ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندىگە ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندىگە ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ناۋادا بەندە ئۆزىنى ئۆزى ئۇنتۇپ قالسا، ئۆزىگە سەل قارايدىغان، ئۆزىنى تاپتىن چىقىرىۋېتىدىغان، ئۆزىنى ھالاك قىلىۋېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئادەم قانداقسىگە ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ! ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەمنىڭ ئېسىدە نېمە قالىدۇ، ئۆزىنى ئۆزى ئۇنتۇپ قالدى دېگەن قانداق گەپ زادى؟!

بەرھەق، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇشى ئىنتايىن ئېغىر ئۇنتۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر.»[1]

ئىنسانلار ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىۋېدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۇنتۇلدۇرۇۋەتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھنىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پەزىلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى)[2]

 ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇپ قالغانلار تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ:

  1. ئاللاھمۇ ئۇ بەندىنى ئۇنتۇيدۇ
  2. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرىۋېتىدۇ

ئاللاھ بەندىنى ئۇنتۇسا، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، تاشلىۋېتىدۇ، بەندىنى ئۆزى بىلەن ئۆزى ئاۋارە ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ھالغا كېلىپ قالغان ئادەمنىڭ ھالاكىتى قاش بىلەن كىرپىكتەك يېقىندۇر.

ئاللاھ بەندىگە ئۆزىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرۇۋەتسە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك نېسىۋېلىرىنى، بەخت-سائادەت، نىجاتلىق، ئىسلاھات سەۋەبلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ھەتتا بەندە ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ-دە، بۇنىڭغا ئالاقىدار ھېچ قانداق ئىش خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ. ئۇ ئۆزى قىزىققۇدەك بىر ئىشنى ئەسلىمەيدۇ، كۆڭلىگىمۇ پۈكمەيدۇ. ئۇ نىشان قىلغۇدەك، ئىز قالدۇرغۇدەك بىر ئىشلار دىلىغىمۇ كەچمەيدۇ.

ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغانلار ئۆزىدىكى ئەيب-نۇقسانلارنى، ئۆزىدىكى سەۋەنلىكلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ-دە، ئۇلارنى تۈزىتىش خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇلارغا روھىدىكى ۋە قەلبىدىكى كېسەللىكلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. كېسەللەرنىڭ دورىسىنى قىلىشمۇ ئۇلارنىڭ خىيالىغا كەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنى تۈگەشتۈرىدىغان، ھالاك قىلىدىغان بۇ كېسەللەر ۋە ئىللەتلەرنى تۈگىتىشكە تېرىشمايدۇ. دېمەك، بۇ ئادەملەر قاتمۇ-قات كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدە قالغان ئادەملەردۇر. ئۇنىڭ كېسەللىرى ئۇنى ھالاكەتكە سۆرەپ بارىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەللىكىنىمۇ ھېس قىلمايدۇ. ئۇنىڭ دورىسىنى قىلىش خىيالىغىمۇ كەچمەيدۇ. مانا بۇ، شەخس ۋە كوللىكتېپقا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەڭ ئېغىر جازادۇر.

بىر ئادەمگە ئۆزىگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەي زايا قىلىۋېتىش، ئۆزىنىڭ مەنپەئەت ۋە شىپالىرىنى ئۇنتۇپ قىلىش، بەخت-سائادەت، نىجاتلىق، ئىسلاھات ۋە باقىي ئالەمدىكى مەڭگۈلۈك ھوزۇر-ھالاۋەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتىنمۇ ئېغىر جازا بولامدۇ؟!

بۇ ھەقتە ياخشىراق ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنى زايا قىلىۋەتكەنلىكىنى ۋە ئاللاھتىن ئالىدىغان نېسىۋېلىرىنى زايا قىلىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇلار ھاماقەتلەرچە قىممەت نەرسىلىرىنى ئەرزان سېتىۋەتكەنلەردۇر. شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ بۇ قىلغانلىرى سەكراتتىكى ۋاقتىدا قىسمەن ئايدىڭلىشىدۇ، بولۇپمۇ قىيامەت كۈنىدە پۈتۈنلەي ئايدىڭلىشىدۇ. قىيامەت كۈنىدە بەندىنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ ئاخىرىتى ئۈچۈن قىلغان سودىلىرىنىڭ پايدا-زىيانلىرى ئايرىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ھەر ئادەم بۇ ھاياتتا ئۆزىنىڭ ئاخىرىتى ئۈچۈن تىجارەت قىلغۇچىلاردۇر.

ئۆزلىرىنى پايدا تاپتۇق دەپ قاراپ، ئاخىرەتنى قولدىن بېرىپ دۇنيانى تاللىغان، باقىي ئالەمدىكى مەڭگۈلۈك جەننەتنى قولدىن بېرىپ، دۇنيا لەززەتلىرىنى تاللىغان كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلاردۇر. بۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاۋەتلىرىنى ھاياتى دۇنيادا كۆرۈپ بولغان، ھاياتى دۇنيادا پۈتۈنلەي مەنپەئەتلىنىپ بولغان، ھاياتى دۇنياغا كۆڭۈل بەرگەن، ھاياتى دۇنيانى تاللاپ، شۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيالىقى ئۈچۈنلا تېرىشقان، ئاخىرەتنى بۇ دۇنياغا سېتىۋەتكەن، نەقنى تاللاپ نېسىنى ئۇنتۇپ قالغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ئادەملەردۇر. ئۇلار بۇ قىلغانلىرىنى چېچەنلىك دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى تېخى «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»، مەن قانداقسىگە مۇشۇ دۇنيادا كۆزۈم كۆرۈپ تۇرغان نەق نەرسىنى ئاخىرەتنىڭ نېسى نەرسىلىرىگە تېگىشەي؟ دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ گەپ-سۆزلىرى ئىمانىدىكى ئاجىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار ئىمانى ئاجىز، شەھۋەتكە بېرىلگەن، بۇ دۇنياغا مۇھەببەت باغلىغان ۋە تەقلىدچىلىكتە ياشايدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار بۇ دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر زىيان تارتىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ تىجارەتنى قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.»[3] «ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ، گۇمراھلىقنى ئالدى، شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى.»[4]

قىيامەت كۈنى تېخى ئۇلارنىڭ بۇ تىجارەتتە قانچىلىك زىيان تارتقانلىقى ھەقىقى ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار بۇ ئىشلىرىغا ئېغىر ھەسرەت چېكىدۇ.

باقىينى پانىينىڭ ئۈستىگە قويغانلار، ئېسىلىنى تاللاپ ناچىرىنى قولدىن بەرگەنلەر، چۈپەي نەرسىلەرنى تاشلاپ بۈيۈك نەرسىلەرگە ئىرىشكەنلەر ھەقىقى پايدىغا ئىرىشكۈچىلەردۇر. ئۇلار «بۇ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەر بىزنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ۋە ئۇ دۇنيادىكى نېسىۋېمىزگە تېگىشىشكە ئەرزىمەيدۇ، بىز قانداقسىگە ئۇ نېسىۋېلىرىمىزنى ئۇ دۇنياغا ۋە ئاخىرەتكە سېلىشتۇرغاندا چۈشكە ئوخشايدىغان بۇ قىسقىغىنە ھاياتتا ئىرىشكىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە تېگىشكۈدەكمىز!» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يېغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا تونۇشىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقەت بولۇشنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى.»[5]

«ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گۇيا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ).»[6]

«ئۇلار (ئاخىرەتتە) ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەندە، (ئۇلار دۇنيادا) گويا كۈندۈزدە بىردەملا تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، (بۇ قۇرئان سىلەرگە) تەبلىغدۇر، پەقەت پاسىق قەۋملا ھالاك قىلىنىدۇ.»[7]

«ئاللاھ (ئۇلارغا): «زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي-كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى (پەرىشتە)دىن سورىغىن» دەيدۇ. (ئۇلار دوزاختە چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى ئۇنتۇيدۇ).»[8]

«بۇ سۈر چېلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز. (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) (ئۇلار) «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈن تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ.»[9]

مانا بۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ قىيامەت كۈنى ئايان بولىدىغان ماھىيىتىدۇر.

مۇئمىنلار ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا ئازغىنە تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ دۇنياغا قەتئىي ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ھاياتلىق ئالەمىنىڭ بارلىقىنى، ئاخىرەت ئالەمىنىڭ بولسا مەڭگۈلۈك، ئەبەدىيلىك ھايات ئىكەنلىكىنى، بۇ دۇنيانى دەپ ئۇ دۇنيانى تەرك ئېتىشنىڭ ئىنتايىن ئەخمىقانە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ناھايىتى دانالارچە تىجارەت قىلدى ۋە نادانلارنىڭ بۇ سودىسىغا ئالدانمىدى. ئۇلار تىجارەتلىرىنىڭ پايدىلىرىنى ۋە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنىڭ مىقدارلىرىنى قىيامەت كۈنى كۆرىدۇ. بۇ دۇنيادا ھەر بىر ئادەم سودا قىلغۇچىدۇر. ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىدۇر. «ھەر ئادەم سەھەر تۇرۇپ، سودا-سېتىق قىلىدۇ. ئۇ يا ئۆزىنى ئازات قىلىدۇ ياكى ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.»

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (ئاللاھنىڭ) راسىت ۋەدىسدۇر. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ ۋاپادار ئەھەدى يوق) قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.»[10]

مانا بۇ ئايەتتىكى ۋەدىلەر بۇ تىجارەتنىڭ نەقلەشكەن پايدىسىنىڭ دەسلەپكى بىر قىسمىدۇر. ئى زىيان تارتقۇچىلار تىجارەت قىلىڭلار. ئىي پۇلسىزلار بۇ يەردە باشقىچە بىر پۇللار بار. ناۋادا بۇ تىجارەتكە لايىق كىشىلەردىن بولساڭلار، بۇ دۇنيانى قويۇپ ئاللاھنىڭ قېشىدىكى نېسىۋەڭلەرنى، باقىي دۇنيانى تاللاڭلار.

«(گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھقا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجىدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، نەھيى قىلغان ئىشلىرىدىن يانغۇچىلار ھەم ئەھلى جەننەتتۇر)؛ مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.»[11]

«ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر.»[12]

خۇلاسىكالام، شۈبھىسىزكى گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندىگە پايدىلىق تىجارەتتىكى نېسىۋېسىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ۋە ئۇنى زىيانلىق تىجارەتكە مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ. مانا بۇ ئىنسانغا يېتەرلىك جازادۇر. (ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا نېسىپ ئەيلىگەي)

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] سۈرە ھەشر 19-ئايەت

[2] سۈرە تەۋبە 67-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

[3] سۈرە بەقەرە 86-ئايەت

[4] سۈرە بەقەرە 16-ئايەت

[5] سۈرە يۇنۇس 45-ئايەت

[6] سۈرە نازىئات 42،43،44،45،46-ئايەتلەر

[7] سۈرە ئەھقاف 35-ئايەت

[8] سۈرە مۇئمىنۇن 112،113،114-ئايەتلەر

[9] سۈرە تاھا 102، 123، 104-ئايەتلەر

[10] سۈرە تەۋبە 111-ئايەت

[11] سۈرە تەۋبە 112-ئايەت

[12] سۈرە سەف 11،12-ئايەتلەر

باشقا خىزمەتلەر