ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Ekim 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە يۈزلىنىشىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى ئۇ ئىنساننى كەينىگە چىكىندۈرۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى توسۇپ، توختىتىپ، ئاللاھ تەرىپىگە بىر قەدەممۇ ئالغىلى قويمايدۇ. دېمەك، گۇناھ-مەئسىيەت ئاللاھ يولىدا داۋاملىشىشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئاللاھقا يۈزلەنگەنلەرنىڭ يولىنى كېسىپ تاشلايدۇ. ئىزدىنىۋاتقانلارنى كەينىگە چىكىندۈرۈۋېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، قەلىب ئۆزىنىڭ قۇۋۋىتى ئارقىلىقلا ئاللاھ تەرىپىگە يۈزلىنەلەيدۇ. قەلبىلەر كېسەلگە دۇچار بولسا، ئاللاھ تەرىپىگە يۈزلەندۈرىدىغان قۇۋۋەت ئاجىزلايدۇ. قەلبنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى پۈتۈنلەي يوقالسا، ئىلاھىي رىشتىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىپ قالىدۇ-دە، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ.

گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ ياكى ئۇنى قورقۇنۇشلۇق كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق قەلبلەر شەكسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاناھ تەلەپ قىلغان «ئەندىشە، قايغۇ، ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق، قورقۇنچاقلىق، بېخىللىق، قەرزدارلىق، بوزەكلىك» قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. بۇ سەككىز سۈپەتنىڭ ھەر ئىككىسى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

دېمەك، ئەندىشە بىلەن غەم-قايغۇ قوشكېزەكتۇر. ناۋادا كۆڭۈلدىكى غەشلىكلەر كەلگۈسىگە ئالاقىدار بولسا، بۇ ئادەمدە ئەندىشە شەكىللىنىدۇ. ناۋادا ئۆتمۈشكە ئالاقىدار بولسا قايغۇ شەكىللىنىدۇ.

ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇق قوشكېزەكتۇر. بىراۋ ئېقتىدارسىزلىق سەۋەبىدىن ئۇتۇق ۋە غەلىبەلەرنى قولدىن بېرىپ قويسا، بۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ناۋادا ئىرادىسىزلىك سەۋەبىدىن قولدىن بېرىپ قويسا، بۇ ھورۇنلۇقتۇر.

قورقۇنچاقلىق ۋە بىخىللىق قوشكېزەكتۇر. بىراۋ جىسمانىي جەھەتتە چىقىمسىز بولسا قورقۇنچاق، ئىقتىسادىي جەھەتتە چىقىمسىز بولسا بىخىل دەپ ئاتىلىدۇ.

قەرزدارلىق بىلەن بوزەكلىك قوشكېزەكتۇر. ناۋادا باشقىلار ھەقلىق ھالەتتە بىراۋغا پوخۇرلۇق قىلغان بولسا، بۇ، پوخۇرلۇق قىلىنغۇچىنىڭ قايسى خىل شەكىلدە بولمىسۇن، قەرزدار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ناۋادا ھەقىسز، بىكاردىن-بىكار پوخۇرلۇق قىلغان بولسا، بۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ بوزەكلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

خۇلاسىكالام، يۇقىرىقى سەككىز خىل ھالەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبى گۇناھ-مەئسىيەتتۇر. گۇناھ-مەئسىيەتلەر يەنە «ئېغىر ئەھۋالدا قېلىش، بەختسىزلىك، بالا-قازا، دۈشمەنلەرنى خۇش قىلىدىغان ئىشقا دۇچار بولۇش»نىڭ، شۇنىڭدەك ئىلاھىي نېئمەتلەرنىڭ قولدىن كېتىشى، ئاللاھنىڭ ئامانلىقىنىڭ جازاسىغا ئۆزگىرىپ كېتىشگە ۋە نارازىلىقىغا ئۇچراشقا سەۋەب بولىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 

 

باشقا خىزمەتلەر