ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبتىكى ئىلاھىي بۈيۈكلۈك تۇيغۇنى سۇسلاشتۇرىدۇ

گۇناھ-مەئسىيەتلەر قەلبتىكى ئىلاھىي بۈيۈكلۈك تۇيغۇنى سۇسلاشتۇرىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ قەلبتىكى بۈيۈكلۈك سىمالىرىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ قەلبتىكى ھەيۋىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ناۋادا بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئاللاھنىڭ ھەيۋىسى ئورۇن ئالسا، ئۇ، ھەرگىزمۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە دادىل قەدەم ئالالمايدۇ. بىر قىسىم ئۆزىنى ئالداپ ياشايدىغان تەنتەكلەر مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۈمدۋار بولغاچقا، گۇناھ-مەئسىيەت ئۆتكۈزۈپ قويدۇم، بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ قەلبىمدىكى سىماسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەس. بۇ ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىراۋنىڭ قەلبىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكى ئورۇنلاشقان بولسا، شۈبھىسىزكى ئۇ، ئاللاھقا ھۆرمەت قىلىشى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ بۈيۈكلۈك سىمالىرىنى مۇقەددەس بىلىشى لازىم. ئاللاھقا بولغان ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن ئەيمىنىش تۇيغۇسى ئۇ ئادەمنى گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن چەكلىيەلىشى كېرەك. گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە دادىل قەدەم باسقان ئادەملەر ئاللاھ تائالانى تېگىشلىك رەۋىشتە قەدىرلىيەلمىگەن ئادەملەردۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى كۆزىگە ئېلىپمۇ قويمىغان ئادەم قانداقسىگە ئاللاھنىڭ قەدرىنى قىلالىسۇن، قانداقمۇ ئاللاھنى ئۇلۇغلىيالىسۇن، قانداقمۇ ئاللاھنى چوڭ بىلەلىسۇن!؟ بۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشتۇر. قىپقىزىل ساختىپەزلىكتۇر. گۇناھكارلارنىڭ قەلبىدىن ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈك سىماسى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس تۇيغۇسى كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ۋە گۇناھكارلارنىڭ ئىلاھىي ھەق-ھوقۇقلارغا سەل قارايدىغان بولۇپ قېلىشى ئۇلارغا يېتەرلىك جازا بولالايدۇ.

گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يەنە بىر جازاسى شۇكى، گويا ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان، پەرۋا قىلمىغاندەك، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنى باشقىلارغا كىچىك كۆرسىتىپ قويىدۇ. باشقىلار ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلىپ قويمايدۇ. بىراۋ ئاللاھنى قانچە ياخشى كۆرسە، باشقىلارنىڭ مۇھەببتىگە، سۆيگۈسىگە شۇنچە ئىرىشەلەيدۇ. بىراۋ ئاللاھتىن قانچە ئەيمەنسە باشقىلارمۇ ئۇنىڭدىن شۇنچە ئەيمىنىدۇ. بىراۋ ئاللاھنى قانچە ئۇلۇغلىسا باشقىلارمۇ ئۇنى شۇنچە ھۆرمەتلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان، ئاللاھنى ئۇلۇغلىمىغان ئادەم قانداقسىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، قەدىرلىشىگە ئىرىشەلىسۇن؟! ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا رېئايە قىلمىغان ئادەمنى ئاللاھ باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇيەسسەر قىلامدۇ؟! گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتمىغان، ئاللاھتىن قورقۇپ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تەرك ئەتمىگەن ئادەمنى باشقىلار كۆزگە ئىلماي قالماسلىقى مۇمكىنمۇ!؟

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دىكى گۇناھلارنىڭ جازاسىغا ئالاقىدار ئايەتلەردە يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن ئۇچۇر بەرگەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا گۇناھكارلارنى قىلغان گۇناھلىرىغا يارىشا جازالايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پەردىلىۋېتىدۇ، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ قەلبىگە مۆھۈر ئۇرۇۋېتىدۇ. ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇغاندەك ئاللاھمۇ ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك ئاللاھمۇ ئۇلارغا پەرۋا قىلىپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى زايا قىلىۋەتكەندەك ئاللاھمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىنسانغا سەجدە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ.»[1]

شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلار ئاللاھقا سەجدە قىلىشنى كۆزگە ئىلمىۋېدى، ئۇنى ئادەتتىكىچە بىر ئىشقۇ دەپ قاراپ تەرك قىلىۋېدى، ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلدى. ئاللاھ خار قىلغان ئادەمنى كىممۇ ئىززەتكە، ھۆرمەتكە ئىرىشتۈرەلىسۇن؟! ئاللاھ ئىززەتكە، ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان ئادەمنى كىممۇ خارلىيالىسۇن!؟

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە ھەج 18-ئايەتنىڭ بىر قىسمى

باشقا خىزمەتلەر