھېسابلىنىدۇ. ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بوي سۇندۇرالىغان ۋە ئۇنى پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ ئېتىپ، زىيانلىق ئىشلاردىن چەكلىيەلىگەن ئادەم ھەقىقى كۈچلۈك ۋە دانا ئادەمدۇر. كىشىلەرنىڭ مەرىپىتى، ھىممىتى ۋە قەدىر-قىممىتى دەل مۇشۇ نۇقتىدا پەرقلىنىدۇ. بەخت ۋە بەختسىزلىك سەۋەبلىرىنى قانچىكى بەك بىلگەن ئادەم شۇنچە ئارىپ ھېسابلىنىدۇ. بەختسىزلىكتىن يىراقلىشىپ بەخت يولىغا ماڭغان ئادەم توغرا يولدىكى ئادەمدۇر. ناۋادا بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتسا ئۇ ئىنتايىن ئەقىلسىز، گالۋاڭ ئادەمدۇر.
ئىنسان ئەرزىمەس، ۋاقىتلىق نېسىۋىلەرنى قويۇپ يۇقىرى مەرىپەتلەرنى ۋە ئەبەدىيلىك بۈيۈك نېىسىۋىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆزىگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق پەيتلەردە گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئۇنى ئۆزىگە خىيانەت قىلدۇرىدۇ-دە، ئۇنى بۇنداق ئىلىمىي كامالەتلەردىن، ئۆزىگە ئەڭ مۇناسىپ ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن، ھەر ئىككى دۇنيادا ئۆزىگە ئەڭ مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن توسۇپ قويىدۇ.
ئىنسان بىرەر كىلىشمەسلىككە يولۇقۇپ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ گۇناھكار نەپسى، قەلبى ۋە پۈتۈن ئەزالىرى ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىدۇ. بۇ گويا داتلىشىپ كەتكەن غىلاپلىق قېلىچ كۆتۈرۈۋالغۇچىنىڭ دۈشمەنگە يولۇققاندا، قانچە تېرىشىپ باقسىمۇ قېلىچ غىلاپتىن سۇغۇرۇلغىلى ئۇنىماي، دۈشمەنگە جايلىنىپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ.
گويا شۇنىڭغا ئوخشاش قەلبمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق داتلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى كېسەل چىرمىۋالىدۇ. قەلبىنى كېسەل چىرمىۋالغانلار دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە قەلبىدە ھېچقانداق ئىنكاس پەيدا بولمايدۇ. دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى قەلبتۇر. باشقا ئەزالار قەلبكە ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. قەلبتىن ئىبارەت بۇ مەركەزدە كۈچ ۋە ئېنىرگىيە بولمىسا دۈشمەنلەرنى قانداقمۇ چېكىندۈرگىلى بولسۇن؟!
ناۋادا ئىنساننىڭ روھىيىتى پەرۋەردىگارىغا تەلپۈنۈۋاتقان روھ بولسا، شەھۋەتلەر ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق كىرلىشىپ ۋە ئاجىزلىشىپ قالىدۇ. ناۋا ئۇ روھ يامانلىققا ئىنتىلىۋاتقان روھ بولسا، شەھۋەت ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ، تېخىمۇ ياۋۇزلىشىپ كېتىدۇ. ئىنساندىكى يامانلىققا ئىنتىلىدىغان روھ كۈچەيگەنسېرى پەرۋەردىگارىغا تەلپۈنىدىغان روھى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاخىرىدا ئاسىي روھ ئۇ ئادەمنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋالىدۇ.
ئىنساندىكى پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىدىغان روھ ئۆلسە، ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت ئەلەملىك، قايغۇلۇق بىر ھاياتقا ئايلىنىدۇ، خالاس.
