ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

 

شەكسىزكى، گۇناھ-مەئسىيەتلەر خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. شان-شەرەپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

 

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن).»[1] يەنى شان-شەرەپنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىنلا سورىسۇن، ئىتائەتسىزلىك قىلىپ تۇرۇپ شان-شەرەپكە ئىرىشىش مۇمكىن ئەمەس.

 

بىر قىسىم سەلەپ ئۆلىمالىرى مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم، مېنى ئۆزۈڭگە بولغان ئىتائىتىم ئارقىلىق ئەزىز قىلغىن، ساڭا مەئسىيەت قىلىپ قويۇش ئارقىلىق خار قىلما.»

 

ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا ئاسىيلار ئات-خېچىرلارغا مېنىپ يىراق-يىراقلارغا كەتكەن تەقدىردىمۇ گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ ۋابالى ئۇنى چوقۇم تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاسىيلارنى خار قىلماي قويمايدۇ.»

 

ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دەيدۇ:

 

 

 

كۆردۈمكى، گۇناھلار ئۆلتۈرەر دىلنى،

 

گۇناھتا چىڭ تۇرماق خار قىلار سېنى.

 

گۇناھنى تەرك قىلساڭ قەلب ياشنىغاي،

 

ياخشىسى «ياق!» دېگىن، گۇناھقا قېنى!

 

پادىشاھ، راھىب ۋە ناچار موللىدىن،

 

كىملەر بەك كۆپ بۇزغاي ئەقىدە-دىننى.

 

 

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم

 



[1] سۈرە فاتىر 10-ئايەت

 

باشقا خىزمەتلەر