ھىجرىيە: | مىلادىي: 30 Mart 2023

چىكىنىڭ
گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ

 گۇناھ-مەئسىيەتلەر ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى 

گۇناھ-مەئسىيەتلەر گۇناھكار ئادەمگە ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. گۇناھكارنى شەيتانغا ئەل قىلىپ بېرىدۇ. مانا شۇ ھالغا كەلگەندە، ئىنسان قۇتۇلدۇرۇۋالغۇسىز ھالاكەتكە يۈزلەنگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.  سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر.»[1]

ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنى تەقۋادار بولۇشقا ۋە تەقۋادارلىقنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھنى ئۇنتۇغان مۇئمىنلەرگە ئوخشاپ قالماسلىققا بۇيرىدى. تەقۋادارلىقنى تەرك ئەتكەن مۇئمىنلارنى ئۆزىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرۇش (ئۆزىگە مەنپەئەتلىك ئىشلارنى؛ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان ئامىللارنى؛ مەڭگۈلۈك ھايات ۋە ئۇ يەردىكى لەززەت، خۇشاللىق، ھوزۇر -ھالاۋەتكە زۆرۈر بولغان تەييارلىقلارنى ئۇنتۇلدۇرۇش) بىلەن جازالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلۈكىنى ئۇنتۇغان ۋە ئاللاھتىن قورقمىغان، ئەمىر-پەرمانلىرىنى بەجاندىل ئورۇندىمىغان كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ئۆزىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرۇش ئارقىلىق جازالاندى. ئەمەلىيەتتىمۇ، گۇناھكار ئادەملەر ئۆزىنىڭ پايدا-مەنپەئەتلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەي زايا قىلىۋېتىدۇ. ئۆزىگە مەنپەئەتلىك ئىشلار يادىغا كەلمەيدۇ. ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ، ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ. ئۇلار پايدا-مەنپەئەتلەرنى، دۇنيا-ئاخىرەتلىك پايدا مەنپەئەتلىرىنى، مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەتلەرنى ئۆتكۈنچى بۇلۇتتەك ياكى بىردەملىك خىيالغا ئوخشايدىغان ئادەتتىكى ئەرزىمەس لەززەتلەرگە تېگىشىۋېتىدۇ.

بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:

بۇ ھايات شېرىن چۈش ياكى بىر سايە،

ئاقىللار بۇلارنى قىلماس ھېچ غايە.

 

بەندىنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشى ۋە ئۆزىگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى؛ روھىنىڭ ئاللاھتىن ئالىدىغان نېسىۋىسىنى، ئۈلۈشىنى ئۇنتۇپ قېلىشى؛ ئاللاھتىن ئالىدىغان نېسىۋىنى خارلىققا، ئەرزىمەس ماتالارغا تېگىشىشى ئەڭ ئېغىر جازادۇر. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەققىنى زايا قىلغانلىقتۇر.

بەدەل بار ھەر نەرسە قىلىنسا زايە،

يوق بەدەل رەببىمىز قىلىنسا زايە.

 

ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا زايە قىلىنسا ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچ نەرسە باسالمايدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق باشقا ھەممە نەرسىدىن بىھاجەت بولغىلى بولىدۇ. ئەمما ھېچقانداق نەرسە بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ ئارقىلىق ھەر نەرسىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، ئەمما ھېچ نەرسە ئاللاھتىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىدىن قوغداپ قالىدۇ، ئەمما ھېچ نەرسە ئاللاھتىن قوغداپ قالالمايدۇ. ئۇنداقتا كىممۇ مۇشۇ زاتقا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇدەك ۋاقىتتىمۇ ئىبادەت قىلماي تۇرالىسۇن؟! قانداقمۇ ئۇنى ئەسلىمەي تۇرالىسۇن! قانداقمۇ ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى زايە قىلىۋەتسۇن!

ناۋادا ئۇ ئادەم ئاللاھقا ئىبادەت قىلمىسا، ئەسلىمىسە، ئەمىر-پەرمانلىرىغا بوي سۇنمىسا، ئاللاھ ئۇ ئادەمگە ئۆزىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىدۇ. ئۇ ئادەم ئۆزىگە ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇملارنى سالغىلى تۇرىدۇ. بەندە پەرۋەردىگارىغا زۇلۇم سالالمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قلىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد ئىمىن ھاجىم



[1] سۈرە ھەشىر 18،19-ئايەتلەر

 

باشقا خىزمەتلەر