دېمەك، پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىدىغان روھى ئۆلگەن ئادەم بىرەر ئېغىرچىلىقلارغا ياكى بالا-مۇسىبەتلەرگە دۇچ كەلگەندە قەلبى، تىلى ۋە بارچە ئەزالىرى ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىپ، ئەڭ ئەھمىيەتلىك نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈيدۇ. قەلبىدە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھقا قايتىش ۋە ئاللاھقا تاپشۇرۇش، ئاللاھقا زار-تەزەررۇ قىلىش، ئاللاھ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش تۇيغۇسى بىخلانمايدۇ. ئاللاھنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ. ناۋادا ئاللاھنى تىلغا ئالغان تەقدىردىمۇ قەلبى بىلەن تىلى بىرلەشمەي، قۇرۇق شوئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. تىل بىلەن قەلب ئارىسىدا توساق پەيدا بولۇپ قالىدۇ-دە، ئۇنىڭ ئاللاھنى تىلغا ئېلىشى ھېچقانداق تەسىر پەيدا قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ دىلى بىلەن تىلى بىرلىشەلمەيدۇ-دە، ئۇنىڭ دۇئالىرى ياكى زىكىرلىرى پەرۋاسىزلارنىڭ، غاپىللارنىڭ دۇئا ياكى زىكىرلىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ناۋادا ئۇ باشقا ئەزالىرىدىن تىلى ۋە دىلىغا ئەگىشىشنى تەلەپ قىلسا ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭغا بوي سۇنمايدۇ ۋە ئىتائەت قىلمايدۇ.
يۇقىرىقىلار گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ئاپەتلىرىدۇر. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئارقا سېپىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇلار بىلەن خەۋەرلىشىپ تۇرماي زايا قىلىۋىتىپ، دۈشمەن ھۇجۇم قىلغاندا ھېچ ئىشتىن خەۋرى يوق ئەسكەرلىرىگە «بار كۈچۈڭلارنى ئىشقا سېلىپ مېنى قوغداڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ.
گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەھۋالى مانا شۇنداق. ئەمما سەكراتتىكى ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ۋە تېخىمۇ قورقۇنۇچلىق بولىدۇ. بۇلارنىڭ قەلبى ۋە تىلى سەكراتتا ئۇ ئادەمگە خىيانەت قىلىدۇ. تېخى شاھادەت كەلىمىسىگىمۇ كەلمەي تۇتۇلۇپلا قالىدۇ. نۇرغۇن ئاسىيلار بۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن. ئۇلارغا «لا ئىلاھە ئىللاللاھ» دېگىن دېيىلگەندە، بەزىلىرى: «ۋاي، ۋاي، مەن ئۇنداق دېيەلمەيدىكەنمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
يەنە بەزىلەرگە سەكراتقا چۈشكەندە كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنغاندا «تۇز، تاپان، قاغا، چىللىك... مەن ئۇتتۇم» دېگەچ جان ئۈزگەنىكەن.
يەنە بەزىلەر سەكراتتا ئېغىزى شاھادەتكە كەلمەي ھاياتىدا كۆپ ئەسلىگەن ئەسلىمىلىرىنى تىلغا ئېلىپ جان ئۈزگەنىكەن.
يەنە بەزىلەرگە كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنغاندا «لاي، لالاي لاي، لاي لا لاي لاي» دېگەچ جان ئۈزگەنىكەن.
يەنە بەزىلەرگە كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنغاندا «ئۇ گەپلەرنىڭ ماڭا پايدىسى يوق، مەن گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى چالا قويماي قىلغانمەن» دېگەچ جان ئۈزگەنىكەن.
يەنە بەزىلەرگە كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنغاندا «ئۇ گەپلەرنىڭ ماڭا پايدىسى يوق مەن ھاياتىمدا ناماز ئوقۇپ باقمىغان تۇرسام»دەپ كەلىمە شاھادەتنى ئېغىزىدىن چىقارماي جان ئۈزگەنىكەن.
يەنە بەزىلەرگە كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنغاندا «مەن سەن دېگەن گەپلەرنى ئىنكار قىلىمەن» دېگەچ جان ئۈزگەنىكەن.
يەنە بەزىلەرگە كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنغاندا «ئۇ گەپلەرنى دەي دېسەملا تىلىم تۇتۇلۇپ قالىدىكەن» دېگەچ جان ئۈزگەنىكەن.
باشقىلارنىڭ دەپ بېرىشىچە بەزى تىلەمچىلەر سەكراتتا «پۇل، پۇل، سەدىقە بالانى يەر، سەدىقە بېرىڭلار» دېگەچ جان ئۈزگەنىكەن.
