ھىجرىيە: | مىلادىي: 2 Haziran 2023
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ياخشىلىق ئىرادىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ
ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ياخشىلىق ئىرادىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق تەسىرىدۇر. گۇناھ مەئسىيەتلەر قەلبلەرنى بوشاشتۇرۇپ، گۇناھقا بولغان ئىرادىلەرنى كۈچەيتىپ، ئاستا-ئاستا تەۋبە ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ھەتتاكى گۇناھكارنىڭ قەلبىدىن تەۋبىگە بولغان ئىنتىلىشمۇ پۈتۈنلەي يوقايدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ قەلبى نىمجان ھالەتكە كەلسە، ئاللاھقا تەۋبە قىلىدۇ. ئېغىزىدا كاززاپلارچە تەۋبە، ئىستىغپارلارنى كۆپ ئېيتىدۇ-يۇ، لېكىن قەلبى گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە چىڭ باغلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن پۇتىنى تارتالمايدۇ. ئىمكانىيەت تاپقان ھامان قايتا گۇناھ قىلىش كويىدا بولىدۇ. مانا بۇ، ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ تىز تۈگەشتۈرىدىغان كېسەلدۇر.
گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئادەتلىنىپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ
گۇناھكارلار گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن يىرگىنمەيدىغان، نەپرەتلەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، ئاخىرىدا ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن، كەينىدە سۆز-چۆچەك بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار گۇناھ-مەئسىيەت (پىسقى-پۇجۇر) تەشەببۇسچىلىرىنىڭ قارىشىدا تولۇق ئېچىلغانلىق، راۋرۇس لەززەتلەنگەنلىك (ياشاشنى بىلگەنلىك) دەپ قارىلىدۇ. ھەتتاكى ئۇلار ئۆزى ئۆتكۈزگەن گۇناھ-مەئسىيەتلەر، شەرمەندىچىلىكلەر بىلەن پەخىرلىنىپ، بىلمىگەن ئادەملەرگىمۇ سۆزلەپ بەرگىلى تۇرىدۇ.
بۇ خىلدىكى ئادەملەر ئاللاھنىڭ ئەپۇسىغا ئىرىشەلمەيدۇ. تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۇممىتىمدىن گۇناھ-مەئسىيەتنى داۋراڭ سالغۇچىلاردىن باشقىلار (تەۋبە قىلسا) ئاللاھنىڭ ئەپۇسىغا ئىرىشەلەيدۇ. بەزىلەرنىڭ گۇناھىنى ئاللاھ يۆگەپ قالسا، ئۇلار: مەن مۇنداق قىلدىم، مۇنداق مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم، دەپ داۋراڭ قېلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ چاۋىسىنى ئۆزى چىتقا يېيىپ، ئاللاھ يوشۇرغاننىمۇ ئاشكارىلاپ ئۆزىنى رەسۋا قىلىدۇ.»[1]
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئىلگىرىكى ئاسىيلارنىڭ قالدۇرغان مىراسىدۇر
ھەرقانداق گۇناھ-مەئسىيەت ئىلگىرى ئاللاھ ھالاك قىلغان مەلۇم بىر قەۋمنىڭ مىراسىدۇر.
بەچچىۋازلىق لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن قالغان.
جىڭ-تارازىدا ئىگىز-پەس قىلىش (جازانىخورلۇق) شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن قالغان.
يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىش ۋە ئۆزىنى چوڭ چاغلاش پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرىدىن قالغان.
تەكەببۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن قالغان.
دېمەك، ھەرقانداق ئاسىي-گۇناھكارلار ئاللاھنىڭ ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان دۈشمەنلىرى سىياقىدىكى ئادەملەردۇر.
مالىك ئىبنى دىنار مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: قەۋمىڭگە ئېيىت، ئۇلار دۈشمەنلىرىم كەچكەن كېچىكلەرنى كەچمىسۇن، دۈشمەنلىرىم سىياقى بولۇۋالمىسۇن، دۈشمەنلىرىم يۈرگەن يوللاردا يۈرمىسۇن، دۈشمەنلىرىمنىڭ داستىخانلىرىدا غىزالانمىسۇن... ! ناۋادا ئۇلار شۇنداق قىلسا، مېنىڭ دۈشمەنلىرىمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن قىيامەتنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يىگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنغانغا قەدەر قېلىچ بىلەن ئەۋەتىلدىم. مېنىڭ رىزقىم نەيزەمنىڭ سايىسىدا قىلىندى. خارلىق ۋە پۈچەكلىك ماڭا خىلاپلىق قىلغانلارغا قىلىندى. كىمكى بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.»[2]
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم
باشقا خىزمەتلەر