ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر زېمىندا بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر زېمىندا بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدۇ

  ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر زېمىندا نۇرغۇن بۇزۇقچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ سۇ، ھاۋا، زىرائەت، مىۋە-چېۋە، ئۆي-تۇرالغۇ قاتارلىقلاردا تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى.»[1]

مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: زالىم ھۆكۈمران ھاكىمىيەت بېىشغا چىقسا، زۇلۇم ۋە بۇزۇقچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ. ئاللاھ شۇلارنىڭ كاساپىتىدىن يامغۇرنى چەكلەپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېتىز-ئېرىقلار، جانلىقلار ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. مۇجاھىد ئاللاھ تائالانىڭ «ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى» دېگەن ئايىتىنى ئوقۇدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: ھەي ئادەملەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان دېڭىز سىلەر كۆرۈۋاتقان مۇئەييەن دېڭىز ئەمەس، لېكىن ھەرقانداق بىر مەھەللە بىر ئېقىن بويىغا جايلاشقان بولىدۇ. شۇ ئېقىن مەھەللىگە نىسبەتەن دېڭىز ھېسابلىنىدۇ.

ئىكرەمە يۇقىرىقى ئايەتتىكى دېڭىز سۆزى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان دېڭىز سىلەرگە تونۇشلۇق بولغان دېڭىزنى دېمەكچى ئەمەس، لېكىن ھەرقانداق بىر مەھەللە ئېقىن بويىغا جايلاشقان بولىدۇ.»

يۇقىرىقى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «فەساد» دېگەن كەلىمىدىن مەقسەت بەندىلەر گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چۆمۈپ كەتكەندە ئاللاھ ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان بەرىكەتسىزلىك، يامانلىق، دەرت-ئەلەملەردىن ئىبارەتتۇر. بەندىلەر بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپلا قويىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتىدۇ. بەزى سەلەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر بىرەر گۇناھ-مەئسىيەت پەيدا قىلساڭلارلا، ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدىن بىر ئازاب چۈشۈرىدۇ.»

توختالغان گەپ، يۇقىرىقى ئايەتتىكى «فەساد» سۆزىدىن گۇناھ ۋە گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان بارلىق ۋاستىلەر كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ قاراشقا ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى» دېگەن ئايىتى دەلىل بولالايدۇ. مانا بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز دەل مۇشۇنداق. ئاللاھ تائالا قىلغانلىرىمىزنىڭ ئاز بىرقىسمىنى بىزگە تېتىتتى. ناۋادا قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە قارىتا جازالىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچقانداق جانلىق قالمىغان بولاتتى. 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] سۈرە رۇم 41-ئايەت

باشقا خىزمەتلەر