ئاڭلىشىمچە بەزى تىجارەتچىلەر سەكراتقا چۈشكەندە، ئۇنىڭغا كەلىمە شاھادەت تەلقىن قىلىنسا «ماۋۇ ئەرزان، ماۋۇ بەك خىرىدارلىق مال، ماۋۇ مۇنداق، ماۋۇ ئانداق» دېگەچ جان ئۈزگەنىكەن.
خۇدايا توۋا، كىشىلەر بۇنداق ئىبرەتلەردىن نۇرغۇنلىرىغا شاھىت بولدى. بىز ئاڭلىمىغان، بىلمىگەنلىرىدىن يەنە كۆپلىگەن ئىبرەتلەر بار.
بىر ئادەمنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا، كۈچ-قۇۋۋىتى، ئىدراكى تولۇق چاغلىرىدا شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈۋېلىپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغىلى سالالىغان، قەلبىنى ئاللاھنى ئەسلەشتىن، تىلىنى ئاللاھنى سۆزلەشتىن، باشقا ئەزالىرىنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن غەپلەتتە قويالىغان يەردە، ئۇ ئادەم ئاجىزلىشىپ، بار خىيالى تارتىۋاتقان سەكراتنىڭ ئاغرىق-ئەلەملىرىگە مەركەزلىشىپ قالغان چېغىدا، شەيتان بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى ئازدۇرۇشقا پۇرسەت كۈتۈۋاتقان ۋاقتىدا ئۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!
مانا بۇ ۋاقتلار ئۇ ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەمەل پۇرسىتى تۇرسا، بۇنداق ۋاقىتتا شەيتان كۈچىيىپ، ئۇ ئادەم تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىدىغان تۇرسا، بۇ چاغدا شەيتاننىڭ چاڭگىلىدىن قانداقمۇ قۇتۇلۇپ قالالايدۇ؟!
«ئاللاھ مۇئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملار (يەنى كۇپپارلار)نى گۇمراھ قىلدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.»[1]
ساق-سالامەت، تىنچ-ئامان ۋاقتلىرىدا قەلبى ئاللاھتىن غاپىل ياشىغان، ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ ياشىغان ئادەملەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاقىۋىتى قانداقمۇ ياخشى بولسۇن؟!
ئاللاھتىن غاپىل ياشىغان ئادەملەرنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ. ئۇنى ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە تاشلاپ بېرىدۇ. شەھۋىتىگە قۇل قىلىپ بېرىدۇ. تىلى دائىم ئويۇن-تاماشا، بىھۇدە گەپ-سۆزلەر بىلەن، باشقا ئەزالىرى ياخشى ئەمەلدىن خالىي، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. (ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزنى ياخشى قىلىپ بەرگەي)
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىن ئەنسىرەش ۋە خەۋپسېرەش تەقۋادار بەندىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغاندەك، گويا خاتىرجەملىك توختامى بار كىشىلەردەك بىپەرۋا ياشاش گۇناھكار، زالىملارنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر.
«ياكى سىلەر ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ بولۇشىغا بىز سىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئاندىن ۋاختى توشىدىغان مەھكەم بىر ئەھدى تۈزۈشكەنمۇ؟ ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟.»[2]
پەرۋاسىز يامان ئىش قىلغان ھوي ئادەم،
ئەمىنلىك توختامنى كۆرسىتە قېنى؟!
شەھۋەت ۋە ئەمىنلىك سەندە مۇجەسسەم،
ھالاك قىپ كېتەتتى بىرىلا سېنى.
مۇھسىنلار ئەندىشە ئىچىدە يۈرسە،
كىرمىدىڭ ئۇ يولغا، تاشلىدىڭ ئۇنى.
كەتكۈزدۈڭ تېرىمنى كالۋالىق قىلىپ،
تېرىمسىز، ئورمىدا چىقامدۇ دېنى؟!
ئەجىبكى، باقىيغا قىزىقمىدىڭ ھېچ،
پانىينى بىلدىڭ سەن ھەممىنىڭ جېنى.
باقىينى تاللىغان، پانىينى قويۇپ
ئۇ دۆتمۇ، يا سەنمۇ ئېيتقىنا قېنى؟!
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر