ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئەقىلگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئەقىلنى كىمەيتىۋېتىدۇ. ئىككى ئاقىل بولۇپ، بىرى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان، يەنە بىرى ئاسىي بولسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ ئەقلى تولۇق، مۇكەممەل، پىكرى ساغلام، قاراشلىرى توغرا بولىدۇ. شۇڭلاشقا «قۇرئان كەرىم»نىڭ خىتابلىرى ئەقىللىق ئادەملەرگە قارىتىلغان.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.»[1] «ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تىپشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.»[2] «پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەندى-نەسىھەت ئالىدۇ.»[3] «قۇرئان كەرىم»دە بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.
ئۆزى ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ نازۇ-نېئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇپ، ھەر قاچان ئاللاھنىڭ نارازىلىقىغا، غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار قىلىدىغان؛ ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە سۆيگۈسىدىن؛ ئاللاھنىڭ ھامىيلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىغا قىلغان مۇئامىلىلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان؛ ئاللاھنىڭ جازاسىغا لايىق ئاسىيلار قىلىدىغان تالاي جىنايەتلەرنى ئوپئوچۇق سادىر قىلغان ئادەملەرنى قانداقمۇ ھوش-كاللىسى جايىدا، ئەقىللىق ئادەم دېگىلى بولسۇن!
مەڭگۈلۈك ھوزۇر-ھالاۋەت ۋە بۈيۈك مۇكاپاتلارنى تاشلاپ، بەلكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى تاشلاپ، چۈش كەبىي تىز ئاخىرلىشىدىغان مەزگىللىك ياكى نەچچە سائەتلىك لەززەتلەرنى تاللىۋالغان ئادەملەرنى قانداقمۇ ئاقىل دېگىلى بولسۇن! بۇنداق ئادەملەرنى چورتلا ئەقىلسىز دەيلى دېسە، ئۇلاردا ئاز-تولا ئەقىل ئىپادىلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ناۋادا ئۇلاردا قەتئىيلا ئەقىل بولمىغان بولسا، جىن چېپىلىپ قالغان كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلىنغان بولاتتى. بەزىدە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى جىن چېپىلىپ قالغانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتىدىنمۇ خەتەرلىك ۋە ئېغىرراق بولۇپ قالىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ئەقىلگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى دەل مۇشۇ تەرەپتىندۇر.
ئەمما گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىمۇ ئەقىلگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق بارلىق كىشىلەردە ئىنسانچە كەمتۈكلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكارلار بىلەن گۇناھسىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي نۇقسانلار تازا ئېنىق گەۋدىلىنىپ كەتمەيدۇ. ناۋادا ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئىتائەتمەن بەندىلەر ئاسىيلارنىڭ ئەقلىي چولتىلىقىنى ئوپئوچۇق ھېس قىلالىغان بولاتتى. لېكىن ئەقلىي كەمتۈكلۈكتىن ئىبارەت ئاپەت ئومۇمىيلىققا ئىگە، ساراڭلىق قىسمەن ئادەملەردە بولىدۇ.
ھەيران قالارلىقى شۇكى، ناۋادا ئۇلارنىڭ ئەقلى ساغلام بولغان بولسا، لەززەت ۋە خۇشال-خۇراملىققا ئىرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى بارلىق نازۇ-نېئمەتلەر ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتى. ئۇ زاتنى نارازى قىلىپ، غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويسا، ئۇنىڭ ئازابىغا مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. ئۇ زاتنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق خۇرسەنلىككە، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، قەلبىي ھايات، روھىي لەززەت، پاك تۇرمۇش، ئېسىل نازۇ-نېئمەتلەرگە ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. ناۋادا ئاللاھنىڭ قېشىدىكى نازۇ-نېئمەت، ھوزۇر-ھالاۋەتلەردىن مىسقال مىقدارىدا ئېلىنىپ پۈتۈن دۇنيادىكى ھوزۇر-ھالاۋەت ۋە راھەت-پاراغەتلەرگە تەڭلەشتۈرۈلگەن بولسا، ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ ھوزۇر-ھالاۋەتلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمىگەن بولاتتى. قەلبلەر ئاللاھنىڭ قېشىدىكى ھوزۇر-ھالاۋەتلەردىن كىچىككىنە تېتىپ قالغان بولسا، پۈتۈن دۇنيا ۋە دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ قېشىدىكى ھوزۇر-ھالاۋەتلەردىن ۋاز كەچمىگەن بولاتتى. بۇلار ئاللاھنىڭ قېشىدىكى ھوزۇر-ھالاۋەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى باشقا ئادەملەر بەھرىلىنىۋاتقان ھاياتىي نېئمەتلەردىنمۇ كاتتىراق نېئمەتلەرگە ئىرىشەلەيدۇ. ئۇلار مەنىۋىي ۋە ماددىي نېئمەتلەرنىڭ ھەممىگە ئىرىشەلەيدۇ. ئۇلار ئىرىشكەن نىسىۋىلىرىگە باشقىلارنىڭكىدەك غەم-قايغۇ، ئازاب-دەرت، ئازار-كۈلپەتلەر ئارىلىشىۋالمايدۇ. ئۇلار تېخى بۇ نېئمەتلەرگە ئىرىشىپلا توختاپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ كاتتا نېئمەتلەردىن ئۈمىدلىنىپ، دۇنيادا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنىڭ مۇكاپاتلىرىنى كۈتۈپ ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»[4]
مەرۋايىتنى ماياققا، ئىپارنى تېزەككە ئالماشتۇرغان؛ ئاللاھ ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شەھىدلەر ۋە سالىھلارنىڭ ساھىبلىقىنى ئاللاھ غەزەپ قىلغان ۋە لەنەت قىلغان دوزىخىيلارنىڭ ئۈلپەتچىلىكىگە ئالماشتۇرغان ئادەم نېمىدىگەن ئەقىلسىز-ھە!
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر