ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندىلەر بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندىگە ئەڭ مەنپەئەتلىك، ئەڭ سەمىمىي، ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش ئارقىلىق بەخت-سائادەتكە ئىرىشكىلى بولىدىغان ئەڭ يىقىن دوستى بولغان مۇئەككەل پەرىشتىلەرنىڭ ئارىلىقىنى يىراقلاشتۇرۇپ، بەندىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، مەخلۇقلار ئىچىدىكى ئەڭ ئالدامچى، بەندىگە ئەڭ زىيان سالىدىغان شەيتاننى يىقىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بەندە ئاللاھقا ئاسىي بولغانسېرى پەرىشتىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتاكى بەندە بىر ئېغىز يالغان سۆزى ئارقىلىق مۇئەككەل پەرىشتىدىن ئىنتايىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ.
بەزى ئەسەرلەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر بەندە يالغان سۆزلىسە شەيتان ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقىدىن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ.» بىر ئېغىز يالغان گەپ تۈپەيلىدىن پەرىشتىلەر شۇنچىلىك يىراقلاپ كېتىدىغان ئىش بولسا، ئۇنىڭدىن ئېغىر ۋە ئۇنىڭدىن قەبىھ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!
بەزى سەلەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئادەم بەچچىۋازلىق قىلىشسا، زېمىن ئاللاھقا نالە قىلىدۇ. پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارى تەرىپىگە قاچىدۇ ۋە ئاجايىپ ئېغىر بىر ئىشنى كۆرگەنلىكىنى ئاللاھقا شىكايەت قىلىشىدۇ.»
ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «تاڭ ئاتقان ھامان پەرىشتە ۋە شەيتان بەندىنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىدۇ. بەندە ئاللاھنى تىلغا ئالسا، تەكبىر ئېيتسا، ئاللاھقا مەدھىيە ئېيتسا، تەھلىل ئېيتسا ئۇنىڭدىن شەيتان يىراقلىشىپ پەرىشتە ھەمراھ بولىدۇ. ناۋادا يېڭى كۈنىنى ئاللاھنىڭ زىكرى، تەكبىر، مەدھىيە ۋە تەھلىللەر بىلەن باشلىماي باشقا نەرسىلەر بىلەن باشلىسا، ئۇنىڭدىن پەرىشتە يىراقلىشىپ شەيتان ھەمراھ بولىدۇ.
بىر ئادەمگە پەرىشتە ئىزچىل يىقىنلىشىۋەرسە ھۆكۈم، ئىتائەت ۋە غەلىبە شۇ ئادەمگە مەنسۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھاياتىدا، ئۆلگەندە، قايتا تىرىلگەندىمۇ پەرىشتە ھەمراھ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھدۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ.»[1]
ناۋادا بەندىگە پەرىشتە يىقىنلاشسا، ئۇنىڭغا ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ مەنپەئەتلىك، ئەڭ ياخشى بىر ھەمراھ يېقىنلاشقان بولىدۇ. ئۇ بەندىگە مۇستەھكەملىك ئاتا قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنى يۈرەكلىك قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۇئمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) ساباتلىق قىلىڭلار، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قۇرقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھى قىلدى. (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار)، ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا) چېپىڭلار.»[2]
پەرىشتىنىڭ ھەمراھلىقىغا ئىرىشكەن بەندە سەكراتقا چۈشكەندە پەرىشتە ئۇنىڭغا: «قورقما، غەم قىلما، ساڭا كېلىدىغان خۇشاللىقلاردىن بىشارەت ئال» دەيدۇ ۋە دۇنيادا، سەكراتتا ۋە قەبرىدىكى سوئال-سوراق پەيتىدىن ئىبارەت ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە ئۇنىڭ قەدىمىنى بەقارار قىلىدۇ.
پەرىشتە پايدىسى ئەڭ زور ھەمراھتۇر. ئۇ، بەندە ئۇخلاپ قالغاندا، ئويغاق ۋاقىتلاردا، ھاياتىدا، سەكراتتا ۋە قەبرىسىدە ھەمراھ بولىدۇ. بەندە يالغۇزسېراپ قالغاندا ئۇنىڭغا ئۈلپەت بولىدۇ. خىلۋەت جايلاردا ئۇنىڭ ھەمراھ ۋە سىردىشى بولىدۇ. ئۇنى قوغداپ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ۋەدە قىلىدۇ ۋە ياخشىلىق بىلەن بىشارەت بېرىدۇ. ھەقىقەتكە چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.
بىر رىۋايەتتە مەرپۇ ۋە يەنە بىر رىۋايەتتە مەۋقۇف نەقىل قىلىنغان بىر ئەسەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، پەرىشتىمۇ ۋە شەيتانمۇ ئىنسانغا ئىلھام قىلىدۇ. پەرىشتىنىڭ ئىلھامى ياخشىلىقنى ۋەدە قىلىش ۋە ۋەدىنى راستقا چىقىرىشتۇر. شەيتاننىڭ ئىلھامى يامانلىقنى ۋەدە قىلىش ۋە ھەقنى ئىنكار قىلدۇرۇشتۇر.»
پەرىشتە ئىنسانغا بەك يىقىنلاشقاندا ئىنسان پەرىشتىنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەيدىغان بولىدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭ تىلىغا توغرا، ھەق گەپلەرنى ئىلھام قىلىدۇ. ناۋادا ئىنسان پەرىشتىدىن يىراقلىشىپ، شەيتانغا يىقىنلاشسا، ئۇ شەيتاننىڭ تىلى بىلەن سۆزلىگىلى تۇرىدۇ. شەيتان ئۇنىڭ تىلىغا يالغان گەپلەرنى، سەت گەپلەرنى ئىلھام قىلغىلى تۇرىدۇ. ھەتتاكى باشقا ئادەملەرمۇ ئىنساننىڭ تىلىدا سۆزلەۋاتقان پەرىشتىنى ۋە ئىنساننىڭ تىلىدا سۆزلەۋاتقان شەيتاننى كۆرىدۇ.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئارامدىللىق ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تىلىدا سۆزلەيتتى.»[3]
بەزى سەلەپلەر ياخشى ئادەملەرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ياخشى سۆزنى ئاڭلاپ: «سېنىڭ تىلىڭغا بۇ گەپنى پەرىشتە تاشلاپتۇ» دەيتتى. باشقىلاردىن يامان سۆزلەرنى ئاڭلىسا: «سېنىڭ تىلىڭغا بۇ گەپنى شەيتان تاشلاپتۇ» دەيتتى. دېمەك، پەرىشتە قەلبكە ھەقنى ئىلھام قىلىدۇ ۋە ئۇنى تىلغا جارى قىلىدۇ. شەيتان قەلبكە باتىلنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ ۋە ئۇنى تىلغا جارى قىلىدۇ.
ناھايىتى ئىنىقكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندىنى ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش ۋە دوستلىشىش ئارقىلىق بەخت-سائادەتكە ئىرىشكىلى بولىدىغان پەرىشتىلەردىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندىنى يىقىنلىشىپ قالسا، دوست تۇتۇپ قالسا بەخىتسىز قىلىپ قويىدىغان، ھالاك قىلىۋېتىدىغان شەيتانغا يىقىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتاكى پەرىشتىلەر ئۆزىنى دوست تۇتقان كىشىلەرنى مۇداپىئە قىلىدۇ. ئۇ بەندىنى ھاماقەتلەر ھاقارەتلىسە ياكى تىللىسا پەرىشتە ئۇنىڭ نامىدىن رەددىيە بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئىككى ئادەم جىدەللىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تىللىدى. تىللانغۇچى جىم تۇراتتى. ئاخىرى تىللانغۇچى (چىدىماي) تىللىغۇچىغا رەددىيە بېرىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئادەم: ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى دېگەن تۇرسام، سەن قوپۇپ كەتتىڭغۇ-دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئادەم سېنى تىللاۋاتقاندا پەرىشتە سېنى مۇداپىئە قىلىۋاتاتتى. سەن ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىشكە باشلىۋېدىڭ شەيتان كەلدى. مەن شەيتان بار يەردە ئولتۇرمايمەن» دېدى.
بىر مۇسۇلمان مۇسۇلمان قېرىندىشى يوق يېرىدە چىن كۆڭلدىن چىقىرىپ ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلسا، پەرىشتە ئۇنىڭ دۇئايىغا ئامىن دەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا «ئاللاھ ساڭىمۇ سەن قېرىندىشىڭغا تېلىگىنىڭنىڭ ئوخشىشىنى بەرسۇن» دەيدۇ.
بىر ئادەم سۈرە پاتىھەنى ئوقۇپ بولسا پەرىشتىلەر ئۇنىڭ دۇئايىغا «ئامىن» دېيىشىپ بېرىدۇ.
ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنى بىر بىلگەن، ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بىر ئادەم گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئەرشنى كۆتۈرگۈچى پەرىشتىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ.
بىر ئادەم تاھارەتلىك ھالدا ئۇخلىسا، پەرىشتىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇخلايدۇ.
مۇئمىنغا ھەمراھ بولغان پەرىشتە مۇئمىننى قوغدايدۇ ۋە ئۇنى مۇداپىئە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىتىدۇ، قەدىمىنى بەقارار قىلىدۇ، ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، مۇئمىنلار ئۇنىڭغا ياخشى ھەمراھ بولسۇن، ئۇنىڭغا ئازار بەرمىسۇن، ئۇنى قوغلىۋەتمىسۇن، ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتمىسۇن. شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرىشتە مۇئمىننىڭ مېھمىنى ۋە قوشنىسىدۇر.
ئادەمىي مېھمانلارنى ھۆرمەتلەش ۋە قوشنىغا ياخشىلىق قىلىش ئىماننىڭ شەرتلىرى ۋە مۇئمىنلارنى مەجبۇرىيەتلرىدىن تۇرسا، ئەڭ ئېسىل مېھمان، ئەڭ ياخشى قوشنا بولغان پەرىشتىلەرنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر زادى قانداق ئادەملەردۇر-ھە؟!
قاچانىكى بىر ئادەم گۇناھ-مەئسىيەت، زۇلۇم ۋە پاھىشىلەرنى قىلىش ئارقىلىق پەرىشتىلەرگە ئازار بەرسە، پەرىشتىلەر ئاللاھقا شىكايەت قىلىپ «ئاللاھ ساڭا ياخشىلىقنى نېسىپ قىلمىسۇن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بىر ئادەم ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئېھسان قىلىش ئارقىلىق پەرىشتىلەرنى ھۆرمەتلىگەن بولسا، پەرىشتىلەر ئۇلار ھەققى ياخشى دۇئالارنى قىلىدۇ.
بەزى ساھابىلەر مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھسىزكى، سىلەردىن ئايرىلمايدىغان پەرىشتىلەر بار، ئۇلاردىن ھايا قىلىڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار.»
بۇنداق ئېسىل، ئۇلۇغ، يۈكسەك مەرتىۋىلىك پەرىشتىلەردىن ھايا قىلمايدىغان، ئۇلارنى لايىقىدا ئۇلۇغلىمايدىغان ۋە ھۆرمەتلىمەيدىغان كىشىلەردىنمۇ پەسكەشرەك ئادەم بارمۇ؟!
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار. ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار)نى يېزىپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.»[4] يەنى ئى مۇئمىنلار سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان بۇ پەرىشتىلەردىن ھايا قىلىڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. ئۇلارنى چوڭ بىلىڭلار. ئىنسانلار كۆرۈپ قېلىشتىن ھايا قىلىدىغان ئىشلاردا ئۇ پەرىشتىلەردىنمۇ ھايا قىلىڭلار. پەرىشتىلەر ئىنسانلار كۆرسە ئازار ھېس قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئازار يەيدۇ. ئىنسانلار گەرچە ئۆزى خاتالىقلارنى قىلىپ قويغان تەقدىردىمۇ ئەمما باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇزۇقچىلىق قىلىشىدىن، ئاسىيلىق قىلىشىدىن ئازار يەيدۇ. ئۇنداقتا ئەمەللەرنى يېزىپ تۇرىدىغان بۇ ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر دائىم بىزگە ھەمراھ تۇرسا، بۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھ-مەئسىيەت، ئىتائەتسىزلىك، بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن نېمىشقا ھايا قىلمايمىز؟! (ئاللاھ ھەممىمىزنى پەرىشتىلەردىن ئىبارەت بولغان ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىمىزنى ۋە ئەڭ ياخشى قوشنىلىرىمىزنى توغرا رەۋىشتە ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەتلەشكە نېسىپ ئەيلىسۇن)
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر